2013-2014 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ، ياۋروپا پۇتبول كۇلۇبلىرىنىڭ چىمپيونلىقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئاخىرقى 4 كۈچلۈك كوماندىسى تاللىنىپ بولدى. ئۇلار : گېرمانىيەنىڭ بەيرېن ميونخېن كۇلۇبى ، ئەنگىلىيەنىڭ چېلسا كۇلۇبى، ئىسپانىيەنىڭ خانلىق مادرېد ۋە مادرېد تەنھەركەتچى كوماندىلىرىدۇر.
يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ، ھەر بىر كوماندا مېھمان ۋە ساھىبخان بولۇپ، 2 مەيدان تۇتىشىدۇ.
بۇ يىللىق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، 4-ئاينىڭ 23-كۈنى كېچە سائەت 12:45 تە ، مادرېد تەنھەركەتچى كۇلۇبى بىلەن چېلسا كۇلۇبى ؛ 4-ئاينىڭ 24-كۈنى كېچە سائەت 12:45 تە ، خانلىق مادرېد كۇلۇبى بىلەن بەيرېن ميونخېن كوماندىسى مۇسابىقىگە چۈشمەكچى.
بۇ ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ، ئەنگلىيىنىڭ چېلسا كۇلۇبى بىلەن گېرمانىيەنىڭ بەيرېن كۇلۇبى ئىسپانىيەگە بېرىپ، مېھمان سۈپىتىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.
بىر ھەپتىدىن كېيىن، بۇلار ئۆز دۆلىتىدە ئىسپانىيەنىڭ 2 كۇلۇبى بىلەن ساھىبخان سۈپىتىدە 2-قېتىم مۇسابىقىگە چۈشۈپ، ئەڭ ئاخرقى ھەل قىلغۇچ بۇسابىقىگە كىرىدىغان 2 كوماندا تاللىنىپ چىقىدۇ.
كۆپىنچە تاراتقۇلار گېرمانىيەنىڭ بەيرېن كۇلۇبى بىلەن ئىسپانىيەنىڭ مادرېد تەنھەركەتچى كۇلۇبىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللىنىش ئېھتىمالى چوڭ دەپ قارىماقتا. چۈنكى بەيرېن كۇلۇبى ھازىر گېرمانىيەنىڭ ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە ئاللىقاچان چېمپيونلۇققا ئېرىشىپ بولدى.مادرېد تەنھەركەتچى كوماندىسىمۇ ، ئىسپانىيەنىڭ ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ، خانلىق مادرېد ۋە بارسولونا كوماندىسىنى كەينىگە تاشلاپ، بىرىنجىلىكنى ساقلاپ كەلمەكتە.
ئەمما پۇتبول مۇسابىقىسىدە ، ھەرقانداق ئىش يۈز بېرىشى مۈمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياۋروپا چىميونلىغىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ، دۇنيادىكى سەۋىيەسى يۇقۇرى مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مەنبە:
http://sports.qq.com