مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1043|ئىنكاس: 8

پىداكارلىق بىلەن ئۆگىنىشنىڭ نەمۇنىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106060
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى : 489
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2014-4-15
ئاخىرقى: 2014-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 07:48:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پىداكارلىق بىلەن ئۆگىنشىنىڭ نەمۇنىسى

(ۋەتەنپەرۋەر شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ تەۋەللۇتىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلەپ)

ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

   قىسقىچە مەزمۇنى: لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئون ئالتە ياشقا كىرە-كىرمەيلا «جۇڭگو» دېگەن ماۋزۇدا شېئىر يازغان بۈيۈك ۋەتەنپەرۋەر شائىردۇر. بۇ ماقالىدە، ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش يۈزىسىدىن، ئۇنىڭ ئالدى بىلەن، ئۆزى بېرىلىپ ۋە قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش، ئاندىن باشقىلارنى بولۇپمۇ ياشلارنى پىداكارلىق بىلەن ئىلىم-پەن ئۆگنىشكە چاقىرىش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن ئۆتكەن شانلىق ھاياتى ئېھتىرام بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈلىدۇ. بۇ ئارقىلىق، شائىر دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ توقسان يىللىقى ئىپتىخار بىلەن خاتىرىلىنىدۇ.

   2012-يىل 11-ئاينىڭ 16-كۈنى كەچتە، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتى خاس ماۋزۇلۇق لېكسىيە سۆزلەش پائالىيەتى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 90 يىللىقىنى خاتىرىلىدى. مەن بۇيەردە، شۇ پائالىيەتتە، قىلغان لېكىسيەمنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى قىسقىچە بايان قىلىپ، ياش ئوقۇغۇچىلار ۋە ھەر ساھەدىكى ئۆگەنگۈچىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

يەتتە يىلدا يەتمىش يىللىق ئىشنى قىلىپ بولغان ئىنسان

لوتپۇللاھ مۇتەللىپ 1922-يىل 16-نويابىر كۈنى، ئانا يۇرتىمىزنىڭ ئىلى ۋىلايەتىگە قاراشلىق نىلقا ناھىيەسىدە، بىر مەرىپەتپەرۋەر زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. (ئېلىندى: ئەلقەم ئەختەم نەشىرگە تەييارلىغان: «لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئەسەرلىرى»، 3-بەت، 1981-يىل 2-ئاي نەشرى، مىللەتلەر نەشرىياتى، بېيجىڭ.) ئۇ 1931-يىلى، غۇلجىدىكى تاتار زىيالىيلىرى ئاچقان ئۇيغۇرچە مەكتەپ «تاتار مەكتىپى»گە ئوقۇشقا كىرگەن. مەزكۇر يېڭى مائارىپلىق باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1935-يىلى، «رۇس گىمنازىيەسى» (رۇس تىلى ئوتتۇرا مەكتىپى)گە كىرىپ ئوقۇغان. رۇس ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەنى 1939-يىلى، ئىمتىھان بىلەن ئۈرۈمچىدىكى «شىنجاڭ دارۇل مۇئەللىمىن»گە كىرىپ ئوقۇغان. 1941- يىلى يازدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلىم-پەن خادىملىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭنى جۇغراپىيىلىك ۋە ئېكولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە رۇس تىلى تەرجىمانلىقىغا تەيىنلەنگەن. 1942-يىلى 2-ئايدا، «شىنجاڭ گېزىتى»گە  خىزمەتكە كىرىپ، مۇھەررىر بولغان. 1943-يىلى 11-ئايدا، «ئاقسۇ گېزىتى»گە باش مۇھەررىر بولغان. ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيەسى ئاقسۇ شەھرىگە قورشاپ ھۇجۇم قىلىۋاتقان جىددىي پەيتتە، يەنى 1945- يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى كېچىدە، ئۆزىگە ئوخشاش يىگىرمە نەپەر ۋەتەنپەرۋەر ياش بىلەن بىللە، گومىنداڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن پاجىئەلىك ھالدا ئۆلتۈرىۋېتىلگەن. 1956-يىل 8-ئايدا، جۇڭخۋا خەلق جۇمھۇرىيەتى مەركىزىي خەلق ھۆكۈمەتى لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى «ئىنقىلابىي قۇربان» دەپ ئاتاشنى قارار قىلغان. (ئېلىندى: يالقۇن روزى نەشىرگە تەييارلىغان:  «يىللارغا جاۋاب» (لوتپۇللاھ مۇتەللىپ شېئىرلىرى توپلىمى)، كىرىش، 1-2-بەتلەر. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2011-يىل 9-ئاي، تۆرتىنچى قېتىم قايتا بېسىلىشى.)

ئۇ ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا كەلگىچە بولغان يولدا، تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ ئىجتىمائىي  تۇرمۇشنى ئۆگەنگەن ھەمدە سەپەر ھاسىلاتلىرىدىن «يۇلغۇنلۇقتا» ناملىق ھىكايىسىنى يېزىپ ئېلان قىلغان. ئۇ ئاقسۇدا خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، «ئاقسۇ گېزىتى»دە «جەنۇب شامىلى» ناملىق بەتنى تەسىس قىلىپ ، ئاپتورلارنى ئويۇشتۇرۇپ ، گېزىتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرگەن ۋە تەسىرىنى كېڭەيتكەن. «ئۇنىڭ كەلگۈسى زور ھەم پارلاق» قاتارلىق ئىنقىلابىي ئەسەرلىرى شۇ بەتتە ئېلان قىلىنغان. ل . مۇتەللىپ ئاقسۇغا كەلگەندىن كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش، ئىجادىيەتچىلەرنى ئۇيۇشتۇرۇش ھەم يېتەكلەش بويىچە، نۇرغۇن كونكرېت خىزمەتلەرنى ئىشلىگەندىن تاشقىرى، سانايى نەفىسىي (سەھنىلىك سەنئەت ۋە گۈزەل سەنئەت) ئىشلىرىغىمۇ ئاكتىپ قاتنىشىپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، «غېرىب – سەنەم» ، «تاھىر – زۆھرە» قاتارلىق ئوپېرا – دىراممىلارنى سەھنىلەشتۈرگەن ۋە ئۆزى رېژىسسور، دېكراتسىيە ئىشلىگۈچى ، رول ئالغۇچى بولغان. سەنئەتچىلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، «غېرىب – سەنەم» ئوپېراسىنى ئاقسۇ ۋە ئونسۇ  سەھنىلىرىدە كۆپ قېتىم ئوينىغان ، ئۆزى غېرىبنىڭ رولىنى ئالغان.

1944– يىلى 10 – ئايدا «تاھىر – زۆھرە» ئوپېراسىنى رېپىتىس قىلىشقا باشلىغان، 11- ئايدا بىر تەرەپتىن رېپتىس قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن دېكراتسىيەسىنى سىزغان. بۇ ئوپېرا 12- ئايدا سەھنىدە ئوينالغان ، ل . مۇتەللىپ تاھىرنىڭ رولىنى ئالغان. دىراممىنىڭ تەسىرى ۋە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولغانلىقتىن ئاۋات ۋە ئۇچتۇرپان ناھىيەلىرىگىمۇ بېرىپ ئورۇنلانغان. (ئېلىندى: غالىپ بارات ئەرك يازغان: «تۈندىكى چاقماق-ل.مۇتەللىپ ئاقسۇدا »دىن. «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى، 2011-يىللىق 5-سان.)

يۇقىرىقى بايانلاردىن مەلۇمكى، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ قاينام ئۆركىشى بۇ دۇنيادا، ئاز كەم يىگىرمە ئۈچ يىللا ياشىغان. ئەمما، بىز ئۇنىڭ 1937-يىلى ئاۋغوستتا غۇلجىدا يېزىپ ئېلان قىلغان «خەلقىمگە» ماۋزۇلۇق شېئىرىدىن باشلاپ، 1945-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنى قەتلى قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۆزى ياتقان تۇرمىنىڭ تېمىغا «بۇ كەڭ دۇنيا مەن ئۈچۈن بولدى دەۋزەخ، ياش گۈلۈمنى غازاڭ قىلدى قانخور ئەبلەخ» دېگەن ئىككى مىسرانى يېزىپ قالدۇرغىنىغىچە ئۆتكەن ساق يەتتە يىل ئىچىدە،  مىللەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن قىلغان مىننەتسىز ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى، ئەلگە قىلغان تاماسىز خىزمەتلىرىنى ۋە ئەزىز مىللەت ئۈچۈن تەقدىم قىلغان باھاسىز تۆھپىلىرىنى ئادىل ۋىجدانىمىز بىلەن دەڭسەپ، ئادالەت تارازىمىز بىلەن تارتىپ كۆرىدىغان بولساق، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ قىممەت ۋە ئەھمىيەت جەھەتتە يەتمىش يىللىق ئىشنى قىلىپ بولغان گىگانت بىر ئىنسان ئىكەنلىكىنى سەمىمىي تۇيغۇمىز بىلەن چوڭقۇر ھېس قىلىمىز. ئەمسىچۇ؟ ئۇنىڭ شېئىرىي ئەسەرلىرى، نەسرىي ئەسەرلىرى، ئىلمىي مۇھاكىمە ماقالىلىرى ۋە سىزغان رەسىملىرى، تەھرىرلىگەن ئەسەرلىرى، ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلىرى مەيلى سان-سالماق جەھەتتىن بولسۇن ۋە مەيلى سۈپەت-ساپا جەھەتتىن بولسۇن، ئەلىيۇلئەلا دەرىجىدە ئىكەنلىكىگە ھېچ مۇنازىرە كەتمەيدۇ. مانا شۇنىڭ ئۈچۈنلا، ئۇ شەھىد بولغان ئاشۇ 1945-يىل 9-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن بۇيان ئۆتكەن ئاتمىش يەتتە يىلدىن بېرى، خەلقىمىز ئۇنى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن يادلاپ تۇرىۋاتىدۇ، چوڭقۇر سۆيۈنۈش بىلەن ئەسلەپ كېلىۋاتىدۇ ۋە ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەپ كېلىۋاتىدۇ!

شۇنداق، قىممەت ۋە ئەھمىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ل.مۇتەللىپ ھەقىقەتەنمۇ يەتتە يىلدا يەتمىش يىللىق ئەمگەكنى قىلىپ بولغان تېپىلغۇسىز بۈيۈك ئىنساندۇر!

ل.مۇتەللىپ تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭ ئىستىقبالى

ل . مۇتەللىپ قىسمەت بولۇپ، بۇ دۇنيادا ئاز ياشىغان، ئەمما ، ئۆز ياشامىنىڭ ھەر بىر كۈنىنى غەنىمەت بىلىپ، ھەر بىر قەدەمدە بىر ئۆچمەس ئىز قالدۇرۇپ، ئەۋلادلارغا ئەبەدىي ئۆرنەك بولغىدەك دەرىجىدە. ساز ياشىغان ئىنسانكى، ئۇنىڭ قىسقا ئەمما ئەھمىيەتلىك ھاياتى ھەقىقەتەنمۇ تەتقىق قىلىشقا، ئۆرنەك ئېلىشقا ۋە ئۆگىنىشكە ئەرزىيدۇ. بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى زىيالىلار ئۇنىڭ كىشىلىكى ۋە ئەمگەكلىرى ئۈستىدە تۈرلۈك تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىپلا كەلدى. ئالايلۇق، قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئالىمە گۈلسۇم ئاۋۇتۇۋا خانىم «لۇتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ ئىجتىمائىي مىراسى» دېگەن ماۋزۇدا دوكتور نامزاتى دېسىرتاتسىيەسى ياقلىغان. ئېلىمىزدە، تۇرسۇن ئەرشىدىن ل . مۇتەللىپ توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقىنىغا 30 يىل بولدى. ئۇ «لوتۇن»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ» ، «تەڭرىتاغ دىيارىدىكى ئۆچمەس يۇلتۇز»، «لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرى»، «ل. مۇتەللىپ» قاتارلىق توققۇز پارچە كىتابىنى جامائەتچىلىككە تەقدىم قىلدى . مۆمىن مۇھەممىدى يازغان «شاۋقۇن»  (رومان) ، ژۇرنالىست ئەيسا يۈسۈپ يازغان «ئاقسۇدا 1945- يىل» (تارىخىي قىسسە) قاتارلىق كىتابلارمۇ ئۇنىڭ ھاياتىنى يۇرۇتۇپ بېرىشكە ئاتالغان. قازاقىستانلىق ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئەدىب خىزمەت ئابدۇللىن يازغان «لۇتپۇللاھ» ناملىق دىرامما سەھنىلەردە ئوينالغان. ئېلىمىزدە يەنە ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا «يىراقتىكى ئۇچقۇنلار» نامىدا فىلىم ئىشلەنگەن. (ئېلىندى: غالىپ بارات ئەرك يازغان: «تۈندىكى چاقماق-ل.مۇتەللىپ ئاقسۇدا»دىن)

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، يازغۇچى تۇرسۇن ئەرشىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ نەچچە ئون يىللىق ناياپ ئۆمرىنى سەرپ قىلىپ، ل. مۇتەللىپ ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى تەزكىرە-تەرجىمىھال ئەدەبىياتى نۇقتىسىدىن يورۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن تۆھپىكار يازغۇچى ۋە لوتپۇللاھشۇناس تەتقىقاتچىدۇر. بىز ئۇنىڭغا، شۇنداقلا ل.مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئەپەندىلەر ۋە خانىملارنىڭ ھەممىسىگە ئاپىرىن ئوقۇيمىز!

بىراق، ئومۇمىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ كىشىلكى ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقات تېخى يېتەرلىك ئەمەس، ھازىرغىچە قىلىنغان مەزكۇر تەتقىقاتلار تېخى ئەۋلادلارنىڭ، خۇسۇسەن ياش بالىلارنىڭ ل. مۇتەللىپنى تولۇق چۈشىنىشىگە، ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ ئۆگىنىشىگە كۇپايە ئەتمەس. دېمەكچىكى، ل. مۇتەللىپ ۋە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى تەتقىقاتىدا بوشلۇق تېخى ناھايىتى زور،  بۇ ساھەدە، قىلىشقا تېگىشلىك ۋە ئەرزىيدىغان ئىشلار تېخى ناھايىتىمۇ نۇرغۇن. ئالايلۇق، مەملىكىتىمىزدە، ل. مۇتەللىپنىڭ ئەسەرلىرى كلاسسىك ئەسەر نۇقتىسىدىن تېخى تەتقىق قىلىنمىدى. شۇنىسى ئېنىقكى، ل. مۇتەللىپ ئەسەرلىرى چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەر بولۇپ، ئۇلارنى پەقەت ئاشۇ ئەسلىي يېزىق شەكلى بويىچە ئەينەن كۆرسىتىپ، ۋەسىقەشۇناسلىق ئىلمى بويىچە تەتقىق قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ كلاسسىكلىق سالاھىيەتى نامايەن بولىدۇ ۋە ئاندىن ئۇلارنىڭ ئەسلىي باھاسى ۋە قىممىتى جۇلالىنىدۇ. ل. مۇتەللىپ ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي ئۆزگىچىلىكى ۋە ئۇ ئەسەرلەردە ئىپادىلەنگەن ئۆزىگە خاس ياشام چۈشەنچىسى، تۇرمۇش پەلسەپىسى ۋە قىممەت قارىشى تېخى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەتقىق قىلىنمىدى. ھالبۇكى، بۇ جەھەتتىكى تەتقىقاتنى قولغا ئېلىپ، زامانىمىز ياشلىرىنىڭ تۇرمۇش ئەمەلىيەتى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىشنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىزدە نېقەدەر زۆرۈر ۋە نېقەدەر نەق ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكى ئۆز-ئۆزىدىن مەلۇمدۇر،

ل.مۇتەللىپ تەتقىقاتى زۆرۈر ۋە ئەھمىيەتلىك خىزمەت بولۇپلا قالماستىن، ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەڭ ئىستىقباللىق بىر ئىلمىي ئەمگەكتۇر. مەلۇمكى، ھەر قانداق بىر مىللەت، ھەر قانداق بىر توپلۇم-جامائەتنىڭ كەلگۈسى ئىقبالى ئۇنىڭ ياشلىرىنىڭ مىجەز-خۇلقى، راي-روھى ۋە ئىشەنچ-ئەقىدىسى قاتارلىقلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. لۆم-لۆم مىجەز، روھسىز، ئىشەنچسىز ۋە ئەقىدە ئېتىقادسىز ياشلاردىن تەركىپ تاپقان مىللەت ۋە قەۋمنىڭ مۇتلەق ئىستىقبالى بولمايدۇ. ئەمدى، بىر مىللەتنىڭ ياشلىرىغا ئىشەنچ، ئۈمىد ۋە جۇشقۇن روھ ئاتا قىلىپ تۇرىدىغان مەنبە ئەڭ ئالدى بىلەن، ئۇلارنىڭ مىللەت تارىخىدا شانلىق چېلىشلار بىلەن ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرۇپ كەلگەن تۆھپىكار ئەجدادلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈمسىز ئەمگەكلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇ ئەھمىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئىلىم-پەن ئۆگىنىشنىڭ ھەر قانداق بىر مەدەنىي ئىنسان ئۈچۈن پەرز ئەھمىيىتىدىكى ئىش ئىكەنلىكىنى ئون بەش يېشىدىن باشلاپلا ئۆز ئەمەلىيەتى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەن ل.مۇتەللىپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئەبەدىيلىك ئۆگىنىش ئۈلگىسى ۋە يىقىلماس بايرىقى بولۇش سالاھىيەتىگە تولۇق ئىگىدۇركى، ل.مۇتەللىپ تەتقىقاتىنىڭ  ئىستىقبال مەنبەسى دەل مۇشۇ يەردە!

ئەمدى، ھەر قانداق بىر شەخس ياكى بىر ئىشنى تەتقىق قىلىشتىن مەقسەت ئۇنىڭدىن پايدىلىق ساۋاق ياكى ئىبرەتلىك تەجرىبە ئېلىش ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى، ل.مۇتەللىپ تەتقىقاتىنىڭ ئاداققىي جەھەتتە ئۇيغۇر ياشلىرىغا تەقدىم قىلىپ بېرىدىغىنى ئەڭ ئالدى بىلەن، ئىلىم-پەن ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئەھمىيەتلىك ۋە قىممەتلىك قىلىش ئېڭى، شۇنداقلا ھەر قانداق شارائىتتا، تېڭىرقىماستىن مىللەت ۋە خەلق ئۈچۈن مىننەتسىز خىزمەت قىلىش روھىدۇر.

ل.مۇتەللىپتىن بىزگە مىراسلار

لوتپۇللاھ مۇتەللىپ  ئۇيغۇر تارىخىدا، مىللەت ئۈچۈن، پىداكارلىق بىلەن ئۆگەنگەن، خەلق ئۈچۈن، پىداكارلىق بىلەن ئىشلىگەن، خىزمەت قىلغان، ئاخىردا، ھەق ۋە ئادالەت ئۈچۈن پىداكارلىق بىلەن قۇربان بولغانكى، ئۇنى «ئۇيغۇر پىداكارلىقىنىڭ نەمۇنىسى» دېيىشكە پۈتۈنلەي ھەقلىقمىز. مېنىڭ ئۆگىنىشىمچە، بۈيۈك ئەجداد لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ بىزگە قالدۇرغان بىباھا مىراسلىرىنى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن:

1-    ئىشتىياق بىلەن، جىددىيەت بىلەن ئۆگىنىش روھى

بىز بىلگەن تەرجىمىھالدا، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ 1931 يىلى «تاتار مەكتىپى»گە ئوقۇشقا كىرگەن دېيىلىدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ل. مۇتەللىپ شۇ چاغدىكى ئانا يۇرت مەكتەپ ۋە مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئەمەلىي شارائىتى تۈپەيلىدىن، توققۇز ياشقا كىرگەندە، ئاندىن مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ھازىرقى زاماندا، بالىلار 6-7 ياشتا مەكتەپكە كىرىپ بولىدۇ.  توققۇز ياشلىق بالىلار بولسا، 2-3- سىنىپنى پۈتتۈرۈپمۇ بولىدۇ. ئەمما، شۇنىسى ئېنىقكى، ل. مۇتەللىپ مەرىپەت ئوچىقى مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، دەرسلەرنى تولىمۇ ئىشتىياق بىلەن ئۆگەنگەن، تۈرلۈك بىلىملەرنى يېتىك پىداكارلىق ئىگىلىگەن. شۇنىڭ ئۈچۈنلا، ئۇ باشلانغۇچنى ئۇيغۇرچە ئوقۇپ پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئوتتۇرا مەكتەپنى رۇسچە ئوقۇغاندا، ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇرچىنى يەپ قويمىغان. رۇسچە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ دارۇل مۇئەللىمىننى يەنە ئۇيغۇرچە ئوقۇغاندىمۇ، ئۆگەنگەن رۇسچىسىنى يوقىتىپ قويمىغان. دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە، رۇسچە ئۆگىنىش مودا ۋە رۇسچە ئۆگەنگەنلەر ناھايىتى كۆپ بولغان ئەينى شارائىتتا، چەتئەلنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئۆمىكىگە رۇسچە تەرجىمان بولۇش شەرىپىنى ۋە پۇرسىتىنى قازىنالىغان. ھالبۇكى، بۇلار ئۇنىڭ مەكتەپتە ئوقۇغاندا، تۈرلۈك دەرسلەر بويىچە پىداكارلىق بىلەن، جىدىيەت بىلەن  ئەلاچى بولۇپ ئوقۇغانلىقنىڭ ئەمەلىي ۋە ئېنىق دەلىلىدۇر.

دۇنيادا، ئۆگىنىش، يەنى مۇئەييەن قاراتمىلىقى بولغان ھالدىكى ئىلىم-پەن ۋە ھۈنەر-سەنئەت ئۆگىنىشى ئەمەلىيەتتە، يۈكسەك دەرىجىدىكى پىداكارلىق تەلەپ قىلىدىغان جەڭگىۋار پائالىيەت، يۇقىرى سەۋىيەدىكى جىددىيەت تەلەپ قىلىدىغان شەرەپشان ئەمگەكتۇركى، ل. مۇتەللىپ بۇ نۇقتىنى ئەڭ ئېنىق چۈشەنگەن ۋە ئۆز ئەمەلىيەتى ئارقىلىق سىناق قىلىپ، ئۆرنەك كۆرسەتكەن ھىدايەتكار ئىنساندۇر. ئۆگىنىشنىڭ بىر ئىنسان ئۈچۈن نېقەدەر مۇھىم ۋە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۆگىنىش، ئۆگەنگەندىمۇ پىداكارلىق بىلەن، جانپىدالىق بىلەن ئۆگىنىش ئېڭى ۋە بىباھا چۈشەنچىسى ئۇنىڭ «ياشلىق ئۆگەن» دېگەن شېئىرىدا دادىغا يەتكۈزۈپ ئىپادىلەنگەن: قېنى بىللە ئوقۇپ، مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى:  

                                    ياشلىق ئۆگەن

ياشلىق تىرىش-تىرماش، ھارماي ئۆگەن،

ئىلىمنىڭ دېڭىزى قاينام ھەم چوڭقۇر.

نادانلىق ئۇ «ھەممىنى بىلدىم» دېگەن،

(مۇنداقلا) كۆرۈپ...ۋاراقلاپلا بىر قۇر.

ئىلىم-مۆجىزىلەرنىڭ سىرىن ئاچقۇچى،

بىر كۈن ياشاش ئۈچۈن ئوقى ئون يىل!

كۆزلا ئەمەس ئالدىڭغا نۇر چاچقۇچى،

قاراڭغۇنى يورۇتىدۇ يورۇق دىل.

ھەر بىر ھادىسە يوشۇرۇن سىر ساقلايدۇ،

توقۇلمىلىرى ئۇنىڭ ئاجايىپ.

ئىلىم ھارماس، مەرد ئادەمنى ياقلايدۇ،

ناداننىڭ كۆزىدىن ئۇ ھەر قاچان غايىب.

راھىب بول ئىلىمنىڭ نازاكەت چۆلىدە،

مۆجىزىلەر گۈمبىزىگە شەيخ.

كۈن-تۈن زىكرى قىل شۇلار تۈۋىدە،

ئىجتىھاد سېنى دېگۈزمەس دەرىخ.

ئادەم بالىسى پارقىراق، كىر قونماس ئېسىل،

ھەممىدىن ئۆتكۈر ئۇنىڭ مېڭىسى.

ياق، ئويلان...ئوبدان پىكىر قىل،

دەۋرگە ئامراق يېڭىنىڭ يېڭىسى.

ئۆگىنىش سازىغا ماھىر سازەندە،

كۆرگىن، سېرىپ قول چەككىنىنى.

تارغا تىل بەرگەنمۇ شۇ ئاددىي بەندە،

تاماشا قىل مۇقاملار يولىن ئەگكىنىنى.

قايسى مۇقام، قايسى پەردە باغرىڭ،

قايسى سازەندە دىلىڭغا سۇ بەرگەن؟

قايسى ناخشا پەسلەتكەن زارىڭ،

قايسى ناخشا كۆڭۈلگە گۈل تەرگەن؟

ئويلىساڭ، ياشلىق قىسقا، سېنىڭ ئۆمرۈڭ-

تاڭدا چېچەكلەپ، گويا كەچتە قۇيۇلىدۇ.

دىماغقا خۇش پۇراق چېچىپ گۈللىرىڭ،

كۆز ئېچىپ، يۇمغاندەك تۇيۇلىدۇ.

ئەرلەرنى باسسا ساقال-بۇرۇتلار،

قىزلارغىمۇ ئىز سالىدۇ بۈدۈر-قورۇقلار.

پۇرلاشمايدۇ دەرەخلەر ياپيېشىل تۇرۇپلا،

يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يەيدۇ قۇرۇتلار.

ياشلىق چاقماقسەن، چېقىپ ئۆچىسەن،

ئەۋرىشىم چېغىڭ مۇشۇ ئۆگەنگىن، ئۆگەن!

قاراڭغۇ دىل چۆلىگە بىر كۈن چۆكىسەن،

ئادەم بولۇش دۇلدۇلىغا سالمىساڭ يۈگەن.

(1943-يىل، ئاۋغوست، ئۈرۈمچى.)

كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇپ بىلدۇقكى، ل.مۇتەللىپ «ياشلىق، ئۆگەن!» ماۋزۇلۇق بۇ شېئىرىدا، ئىنسان زادى نېمە ئۈچۈن چوقۇم ئۆگىنىشى كېرەك؟ بىر نەرسە ئۆگىنىش ئاسان ئىشمۇ ياكى تەس ئىشمۇ؟ ئۆگىنىش زادى نېمىگە ئەسقاتىدۇ؟ ئۆگىنىشنىڭ مەۋسۇمى قاچان ۋە مەقسىتى نېمە؟ ...دېگەنگە ئوخشاش رېئال ئەھمىيەتلىك مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل جاۋاب بەرگەن.

ل.مۇتەللىپنىڭ چۈشەنچىسىچە، ھەر قانداق بىر ئىنسان ئادەم بولۇش، يەنى ھەقىقىي بىر ئىنسان بولۇش ئۈچۈن جەزمەن ئۆگىنىشى كېرەك. بۇ ئۇنىڭ مەزكۇر شېئىرىنىڭ چۈشۈرگە بېيىتىدىكى «قاراڭغۇ دىل چۆلىدە بىر كۈن چۆكىسەن، ئادەم بولۇش دۇلدۇلىغا سالمىساڭ يۈگەن» دېگەن ھۆكۈم مىسرالىرى بىلەن ئېنىق ئىپادىلەنگەن. يەنى ئىنسان بۇ دۇنيادا ھەقىقىي بىر ئادەم بولۇپ ياشاشقا بەل باغلاپ، ئىلىم-پەن ئۆگەنمىسە، ئۇ ئاقىۋەتتە ساۋاتسىزلىقنىڭ چۆلىدە، ئىلىمسىزلىكنىڭ دەشتىدە ھالاك بولىدۇ شۇ.

ئىلىم ئۆگىنىش ئاسان ئىشمۇ؟ ياق، ئىلىم ئۆگىنىش ناھايىتىمۇ تەس ئىش، ل.مۇتەللىپ شۇنداق دەيدۇ: «ئىلىمنىڭ دېڭىزى قاينام ھەم چوڭقۇر»، شۇڭا «ياشلىق، تىرىش-تىرماش، ھارماي ئۆگەن». روشەنكى، بۇ يەردىكى «ياشلىق» ئەمەلىي ئۇقۇمدا، «ياشلار، ياش ئادەم، ياشلىق ساھىبى» دېگەن بولىدۇ. يەنى ئىلىمنىڭ دېڭىزى باشقا دېڭىزلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ قايناملىق ۋە چوڭقۇر بولىدۇ. شۇڭلاشقا، تۇرمۇش يولىغا يېڭىدىن قەدەم قويغان ياشلار تىرىشىپ-تىرمىشىپ، ھەمدە ھاردىم-تالدىم دېمەي ئۆگىنىشلىرى كېرەككى، پەقەت شۇ چاغدىلا ئاندىن چەندىكىدەك ئۈنۈم قازىنالايدۇ.

ياشلار زادى نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىشلىرى كېرەك؟ چۈنكى، «ئىلىم- مۆجىزىلەرنىڭ سىرىن ئاچقۇچى»دۇر، شۇڭلاشقا، «بىر كۈن ياشاش ئۈچۈن ئوقى ئون يىل». يەنى قالاقلىق، نامراتلىق ۋە قاششاقلىق بىلەن بىر ئۆمۈر ياشىغىچە، ئىلىم –پەن بىلەن مۆجىزىلەر يارىتىپ، پاراۋان ۋە گۈللەنگەن تۇرمۇش مۇھىتى ئىچىدە بىر يىل ياشاش ئۈچۈن، ئون يىل ئوقىساڭمۇ ئەرزىيدۇ.

ئۇنداق بولسا، ئۆگىنىش پائالىيەتىنى زادى قانداق پوزىتسىيەدە ئېلىپ بارسا، ئاندىن توغرا بولىدۇ؟ بۇ مەسىلىگە ل.مۇتەللىپ: «ئويلىساڭ ياشلىق، قىسقا سېنىڭ ئۆمرۈڭ، تاڭدا چېچەكلەپ گويا كەچتە قۇيۇلىدۇ.دىماغقا خۇش پۇراق چېچىپ گۈللىرىڭ، كۆز ئېچىپ-يۇمغاندەك تۇيۇلىدۇ» دېگەن كەسكىن كەلىمىلەر بىلەن جاۋاب بەرگەن. يەنى ھايات گويا ئاتقان ئوققا ئوخشايدۇ؛ يىللارنىڭ ئۆتۈشى ۋە پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشى بولسا، ئاداققىي جەھەتتە ئىنسانغا خۇددى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقانچىلىك ۋاقىت تۇيغۇسىنى بېرىدۇ. شۇڭا، ياشلار، بەرنالار مىنوت-سېكونتنىمۇ قولدىن بەرمەي، جىددىيەت بىلەن ئۆگىنىشلىرى كېرەكتۇر.

مۇلاھىزە بىلەن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئەمدىلا يىگىرمە-يىگىرمە بىر ياشقا كىرگەن ل مۇتەللىپ ئىنسانلىقنىڭ ئەڭ ئالىي، ئەڭ قىممەتلىك پائالىيەتى بولغان ئۆگىنىشنى ئاشۇنداق يۈكسەكلىكتە تونۇغان. ئۇ ئەنە شۇنداق يۈكسەك تونۇش ۋە ئالىيجاناب ئاڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، تولۇپ تاشقان ئىشتىياق بىلەن، ھەمىشەملىك جىددىيەت بىلەن تىرىشىپ –تىرمىشىپ ئۆگەنگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئۆگىنىشنىڭ ھەممە ساھەسىدە ئوخشاشلا پارلاق نەتىجە ۋە قىسقىغىنە ئۆمرىدە ئۆلۈمسىز ھايات قازانغاندۇر!

2-    جانلىق ئۆگىنىپ جانلىق ئىشلىتىش ۋە ئەمەلىيەتچانلىق روھى

ئۆگىنىش ئۇسلۇبى بابىدا، «ھەر قانداق بىر نەرسىنى ئۆلۈك ئۆگەنمەسلىك، كۆچۈرمىچى بولماسلىق، جانلىق ئۆگىنىپ، جانلىق ئىشلىتىش كېرەك» دېگەن نەزەرىيەنى ھەممە ئادەم ئاڭلىغان، ھەممە ئىنسان بىلىدۇ. ئەمما، مەزكۇر نەزەرىيەنى ئۆز ئەمەلىيەتىگە تەدبىقلاپ كۆرسىتىش بەسى مۈشكۈل بىر ئىش مېنىڭچە. بۇ بەسى مۈشكۈل ئىشنى، يەنى ئۆگىنىشتە قۇرۇق نەزەرىيەچى بولماسلىق، ئەمەلىيەتچان بولۇش، ئۆگەنگەن نەرسىنى ئامال بار بالدۇرراق ئەمەلىي پائالىيەتكە سىڭدۈرۈش، ئىمكان بار بۇرۇنراق ئەمەلىيەت غەلۋىرىدىن ئۆتكۈزۈشنى بۈيۈك ئەجداد ل. مۇتەللىپ ئۆز ھاياتىدا دادىغا يەتكۈزۈپ سىناق قىلغان ۋە مول مىساللار بىلەن ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەندۇر. ئالايلۇق، ئۇ بالىلىق چېغىدا «تاتار مەكتىپى»گە كىرىپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە ئانا تىلى بويىچە مائارىپ كۆرگەن. ئارقىدىن شۇ چاغدىكى تەقەززالىق ۋە ئەمەلىي تەلەپ بويىچە «رۇس تىلى مەكتىپى»گە كىرىپ ئىككىنچى بىر تىل بولغان رۇس تىلى بويىچە مائارىپ كۆرگەنكى، بۇ ئەمەلىيەتى ئارقىلىق، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا، قوش تىل (ئىككى تىل) بويىچە مائارىپ-مەرىپەت كۆرۈشتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆرنەك كۆرسەتكەن.  مېنىڭچە، بۇ بۈگۈنكى  زامانىمىز ياشلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەتقىق قىلىشقا ۋە ئۆرنەك ئېلىپ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدىغان مۇھىم بىر تەجرىبە-ساۋاقتۇر.

ل.مۇتەللىپنىڭ ئوقۇش-ئۆگىنىش ھاياتىدا ئەۋلادلارنىڭ ئۆگىنىشىگە مۇناسىپ كېلىدىغان يەنە بىر تەرەپ شۇكى، ئۇ ئۆز زامانىسىدا، مەكتەپتە ئۆگەنگەنلىرىنى تۇرمۇش ئەمەلىيەتىدىن ئۆتكۈزۈپ، پىكىر-تۇيغۇلىرىنى ئۆز خەلقى بىلەن ئورتاقلىشىشنى بالدۇرلا باشلىغان. مىسال ئۈچۈن بۇ يەردە، 1937-يىلى ئەمدىلا ئون بەش ياشقا كىرگەن ل. مۇتەللىپنىڭ غۇلجىدا  يازغان «ئەپەندى بولماق» ماۋزۇلۇق شېئىرىنى ئوقۇپ كۆرەيلى:

-      بۇ يىل ئون ئىككى يىل بولۇپ قالدى، ئۇكام،

بۇ «ئەپەندى بولماق» مېنى بىر بالاغا سالدى، ئۇكام.

شۇ ئون ئىككى يىل ئىچىدە ساقىلىمنى قىرىپ يۈردۈم،

كەينى يېرىق چاپانلارنىمۇ كىيىپ يۈردۈم،

لېكىن «ئەپەندى» دېگۈچىلەرنى ھېچ كۆرمىدىم، ئۇكام،

بىر جاۋاب بەرسىڭىزچۇ، «ئەپەندى» دېمەسكە يەنە نېمە كام؟

-      غەم يېمەڭ، ئاكا، ئۇنىڭ ئىشى بۇ زاماندا بەك ئاسان،

ھازىر ئۇدۇللا ماگىزىنغا بارىسىز.

ئازراق پۇلىڭىزغا كاستۇمدىن بىرنى ئالىسىز،

يەنە كازبىكتىن بىرنى يانچۇققا سالىسىز.

يەنە ئالىسىز ئاق كۆڭلەك ۋە ئۇزۇن گالىستۇك،

بىر سېرىق شىبلىت كىيىسىز ئاندىن ئۇنى موك.

تاماكىڭىزنى قىڭغىر چىشلەپ يۈرۈۋېرىڭ،

سىزنى «ئەپەندى» دېگۈچىلەرنى كۆرۈۋېرىڭ.

(1937-يىل، نويابىر، غۇلجا)

   شائىر لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ بۇ ساتىرىك شېئىرى شۇ ۋاقىتتىكى «ئىلى گېزىتى»گە بېسىلغان. ئۇ چاغلاردا، زىيالىيلار قوشۇنى ئەمدىلا شەكىللىنىشكە باشلىغان بولۇپ، كۆپ قىسمى ئوقۇتقۇچىلاردىن ئىبارەت ئىدى. كىشىلەر ئۇلارنى ھۆرمەتلەپ «ئەپەندى» دەپ ئاتايتتى. شائىر بۇ ساتىراسىدا، ئۆزى بىلىمسىز تۇرۇپ، زىيالىيلارچە ياسىنىش ئارقىلىق «ئەپەندى» بولۇش ئارزۇسىدا يۈرگەن بىر ئەخمەقنى مەسخىرە قىلىدۇ. (ئېلىندى: «يىللارغا جاۋاب»(ل.مۇتەللىپ شېئىرلىرى)، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2011-يىل9-ئاي 4-بېسىلىشى)

   ل.مۇتەللىپ تەرجىمىھالىدىن مەلۇمكى، 1937-يىل دېگەن مۇتەللىپ تېخى «رۇس گىمنازىيەسى»دە، يەنى ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. بۇ ھال بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ل.مۇتەللىپ باشلانغۇچ مائارىپنى ئانا تىلى بىلەن ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتىغا بولغان مۇھەببەت ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئانا تىل سۆيگۈسىدە تاۋلانغان بولغاچ، رۇس گىمنازىيەسىدە رۇس تىلى بىلەن مائارىپ كۆرگەندىمۇ، ئۇيغۇرچىنى تاشلاپ قويمىغان، ئۇنتۇپ كەتمىگەن. ئۆز زامانىسىدىكى رۇس تىلى ئۆگىنىش دولقۇنى ۋە ئىجتىمائىي قىزغىنلىقى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئانا تىلى مۇھەببەتىنى ئازراقمۇ سۇسلاشتۇرالمىغان، بەلكى ئۇ يەنىلا ئۇيغۇرچە تەپەككۇر قىلىپ، ئۇيغۇرچە ئوقۇش-يېزىشنى ۋە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىياتى بىلىملىرى بويىچە ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇشنى قىلچىمۇ بوشاشتۇرۇپ قويمىغان. شۇنىڭ ئۈچۈنلا ئۆزى ئىككىنچى بىر تىلدا ئوقۇۋاتقان چېغىدىمۇ، «ئەپەندى بولماق» كەبى ئېنىق پىكىرلىك گۈزەل شېرنى گېزىتتە ئېلان قىلغۇدەك سەۋىيەدە يازالىغانكى، مەزكۇر شېردا ئىپادىلىگەن پىكىر شائىرنىڭ 1942-يىل ئۈرۈمچىدە يازغان: «مەرىپەت ئىزدە، ئېرىنمە، سەرپ ئەتكىن كۈچۈڭنى؛ بوياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى، ئىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى» (قاراڭ: «يىللارغا جاۋاب»(ل.مۇتەللىپ شېئىرلىرى)، 67-بەت، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2011-يىل9-ئاي 4-بېسىلىشى)دېگەن مەشھۇر پارچىسىدا ئىپادىلىگەن تەپەككۇر جەۋھىرىگە تولىمۇ جىپسا كېلىدۇ. ل.مۇتەللىپنىڭ بۇ ئەمەلىيەتى بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە، ئىككىنچى بىر تىل بىلەن مائارىپ كۆرۈش مەجبۇرىيەتى ۋە  ئېنگلىز تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى دېڭىزىدا شەھىد بولۇپ كېتىۋاتقان ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن بىر جانلىق دەرس ۋە تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر ساۋاقتۇر!

   ل.مۇتەللىپنىڭ ئىككىنچى بىر تىل بىلەن مائارىپ كۆرىۋاتقان ئەھۋالدىمۇ ئۆز ئانا تىلى بىلەن شۇنداق گۈزەل شېئىرىي ئەسەر يېزىپ ئېلان قىلدۇرالىغانلىقى بىلەن پاراللىل ھالدا، ئۇنىڭ ئىككىنچى بىر تىل بولغان رۇسچىنى ئۆگىنىپ، چەتئەل ئىلمىي تەتقىقات ئۆمىكىگە خېلى ئۇزاق مەزگىللىك (بىر يىل) تەرجىمانلىق قىلىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغۇدەك سەۋىيە ھاسىل قىلغانلىقى ئۇنىڭ ئۆگىنىشتە بولۇر-كېتۈر، ئۆلۈك ئەمەس، بەلكى جانلىق ئۆگىنىپ جانلىق ئىشلىتىشنى بىلىدىغان، نېمىنى ئۆگەنسە شۇنى ئوخشىتىپ ئۆگىنەلەيدىغان ۋە ئۆگەنگەننى ئىمكان بار شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىش ئادىتىگە ساھىب بولغان بىر ئۆگىنىش ماھىرى ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇكى، بۇمۇ زامانىمىز ياشلىرى ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى پۈتكۈل ئوقۇش ھاياتىنى پەقەتلا «باش كۆتۈرمەي كىتاب ئوقۇش دەۋرى، تەييار نەزەرىيەلەرنى ئۆلۈك يادلاش دەۋرى» قىلىپ قويىدىغان، كىتابتىن ئۆگەنگەنلىرىنى ئىشلىتىپ، ئەمەلىي  پائالىيەتلەرگە (مەيلى ئۇ يېزىق بىلەن بولسۇن ۋە مەيلى ئېغىز بىلەن بولسۇن) مۇتلەق قاتناشمايدىغان ياشلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆرنەك ئېلىشقا ۋە ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە ئەرزىيدىغان بەكمۇ مۇھىم بىر تەجرىبە-ساۋاقتۇر مېنىڭچە.

3- پىداكارلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق روھى

ئابلىمىت ئابدۇللاھ يازغان «مەرھۇم پولكوۋنىك سوپاخۇن سۈۋۈروفنى ئەسلەيمەن» ماۋزۇلۇق ئەسلىمىدە مۇنداق بىر بايان بار: «سابىق شەرىقى شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى مۇزەپپەر ئابدۇللايوف (لوتپۇللاھ مۇتەللىپنىڭ نەۋرە ئاچىسى گۈلسۇم مۇتەللىپ ‹1919-1999-يىللار›نىڭ كۈيوغلى) لوتپۇللا مۇتەللىپنىڭ ھايات پائالىيەتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: ‹ 1945-يىلى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتى رەھبەرلىكى ئاقسۇدىكى لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ھاياتىنىڭ خەۋپ ئىچىدە قالغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئابدۇغوپۇر ناسىروف قاتارلىق كىشىلەرنى لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى غۇلجىغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن، ئالاھىدە ئاقسۇغا ئەۋەتكەن. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار ئاقسۇغا بېرىپ، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ بىلەن كۆرىشىدۇ. مەقسەتنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ ئابدۇغوپۇر ناسىروفلارنىڭ پىكرىگە قوشۇلۇپ، غۇلجىغا كەتمەكچى بولىدۇ. بىراق، يولغا چىقىدىغان چاغدا، ئاتنىڭ ئۈزەنگىسىگە پۇتىنى ئېلىپ بولغان ل. مۇتەللىپ توساتتىن ئۆزىنىڭ ئىچىنى تىڭشاپ تۇرۇپ قالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروف: ‹نېمە بولدىڭىز؟ تېز بولۇڭ!› دېگەندە، ئۇ: ‹شۇ تۇرۇقتا مەن ئاقسۇدىن كەتسەم، بىرىنچىدىن، مەن گومىنداڭدىن قورققان بولمامدىمەن؟ ئىككىنچىدىن، سەپداشلىرىمنى تاشلاپ كەتسەم، قانداق بولىدۇ؟ ياق، مەن كەتمەيمەن. سەپداشلىرىمغا نېمە بولسا، ماڭىمۇ شۇ!› دەپ، غۇلجىغا كېتىشتىن يالتىيىپ قالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار نەسىھەت قىلىپ: ‹مۇتەللىپ، ياخشىسى بىز بىلەن بىللە غۇلجىغا كېتىڭ. بولمىسا، ھاياتىڭىزغا خەۋپ يېتىدۇ. بۇ- رەھبەرلىك بىزگە ئالاھىدە تاپشۇرغان ۋەزىپە. ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىلەن باش قوماندانلىق ئىشتابى پات ئارىدا جەنۇبىي شىنجاڭنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتىدۇ. سىز شۇ چاغدا، مىللىي ئارمىيە قىسىملىرى بىلەن يەنە ئاقسۇغا كەلسىڭىز بولىدۇ ئەمەسمۇ؟› دېگەندە، مۇتەللىپ: ‹ ياق، كەتمەيمەن. سەپداشلىرىم بىلەن ھايات-ماماتتا بىللە بولىمەن. مەن ئاقسۇدا، مىللىي ئارمىيەنىڭ زەپەر قۇچۇپ كېلىشىنى كۈتىمەن› دەپ، ئاقسۇدا قېپقالىدۇ. ئابدۇغوپۇر ناسىروفلار ئامالسىز ئۆزلىرى غۇلجىغا قايتىپ كېتىدۇ» (ئېلىندى: «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلى، 2011-يىللىق 4-سان، 46-بەت)

مېنىڭچە، يۇقىرىقى بايانلار ل.مۇتەللىپنىڭ يالغۇز شېئىرنى ياخشى يازالايدىغان بىر شائىر، ئىستىداتلىق بىر سەنئەتكارلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئالدى بىلەن، مللەت ئېڭى يېتىك، قەۋم - جامائەت تۇيغۇسى مۇكەممەل، ئىنسانىي قېرىنداشلىق- ئاغىنەدارچىلىق يۈرىكى بېجىرىم بولغان بىر مەردانە ئىنسان ئىكەنلىكىنى دەلىللەيدۇ.

مەن خەلقىمىزنىڭ ل.مۇتەللىپگە بەرگەن «ئوت يۈرەك» دېگەن سۈپەت -تەۋسىپىنى بەكمۇ ياقتۇرىمەن. ئۇ خۇددىي ئۆز شېئىرلىرىدا: «خاھلايمەن دوستۇم بۇلاقتەك خوشال شارقىراپ ئېقىشنى؛ خاھلايمەن ئەركىن تايلاقتەك ئىجاد يايلىقىدا قىيغىتىشنى. خاھلايمەن شېئىرىم ئۇرۇقلىرىنى ۋەتەن باغرىغا چېچىشنى؛ خاھلايمەن دەريا قىرغاقلىرىدا رەنا گۈللەر ئېچىلدۇرۇشنى» («دوستۇمغا»، يۇقىرىقى توپلام، 84-بەت)، «ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا، يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا؛ كۈرەش باياۋىنىدا ھارماسمەن ئەسلا، يېڭىش بىلەن كېلىپ چىقىمىز كەڭ غالىب يولغا» («يىللارغا جاۋاب»، يۇقىرىقى توپلام، 82-بەت) دېگىنىدەك، كىشىلىك تۇرمۇشقا، مىللىي دېموكراتىك ئىنقىلابقا، شۇنداقلا ئىنسانىي ھاياتنىڭ تۈرلۈك مەزمۇنلىرىغا ئوخشاشلا ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى، ئۆزىگە شۇغۇللىنىش نېسىپ بولغان ھەر قانداق بىر ئىشقا جىددىيەت كىرىشەتتى ۋە ئەڭ ياخشى نەتىجە قازىنىش ئۈچۈن پۈتكۈل كۈچى بىلەن تىرىشاتتى. ئالايلۇق، ئۆزى سەھنە ئەسىرى يازاتتى، ئۆزى باش رول ئالاتتى، گېزى كەلگەندە، سەھنە دېكراتسىيەلىرىنى يەنە ئۆزى قول تىقىپ سىزاتتى. بۇ يەردە مەسىلىنىڭ نازۇك ۋە قىممەتلىك يېرى ئۇ بۇ ئىشلارنى شەخسى كىرىم-چىقىمى ئۈچۈن، ئۆزى شەخسىي نام-ئابروي قازىنىش ئۈچۈن، ئۆزىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى بەجا كەلتۈرسە، ئۆزى تەۋە بولغان كوللىكتىپقا، خەلققە پايدا كەلتۈرىدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنى قىلىشنىڭ ئۆزى ئۈچۈن پەرز-بۇرچ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، بىلىك ئىچىدە، ئاڭلىق قىلاتتى. ھەر قانداق سورۇندا ئۇ ئۆزىنى ئۆز خەلقى، ئۆز سەپداشلىرى ۋە ئۆز مەسلەكداشلىرىنىڭ ئىچىگە قوياتتى؛ ھەر قانداق ئىش قىلغاندا بولسا، ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆز خەلقنى، ئۆز سەپداشلىرىنى، ئۆز مەسلەكداشلىرىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئاشۇلارغا بەرگەن سۆزىنى، لەۋزىنى ۋە ۋەدىسىنى ئويلاپ ئىش قىلاتتى. ھەتتا خۇددىي يازغۇچى ئابلىمىت ئابدۇللاھ ھېكايە قىلغىنىدەك، ئۆزىنىڭ ھاياتى تەھلىكە ئاستىدا قالغان، قاچسا قۇتۇلىدىغان.تۇرسا تۇتۇلىدىغان ۋە ئۆلىدىغان ئەھۋالدىمۇ، ئالدى بىلەن ئاشۇ بىر-بىرىگە سۆز بېرىپ لەۋزە قىلىشقان سەپداشلىرىنى، ھەممەسلەك ئاغىنىلىرىنى ئويلىغان ۋە ئۇلارغا ئىزاھات بېرىپ قويماي، ئۇلارنىڭ رازىيلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆزىنىڭ شەخسىي جېننى قولتۇقىغا قىستۇرۇپ «غىپپىدە»لا تىكىۋېتىشنى، قېچىپ كېتىشنى قانداق ئويلىسىمۇ، مۇتلەق راۋا كۆرمىگەن، مەرتلىك ھېسابلىمىغان. مېنىڭچە مەرت بىلەن نامەرتنىڭ پەرقى مۇشۇنچىلىكلا: مەردانە ئادەم ھەرقانداق ئەھۋالدا، دەسلەپ باشقىلارنى، خەلقنى ئويلايدۇ؛ نامەرت-خۇمسى ئادەم بولسا، باشتىمۇ، ئاياغدىمۇ پەقەت ئۆزىنىلا ئويلايدۇ، خالاس!

ھالبۇكى، ل.مۇتەللىپنىڭ «ياشلىق، ئۆگەن»ى بىلەن «يىللارغا جاۋاب»ى ئۇنىڭ ئەنە شۇنداق خەلقپەرۋەرلىك، مىللەتپەرۋەرلىك ۋە مەردانىلىق پەزىلىتى بىلەن تويۇنغان ياش ئوتلۇق يۈرىكىدىن ئۇرغۇغان دۇردانىلار بولغانلىقى شاراپىتىدىن  ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن، خۇسۇسەن ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن، مەڭگۈلۈك، ئەبەدىيلىك ۋە ئۆلۈمسىز ماياك ئەسەرلەر بولۇپ كەلدى ۋە كەلمەكتە!

ئۆرنەك ياشام، ئەينەك ھايات ۋە ئەۋلاد بۇرچى

بىر ئىنسان بۇ دۇنيادا، ئۇزۇن ياشىشىمۇ مۇمكىن، قىسقا ياشىشىمۇ مۇمكىن. ئەمما بەختلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ياشاش ھەر قانداق بىر نورمال ئىنساننىڭ ئەقەللىي ئارزۇسى. ئەمدى، ئىنسان زادى قانداق ياشىغاندا، بەختلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ياشىغان  بولىدۇ؟ بۇ سوئالغا قىممەت قارىشى ئوخشاش بولمىغان ئىنسانلار ئوخشىمىغان جاۋاب بېرىشى تەبىئىي. مېنىڭ قارىشىمچە، ھاياتنىڭ قىممىتى ياشىغۇچىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا ئۆمۈرلۈك بولۇشنى ئۆلچەك قىلمايدۇ. بەلكى ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك ئېڭى ۋە ئەقىدىسى ئاساسىدا، تىرىشچانلىق، ئىجادچانلىق ۋە پىداكارلىق بىلەن ئۆتكەن ھايات بەختىيار ھايات، ئەھمىيەتلىك ياشام بولىدۇ. ئەگەر بۇ چۈشەنچە توغرا كۆرۈلگەن تەقدىردە، بىز تونۇغان ۋە كۈندىن كۈنگە چوڭقۇر تونۇۋاتقان گىگانت ئىنسان لوتپۇللاھ مۇتەللىپ قاينام ئۆركىشىنىڭ ھاياتى بۇ دۇنيادا ئەھمىيەتلىك ياشاش ئىستىكىدە بولغان ئىنسانلار ئۈچۈن ئۆرنەك بولالايدىغان، ئىلىم-پەن ئۆگىنىش ۋە ئۆگەنگەن ئىلىم-پەن ئارقىلىق ۋەتەننى، مىللەتنى روناق تاپقۇزۇشنى ئىستەك ۋە غايە قىلغان ياشلار ئۈچۈن ئەينەك بولالايدىغان ھايات ھېسابلىنىدۇ، ئەلۋەتتە.

«لوتفۇللاھ مۇتەللىب - قاينام ئۆركىشى. جاھان بىلىدۇ، لوتفۇللاھ مۇتەللىبتە، بۈگۈنكى خېلى ـ خېلى ئۇيغۇردا يوق ساۋات، بىلىم، ئىقتىدار ۋە ماھارەتلەر بار ئىدى. ئۇ ھەم شائىر، ھەم يازغۇچى، ھەم كومپوزىتور، ھەم رەسسام ۋە ھەم سەھنىدە رول ئېلىپ ئوينىيالايدىغان سەنئەتكار ― ئەدەبىيات ۋە سەنئەتنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى بويىچە خېلى مۇكەممەل يېتىشكەن تالانت ئىگىسى ئىدى. ئەڭ مۇھىمى، ئۇ ئېغىزىدا دېگىنىنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە، قەلىمى بىلەن يازغىنىنى ئۆز پائالىيىتىدە كۆرسىتەلەيدىغان، تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولغان مىللەتپەۋرەر ۋە پىداكار ئۇيغۇر ئىدى.» (ئېلىندى: «شىنجاڭ مەدەنىيەتى» ژۇرنىلى، 1997-يىللىق 4-سان 69-بەت)

  « ئەمەلىيەتتە، بىر مىللەتنى دۇنياغا تونۇتىدىغان بىرىنچى ئامىل ــــ دەل پىداكارلىقتىن ئىبارەت. ئەگەر ھازىرقى دۇنيادا، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇرلىرىنى تونۈيدىغان ۋە ئېتىراپ قىلىدىغانلار خېلى بار دېيىلسە، بۇ ئالدى بىلەن، لۇتفۇللاھ مۇتەللىبكە ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش پىداكار ئەجدادلارغا مەنسۇپ!» (قاراڭ: يۇقىرىقى ژۇرنال، ئەينى بەت)

   «بىر مىللەت پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلسە، پىداكارلىق ۋە جەڭگىۋارلىقنىڭ قىممىتىنى، ئەھمىيىتىنى ۋە زۆرۈرىيىتىنى چىن ھەقىقىتى بىلەن چۈشەنسە، ئاندىن پىداكارلارنى قەدىرلەيدۇ ۋە ئۇلارنى دائىملىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق ياد ئېتىپ تۇرىدۇ.» (ئېلىندى: يۇقىرىقى ژۇرنال 70-بەت)

«ئەمەلىيەتتە، ئۆگىنىش ئۈچۈنمۇ پىداكارلىق كېتىدۇ. دۇنيادا، ئىنساننى پۇشايمانسىز ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان ئەڭ خاسىيەتلىك پائالىيەت ئۆگىنىشتۇر. كىم ئۆگىنىشكە ماھىر، شۇ ھەممىگە قادىر. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ ھەقلىق مەنپەئەت داستىخىنىنى تېگىشلىك نېمەتلەر بىلەن مول قىلىشنى، ئۆزىنىڭ ئىستىقبال تەقدىرىگە ئۆزى يول قىلىشنى ئويلايدىكەن، پىداكارلىق بىلەن ئۆگىنىشى كېرەك.» (قاراڭ: يۇقىرىقى ژۇرنال، ئەينى بەت)

     «پىداكارلىق بىلەن ئىلىم ـ پەن ئۆگىنىش كېرەك. ئۇيغۇرنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى ئۆگىنىش ۋەزىپىسى، مەجبۇرىيىتى ۋە بۇرچى تولىمۇ ئېغىر. پىداكارلىق بولمىسا، ھۆددىسىدىن چىقماق ھەقىقەتەنمۇ  قىيىن. سەن بىر ئۇيغۇر ياشسەن، ئۇيغۇر تىلى بىلەن مائارىپ كۆرمىسەڭ بولمايدۇ، ئۇيغۇر تىلىنى بىلمىسەڭ بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ ئاناڭنىڭ تىلى. ئاندىن خەنزۇ تىلى ئۆگەنمىسەڭ بولمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەمەلىيەتتە دۆلەت تىلى، دۆلەت ئىچىدىكى پەن ـ تېخنىكا تىلى. جۇڭگو پۇقراسى بولۇپ تۇرۇقلۇق، خەنزۇچە بىلمىسەڭ، ئۆزگىنى چۈشەنمەيسەن، ئۆزگىلەر كۆزىدىكى ئۆزەڭنىمۇ چۈشەنمەيسەن. شۇڭا، جۇڭگودا تۇرۇپ، خەنزۇ تىلى ۋە يېزىقىنى بىلمىگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەمەلىيەتتە، ھەقىقىي زىيالىي سانالمايدۇ. ئاندىن، ئىنگلىز تىلى ئۆگەنمىسەڭ بولمايدۇ. چۈنكى، ئىنگلىز تىلى ھازىرقى دۇنيادا ئەڭ ئومۇملاشقان ئۇچۇر تىلى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنى خەلقئاراغا يۈزلەندۈرۈش، ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇشقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تېخى بويى يەتمەيدۇ. خەنزۇ تىلىمۇ ئاجىزلىق قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئىنگلىز تىلى قاتارلىق خەلقئارالىق تىل زۆرۈر بولىدۇ.» (ئېلىندى يۇقىرىقى ژۇرنال 71-بەت) روشەنكى، بۇ خىل زۆرۈرىيەتلەر ئەمەلىيەتتە، بىزدىن يېتىك چىدام، غەيرەت ۋە پىداكارلىق تەلەپ قىلماقتا.

   بىز نېمە ئۈچۈن لوتپۇللاھ مۇتەللىپنى خاتىرىلەيمىز؟ مەزكۇرنىڭ بىر مەشھۇر ئەجداد بولغانلىقى ئۈچۈن ئەسلەپ قويۇش ۋە روھىغا دۇئا قىلىپ قويۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى، ئۇنىڭ جەسۇر روھىنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆرنەك ھاياتىنى ئەينەك قىلىپ، ئۆزلىرىمىزنىڭ قىلىۋاتقان- ئېتىۋاتقانلىرىمىزنى ئۇ بۈيۈك ئەجدادىمىزنىڭ قىلغانلىرىغا سېلىشتۇرۇپ، بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزدىكى نۇقسانلارنى، ئىلمىي ھاياتىمىزدىكى كەمچىلىكلەرنى تۈزىتىش ۋە تۈگىتىش ئۈچۈن ئۆگىنىمىز.

   ئالايلۇق، سىلە-بىزلەرمۇ دەل 21-22 ياشلىق ياشلارمىز. ئانا يۇرتىمىزدىن بەش- ئون مىڭ  كىلومېتىرلاپ ئۇزاقتا، بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئاستانەلەردىن بولغان بېيجىڭدا، بىر ئالى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇۋاتىمىز، بەزىلىرىمىزنىڭ ئوقۇۋاتقىنىمىزغا بىر نەچچە يىل بولۇپ قالدى، ھەتتا ئوقۇش پۈتتۈرەي دەپمۇ قالدۇق. ئەمدى، بىز ئۆزىمىزنىڭ  شۇ چاغقىچە ئۆتكەن ئۆمرىمىزنى ئەجدادىمىز لوتپۇللاھ مۇتەللىپكە سېلىشتۇرۇپ باقايلى، قېنى:  بىز ھەر قايسىمىز ئىنساننىڭ زىلۋا بىر چېغى بولغان ياشلىق دەۋرىمىزنى ئاشۇ  ل. مۇتەللىپ ئېيتقان «ياشلىق، ئۆگەن!» دېگەن ئىلمىي تارازىغا لىق كەلگىدەك قىلىپ ئۆتكۈزەلەپتۇقمۇ-يوق؟ بىزنىڭ ئەتىگەندە سەھەر تۇرالماي قالىدىغان، ئارىلاپ دەرسلەرگە چىقماي قويىدىغان، تاپشۇرۇقلارنى ۋاقتىدا ۋە ئەستايىدىل ئىشلىمەيەيغان، تۈرلۈك دەرسلەرنى جىددىيەت، ئەھمىيەت ۋە مۇھەببەت بىلەن ئەمەس، بەلكى پەقەتلا مۇئەللىمگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاتمىش نومۇر ئېلىش ئۈچۈنلا ئوقۇيدىغان... ئەھۋاللىرىمىز لوتپۇللاھ-لوتۇن ئاكىمىزنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئۈمىدىگە ئويغۇن كېلەمدىكىن-يوق؟

   بوۋىمىزنى خاتىرىلەپ تۆرت كۇپلىت شېئىر يېزىپ قويۇش، ياكى بىر نەچچە بەتلىك ماقالە بىلەن ھەمدۇ-سانا ئوقۇپ قويۇش بىزنىڭ مۇددىئايىمىز ئەمەس، بىزنىڭ مۇددىئايىمىز - شۇ قەدەر ئىپتىخارلىق بوۋىلىرىمىز بىزگە ئۆز ئەمەلىيەتى ئارقىلىق ئۆرنەك بېرىپ ۋە يول كۆرسىتىپ تۇرغان ھالدا، ئىلىم ھاياتىمىزنى بېھۇدە ئۆتكۈزىۋەتمەسلىك؛ پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدىغان بۇ ناياب ئۆمرىمىزنى ئىسراپ قىلىۋەتمەسلىك؛ خۇددى لوتپۇللا بوۋىمىز «ئىجاد- يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاب!» دېگىنىدەك، تىرىشچانلىق، ئىشچانلىق ۋە ئىجادچانلىق ئۇدۇمى بىلەن ياشاپ، ھوسۇللۇق ئەمگەكلىرىمىز ئارقىلىق، يىللارغا، دەۋرگە ۋە تارىخقا مەردانە جاۋاب بېرىشتۇر!

   بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىز تەرەققىيات قەدىمىنىڭ مىسلىسىز تېزلىكى، رىقابەت رېتىمىنىڭ تەقەززاسىز جىددىيلىكى ۋە تاللاش - شاللاش جەھەتتىكى رەھىمسىزلىكى بىلەن، بىزدىن مىڭلىغان ۋە مىليونلىغان قابىل ئىز باسارلارنىڭ يېتىشىپ چىقىپ، لوتپۇللاھ مۇتەللىپ كۆتۈرگەن «ياشلىق، ئۆگەن!» بايرىقىنى تېخىمۇ ئېگىز لەپىلدىتىپ،  مەملىكەت ۋە دۇنيا ئىلىم-پەن ساھەسىدە تېگىشلىك ئورنى بار ئاۋانگارتلاردىن بولۇشنى تەلەپ قىلماقتا!

   بۇ ھالدا، ل.مۇتەللىپنىڭ قىسقا ئەمما مول مەزمۇنلۇق ۋە ھوسۇللۇق ھاياتىنى ئەينەك قىلىپ، ئۇنىڭ ئۆگىنىش روھىنى ئۆرنەك ۋە ئۈلگە قىلىپ، ئىلىم-پەن ساھەمىزدە، زامانغا ياراشقىدەك يېڭى سەۋىيە يارىتىش، شۇنداقلا ئانا يۇرتىمىزدا، ئۇ لوتۇن ئاكىمىز ئارمان قىلغاندەك پارلاق تەرەققىيات مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇمىز بىلەن، ئاڭلىق ھالدا بىر ئۈلۈش كۈچ چىقىرىش سىلە-بىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىمىزدۇر، ئەلۋەتتە!

                                         2012-يىل 16–نويابىر، بېيجىڭدا يېزىلدى.

                                          2013-يىل10-ئىيۇندا، بىر ئاز ئۆزگەرتىلدى.

文章题目汉译:刻苦钻研和拼命学习的好榜样

作者:阿布都鲁甫.甫拉提,中央民族大学维吾尔语言文学系教授,博士,博导。

电子邮箱:teklimakanlik@aliyun.com

联系方式:13717649104

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-21 04:01 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95027
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 562
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 208 سائەت
تىزىم: 2013-4-18
ئاخىرقى: 2015-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 02:18:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جادۇغا باستى كاپىر ئەمما شىيىت ئۆلمەس
كۆمدى تۇپۇراققا خەلقى ئەمما شىيىت ئۆلمەس
لوتپۇللاھنىڭ ئارزۇسى بۇنۇڭلۇق بىلەن ئۇزۇلمەس

قېرىنداشلىرىم مىنى تاشلىۋەتسىمۇ ھەرزامان يۇركۇمنى  قىرىنداشلىرىمغا ھەدىيە قىلىشقا
تەييارمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105994
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2015-2-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 02:34:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلىپتۇ ،

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 03:46:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات.

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 03:50:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەراس، خەت تەھرىرلىگەندە خاتالىق كۆرۇلدىمۇ نېمە؟
ئۇنىڭ ئۇستىگە خەت بەك كىچىككەن ئوقۇپ بولغۇچە كۆزۈم ئاغىرىپ كەتتى.

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.
misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 03:57:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104439
يازما سانى: 166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 907
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 549 سائەت
تىزىم: 2014-3-5
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 05:24:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شائىرىمىزغا بولغان چۈشەنچەم تىخمۇ چۇڭقۇرلاشتى. رەخمەت !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101831
يازما سانى: 191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 685
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 276 سائەت
تىزىم: 2014-1-5
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 06:12:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لۇتۇپۇلا مۇتەلىپ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 90يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز، ئۇ خەلىق قەلبىدە مەڭگۈ ھايات.
[ بۇ يازمىنى Eliyop تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-4-21 06:18 PM ]


ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4222
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20122
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-23 12:32:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت. ئابدورۇپ مۇئەللىم بىز ئۈچۈن شۇنداق ئېسىل ئەسەرلەرنى سۇنىۋاتىسىز. ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ئېسىل ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش