مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2445|ئىنكاس: 27

تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقنىڭ نىداسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36920
يازما سانى: 213
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3397
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 135 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2014-12-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 02:12:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  كۈنلەر ئۆز دەۋرىلىكى بىلەن ئۆتسىمۇ ۋاقىت گاھىدا ئۇزۇن گاھىدا قىسقا تۇيىلىدىكەن. خۇشال ۋاقىتلار چاقماق تېزلىكىدە ئۆتۈپ، غەم باسقان دەقىقىلەر يىلدەك بىلىنىدىكەن.
                                                                                                                        -خاتىرەمدىن
  تېلىۋىزىيە فىلىملەردە تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقلارنى كۆرگىنىمدە كۆزلىرىمدىن ياشلىرىم سىرغىپ چۈشسە، يۈرىكىم نەچچە كۈنگىچە ئاشۇ بوۋاقنىڭ قىسمىتىنى ئويلاپ مۇجىلىپ كېتەتتى. مانا ئەمدىلىكتە كۆز ئالدىمدىكى بۇ رىياللىقلار ھەربىر مىنۇت ۋاقتىمنىمۇ نەچچە يىلدەك ئۆتكۈزۈپ، چىگىش خىياللار يۈرىكىمنى چىرماپ، غەزەپلىرىم ئۆرتىنىپ كېتىۋاتىدۇ.
   يېقىندىن بۇيان ئاۋىپ قالغان«ئۇ يەردە بىر بوۋاق ئوبۇرنىغا تاشلىنىۋېتىلىپتۇ دېسە، بۇ يەردە بىر بوۋاق ئورمانلىققا تاشلىنىۋېتىلىپتۇ. ئا شەھەردە  بىر بوۋاق كوچىغا تاشلىنىۋېتىلىپتۇ، بىرى بوۋىقىنىڭ بۆرىكىنى سېتىپتۇ...»دېگەندەك گەپ-سۆزلەر مېنى يەنە ئويغا سېلىپ قويدى.
  بوۋاقلار نېمە ئۈچۈن تاشلىۋېتىلىدۇ؟ بۇ مەسىلە ئۈستىدە خېلى ئويلىنىش ئارقىلىق بىر قانچە سەۋەبلەرنى دەردىمگە دەرمان قىلدىم.
1. ئاتا-ئانىسىنىڭ بېقىشقا قۇربى يەتمىگەنلىكتىن، باشقىلارنى بېقىۋالسۇن دەپ كوچا-كويلارغا تاشلىۋەتكەن.
2. بالىنىڭ بىرەر كىسىلى بولغانلىقتىن، داۋالىتىشقا قۇربى يەتمىگەن ۋەياكى بۇ ئەھۋالنى ئىدىيەسىدىن ئۆتكۈزۈپ رىياللىققا يۈزلىنەلمىگەن.
3.ئانا بولغۇچى ئۆزى يالغۇز بۇ بوۋاقنى بېقىشقا كۆزى يەتمەي تاشلىۋەتكەن.
4.....
  خوش ئۇنداقتا بۇ سەۋەبلەر ئورۇنلۇقمۇ؟
1.- بېقىشقا قۇربى يەتمەسلىكنى خىيال قىلغان ئادەم تۇغمىسا بولمامدۇ؟
  - ئاللاھ بەرگەن بەندە تۇغماي ئالدۇرىۋەتسە يامان بولىدۇ.
-ئۇنداقتا بېقىشقا كۆزى يەتمىگەندىكىن كوچىغا تاشلىۋەتكىچە ئەتراپىدىكى بالا يۈزى كۆرۈشكە ئىنتىزار بولغان، بالا دەردىدە قان-زار ياش تۆكىۋاتقانلارغا بەرسە بولمامدۇ؟
-ئەگەر بىر كۈنلەردە كۈن-ئەھۋالى ياخشىلىنىپ بالىنى قايتۇرىۋالىمەن دەپ جىدەل قىلسا بېقىۋالغان ئاتا-ئانىسىغا ئۇۋال بولمامدۇ؟
-ئۇنداقتا پاراۋانلىق مەركىزىگە ئاپىرىپ قويسا كىمنىڭ بېقىۋالغانلىقىنى بىلمەيدىغۇ....
2. بىر قىسىم بوۋاقلار تۇغۇلىشىدىن ھەرخىل يۇشۇرۇن كىسەللەرگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، ئاتا-ئانىسى بۇنى سەزگەندىن كېيىن داۋالىتىشقا قۇربى يەتمىگەن ۋەياكى ئاشۇ بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كېيىنكى ئاھۇ-زارىنى ئالدىن كۆرۈپ ئامالسىز ئۇ بالىدىن ۋاز كېچىپ تاشلىۋەتكەن.
-ئوھوي. ئۇنداقتا ئۇ بالىنى مىھرىبانلىرىمىز قوينىغا ئېلىپ باقسا، كېيىن كىسەللىكىنى بايقىسا ئۇلارغا ئۇۋال بولمايدىكەندە؟ ئۇ بالا ئادەتتىكى بىرەر كىسەل(ئەمىلىيەتتىغۇ بۇ كىسەللەرمۇ ئادەتتىكى ئەمەس)، يەنى تۇغما پالەچ ۋەياكى تۇغما يۈرەك كىسىلى قاتارلىق كىسەللەر بولسىغۇ ماقۇل بوپتۇ. ئاتا-ئانىسىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئەيدىز بولسىچۇ؟ شۇ بالىنى باقىمەن دەپ بىگۇناھ يۇقۇملانغان ئاشۇ ئاتا-ئانىغا ئۇۋال ئەمەسمۇ؟...
3. ئانا بولغۇچى قورساق كۆتۈرگەندىن كېيىن تەقدىر قىسمەت تۈپەيلى يولدىشىدىن ئايرىلىپ قالدى، بۇ بالىنى بېقىپ چوڭ قىلغۇدەك قۇربى يوق. بالىسىنى باشقىلارنىڭ ياخشىراق بېقىۋېلىشىنى ئويلاپ شۇڭلاشقا ...
  -خوش ئۇنداقتا ئوبۇرنى، ئورمانلىقلارغا تاشلىۋېتىلگەن«ئەخلەت» بوۋاقلارچۇ؟ ئەجىبا ئۇلارنىڭمۇ دادىسى ۋاپات بوپتىمۇ؟
  -ئۇلار...ئۇلار شۇ  ھېسسىياتىنى ئەقىلنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالغان، بۇ بالىنى تۇغسام ئۇنىڭ بىلەن توي قىلامەن، بۇ بالىنى تۇغسام ئۇ مېنى تاشلىۋەتمەيدۇ، بۇ بالىنى تۇغسام....
  -ئوھوي..ئاجايىپ ئۇلۇغ«ئانىلار»كەنغۇ ئۇلار ، بالىنى ئويۇنچۇق، باشقىلارنى قورقىتىدىغان قورال، كېرىكى بولمىغاندا تاشلىۋەتسە بولىدىغان ئەخلەت كۆرىدىغان، ئەجىبا توققۇز ئاي قورساقنى ئۇلارغا باشقىلار ۋاكالىتەن كۆتۈرۈپ بەرگەن ئوخشىمامدۇ؟ ئەجىبا ئانا دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەمدىغاندۇ؟ ئەجىبا ئانا. دادا، بالا، نىكاھ، تۇرمۇش ئۇلار ئۈچۈن ناھايىتى مەنىسى بولمىغان ئويۇنمىدۇ؟ ئەجىبا ئاشۇ بالىنى تاشلىۋەتكىچە يۈرەكلىرى ئۆرتەنمىگەنمىدۇ؟ ئەجىبا ....
قارچۇقلىرىمدىن ياش تامچىلىرى ئەگىيدۇ. ئەگەر مەن ئاشۇ بوۋاق بولغان بولسام قانداق قىلاتتىم؟ ئەگەر مەن شۇ بوۋاق بولۇپ «ئانام»دىن شۇنداق بىر سوئالنى سوراشقا قۇربۇم يەتكەن بولسا ئىدى،-ئانا، ئەجىبا مېنى تۇغۇشنى ئويلىغان ۋاقتىڭىزدا پەرزەنتلىك بولىدىغان بولدۇم دەپ ھاياجان ياشلىرى كۆزلىرىڭىزنى نەمدىمەي«ئەمدى قانداق ئەدىبىڭنى بېرىمەنكى، بۇ بالىنى بىر تۇغۇپ باقاي قېنى؟»دەپ غەزەپلەنگەنمىدىڭىز؟ ئەجىبا ئاللاھنىڭ مېنى سىزگە ئاتا قىلغىنىغا خۇشال بولۇپ ئىھ ئاللاھ شۇ پەرزەنتىمنىڭ تېنىنى سالامەت قىلغىن ، شۇ بالامنى بېقىپ قاتارغا قوشقۇدەك كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغىن دېگەننىڭ ئورنىغا ساغلام قىلسا باقامەن، بولمىسا تاشلىۋېتىپ يەنە يېڭىدىن تۇغارمەن قورسىقىم ئۆزۈمدە قالغاندىكىن دېگەنمىتىڭىز؟ ئەجىبا مەن تاللا بازىرىدىن ئەكەلگەن كۆكتات بولغىيمىتتىم بۇزۇلۇپ قاپتۇ، تاشلىۋېتىپ يېڭىدىن يەنە ئالاي دەيدىغان. ئەجىبا ئۆزىڭىز نىجىس ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ مېنىڭ تۇغۇلسام شۇ كېسەلنى بۇ دۇنياغا تەڭ ئېلىپ كېلىشىمگە كۆزىڭىز يەتمىگەن بولغىيمىتتى؟ ئەجىبا مېنى تۇغىشىڭىز مېنىڭ ئەزالىرىمنى سېتىپ تۇرمۇشىڭىزنى قامداش ئۈچۈنمىدى؟ ئەجىبا....
كەچۈرۈڭ«قەدىرلىك ئانا» سىزگە يەنە لەنەت ياغدۇرۇشقا تىلىم بارمايدۇ، سىز مېنى بالام دەپ ئويلىمىسىڭىزمۇ مەيلى قانداقلا بولمىسۇن بۇ زۇلمەتلىك ھاياتقا مېنى مۇيەسسەر قىلغان سىز مېنىڭ ئانام ئەمەسمۇ؟؟؟؟ تېنىڭىز سالامەت، ئەقىل-ھوشىڭىز جايىدا بولغاي سۈيۈملۈك ئانا، مەن دۇچار بولغان بۇ قىسمەتكە ئىنى-سىڭىللىرىمنى دۇچار قىلمىغايسىز...
  ياشلىرىمنى توختىتالمايۋاتىمەن. ئانا بولغۇچىلارنىڭ، ئاتا بولغۇچىلارنىڭ كۆڭلىگە ئاللاھ ئىگەم ئىنساپ بەرسۇن ئىنشائاللاھ. بالىلىرىنى بېقىپ قاتارغا قوشقۇدەك، بىر ئۆيدە ئائىلىنىڭ خۇشال كۈلكىلىرىنى ياڭراتقۇدەك، بالىسىنىڭ ئەزاسىنى ئېلىپ سېتىش تۈگۈل، قولىغا تىكەن كىرىپ كەتسىمۇ يۈرىكى يىغلايدىغان، كۆزلىرىدىن ياش ئەگىيدىغان بولغۇدەك، مەيلى كىسەل مەيلى مېيىپ بولسۇن ئۆز پۇشتۇم دەپ ھەقىقىي مىھرىنى بەرگۈدەك مىھىر-مۇھەببەت بەرسۇن...


                        مەنبە:    ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-22 03:16 PM  


مېھرىبان

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 02:43:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ بىر ئايال ئۈچۈن بەرگەن ئەڭ چوڭ سوغاتنى تاشلىۋىتىشقا ئۇلارنىڭ نېمە ھەققى.
رەھمەت بەك ياخشى تېما بوپتۇ.

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103224
يازما سانى: 169
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 744
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 45 سائەت
تىزىم: 2014-2-6
ئاخىرقى: 2015-2-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 03:42:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بوۋاق نىداسى  دىگەن بۇ  يازمىڭىزنى  ئوقۇپ كوزىلىرم  ئىختىيارسىز  ياشقا  تولدى ...


دىمسمۇ  بۇندق ئىشلار يىقىننىياقى  تورلارداخېلى  ئەۋجە  ئېلۋاتدۇ،،،،ئەملىيەتىمۇ  ھە شۇنداق،،   

ئنشا ئاللا  ئاشۇنداقلارنىڭ  كوڭلگە ئنساپ  بەرگەي،،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81200
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3105
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-6-7
ئاخىرقى: 2014-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 04:07:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادەمنىمۇ تاشلىۋېتەمدىكەن ؟ بىزنىڭ يۇرتتا ئەسكى تۈسكىلەرنى  تاشلىۋېتىدۇ ، شۇ تاشلىۋەتكەن  نەرسىلەرنى يىراق يۇرتتىن كەلگەن مۇساپىرلار يىغىۋېلىپ ئاندىن ئۇنى سېتىپ تۇرمىش كەچۈردۇ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   watan151 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-22 04:18 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 04:19:38 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر بەزى ئادەم قېلىپىدىن چىققان خەنلەر بوۋاقنى تاشلىۋەتمەتمەيدىغاندەك تۇردۇ   ، ئىسراپ بوپ كەتمىسۇن دەپ يەۋېتىدىكەن ، بوۋاق تېپىلمىسا ئانىسىنىڭ قورسىقىدا 7-8ئايلىق بولغان بوۋاقلارنى پۇلغا ئېلىپ يەيدىكەن .  ئۇ خەۋەرلەرنى كۆرۈپ ياقامنى چىشلەپ قالدىم ، ئاللاھقا شۈكرى مۇسۇلمان بوپ تۇغۇلۇپ قاپتىكەنمەن … بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شرئەلى118 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-22 04:21 PM  


سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1891
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5100
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1296 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 04:32:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قايسى كۈنى قانۇن ۋە پۇقرا دا بىر تۇغماس ئۇيغۇر ئايالنىڭ كىشىنىڭ بالىسىنى ئوغىرلاپ بېقىپ يەنە ئاز كېلىپ قالغاندەك بوۋاقنىڭ پۇتلىرىغا يىڭنە سانجىپ 11 تال چىشىنى سۇغۇرىۋالغانلىقىنى ئاڭلاپ خۇددى يەتتە باشلىق يالماۋۇزنى كۆرگەندەك نەچچە كۈنگىچە بىئارام بولغان ئىدىم...
مۇشۇ كۈنلەردە توۋا دەپمۇ ئۈلگۈرمەيۋاتىمىزغۇ تاڭ،تېخى بوۋاق شورپىسى دەپ چىقىرىپ قويۇپتۇ........
ھە راست نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا  بىر بوۋاقنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدا تۆرۈلۈش جەريانى ۋە چۈشۈرۈۋېتلگەندىن كېيىنكى ئاھۇ زارى چىقىدىغان بىر تېمىنى كۆرگەن ئىدىم،بىلىدىغانلار بولسا قوشۇپ بىر يوللاپ قويغاان بولساڭلار ھە،بەكمۇ تەسىرلىك ئىكەندۇق........

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105427
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 227
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 69 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2014-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 04:48:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بو يازمىڭىزنى  ئۇقۇپ ياشلىرىمنى توختىتالمىدىم ،ئولۇغ ئاللا ھەممە بەندىلىرىگە ئىنساپ بىرىپ ،ئۆز بالىلىرىنى ئۆزلىرى بىقىپ چوڭ قىلسون!!!

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1607
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10890
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2212 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 04:49:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازى بوۋاق شورپىسى دەيدىغان بىر ئىش چىقىپتىمىش.......  توۋا خۇدايىم..........   ئۇلار مەخسۇس بوۋاقنى يەيدىغان كىشىلەرمىش...  دوختۇرخانىلاردا چۈشۈرۋەتكەن بوۋاقنى سېتىۋېلىپ يەمىش........   

قايسى كۈنى بىر خەۋەر ئوقىغان ئىدىم،  قايسى دۆلەتتە بىر ئاكا- ئۇكا ئىككىسى  بوۋاق جەسەتلەرنى ئوغۇرلاپ يەيدىغان........


ئۆز  نەسلىدىن  بولغان پەرزەنتنى تاشلىۋىتىشكە، ھەمدە ئۇنى يەۋىتىشكە قانداقمۇ يۈرىكى چىدايدىغاندۇ دەيمەن


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98174
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1423
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 908 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 06:29:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ناھايىتى    ياخشى    تىما    ئۇستىدە    ئېزدىنىپسىز    ،     ئۇللۇغ    ئاللا    قولىڭىزغا    دەرىت    بەرمىسۇن   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 06:55:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا بۇ ئىمانسىزلىقنىڭ ئىپادىسى ئەمەسمۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش