تۆلەم توختامى(سانائىل سۆز ئۇيۇنى)
توختام تۈزگۈچى: تاشتۇپا تەۋەسىدىن:تۇرغۇن تاڭجاڭ.تۆۋەندە تۆلەم تۆلىگۈچى.
توختام تۈزگۈچى:تىم تەۋەسدىن:تاجىگۈل تاش.تۆۋەندە تۆلەم تەلەپكارى.
توپىلىق تەپتىش تارماقلىرى تىم تەۋەسىدىكى تاجىگۈل تاشنىڭ تۇرغۇن تاڭجاڭدىن تۆلەم تۆلىتىش توغرسىدىكى تەپتىشكە تۇتقان تەلىۋى توغرىسىدا تەپسىلى توختىلىپ،تەرەپلەرنىڭ توغرا تېپىشىدا توختاملاشقۇچىلارنى تەپتىشكە تەقلەپ،تالانىتلىق تەپتىشلەرنى تەينلەپ،تۆۋەندىكىدەك تۆلەم توختامنامىسى تۈزۈلدى.
توختام تەلەپلىرى:
1. تۆلەم تەلەپكارى ،تىملىق تاجىگۈل تاش تاشتۇپىلىق تۇرغۇن تاڭجاڭنىڭ تەلىۋىدە تۇرغۇن تاڭجاڭغا تويلاشقان.تاجىگۈلنىڭ تويلىقى تۆتمىڭ توققۇزيۈزتوقسان تىزىغا توختىغان.تاجىگۈل تاش تۇرغۇن تاڭجاڭدىن تولۇمدەك تومىلاق تەلئەتجاننى توغقان.تەلئەتجان تۇغۇلغاندىن تارتىپ،تۇرغۇن تاڭجاڭ تۇيۇقسىز تەرسالىشىپ،تاماقخانىسىدىكى تازلىقى تۇل تۇجەنگۈلنى تېپىۋېلىپ،تۇرالغۇسىدا تۇرمىغان.تاجىگۈل توشىيالماي ، تۇرغۇن تاڭجاڭدىن تالاقلىشىشتەك تەلىۋىنى تەپتىشكە تۇتقان.
2. تەپتىش تاجىگۈل تاشنىڭ تەلىۋىنى تەستىقلاپ،تاجىگۈل تاش،تۇرغۇن تاڭجاڭلارنى تويلاشقانلارتىزىملىكىدىن تازلاشنى تەسىتقلىدى.
3. تۇرغۇن تاڭجاڭ تاجىگۈلنى تالاقلىغاندىن تاشقىرى تاجىگۈل تاشقا تۆتمىڭ تىزا تۆلەم تۆلەيدۇ.
4. تاجىگۈلنىڭ تەلىۋىگە تايىنىپ،تۇرالغۇسىدىكى توڭلاتقۇ،تېلېۋىزۇر، تېلېفۇن،توكسىكلىت،تومپۇچكا،تۆت تۇياق توپاق،توقسان تۈپ تىرەك،تۆت تاڭكىس-توپلەيلىرى تاجىگۈل تاشقا تەۋە.
5. تۇرغۇن تاڭجاڭغا تۇرالغۇسى،توڭلاتقۇدىكى تۆت تال تۇخۇم،تۆت توغماس توخۇ،تۆت تۈپ تىرەك،توكۇر تەخەي،تۆت تاغار تېرىق تەئەللۇقاتلىرى تىگىدۇ.
6. تەلئەتجان تاجىگۈل تاشنىڭ تەربىيلىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ.تۇرغۇن تاڭجاڭ تەلئەتجان توققۇزغا توشقىچە تەربىيلەش تۆلىمى تۆلىسۇن.
7. توختامدىكى تۆتىنجى تىپ،تۇرغۇن تاڭجاڭنىڭ تاماقخانىسىدا تاماق توشۇيدىغان تىلىۋالدىدۇر. تىلىۋالدى تۇرغۇن تاڭجاڭغا تازلىقچى تۇل تۈجەنگۈلنى تېپىشتۇرۇپ،تاجىگۈل تاش،تۇرغۇن تاڭجاڭلارنىڭ تۇرالغۇسىنى تەرتىپسىزلەشتۈرگەن.تەخسىكەش تىلىۋالدىغا توقسان تاياق تېتىتىپ،تىزدىن تۇرپان تۈرمىسىگە تاشلانسۇن.
8. توختامدىكى تەرتىپلەرنى تەرەپلەر تولۇق تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى.
توختام تۈزگۈچى: تاجىگۈل تاش.
توختام تۈزگۈچى:تۇرغۇن تاڭجاڭ.
توختامنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى تەپتىش:تاياجى.
2014.4.9
ئاپتۇرى :كىرىمجان ياسن (زەپەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kirimjanyasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-23 11:46 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 {/ T" g; O% i3 f9 U- n5 Q+ g
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 T/ Z; _: p0 ~