مەندىن ئىبرەت ئېلىڭلار!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 z3 w, M3 J1 }( z( }
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' C/ u# J( @& v" @5 S* P+ p
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى، كەمىنە ئۈزۈمنى تۇنۇشتۇرمىساممۇ ھەممىڭلارغا تۇنۇش بۇلۇپ كەتتىم ھەقاچان، بۈگۈن تولىمۇ خىجىللىق ئىچىدە بۇ تېمامنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" b- d+ s. D7 x' z: |' r4 k4 fباشلانغۇچ ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك، دەرىستە ئوتتۇرھال ماڭاتتىم. تىل ئەدەبىياتقىمۇ تازا بەك قېزىقمايتىم. قېرىشقاندەك، تۇلۇقسىزغا چىقىپلا، قاتتىق قول، مەسئۇلىيەتچان بىر تىل ئەدەبىيات مۇئەللىمنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسام بولىدۇ. مۇئەللىم بىزگە بەك قاتتىق تەلەپ قۇياتتى، شۇڭا، مەن مەجبۇرى ھالدا ئانا تىلىم بولغان بۇ ئەدەبىيات دەرسىنى كۈڭۈل قۇيۇپ ئەستايىدىل ئۈگىنىشكە مەجبۇر بولدۇم. بارا-بارا ئۈگىنىش جەريانىدا بۇ دەرىسكە كىرىشىپ كەتتىم. دەل مۇشۇ ۋاقىىتا مەن ئانا تىلنىڭ نەقەدەر گۈزەل، سېھرى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم، مەن بۇ دەرىسنى بىر پەن، چوقۇم ئىمتىھانىدىن ئۈتمىسەم بولمايدۇ دەپ مەجبۇرىيەت يۈزىسىدىن ئەمەس بەلكى ، ئەجداتلىرىم ماڭا قالدۇرغان يۈكسەك بىر مەسئۇلىيەت، مىللەت مەۋجۇدىيەتلىقىنىڭ بەلگىسى دەپ تۇنۇپ تۇرۇپ ئۈگەندىم. ئۇيغۇرتىلى گىرامماتىكىسى، تىل ئەدەبىيات نەزىيىسى، كىلاسسىك ئەدەبىيات ھەممىسىنى پۈتكۈل كۈچۈم بىلەن ئۈگەندىم. بۇ جەرياندا ماڭا تىلغا نىسپەتەن يۈكسەك مۇھەببەت پەيدا بولدى. ئانا تىلدا شېئىر، ھېكايە يېزىشقا باشلىدىم.
دەل مۇشۇ ۋاقىتتا، مەن مىسرانىم دىن ئىبارەت بۇ مېھىرى ئىللىق مەرىپەت بوستانىغا ئەزا بۇلۇپ كىردىم. ئۈزۈم يازغان بىر قانچە شېئىرلىرىمنى يوللاپ، تورداشلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتىم. ئەمما، بۇ كۈنلەر ئۇزاققا بارمىدى، مەن تۇلۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقتا ئۇقۇيدىغانلىقىم ئۈچۈن ئالدىمدا ئۆرلەپ ئۇقۇش ئىمتىھانى بار ئىدى. مەن ئامالسىز، مۇنبەردىن ۋاقىتلىق چىكىنىپ ئۈگىنىش قىلىشقا كىرىشتىم. مۇنبەرگە كىرمىدىم. ئىككى-ئۈچ ئاي ۋاقىت ئەنە ئاشۇنداق ئۈتۈپ كەتتى. مەن ئىمتىھاننى بىرىپ بۇلۇپ، ياخشى نەتىجە بىلەن قەشقەر شەھرىدىكى داڭلىق تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەڭ ياخشى سىنىپىغا قۇبۇل قىلىندىم. ئەلۋەتتە، مەن ئىچكىرىگە بىرىش پۇرسىتىدىن ۋاز كەچتىم. چۈنكى مېنىڭ ئانا تىل مۇھىتىدا يەنە مۇكەممەل بىلىم ئالغۇم بار ئىدى.
تەلىيىمگە يارىشا مەن تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە داڭلىق بىر تىل ئەدەبىيات ئۇقۇتقۇچىسى بىلەن تۇنۇشتۇم. ئۇ تولىمۇ مەسئۇلىيەتچان ئىدى، ئۇ مېنىڭ شېئىر يېزىش جەھەتتىكى ئاتۇقچىلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن، ماڭا بۇ جەھەتتە ئىلھام ۋە ياردەم بەردى. مەن مۇئەللىمنىڭ ياردىمىدە، شېئىر يېزىشقا خېلى ئالغا ئىلگىرلىدىم. مۇشۇ ۋاقىتتا، مۇئەللىم تور دۇنياسىدا، تور ئەدەبىياتىنىڭ تولىمۇ تەرەققى قىلغانلىقىنى، شېئىرلىرىمنى مۇنبەرلەرگە يوللاپ بېقىشنى ئېيىتتى. دەل شۇ چاغدا، مېنىڭ ئېسىمگە نەچچە ئاي بۇرۇن مىسرانىمغا ئەزا بولغانلىقىم يەتتى، مەن شۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقى نامىمنى تېپىپ مۇنبەرگە كىردىم. شېئىرلىرىمنى يوللىدىم. شۇنىداق قىلىپ مېنىڭ مۇنبەر ھاياتىم باشلاندى.
مانا ئىككى يېرىم يول بولغان بۈگۈبكى كۈندە، مېنىڭ مىسرانىم مۇنبىرىدىن ئىرىشكىنىم ھەددى ھېسابسىز، بەلكىم ۋاقتىم كەتكەندۇ. ئەمما مەن بۇ ۋاقىت ئۈچۈن ئۈكۈنمەيمەن. چۈنكى مەن شۇ بىباھا ۋاقىتتا تەڭ قىممەتتىكى بىباھا نەرسىلەرنى تېگىشتىم. ئۇ ماڭا ھەر ۋاقىت ھەمراھ بۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ ئەلۋەتتە.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @* g& o( _3 q/ i; n
مۇنبەر بولسا ئەركىن بىر مۇنازىرە سورىنى. بۇ يەردە ھەر ساھا، ھەر كەسىپتىكى كىشىلەر بار. ئۇلار بىلەن مۇنازىرە قىلىش تولىمۇ كۆڭۈللۈك. مۇنبەرنىڭ مۇشۇ تەرىپى مېنى ئۈزىگە جەلىپ قىلىۋالدى. مەن شۇنداق قىلىپ، ھەرخىل تۈردىكى تېمىلارنى، ھەتتا مۇنبەر ژورنىلىنى ئىشلەپ كەڭ تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشتىم، شېئىر يېزىشتا، ئۇستازلارنىڭ تەلىمىنى قۇبۇل قىلدىم سەۋىيەم ئاشتى. يەنە ئانا تىلمىز ئەدەبىياتىدىكى باشقا ژانىرلار بىلەن تۇنۇشتىم. بىر نادېر ساياھەت خاتىرىسىنى ھۇجۇتقا چىقاردىم. كىچىكىمدىن رەسىم ساقلاشقا ئامراق بولغاچقا، ئۈزۈم ئۇزۇندىن بېرى يىغىپ ساقلاپ كېلىۋاتقان قىممەتلىك رەسىملەرنى يوللاپ تورداشلارنىڭ، ھەتتا ئابابەكرى ئەپەندىنڭ قوللىشىغا ئىرىشىپ ئالىي ئەزالىق مەرتىۋىسىگە ئىرىشتىم، نەچچە ئايلاردىن كېيىن تورداشلارنىڭ قوللىشى ئاستىدا، مۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇ بولدۇم. بۇ مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتقاندا، مېنىڭ يېشىمغا نىسپەتەن، چوڭ ئۇتۇق ھېسابلىناتتى، ھەممىلار بىلىسىلەر، ئالىي ئەزالىق مەرتىۋىسى داڭلىق كىشىلەرگە، ئالىم، تەتقىقاتچىلارغا، بىلىم سەۋىيىسى يۇقىرى، ئىقتىدارلىق كىشىلەرگە بىرىلەتتى. مەن ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئاددى بىر تۇلۇق ئوتتۇرا ئۇقۇغۇچىسى ئۈچۈن ئېيىتقاندا، چوڭ شۆھرەت ئىدى، مەن يەنە تىرىشىپ، ھەتتا مۇنبەر باشقۇرغۇچىسىمۇ بولدۇم. مۇنبەردە ھېچچقانداق ئارزۇ ئارمانىم قالمىغان ئىدى.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ x6 Z! @! h+ D* e" lباشقۇرغۇچىلىق تولىمۇ مۈشكۈل ۋە مەسئۇلىيىتى ئېغىر بىر خىزمەت، مەن بۇ ئۇرۇنغا كۆرسۈتۈلگەندە، بۇ ئۇرۇندىن ۋاز كېچىشىم كېرەك ئىدى. لېكىن مەن ئۇنداق قىلمىدىم. چۈنكى مەن بۇ ئارقىلىق ئۈزۈمنى سىناپ باقماقچى ئىدىم، ۋاقىتتىن ۋاقىت چىقىرىپ باشقىلاردىن بەكرەك ئىزدىنىپ مۇنبەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ باققىم ئىدى. شۇڭا مەن ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئۇرۇنلاشتۇرۇپ، ۋەزىپىگە چۈشتىم.
ئەمما، بۇ خىزمەت مەن ئويلىغاندىنمۇ نەچچە ھەسسە تەس ۋە مۇرەككەپ ئىدى. بۇنى بۇيەردە دېيىشنىڭ ئورنى يوق. يېشىم كىچىك بولغاچقا، مەن ئارقا-ئارقىدىن خاتالىق ئۆتكۈزدۈم. مەن ئۈزۈمنى چوڭ چاغلاپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ ھەمكارلىقنى ئۇنتۇپ شەخسىيەتچىلىك بىلەن ئىش قىلدىم. چۈنكى مەن مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى بولدۇم دەپ ئۈزۈمنى تولىمۇ قالتىس چاغلاپ كەتكەن بولسام كېرەك. كونىلار توغرا ئېيىاتقان، ھەر قانداق ھۇقۇق، ئىمتىياز ئادەمنى كىبىرلىك قىلىدۇ دەپ. ياخشى كۈنلەر ئۇزۇنغا بارمىدى. مەن ھۇقۇقىمدىن قالدۇرلۇپ ئەسلىدىكى ئالىي ئەزالىق ئورنۇمدا تۇرۇپ تۇردۇم.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @; [4 |+ X$ u7 F8 N- b: e
كۈچۈرمىچىلىق دۇنيادىكى ئەڭ ناچار بىر قىلمىش. كىىشى ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلمىغانلىق، مەن بۇنى ئېنىق بىلسەممۇ، ئەمما يەنىلا ھېسياتىمدا ئۇنىڭغا يول قويدۇم. باشقا مۇنبەرلەردىن ئارقا-ئاقىدىن تېمىلارنى مۇنبەرگە كۈچۈرۈپ كەلدىم. ھەتتا، بىر قىسىم ئىنكاسلارنىمۇ كۈچۈرۈپ يازدىم. نەتىجىدە ئالىي ئەزالىق ئۈنۋانىمدىنمۇ قۇرۇق قالدىم. ئىككى يىللىق تىرىشچانلىقىم بىر دەمدە كۈپۈككە ئايلاندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈزۈمنىڭ شورى ئەلۋەتتە.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! q; e- Y; d h, P e, L
ئادەم دېگەن شۇنداق بولىدىكەن. ھەر قېتىم خاتالىق ئۆتكۈزۈپ بۇلۇپ، ئاندىن پۇشايمەن قىلدىكەن. ئەمما، قاچادىن مەڭگۈ مەھرۇم بولىدىكەن. بوپتىلا، ئۆتكەنگە سالىۋات قىلايلى، ھەممە ئۈتۈپ كەتكەن بولسۇن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& i4 P# _# v+ d& Z3 d
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 w( I1 [! W: o' v) G) i" H
نەچچە كۈندىن بۇيان، مەن خاتالىقىمنى تەن ئالماي، بىر قانچە تېمىلاردا باشقۇرغۇچىلارنى ھاقارەتلىدىم. بەلكىم بەك ئالدىراقسان بۇلۇپ كەتكەن بولسام كېرەك. شۇڭا مەن بۇ تېمىنى يوللاش ئارقىلىق، كەڭ تورداشلارنىڭ مەندىن ئىبرەت ئېلىپ، ساۋاققا ئىگە بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @$ [ g. N8 e. y8 \- A
ئاخىرىدا مەن كۆڭلىنى رەنجىتىپ قويغان ھەر قايسى باشقۇرغۇچىلاردىن، تورداشلاردىن سەمىمىي ئەپۇ سورايمەن. مەن چوقۇم تىرىشىپ، ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ چوقۇم ئەسلىمگە تايىنىمەن. كەڭ تورداشلار، ئەپۇ قىلغايسىلەر!!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& }. s( J( V* E( U C& g" u
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 w1 k, b1 `/ R7 T- d1 Z
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 j4 a* ~' ]* ], J ?
مۇنبەر ئەزاسى: ئۇيۇل
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' j3 a0 L7 n8 {3 V+ ~
2014-4-22
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا azrat705 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-22 11:15 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @- h9 z: k0 o- ~" uبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) w3 u. p# N9 }7 O: v