مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2993|ئىنكاس: 41

مىنى ئەزدى خۇراپات [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105405
يازما سانى: 289
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2520
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 281 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 05:46:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

      مىنى ئەزدى خۇراپات

           (بىرقىزنىڭ نالىسى)         

ياشلىغىمنى پايمانلاپ ،مىنى ئەزدى خۇراپات،

كەلگۈسىمنى ئايانلاپ،مىنى ئەزدى خۇراپات،

چېقىپ مىنى چايانلاپ، مىنى ئەزدى خۇراپات،

تۆكتىم دەرنى بايانلاپ،مىنى  ئەزدى خۇراپات.

كىرىۋىدىم ئون ئۈچكە ئەلچى كەلدى ئۆيۈمگە،

نەقىسمەت بۇ يارەنلەر سەت ئەمەسمۇ يۈزۈمگە،

ئاتا-ئانام ۋاي ئىسىت قارىماستىن كۆزۈمگە،

ئاخۇنۇمغا نىكاھلاپ،مىنى ئەزدى خۇراپات.

ئاخۇنۇمغا قارىسام يېشى ئىكەن يەتمىشتە،

بارئىكەنمىش ئۇ تېخى ھەممە قىلىق- ئەتمىشتە،

بۇنداق نىكاھ ساۋاپمىش،قالغان ئىكەن ئۆتمۈشتە،

رۇخسارىمنى سامانلاپ ،مىنى ئەزدى خۇراپات.

ئۆلۈپ كەتكەچ خوتۇنى ،مىنى ئاپتۇ ئەمرىگە،

كىچىك قىزغا باش تاراپ،قاراپ باقماي ئەپتىگە،

تۇتقۇن بولدۇم ئۆسەك سۆز،ئەپسانە،سەپسەتىگە،

ئارزۇ كەتتى قايانلاپ،مىنى ئەزدى خۇراپات.

ئەركىنلىكتىن مەھرۇممەن،ماڭا ھەممە كۆز-قۇلاق،

چىقىپ قالسام تالاغا،بار تىپىكلەر،مۇش-تاياق،

مەندىن ئەركىن يۈرۈشەر،ئېغىلدىكى ئات-ئۇلاق،

كۈندە كەتتىم يامانلاپ،مىنى ئەزدى خۇراپات.

ئولتۇرغىنىم ،تۇرغىنىم گۇناھ بولدى خەپ دىدى،

بىرەر ئېغىز ئارتۇق گەپ،خۇتۇن خەققە سەت دىدى،

ئۆي ئىشىدىن باشقىغا نېرى تۇرغىن،چەت دىدى،

نادانلىققا قارارلاپ،مىنى ئەزدى خۇراپات.

ئانا بولدۇم ئون بەشتە ئىككى ئوغۇل بالىغا،

ئىڭەلەيدۇ بۇۋىقىم،تۇز سىپىدۇ يارىغا،

يارىشامدۇ بۇقىسمەت،مەندەك بەختى قارىغا،

ياشىم ئاقتى تاراملاپ،مىنى ئەزدى خۇراپات.

ئۆتتى كۈنلەر،ئۆتتى يىل تۈگىمەستىن ئۆي ئىشى،

كىلىپ قاپتۇ بېشىمغا ئوغۇل ئۆيلەش توي ئىشى،

قوروق چۈشۈپ يۈزۈمگە ئاقىرىپتۇ چاچ ئۇچى،

ياشلىقىمنى ئۇغۇرلاپ،مىنى ئەزدى خۇراپات.

ئاپتۇر:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kirimjanyasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-22 05:48 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
سۈرخان1 + 10 خىق! تۈفىي!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

مۇھەببەت ئەڭ ئازاپلىق لەززەتتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106095
يازما سانى: 476
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1570
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2014-4-16
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 07:29:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالام ئەلەيكۇم بەك ياخشى ييىزىپسىز.

ئادەمنىڭ پوزىتسىيەسى تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1728
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1939 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 07:33:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېرىمجان ئەپەندى  كۆپ تەشەككۈر      بولسا تېخىمۇ  نادىر    ئىسىل يازمىلارنى يازسىڭىز      مىسرانىم تورىدىكى قېرىنداشلار بىلەن تەڭ بەھىرلەنسەك          بىلىم دائىرىمىزنى تېخىمۇ موللاشتۇرساق      دىگەن ئۈمىتتە بىز   

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105948
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 252 سائەت
تىزىم: 2014-4-12
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 07:34:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنىسى چوڭقۇر تېتىملىق شېئىر كەن، قەلەم تۇلپارىڭىزغا ھاردۇق يەتمىسۇن.

ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 563
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4650
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 822 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 08:55:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن توردىن يەمەن دۆلىتىدە توققۇز ياشلىق بىر قىزنىڭ قىرىق نەچچە ياشلىق بىر ئەرگە زورلاپ ياتلىق قىلىنغانلىقى، ئەرنىڭ ئۆيىدىكى تۇنجى كېچىسى بۇ قىزنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدىكى بىر خەۋەرنى كۆرگەن ئىدىم. بۇ شىئېردا ئاتالمىش «ساۋاپ بۇلىدۇ» دەيدىغان دىنى خۇراپى ئىدىيەنىڭ كىچىك قىزلىرىمىزنىڭ بەختىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغان ھەقىقى ماھىيىتى ئېچىپ بېرىلىپتۇ. تىما ئىگىسىگە تەشەككۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97201
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 424
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 206 سائەت
تىزىم: 2013-8-24
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 08:55:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز ! مەن سىزنى ئەمدى تونۇدۇم ! پەيزىۋات شاپتۇل يېزىسىدىنغۇ سىز ! مەنمۇ شۇ يىزىدىن ،سۇرتىڭىز گە قاراپ تونۇشتەك كۆرۈندى . بىز نىڭ يىزىدىنمۇ مىسرانىمدا ئالى ئەزا بولغانلار باركەن ، ناھايىتى ئىسىل ئىش بوپتۇ ! نادىر تىمىللىرىڭىزنى ئۈزۈپ قويماي يوللاپ تۇرغايسىز !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20038
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6486
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 438 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 09:10:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل يېزىپسىز قەلمىڭىز ھارمىغاي!

يىگىت قەسەم ئچمەيدۇ يىىگىتنىڭ سۆزى قەسەم!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95628
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1175
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2013-6-1
ئاخىرقى: 2015-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 09:13:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر مىللىتىمىز ئىچىدە مۇنداق ئىشلار ھازىرمۇ  بارمۇ؟  بۇ بۇرۇنقى دەۋىرنى ئەسلىتىپ يىزىلغان شىېرمۇ؟
مىللىتىمىز نىمىنىڭ خۇراپات  ئىكەنلىگىنى خىلى بۇرۇن تونۇپ يەتكەن.

سەن ئادەم ئارقىلىق ھەقنى ئەمەس،ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 998
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3432
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1047 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 09:54:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە مىللىتىمىز ئارىسىدا بالدۇر ياتلىق قىلىۋىتىدىغان ئىشلار بۇرۇن باركەنتۇق

لىكىن ھازىر ئۇنداق ئەھۋال ناھايتى ئاز يوق دىسەكمۇ بولىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2999
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 731 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 10:31:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئېرىڭىزياخشى  چېقىپتۇ،

ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تېلەيمەن،   ھازىرقى دەۋرىمىزدە بەلكىم ئون ئۈچ ياشلىق قىزبالىنى  ئاخۇنىمغا  بېرىدىغان ئىشلار يوقتۇ، ھە...

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش