نەۋائىي ئۆتتى كوچاڭدىن
ھېرات يۇرتىنىڭ سۇلتانى ھۈسەيىن بايقارانىڭ مىر ئەلىشىر دېگەن ياشلىقىدىن بىرگە ئۆسكەن دوستى بولۇپ،ئارىلىرىدىن قىلمۇ ئۆتمەيدىكەن. ھۈسەيىن بايقاراپادىشاھ بولۇش ئۈچۈن كۈچ توپلىغىلى تاغۇ تاشقا چىقىپ كېتىپتۇ. ئەلىشىر شائىرلىقنى نىشان قىلىپ يىراق بىر مەملىكەتكە ئوقۇشقا كېتىپتۇ. سۇلتان ھۈسەيىن بېھىساپ ئەسكەر توپلاپ، جەڭلەرنى قىلىپ مەقسىتىگە يېتىشىپتۇ. يۇرتقا پادىشاھ بوپتۇ. شەھەرنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا باغ بىنا قىلىپ ،ئۇنىڭغا بارىدىغان كوچىنىڭ نامىنى "باغ كوچا'' دەپ ئاتاپتۇ . ئۇنىڭدىن پادىشاھ ۋە ئەئىيانلىرىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ يۈرۈشىگە ھەققى يوق ئىكەن.كىمدەكىم بۇ كوچىدىن ئۆتۈپ قالسا ،پاسىبانلار دەرھال تۇتۇپ ،پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىدىكەن. سۇلتان ھۈسەيىن مەن ماڭغان كوچىدىن مېڭىپسەن دەپ ئۇنى گۇناھكار قىلىپ زىندانغا تاشلايدىكەن.بۇ ئارىدا ئايدىن ئاي ئۆتۈپ.يىلدىن يىل ئۆتۈپتۇ.ئەلىشىر ئوقۇشنى تۈگىتىپ ،شائىرلارنىڭ شائىرى بولۇپ ھېراتقا قايتىپتۇ.ھەممە شاد-خۇراملىق بىلەن ئۇنى قارشى ئاپتۇ. ئەمما نىمىشقىدۇر دوستى ھۈسەيىن بايقارا كەلمەپتۇ. كەلگىنىمنى ئاڭلىمىغاندۇر،بەلكى بۇ پادىشاھلىق ئىشلىرى كۆپىيىپ كەتكەندۇر . ياخشىسى، ئۆزۈم بېرىپ كۆرۈپ كېلەي دەپتۇ-دە، يېنىغا سۆيگەن قىزى گۈلنى ئېلىپ يولغا چىقىپتۇ. ئىككىيلەن گەپلىشىپ كېتىۋىتىپ ،بىلمەستىن باغ كوچىغا كىرىپ قېلىشىپتۇ. بىر چاغدا قاراۋۇل پادىشاھ كوچىسىدا بىمالال ھېچ نەرسىدىن خەۋەرسىز گەپلىشىۋاتقان ئەلىشىر بىلەن گۈلنى كۆرۈپ قاپتۇ-دە،ئىككىسىنىڭ يولىنى توسۇپتۇ.باغ كوچىدىن نەگە مېڭىشتىڭ دەپ ئۇلارغا دوق قىلىپ كېتىپتۇ.بۇنىڭدىن ھەيران بولغان ئەلىشىر نەۋائىي:
___ ئۆز ئىختىيارىم بىلەن ماڭدىم.نىمە،بۇ كوچىدىن مېڭىش گۇناھمۇ؟__ دەپتۇ.
___ بۇ ئاجىزەچۇ؟__دەپ گۈلنى كۆرسىتىپتۇ قاراۋۇل،__ ئۇمۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ماڭدىمۇ بۇ كوچىدىن؟
___ ھەئە،___ دەپتۇ شائىر،__بۇ مېنىڭ سۆيگەن مەشۇقۇم ،ئۇمۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ماڭدى.
___بولمىسا زىندانغىمۇ ئۆز ئىختىيارىڭلار بىلەن چۈشىسىلەر .كىيىن بىر ئۆمۈر ئۇ يەردە چىرىپ كېتىشلىرىڭمۇ ئۆز ئىختىيارلىرىڭ بىلەن بولىدۇ.
___ نېمىشقا؟ ___دەپ ھەيران بولۇپتۇ ئەلىشىر نەۋائىي ،__ئىختىيارىمىز ئۆزىمىزدە ئەمەسمۇ؟ يەنى،مەن مەسىلەن: قايسى كوچىدىن ماڭىمەن دېسەم،ئۇ يەردىن ماڭالمايمەنمۇ بۇ ئادالەتتىن ئەمەس،ئىنىم.
___ياق،__ دەپتۇ قاراۋۇل،__ سەن تېخىبىر كور ئىكەنسەن،كوچىنىڭ ئىختىيارى پادىشاھى ئالەم،سۇلتانۇ باكەرەم،شاھىنشاھ مىرزا ھۈسەيىن بايقارا. بىلمىسەڭ بىلىپ قوي. بۇ كوچىدىن ھېچكىمنىڭ يۈرۈشىگە ،ھەتتا قۇشنىڭمۇ ئۇچۇپ ئۆتۈشىگە يول قويۇلمايدۇ.شۇنداق ئىكەن.شۇ دەقىقىدىن باشلاپ سېنىڭ ئىختىيارىڭ ئۆزۈڭدە بولماي زىنداندا بولىدۇ.
__ ۋاي توۋا،__دەپتۇ ئەلىشىر نەۋائىي ئۆزىگە ئۆزى،__نىمە قىلىپ قويدۇم؟ يېنىمدا گۈلۈم بولمىغان بولمىغاندىمۇ باشقا گەپ ئىدى. ئەمدى پاسىبان بىلەن گەپ تالىشىپ ئولتۇرۇشنىڭ ۋاقتى ئەمەس.ياخشىسى پادىشاھنىڭ،ھۈسەيىن بايقارانىڭ ئالدىغا ئېلىپ بار،دەيمەن.دوستۇم ھۈسەيىن كۆرۈپ تونۇپ،گۇناھىمىزدىن ئۆتسە ئەجەپ ئەمەس ،دەپ ئويلاپتۇ.
ئاندىن ئاۋازىنى چىقىرىپ :
___ خوپ،ئىختىيارىمىز زىنداندا بولۇپ قالسۇن! ئەمما ئالدى بىلەن پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بار،__ دەپتۇ.
پاسىبان نائىلاج قېلىپ،ئەلىشىر نەۋائىي بىلەن گۈلنى ھۈسەيىن مىرزىنىڭ ئالدىغا باشلاپتۇ. سۇلتان قارىسا ئالدىدا ياشلىقىدىن بىرگە ئۆسكەن قەدىردان دوستى تۇرغانمىش. نىمە قىلىشىنى بىلمەي ئويلىنىپ قاپتۇ.ئەلىشىر نەۋائىي ئىچىدە قېنى،دوستۇم نىمە دەركىن دەپ ئۈندىمەي تۇرۇۋېرىپتۇ.گۈلمۇ پادىشاھ نېمە دەر ئىكەنۇ، ئەلىشىر قانداق جاۋاپ قايتۇرىدىكىن ؟ ئىككىسى گەپ تالىشىپ قالمىسا بولاتتى دەپ تىلىنى چىشلەپتۇ. سۇلتان ھۈسەيىن : بۇنى تونۇيمەن ،ياشلىقتا بىرگە ئۆسكەن دوستۇم دەپ قويۇپ بەرسەم،ئەمەلدارلىرىم ئالدىدا رەسۋا بولۇپ قالىمەن.تونۇمايمەن،دەپ زىندانغا تاشلاتقۇزسام،ياخشى بولماس. ئەلىشىر رەنجىپ قالسا،ئۆمۈرلۈك دوستلىقىمىز بۇزۇلىدۇ.ياخشىسى بۇنىڭغا بىر سۇئال بېرەي.توغرا جاۋاپ بېرىپ ھەممىنى قايىل قىلسا ،تونۇشلۇقىمىزنى ئاڭلىتىپ،ئۇنى بوشىتىۋىتەي.جاۋاپ بېرەلمىسە ئۆزىدىن كۆرسۇن، دەپتۇ.
___ ھەي مۇساپىرلار،__ دەپتۇ ھۈسەيىن بايقارا ئەلىشىر نەۋائىي بىلەن گۈلگە قاراپ،__ باغ كوچىدىن مېڭىپ گۇناھكار بولۇپسىلەر،مەن سىلەرنى زىندانغا تاشلىشىم كېرەك.لېكىن بىر سۇئالىمغا توغرا جاۋاپ بېرەلىسەڭلارگۇناھىڭلاردىن ئۆتىمەن.سۇئالىم شۇ : بىر سۆز دېگىنكى، ئۇنىڭدا ئۆزۈڭ بىلەن ئايالىڭنىڭ ئىسمى،نىمە سەۋەبتىن باغ كوچىغا كىرگىنىڭ چۈشەندۈ- رۈلسۇن . جاۋابىڭ ماڭا ھەمدە ئەمەلدارلارغا ماقال كەلسۇن.
شائىر بىر مىنۇت ئويلىنىپ تۇرۇپتۇ -دە،ئاغزىغا كەلگەن ئۇشبۇ بېيىتنى ئېيتىپتۇ:
نەۋائىي ئۆتتى كوچاڭدىن پىيادە يېرى بىلەن،
كىشى بالاغا قالۇرمۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن.
باغۋەننى دوست دېبان كەلدىم كوچا باغى بىلەن،
ئەپۇ ئەتسىلەر كەتكۈمدۇر گۈل يارىم بىلەن.
ھۈسەيىن بايقارا ئەلىشىر نەۋائىينىڭ تېپىپ ئېيتقان سۆزلىرىدىن خۇرسەن بوپتۇ.ئەتراپىغا قاراپ ئەئىيانلىرىنىڭ يۈز-كۆزىدىن ئۇلارنىڭمۇ مەمنۇن ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ __ دە،كەچۈرۈڭ ، دوستۇم! دەپ ئۆزىنى ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئېتىپتۇ.
مەنبە : " سەئىدى،نەۋائىي ھېكمەتلىرى " دىگەن كىتابتىن ئېلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Adarqiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-23 02:23 PM