مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4718|ئىنكاس: 45

تاشپولات: 57 ياشلىق ئوقۇغۇچىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 99627
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 14
مۇنبەر پۇلى : 5953
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 87 سائەت
تىزىم: 2013-11-15
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 02:52:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

57 ياشلىق ئوقۇغۇچىم


تاشپولات روزى



مەن 4-ئاينىڭ 19-كۈنى يەنە شەنبە بىر كۈن دېگۈدەك بېغىمنىڭ ئىشلىرى بىلەن ھەپىلىشىپ چۈشتىن كېيىن سائەت 6 ئەتراپىدا، ئاق تەنلىك ئوقۇغۇچىم دەۋىدنىڭ ئۆيىگە ئوغلۇم بىلەن بىرگە باردىم. ئۇنۇڭ ئۆيى بىلەن مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئارىلىقى تەخمىنەن 32 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ ھازىر 57 ياشتا بولۇپ بىزنىڭ مەكتەپتە باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتىدۇ. مېنىڭ دەۋىدنىڭ ئۆيىگە بېرىشىم بىرىنچى قېتىم بولۇپ، ئۇنۇڭ قورۇسىنىڭ چوڭلۇقى 16،187 كۋادرات مېتىر ئىكەن. ئۇ ھازىر ئاپىسى ھەم ئايالى بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان بولۇپ 3 ئېتى، بىر ئىتى، 3 قورالى، بىر كىنوخانا ئويى، 2 پاراخوتى بار ئىكەن. ئۇ تۇرۇۋاتقان جاينىڭ ئېتىراپى ئەپيۈن گۈللەر بىلەن ئورالغان بولۇپ تاغنىڭ باغرىسىغا توغرا كېلىدىكەن. ئالدىنقى ھەپتە ئۇ ماڭا ئۆيۈمگە كېلىپ ئات مىنىپ ئويناپ كەتكىن دەپ تەكلىپ قىلىپ قويغان ئىدى. مېنىڭ ئات مىنمىگىنىمگە 40 يىلدەك بوپتۇ. مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا ئات مىنىشنى بىلەتتىم. مەن باشلانغۇچ ۋاقتىمدا تۇلۇق ئاتقا مىنىپ خامان تەپكەن ئىدىم. 40 يىلدەك ئۆتۈپمۇ ئات مىنىشنى ئۇنتۇپ قالمامتىم! بۈگۈن ئوغلۇم ئات مىنىپ بەكلا خوش بولۇپ كەتتى!


دەۋىد ھازىر لوس ئانجېلېس شەھىرىنىڭ ھۆكۈمەت خادىمى بولۇپ ئۇنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى مۇھىت تەكشۈرۈشتىن ئىبارەت. ئۇ بۇ يىل 1-ئايدىن باشلاپ بىزنىڭ مەكتىپىمىزنىڭ ئىقتىساد فاكۇلتېتغا باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقا كىرگەن ئىدى. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگۈچە مەكتىپىمىزگە كەم دېگەندە 30،000 ئامېرىكا دوللىرى تۆلەيدۇ. دەۋىدنىڭ خىزمەت ئورىنىمۇ مۇقىم بولۇپ تۇرمۇشتا ھېچقانداق قىيىنچىلىقى يوق بىر ئامېرىكالىق. ئۇنۇڭ تۇرمۇشى شۇنچە ياخشى تۇرۇپ 57 ياشقا كىرگەندە نېمە ئۈچۈن باكالاۋرلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئوقۇشقا كىردى؟
مەن بۇ سوئالنى ئۇ مېنىڭ دەرسىمنى ئاڭلاشقا كىرگەن بىرىنچى كۈنىلا سورىغان ئىدىم. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "مەن ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا خىزمەتكە چىققان ئىدىم. خىزمەت بىلەن بولۇپ باكالاۋرلىق ئوقۇش پۇرسىتى بولمىدى. مەن باكالاۋرلىق ئوقۇمىغانلىقىمغا ھەر ۋاقىت پۇشايمان قىلىپ كەلدىم. بولۇپمۇ بالىلىرىمنىڭ ئالدىدا بەكمۇ خىجىل بولىمەن. ئۆزۈڭدە بىلىم بولماي بالىلىرىڭنى ۋاي ياخشى ئوقۇغىن ياخشى ئوقۇساڭ ئۆزەڭگە ياخشى ھەم دۆلىتىڭگە كۆپ تۆھپىلەرنى قوشىسەن دېسەڭ خىجىل بولىدىكەنسەن. بالىلىرىم كىچىك ۋاقىتلىرىدا دادا نېمە ئۈچۈن يۇقىرىلاپ ئوقۇمىدىڭ دەپ سوراپ قالاتتى بۇنى ئاڭلاپ بەكمۇ خىجىل بولاتتىم. ھازىر مەندىن ھەممە نەرسە تېپىلىدۇ بىراق باكالاۋرلىق ئۇنۋانى مەندىن تېپىلمايدۇ."


دەۋىد سىنىپىمدىكى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى. 2 ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئېلىنغان بىر ئىمتىھانىدا سىنىپ بويىچە بىرىنچى بولدى. ئۇ تاپشۇرۇقلارنى ئۆز ۋاقتىدا ئىشلەيدۇ. سىنىپقا بىرەر قېتىم كېچىكىپ كەلمىدى. مەن ئوغلۇم بىلەن ئۇنۇڭ ئۆيىگە بارغىنىمدا ئۇ ئەتىدىكى ماتېماتىكا ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئىكەن. ئۇنۇڭ شەنبە كۈنى ئۆيىدە ئولتۇرۇپ مېنىڭ ماتېماتىكا دەرس ئىمتىھانىمغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەكمۇ تەسىرلەندىم.


دەۋىد كۈندۈزى ئىشلەپ كېچىسى ئوقۇيدىغان سىنىپتا بولۇپ مەكتەپنىڭ كەچلىك دەرسى چۈشتىن كېيىن 5 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە باشلىنىپ كەچ سائەت 10 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە ئاخىرلىشىدۇ. مەن ئۇنۇڭغا ھەپتىسىگە ئىككى قېتىم دەرس بېرىمەن دەرس ۋاقتى 5 يېرىمدىن7 گىچە بولىدۇ. بىراق دەۋىد باشقا دەرسلەرنى ئاڭلاپ كەچ سائەت  10 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە مەكتەپتىن ئايرىلىدۇ. دەۋىدنىڭ دېيىشىچە ئۇ ھەر كۈنى 5 سائەتلا ئۇخلىيالايدىكەن. ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 5 تە ئورنىدىن تۇرىدىكەن. بۇنداق بۆلىشى ئويى بىلەن خىزمەت ئورنىنىڭ ئارىلىقى ماشىنا بىلەن 1 يېرىم سائەتتەك كېتىدىكەن. ئۇ خىزمەتتىن ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 يېرىمدا چۈشۈپ مەكتەپكە سائەت 5 دىن ئۆتكەندە كېلىپ بولىدىكەن. مۇشۇنداق ۋاقىتنىڭ تەكرارلىنىشى ھەر ھەپتە دۈشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە بولىدىكەن.


مەن دەۋىدتىن سەن ھەر كۈنى بەكمۇ زىچ ۋاقىت جەدۋىلى بويىچە ئىش قىلىدىكەنسەن چارچاپمۇ كەتكەنسەن دەپ سورىسام چارچاشنىغۇ چارچايدىكەنمىز بىراق ھازىر كۆنۈپ قالدىم تېخى دوكتورلۇقنىمۇ ئوقۇيمىكىن دەيدۇ!  مەن مۇنۇ دوكتورلۇقنىمۇ ئوقۇيمىكىن دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ ئۇنۇڭدىن بەكمۇ تەسىرلەندىم. مېنىڭچە قىلماقچى بولغان ئىشقا بەل باغلىسىڭىز ياش چەكلىمىسى سىزنىڭ يولىڭىزنى توسالمايدۇ. يېقىندا بىر ماقالە ئوقۇغان ئىدىم ئۇنۇڭدا دېيىلىشىچە ئىنساننىڭ ئەقلى تەپەككۇرى ياش بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق ئىكەن.  ئەلۋەتتە مۇمكىن بولسا ياش ۋاقتىدا ئوقۇغانغا يەتمەيدۇ. بىراق يېشىم چوڭىيىپ كەتتى دەپ ئۆز مەخسەتلىرىڭىزدىن ۋاز كېچىش ئاقىلانە يول ئەمەس. مەن ئامېرىكىغا كەلگەن ۋاقتىمدا 38 ياش ئىدىم. خېلى كوپ ئاغىنىلەر يېشىڭمۇ بىر يەرگە بېرىپ قاپتۇ ئەڭ ياخشىسى ئىنگلىزچە ئوقۇيمەن دېمەي ھازىرقى ئىنگلىزچە سەۋىيەڭ بىلەن بىرەر ئادەتتىكى خىزمەت بىلەن شۇغۇللانساڭ بولامدىكىن دېگەن ئىدى. بىراق ياشقا قارىماي تىرىشىپ ئاخىرى ئويلىغان مەقسىتىم  ئوقۇتقۇچى ،مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى، ماتېماتىكا پروفېسسور بولۇپتىمەن. بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىغا نىسبەتەن پروفېسسور دېگەن بۇ نام ئەڭ يۇقىرى دەرىجە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.  ھازىر ئويلىسام ئامېرىكادا 38 ياش، 40 ياش، 50 ياش دېگەنلەر قېرىغا كىرمەيدىكەن!


مەن ياشلارنىڭ بولۇپمۇ يېشى چوڭىيىپ ئۆز مەخسەتلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەۋىدنى ئۈلگە قىلىپ ئۆز مەقسەتلىرىدىن ۋاز كەچمەي تىنىمسىز تىرىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. بولۇپمۇ 50 ياشتىن ئۆتۈپلا كېرىۋېلىشتىن ساقلىنىش لازىم! بەلنى ھەرگىزمۇ يېرىم يولدا بوشىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئوز مەقسەتلىرىڭىز ئۈچۈن تىنماي تىرىشىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبە سىزگە مەنسۇپ!

et.jpg




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-22 11:59 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 4544
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 28276
تۆھپە نۇمۇرى: 2354
توردا: 6038 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 04:17:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاشپولات ئاكا بۇ ماقالىڭىزدىكى ياشىنىپ قالغان ئوقۇغۇچىنىڭ ئائىلىسىگە ، پەرزەنتلىرىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى كىشىنى قايىل قىلىدىكەن ، بىزمۇ شۇنداق ئىلىم ئېلىشقا ، پەن - تېخىنىكا ئىگەللەشكە ھېرىسمەن بولغان بولساق نەقەدەر ياخشى بولاتتى ! ؟
بۇ ماقالىڭىزدىن يەنە سىزنىڭ كىچىكىڭىزدە ئۆي ئىشىلىرىغا ياردەملىشىدىغان ئىشچان بىر ئوغۇل ئىكەنلىكىڭىزنى ھىس قىلدىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-22 12:05 PM  


مۇھتاجىلىق بەك يامان

غۇرۇر ،ۋىجدانىڭنى يۇقاتما!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 431
يازما سانى: 975
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12848
تۆھپە نۇمۇرى: 427
توردا: 897 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 04:52:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تاشپۇلات ئاكا ، مەن تىمىلىڭىزنى شۇنداق ياقتۇردۇم ، تىمىلىرىڭىزنىڭ تورداشلارغا روھى ئۇزۇق ھەم مەدەت  بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

سىنى سۆيگىنىم خاتا ئەمەس ،ئۇچراتقىنىم خاتا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104439
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1085
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 668 سائەت
تىزىم: 2014-3-5
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 05:11:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ، تاشپۇلات ئاكا ، ماقالىڭىزنى ئوقۇپ بەك ئىلھاملاندىم، داۋاملىق ئوقۇشقا بولغان ئىرادەم تىخىمۇ چىڭىدى.
ئاخىرىدا تىنىڭىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4916
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18716
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6269 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 05:30:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تاشپۇلات مۇئەللىم:
ۋاقتىڭىز يەتسە تەجىربە گۇرۇپپىسىدىكى ھۈسەنجان تەييارلاپ يوللىغان تەجىربە قۇرۇلمىسى تۇنۇشتۇرۇلغان تېمىنى كۇرۆپ چىقىپ پىكىر-تەكلىپلىرىڭىزنى بەرگەيسىز.ئادىرىسى مانا:

J29-Cتەجىرىبە قۇرۇلمىسىنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى


http://www.kayinat.com/bbs/forum ... 1012588858#lastpost




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105979
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 941
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 05:32:59 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Ugunux ugunux. Yana ugunux

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105932
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 05:56:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە تاشپولات ‏‏ئاكا،بەكمۇ ياخشى تىما يوللاپسىز.ئوقۇتقۇچۇمنىڭ بىر ئېغىز سۆزى ئىسىمگە كىلىۋاتىدۇ.ئۇ بىزگە دائىم مۇنداق دەيتتى:(‏نىيوتۇن ھاياتىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دىگەن: «مەن ئەقلى قابىليىتىمنىڭ بىر پىرسەنتىنى ئىشلىتىپتىمەن».)
‏ كەشپىيات نەتىجىلىرى بىلەن ئىنسانىيەتكە تۆھپە قوشقان نىيوتۇن ئەقلى قابىليىتىنىڭ بىر پىرسەنتىنى ئىشلەتكەن بولسا بىزچۇ؟ بىز قانچىلىك ئىشلەتكەنتىمىز؟
‏ئەقىل ئۇ بىر پىچاق ،ئىشلەتكەنسېرى ئۆتكۈرلىشىدۇ،ئىشلەتمىگەنسېرى گاللىشىدۇ،
.‏مىنىڭچىمۇ ئادەمدىكى ئەقلى قابىليەت ياش پەرقى ۋە بەزى كىسەللىك تۈپەيلى ئازراق پەرق بولۇشى مۇمكىن،لىكىن يوقاپ كەتمەيدۇ،ھەر قانداق بىر ئىلىمنى ئۆگۈنەي دىسە ئۆگۈنەلەيدۇ،شۇڭا كۆپ كىشىلىرىمىز ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان،ھەتتا بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ ئىجادىيىتى،ئەسەرلىرى ،ھاياتى ئاخىرلىشىپ قېلىپ باشقىلار تەرىپىدىن تاماملانغان
‏‏شۇڭا بىز تىرىشساقلا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش،يەتكىلى بولمايدىغان مەنزىل يوق،نىشانىمىزغا يىتىش ئۈچۈن ياش پەرقى ،ياشاش شارائىتى ۋە باشقا ئامىللار توسالغۇ بولۇپ قالماسلىقى كېرەك.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
TashpolatRozi + 10 قوشۇلىمەن.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 65388
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3708
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 366 سائەت
تىزىم: 2011-11-16
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 06:10:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راست دەيسىز! ئەقىل ياشتا ئەمەس....ياشلار ھەقىقەتەنمۇ ئۈلگە ئېلىشقا تېگىشلىككەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98904
يازما سانى: 499
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4942
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 620 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 06:24:37 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توقماق يوللىغان ۋاقتى  2014-4-21 05:30 PM
تاشپۇلات مۇئەللىم:
ۋاقتىڭىز يەتسە تەجىربە گۇرۇپپىسىد ...


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قاسىمكا، ئۇ قۇرۇلمىنى كۆرۈپ غەيرىتىڭىز ۋە تەپەككۇرىڭىزغا قول قويدۇم. گەرچە مەن 29- ، 41- تېئورمىنى تولۇق چۈشىنىشكە ئاجىزلىق قىلساممۇ، لېكىن بۇ ئىسپاتلانسا نۇرغۇن چۈشەنچىلەرنى(پەرەزلەرنى) يېڭىلاشقا ھەم ئاساسى پەنلەر ۋە غول تېخنىكا ساھەسىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرۈتكە بولىدىغانلىغىنى ھىس قىلغاندەك قىلىمەن. ئاشۇ تېمىنى مۇشۇ مۇنبەرگە تېما قىلىپ يوللاپ، تەجرىبىگە مۇناسىۋەتلىك ئىلمى ئاساسلار ۋە تەجرىبە نەتىجىسى شۇنداقلا ئۆزىڭىزنىڭ يەكۈنىڭىزدىن مۇنبەرداشلارنى بەھرىمەن قىلىشىڭىزنى تەكلىپ قىلىمەن. ھازىرچە شۇ قۇرۇلمىدىن خەۋەردار قىلغاچ تۇرسىڭىزمۇ بولاتتى.
    تۇنجى نەتىجىنى روياپقا چىقارماق بەكمۇ تەس، تۇنجى قەدەمنى ئوڭۇشلۇق بېسىۋالسىڭىز قالدى ئىشلىرىڭىزدىن يۈرۈشۈپ كېتەر، ئىنشائاللاھ. ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن، امين! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gayur1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-21 06:30 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87057
يازما سانى: 496
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 887
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 06:27:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئامرىكا ئىرادىلىك كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بۈگۈنكى ھالەتكە كەلگەنلىكىنىڭ نەتىجسى ئىكەندە،ئۈگنىشكە ئەرزيىدۇ. ئادەمنىڭ روھى قىرىمىسىلا قىرىمايدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش