كۆڭۈلگە نەسھەت
ئەي كۆڭۈل،ئۆزۈڭنىڭ قانچىلىك ياخشىلىقىنى،قانچىلىك گۈزەل ھېسلارغا،گۈزەل ئارزۇلارغا تولغانلىقىڭنى بىلەمسەن؟شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزۈڭنىڭ قانچىلىك بىۋاپا،ئەرزىمەس،قانچىلىك يارىماس ئىكەنلىكىڭنى بىلەمسەن؟
غېرىپ مىسكىنلەر خۇشاللىققا ئىنتىلگنىدە ئۆز خۇشاللىقىڭنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۇلارغا خۇشاللىق ئاتا قىلاتتىڭ،ئۇلار ئازاپ چەككەندە بولسا،ئۆز ھېسلىرىڭ ئارقىلىق ئۇلارنى بەزلەيتىڭ،ئۈمۈدلەندۈرەتتىڭ،ئۇلار ساڭا مۇھتاج بولسا قانچە يىراقتا بولىشىڭدىن قەتئىينەزەر،ئۇلارنىڭ يېنىغا ئۇچۇپ باراتتىڭ،ئۇ چاغ ھەممە سىنى پەرىشتىدەك كۆردى،قەدرىڭنى قىلدى،سىنى خۇددى ئۆزى ئۈچۈن يارالغاندەك ھېس قىلىشتى.
خۇشاللىق ئىلكىدە ياشاۋاتقان،بەخىت ئىچىدە ئەللەيلىنىۋاتقانلارغا تۇيۇقسىزلا تەتۈر قاراپ،كۆزلىرىدىن ياش ،يۈرەگىدىن قان ئاققۇزۇپ،ۋاپاسىزلىق قىلىپ ساڭا ئۆزىنى ئاتىغان ۋولقاندەك يۈرەكنى خارلاپ،ئۆز نەپسىڭنى ئۆز خۇشاللىقڭنى دەپ كەتكىنىڭدە،سىنىڭ ھېسچان سۆزلىرىڭگە،ئۈمۈدلىك بېقىشلىرىڭغا مۇھتاج كۆڭۈللەر ئىچىدە سىنى قانچەمىڭ قېتىم قارغاپ،تىللاپ كەتكەن بولغىيتى ھە.بۇ چاغدا سەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تولىمۇ شەخسىيەتچى،شۆھرەتپەرەس بولۇپ ئاتالدىڭ.ئىلگىرى ئاتا قىلغان خۇشاللىقىڭ ئەمدى بىر تىيىنغا ئەرزىمەس بولدى.
مۇھەببەت قوغلاشقىنىڭ ئىسىڭدە بولسا ئىدى،باشقىلارنىڭ مۇھەببىتنىمۇ چۈشىنەتتىڭ.ئۆز-ئارا دىيىشكەن سۆزلىرىنىڭ نەقەدەر تەسىرلىك،نەقەدەر يېقىملىق،نەقەدەر ئۇنتۇلغۇسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلاتتىڭ ھەم ئۇلارنىڭ بىر-بىرىنى بەك ياخشى كۆرۈپ كەتكەنلىكىتىن سوقۇشىدىغانلىقنى توغرا چۈشىنەتتىڭ.ئۇلارنىڭ ئارسىغا كىرىپ،قېيدىشىپ قالغانلارنى ئەپلەشتۈرۈپ قويىمەن دەپ جاپا چىكىپ،يەنە سەن ئۇلارغا سەۋەب بولۇپ،ئۇلار تەرىپدىن قوغلاپ چىقىرىلمىغان بولاتتىڭ.مىنىمۇ بۇنچە يىغلاتماس بولغىيتىڭ.ئازاپتىن كىيىنكى شادلىقىنى ھېس قىلدۇرار بولغىيىتىڭ.
قارا كۆڭۈل،ئەنە سىنى ياخشى ۋە يامان دەۋاتقانلارغا قارا،ئۇلار پەقەت سىنىڭ بىرلا تەرىپىڭنى كۆرىۋاتىدۇ،قايسى تەرەپ دەپ سورىما،ئۇ دەل سىنىڭ كۆڭۈلچەك،ئاقكۆڭۈل تەرىپىڭ.سەن شۇنداق بولغاچقا ئاسانلا باشقىلارنىڭ بىزار بولىشىغا،چەتكە قېقىشىغا ئۇچراۋاتىسەن.
ئەي كۆڭۈل،ئەمدى ئويغان،كۆزۈڭنى ئاچ،جاھانغا باق،چۈشلەر ئىچىدە ئۇخلاپ يېتىۋەرمە،چۈش لەززەتلىك،ئۇيقۇ تاتلىق لىكىن رىئاللىق سەن ئويلىغاندەك ئەمەس.ئۆزۈڭنى باشقۇرۇشنى بىل،ئۆزۈڭنى سۇنى ئېقىشىغا قويۇپ بەرگەندەك قويۇپ بەرسەڭ ئۈزۈل كىسىل ۋەيران بولىسەن.ھەممە نەرسەڭدىن ئايرىلىپ قالىسەن.ئۆزۈڭنىمۇ،باشقىلارنىمۇ ئويلاپ ئاندىن قارار چىقار،مۇھىمى زىيادە كۆڭۈلچەك،ئاقكۆڭۈل بولما.
مەنبە-كۈندىلىك خاتىرەمدىن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bilqut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-21 11:54 PM