www.uliinix.com يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 12:28 AM
ھەقىقەتەن ئۇيغۇر قىزلىرى پاك ،مەدىىھەگە لايىق ئىدى.
تەقۋادار ئۇيغۇر قىزى
تەقۋادار ئۇيغۇر قىزى نەدە ئۇزلۇقۇڭ يەكتاسى بار،
ئۆرۈم-ئۆرۈم چاچلىرىڭنىڭ نەدە مەندەك شەيداسى بار.
باتۇرلۇق دىيانەتتە «ئىپار» ھەم« نۇزۇك»لىرىڭ كۆپتۇر،
بەلكى خىسلىتىڭ جامالىڭدا تۇمارىس مىراسى بار.
ئەخلەت دىگۈل قىل ياتمايدۇ ئۆزۈڭ بار ئۆيدە بىر مىنۇت،
ھايالىق ھەم پاكىزلىقىڭدا ھۆر ئەييىن سىماسى بار.
ئەتراپىمىز بېشىمىزدا گۈل قوللۇرۇڭدىن گۈل ئۈنەر،
بۇنىڭ ئۇيغۇر دوپپىللىرىدا ئىسپاتى ئاساسى بار.
دەل مۇۋاپىق دىسە «باتۇرلۇق ، گۈل پىرى ئۇيغۇر قىزى»،
چۈنكى ئەلنىڭ ساڭا يازغان بەكمۇ تولا باھاسى بار.
¥
¥¥¥¥¥¥¥¥¥
گۈلدىن گۈزەل ئۇيغۇر قىزى گۈللەر ياسار ئەمگەكلىرى،
شۇ گۈزەل ھۆرنى ئەسلىتەر، دوپپا ھەم روماللىقلىرى
پاكلىقى ھەم تەقۋالىقىدىن نۇر ياغار چىرايىدىن،
گۈل تۆكۈلەر ھەم جامالىدىن يۈز ئېچىپ كۈلگەنسىرى.
گۈللەر بىرەر قولى تەككەنيەر كەشتىلەپ مىڭ ياڭزا گۈل،
خەلقىم شۇڭا گۈل دېڭىزى ھەرھېيىت بايرام كۈنلىرى.
خەلقىم بەلگىسى چىمەن دوپپا نامى كۈي گۈل دوپپىلار،
گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ گۈل قوللىرىنىڭكى كىرى.
گۈلدىن گۈزەل سەنئىتىڭ كۆپ گۈللەر پىرى ئۇيغۇر قىزى،
بۇيازغىنىم تەرىپىڭنىڭ مىڭدىن بىرى مىڭدىن بىرى.
2014—4