ئۈچ ئەزا ئالىي ئەزا قىلىپ بېكىتىلدى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى،ھەممىڭلارغا مۇنبەر باشقۇرۇش كوللىگىيىسىدىن ئوتلۇق سالام.
يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان نۇرغۇن تور قەلەمكەشلىرى مۇنبەردىن ئىبارەت مۇنازىرە سورۇنىغا جەم بولۇپ،تور دۇنياسىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ ئېسىل ئەسەرلىرىنى تەقدىم ئېتىپ كەلمەكتە.ئالدىنقى يىلنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا،بىزنىڭ پەخىرلىك ئۇيغۇر دوكتۇرلىرىدىن بىلىمخۇمار،تاشپولات روزى،بىلگەجان ...قاتارلىق ئەزىزلىرىمىز ئۆز نامىدا مۇنبەرگە تىزىملىتىپ،ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئەڭ زۆرۈر بولۇۋاتقان تەبىئىي پەنگە ئائىت چوڭ بوشلۇقنى تولدۇرغان ئىدى.ئۇلارنىڭ يوللاۋاتقان تېمىلىرى تور دۇنياسىدىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقان مۇنبەر ئەھلىگە نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىنىشكە قولايلىق شارائىتلار بىلەن تەمىن ئەتكەچكە، ئالدىنقى يىلى ئۈچ ئەزاغا ئالىي ئەزالىق ئۇنۋانى بېرىلگەن ئىدى.
ئالىي ئەزالار دېگىنىمىز مۇنبەردە ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان ئەزالار گۇرۇپىسى بولۇپ،قەلەم قۇۋىتى كۈچلۈك،مۇنبەردە ئەڭ زۆرۈر بولغان تېمىلارنى يوللاپ پۈتكۈل تور ئەھلىگە بىلىم بېرەلەيدىغان،تېتىملىق تېما-ئىنكاسلىرى بىلەن بارلىق ئەزالارغا باشلامچى بولالايدىغان،ھەممە ئىشتا بارلىق ئەزالارغا ئۈلگە بولۇپ ماڭالايدىغان،بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن،ئۆزىنىڭ ياخشى يازمىلىرى ئارقىلىق بىر خاسلىق ،ئۆزگىچە ئۇسلۇب ياراتقان ئەزالار ئالىي ئەزالىق ئۇنۋانىغا ئېرىشەلەيدۇ.
بىز يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان كۆزىتىش،يوللانغان تېما ۋە ئىنكاسلارنىڭ سۈپىتىگە قاراپ تۇرۇپ ئۈچ ئەزاغا ئالىي ئەزالىق ئۇنۋانى بەردۇق.ئۇلارنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە:
1.مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋىرسىنتىنىڭ پېروفېسورى،ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتچىسى ئابدورەئوپ پولات تەكلىماكانىي
مۇنبەردىكى ئىسمى:
رەئوپ
تىزىم نۇمۇرى:106060
بېكىتىشتىكى سەۋەب:ئۇيغۇر تىل تەتقىقاتچىسى،مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋىرسىنتىنىڭ پېروفېسورى،ئۇستاز ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي ئاكىمىز قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ،ئۆزىنىڭ ئېسىل يازمىلىرىنى بارلىق تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى.بارلىق تورداشلار ئۇستازنىڭ مۇنبەرگە كىرىپ ياشلارغا باشلامچى بولغانلىقىدىن تولىمۇ خۇرسەن بولدى.ئۇستازنىڭ ھەربىر يوللىغان يازمىسىنىڭ قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولۇپ،تېمىسىنى ئوقۇغان كىشىگە بەدىئىي ئىستىتىك زوق بېرەلەيدۇ.تەپەككۇرنى ئاچىدۇ.ئويغىتىش كۈچىگە ئىگە.ئۇستازنىڭ مۇنبەرگە قەدەم بېسىشى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تورغا ئۆز ئەسەرلىرىنى بەرمەسلىكتەك ناچار خاھىشنى تۈگىتىش ھەمدە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ مۇنبەرگە قەدەم قۇيۇشى ئۈچۈن يۇرۇق سەھنە ھازىرلاپ بەردى.بىز بۇ جەھەتتە ئۇستاز ئابدۇرەئوپ تەكلىمانىي ئاكىمىزغا چوڭقۇر تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز.بولسا بۇندىن كېيىن ئۇستاز ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئاكىمىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ يازمىلىرىنى يوللاپ،ياشلارغا باشلامچى بولۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
2.ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستۇتىنىڭ دوتسىنتى،تۇنۇلغان تارىخچى خوجىنىياز يوللۇغ تېكىن
مۇنبەردىكى ئىسمى:
yolluqtekin
تىزىم نۇمۇرى
97607
بېكىتىشتىكى سەۋەب:ئاقسۇ زىيالىيلىرىدىن تۇنۇلغان تارىخچى،ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستۇتىنىڭ دوتسىنتى خوجىنىياز يوللۇغ تېكىن ئۆزىنىڭ بۇرۇن ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلغان ھەم ئېلان قىلماي ساقلاپ كەلگەن تارىخقا مۇناسىۋەتلىك ئېسىل يازمىلىرىنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى.ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان مۇنبەرنىڭ تارىخ بەتلىرى سەھىپىسىنى رەڭدار تۈسكە كىرگۈزدى.تارىخ ئارقىلىق مۇنبەردىكى ئەزالارغا ئۆزلۈكنى تۇنۇش،ئۆز تارىخىنى چۈشىنىش ئۈچۈن خالىس ھالدا تېما يوللاپ تارىخ بەتلىرى سەھىپىسىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ كەلدى.مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالار خوجىنىياز يوللۇق تېكىن ئاكىمىزغا چوڭقۇر تەشەكككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز ھەمدە بۇندىن كېيىن تارىخقا ئائىت تېخىمۇ كۆپ يازمىلارنى يوللاپ تۇرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
3.سۆز ئۇيۇنى ۋە قاراتمىلىقى كۈچلۈك نادىر شېئىرلارنى يوللاۋاتقان قەلەمكەش كېرەمجان ياسىن زەپەر
مۇنبەردىكى ئىسمى:
kirimjanyasin
تىزىم نۇمۇرى:
105405
بېكىتىشتىكى سەۋەب:ياش قەلەمكەش كېرەمجان ياسىن يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىپبەسىدىكى 32ھەرپلەردىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا بىر ھەرپ بىلەن باشلانغان سۆز ئۇيۇنى يوللاپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى ئۆز يازمىسىدا نامايەن قىلدى.بىر ھەرپ بىلەن باشلانغان سۆز ئۇيۇنىنىڭ مەزمۇنى ساغلام بولۇپ ،ئويلىنىشقا تېگىشلىك بايانلارنى ئۆز تىلىدا راۋان ئىپادىلەپ توردىكى قېرىنداشلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.كېرەمجان ياسىننىڭ سۆز ئۇيۇنى خارەكتىرىنى ئالغان يازمىلىرى يېزىش مۇرەككەپ بولغان،قىيىنلىق دەرىجىسى يوقۇرى،ئىپادىلەش ئۈچۈن زور ئەقلىي ئەمگەك كېتىدىغان يازمىلارنىڭ بىرى بولۇپ،بۇ جەھەتتە كۆپ يازمىلارنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇپ مۇنبەردىكى مەخەتجان ئاكىمىزدىن قالسىلا،ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى تۇلۇق نامايەن قىلالايدىغان ئەزالارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.كېرەمجان ياسىننىڭ يوللاۋاتقان شېئىرلىرى دورامچىلىق،قېلىپبازلىق،كونىلىقتىن خالىي بولۇپ،مەتبۇئات ئۆلچىمىگە توشىدىغان ،ئۆزگىچە خاسلىق ياراتقان بىر قىسىم نادىر شېئىرلىرىنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى.بۇ جەھەتتە بارلىق تورداشلار كېرەمجان ياسىنغا چوڭقۇر تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز.ياش قەلەمكەش كېرەمجان ياسىننىڭ بۇندىن كېيىن ئانا تىلىمىزنىڭ پاھاسىتىنى نامايەن قىلىدىغان سۆز ئۇيۇنى خارەكتىردىكى يازمىلارنى ھەمدە ئۆزى يازغان شېئىرلارنى مۇنبەرگە داۋاملىق يوللاپ تۇرىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
يۇقۇرقى ئەزالارنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ مۇنبەرگە داۋاملىق ياخشى يازمىلىرىنى يوللاپ تۇرىشىنى ،ئۇيغۇر تور تەرەقىياتى ئۈچۈن ھەسسە قوشۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە ئەل ئۈچۈن خالىس قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىگە چوڭقۇر تەشەككۈرىمىزنى بىلدۈرىمىز.
مۇنبەردە ئالىي ئەزالىق ئۇنۋانىدا قايتا رەتلىنىش ،تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.مۇنبەر باشقۇرۇش كوللىگىيىسى ئورتاق كۆزىتىش،قاراپ چىقىش،ئەزالارنىڭ يازغان تېما ۋە ئىنكاسلىرىغا قاراپ تۇرۇپ ھەر ئىككى ئايدا يېڭىدىن قۇشۇشقا تېگىشلىك بولغان ئەزالارغا ئالىي ئەزالىق ئۇنۋانى بېكىتكەن قارارنى ئېلان قىلىدۇ.شۇڭا،مۇنبەردىكى بارلىق تورداشلارنىڭ مۇنازىرە ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ،تېما ۋە ئىنكاسلارنىڭ سۈپەتلىك،ساغلام ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز.
ئالىي ئەزالارنى بېكىتكەندىن سىرت ئەزالارنىڭ مۇنبەر ئۈچۈن قوشۇۋاتقان خالىس ئەمگىكى،يوللاۋاتقان تېما ئىنكاسلىرىنىڭ سان-سۈپىتى،مۇنبەردىكى جەڭگىۋارلىقى،ئۆزىگە خاس بىر يول تۇتۇپ تورداشلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتىشقا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئەزالارغا مېدال تارقىتىش ئىشىنى باشلاپ كېتىمىز.بۇ جەھەتتە بارلىق تورداشلارنىڭ ئۇيغۇر تور تەرەقىياتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قۇشۇشنى قىزغىن قارشى ئالمىز ھەم قوللايمىز.
مىسرانىم مۇنبىرىنى باشقۇرۇش كوللىگىيىسى
2014-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى.