مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 772|ئىنكاس: 21

گۈلۈمگە مەكتۈپ ( 8-پارچە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86246
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 09:57:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

64997702201207012352381058022681265_002.gif

گۈلۈمگە مەكتۈپ (8-پارچە)


چوغلۇق


64997702201206290026354280044080147_009.gif

گۈلۈم، ئەزھەر ئېسىڭدىمۇ؟ توغرا، ساڭا يازغان تالاي-تالاي مەكتۈپلىرىمدە گاھى يۈزلىرىم قىزارغان ھالدا تاتلىق كۈلۈپ، گاھى يۈرىكىمنى ئۆرتەپ كەلگەن ئاچچىق ياشلىرىم بىلەن قەغەز بېتىنى ھۆلدەپ تۇرۇپ ساڭا بىرمۇ-بىر بايان ئەيلەپ بەرگەن يىگىت دەل ئۆزى شۇ. يېقىندىن بۇيان تولا يادىمغا يېتىدىغان بولۇپ قالدى. ئەگەر ۋەلى قەلب ئېتىزىمدا بىر ئېچىلىپلا ئۈنسىز توزۇپ كەتكەن ھۆرىگۈل  بولسا، ئەزھەر مېنىڭ قەلبمدە ئېچىلغان بىر تۈپ ئەپيۇن گۈل ئىدى.

ئۇ بەكلا قاملاشقان ئىدى، سىنىپتىكى قىزلارلا ئەمەس، قوشنا سىنىپتىكى قىزلارمۇ، ھەتتا باشقا مىللەت قىزلىرىمۇ پۇرسەت تاپسىلا ئۇنى چۆرگىلەپ كېتەلمەيتتى. ھېلىمۇ ئېسمدە، بىر كۈنى  دەرس ئارلىقىدىكى تەنەپپۇس ئارىلىقىدا بىر توپ قىزلار چۆرىدەپ ئوتتۇرىغا ئېلىۋالغان ئۇنىڭغا كۆزۈم چۈشتى، شۇ چاغدا تۇيۇقىسزلا كاللامدا : ‹‹ ساڭا كۆيۈپ قېلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن››... دىگەن بۇ ئوي تۈندىكى چاقماقتەك ياللتىدە قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى. باش-ئاخىرى يوق بۇ خىيالىمدىن ئۆزۈممۇ ھەيران بولغىنىمچە كۆز ئالدىمدىكى يەشسە يەشسە تۈگىمەيدىغان سان-سېغىر، فورمىلالار قاينىمىغا شۇڭغۇدۇم. ئويلىماپتىكەنمەن، ئەسلىدە بۇ كۆڭلۈمگە چۈشكەن ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنتۇق. ئەمما گۈلۈم، كۆڭۈلگە نىمە ئامال دەيسەن؟

تومۇزدىكى قۇياش ئۈستى بېشىمىزدىن قۇيىلىۋاتقان تەر بىلەن پەرۋايى يوقتەك ئوتتەك نۇرلىرىنى ‹‹ سىخىيلىق ›› بىلەن چاچماقتا ئىدى، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ھەربىي فورما ئىچىدە تونۇر ئىچىدىكى پاقلاندەك قىينىلىپ كېتىۋاتقىنىمىزغا قارىماستىن، سۈرى يامان ھەربىي يىتەكچىمىزنىڭ بۈركۈتتەك ئۆتكۈرنەزىرى ئاستىدا قەددىمىزنى تىك تۇتۇپ دىققەتتە تۇرماقتا ئىدۇق. تومۇزغىلارنىڭ توختىماستىن چىرىلداشلىرى ئىچىمىزنى تېخىمۇ تىتىلدىۋەتكەن ئىدى. ئەمما ھورۇنلۇق قىلىپ ، ئازراق بوشاشقۇدەك بولساق، بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر جازالار بىزنى كۈتۈپ تۇراتتى، شۇڭا ھېچكم ھورۇنلۇق قىلىپ، كۆز بويامچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنمايتتى، ھەم پېتىنالمايتتى. دەل شۇپەيتتە، نۇرلۇق بىر جۈپ كۆز  ھېچقانداق نىشانسىزلا ئالدىغا تىكىلگەن كۆزلىرىم ئىچىگە سوقۇنۇپ كىردى. ئىككى جۈپ كۆز دەقىقە ئىچىدە بىر-بىرىگە سوقۇلۇشتى، سوقۇلۇشتىن پەيدا بولغان سىلكىنىش يۈرىكىمگە بېرىپ يەتكەن ئىدى. كۆزلىرىمنى دەررۇ ئەپقاچتىم. يۈزلىرىم قىزىپ كېتىپ باراتتى، بۇ باش ئۈستۈمدە ھارارەت سېپىۋاتقان قۇياشنىڭ سەۋەبىندىمۇ ۋە ياكى بايىقى دەقىقە ئىچىدىكى سىلكىنىشنىڭ سەۋەبىدىنمۇ ئۆزۈممۇ بىلمەي قالغان ئىدىم. توساتتىن كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىششقاباشلىدى، قۇلاق تۈۋىم تىمتاسلىققا چۆمدى، نە مەيداننىڭ قارشى تەرىپىدىن كېلىۋاتقان جۇشقۇن شوئارلار، نە ھەربىي يىتەكچىمىزنىڭ كەسكىن ئاۋازى، نە تومۇزغىلارنىڭ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان چىرىلداشلىرى ھېچنىمە ئاڭلانمايتتى، پەقەت يۈرەك سوقۇشۇم شۇنچىلىك ئېنىق ئاڭلىنىپ تۇراتتى، كۆزلىرىم پۈتۈنلەي قاراڭغۇلۇققا پېتىپ، بەدىنىم بوشاشقىنىچە يەرگە سىيرىلدى، ھوشۇمنى يوقىتىدىغان ئەڭ ئاخىرقى دەقىقە كاللامدا: ‹‹بۇ يەر نىمانچە راھەت››... دىگەن ئويلا قېتىپ قالغان ئىدى.

كېيىن بىلسەم، مەن سۇسىزلىنىپ كەتكەچكە ھوشۇمدىن كەتكەن ئىكەنمەن.

‹‹ - ھەجەپ قورقاتتىڭ ئادەمنى! ئەزھەر ئېتىلىپ كېلىپ سېنى يۆلىۋالغاندىلا ئاندىن نىمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرىپتىمەن. ئەمما ، ئاداش،ئەزھەرلەر بىزدىن خېلىلا يىراقتا تۇرغاندەك قىلاتتى، سەن يەرگە چۈشۈپ يىقىلىپ كەتكۈچە سېنى يۆلەپ ئۈلگۈردى جۇمۇ، ئۇ بۇ قېتىم يەنە بىر توپ قىزلارنىڭ يۈرىكىنى ئوۋلاپ بولدى-دە ، ھا ھا ھا...››

ھوشۇمغا كەلگەندىن كېيىن دىلدار ھەم ئەنسىرىگەن ھەم ھاياجانلانغان ھالدا بۇ سۆزلەرنى ماڭا يەتكۈزدى. شۇئان  كۆڭۈل ئېكرانىمدا ھېلىقى توساتتىنلا پەيدا بولۇپ كۆزلىرىم بىلەن سوقۇشۇپ كەتكەن بىر جۈپ كۆز ئايان بولدى، شۇنداق، بۇئەزھەرنىڭ كۆزى ئىدى. شۇ چاغدىكى ھېسىياتىمنى مەڭگۈ ئۇنتىيالمايمەن، گۈلۈم! يۈرىكىم خۇددى باھاردىكى ئەگىز سۈيىدەك شۇررىدە ئېرىپ، ۋۇجۇدۇم ئېللىق سىزىمغا تولغان ئىدى.

كېينكى كۈنلەردە كۆزلىرىم كىشىلەر توپىدىن ئەزھەرنىڭ سىماسىنى، ئۇنىڭ شۇ بىر جۈپ نۇرلۇق كۆزىنى ئىزلەيدىغان بولدى. مەكتەپتە ئېچىلىدىغان يىغىنلاردا مەن دائىم ئەزھەرنىڭ ئالدىدىكى رەتتە ئولتۇرۇپ قالاتتىم، دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا مەكتەپ ئىچىدىكى ئىككى تەرىپى يۇمشاق چىملىق ۋە يېشىل دەل-دەرەخلەر بىلەن ئورالغان، ھەرخىل رەڭلىك مەنزىرە تاشلىرى يېيىتىلغان  چىغىر يوللاردا دەرس يادلاۋېتىپتمۇ ئۇنىڭ بىلەن دۇقۇرۇشۇپ قالاتتىم. كەچقۇرۇنلاردا دىلدار بىلەن مەكتەپ مەيدانىدا ئايلىنىپ يۈرگەنلەردە، چىم باسقان مەيدان سەيناسىدا بۇرادەرلىرى بىلەن گىتار چېلىپ، يىنىك ئاۋازدا ھەمراھلىرىنىڭ ناخشىسىغا جۆر بولىۋاتقان ئۇنى ئۇچرىتاتتىم. ھەر جۈمە كەچلىكىدىكى مۇزاكىرىدە بىر سىنىپتا ئولتۇرۇپ مۇزاكىرە قىلاتتۇق. گەرچە بىر پارتىدا بولمىساقمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىنى قۇلىقىم ئاڭلاپ، يۈرىكىم كۈلەتتى.

ئۆز كۆڭلۈمنى ئۆزۈم سەزمەي، خىياللار دولقۇنىدا ئۈزۈپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە، كۆزلىرىم ئەزھەرنىڭ سىماسىنى يۈتتۈرۈپ قويدى. يىغىن زاللىرىدا، چىغىر يوللاردا، مەكتەپ مەيدانىدا، سىنىپلاردا ئۇنىڭ سىماسىنى كۆرەلمەي يۈرىكىم پۇچىلىنىپ كەتتى. شۇندىلا، مەن ئەندىكىشكە باشلىدىم، ئەمما كېچىككەن ئىدىم. شۇنداق، گۈلۈم، ئەمدىلا بىخ سۈرۈپ يىلتىز تارتىشقا ئۈلگۈرمىگەن ھۆرىگۈلنى ئاسانلا يۇلىۋەتكىنىم بىلەن، يۈرىكىمدە تۇيدۇرمايلا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن بۇ بىر تۈپ ئەپيۇن گۈلنى يۇلۇشقا ئىلاجىسىز قالغان ئىدىم.

يادىڭدىمۇ، گۈلۈم؟ ماڭا يازغان جاۋاپ خېتىڭدە: ‹‹ بىراۋنى ياخشى كۆرۈش دىگەن گۇناھ ئەمەس،مۇھەببەتتىسز ئۆتكەن ياشلىقنى ياشلىق دىگىلى بولسۇنمۇ؟›› ... دىگەن ئىدىڭ. شۇنىڭ بىلەن كۈزنىڭ سالقىن شامىلى يۈزلىرىمنى ئەركىلىگىنىچە سۆيۈپ ئۆتكەن بىر كەچقۇرۇنلىقى مەكتەپ مەيدانىدىكى سىمونت سۇپىدا ئولتۇرۇپ، يېنىمدىكى دىلدارغا شۇنداق دىدىم:

‹- دىلدار، بۈگۈنكى كۈننى ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىن، مېنىڭ تۇنجى سۆيگۈمگە شاھىد بولۇپبەرگىن... مەن ئەزھەرنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم...››

64997702201206290026354280044080147_014.gif

چوغلۇق يازمىلىرى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarvinazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-22 10:04 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104545
يازما سانى: 473
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8646
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 489 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 01:07:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ قانداق بوپ بۈگۈنبى بىشىدا  كۆرگەندىمەن ؟
خېڭ شەيۋى  يەنە دەپ قويمىدڭىز  

بۇ دۇنيادا ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا ھەقىقىي مۇھەببەت بار دىيىلسە، ئۇ مۇھەببەت، دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86170
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 756
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2012-10-17
ئاخىرقى: 2015-1-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 01:51:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشلىق چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم

ياش ئىدۇق...بىر زامانلاردا~~~~~~~~~~~~!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105419
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 805
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 219 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 02:05:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈزەل ياشلىق!ئەسەرلىرڭىزنى قالدۇرماي ئوقۇۋاتىمەن،ئوقۇغان ۋاختىمدا شۇنچىلىك گۈزەل ھېسلارغا تولىمەن ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86246
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 02:22:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەيجان يوللىغان ۋاقتى  2014-4-22 01:07 PM
يوۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋۋ قانداق بوپ بۈگۈنبى بىشىدا  كۆرگەندىمە ...

ھا ھا ھا ، يەنە تۇتۇلۇپ قالدىمما؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86246
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 02:23:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tax☆kampit يوللىغان ۋاقتى  2014-4-22 01:51 PM
ياشلىق چاغلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم

ھازىرمۇ قېرىمىدۇق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86246
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 02:23:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ahgulum129213 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-22 02:05 PM
گۈزەل ياشلىق!ئەسەرلىرڭىزنى قالدۇرماي ئوقۇۋاتىمەن،ئوق ...

قالدۇرۇماي ئوقۇپ كېلىۋاتقىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2520
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1844 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 10:50:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋۇييۇ   مەن يەنە كىيىن قاپتىمەن ئەمەسمۇ       بۇداقى قېتىم     تاڭ ئاتقۇچە ساقلاپ    كۆرگەن ھامانلا    راكىتاغا ئولتۇرۇپ   كىرىپ  ئوقىۋالمىسام         

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2520
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1844 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 10:55:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىيىنكى قىسىمىدا   كىچىچە ساقلاپ ئولتامىسام خەپ      شەيۋى     

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86246
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 10:11:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sanjay يوللىغان ۋاقتى  2014-4-22 10:50 PM
ۋۇييۇ   مەن يەنە كىيىن قاپتىمەن ئەمەسمۇ       بۇداقى قېتى ...

راكىتا كار قىلماسمىكى، ئۇچار كىمىگىلا ئولتۇرىڭە، مەن بىرسىنى ئارىيەت بېرىپ تۇراي. مارسقا كېلىپ مېنى ئىزدەڭ ھە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش