مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 277|ئىنكاس: 3

توغرا يول ئىزدەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104464
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 41
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 02:28:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                                                                                                              كىشلىك تۇرمۇشىمىزدا يۈز بېرۋاتقان  ئەمەلىي مىساللار بىزنى كۆپ ۋاقىتلاردا تەپەككۇر قىلىپ پىكىر يۈرگۈزىشكە،ئىزدىنىپ بېقىشقا ئۈندەيدۇ،ھەتتا كىچىككىنە تۇرمۇش ساۋاتلىرىمۇ بەزى چاغلاردا  شەيئىلەرگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسر كۆرسىتىپ،ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ.                                                                                                                             بۇ بولسارەشىدەبىلەن رەپقەتنىڭ ئەمەلىي تۇرمۇش كارتىنىسى،ئۇلار كىچىك تۇرۇپلا رەھىمسىز رېئاللىقنىڭ قاتتىق سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈردى ،سەككىز ياشقا توشمايلا ئاقكۆڭۈل،كۈيۈمچان ئانىسىنىڭ مېھىر -مۇھەببىتىدىن مەڭگۈلۈك مەھرۇم قالدى.سەبىي قەلبى ئانىنىڭ مۇھەببىتىگە ،كۈيىنىشىگە تۇلىمۇ مۇھتاج بولۋاتقىنىدا تەقدىر ئۇلارنى بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرىدى، ئۇزاق ئۆتە-ئۆتمەي مېھرىبان دادىسىمۇ  ئوماق پەرزەتلىرىنى تاشلاپ كېتىپ قالدى،چۈنكى ئەر -ئايال ئىككىسلا ئوخشاش بىر خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بۇلۇپ،ئانىنىڭ كېسەلگە قارشىلىق تۇرۇش كۈچى ئاجىز كېلىپ، ياش تۇرۇپلا ھەممىدىن بىراقلا ئايرىلىپ ئۇ دۇنياغا كەتتى…                                                                                                                                 ھەقىقەتەن ئىنسان دۇنياغاتۆت كۈنلۈك مېھمان ،ئەمدى تېخى ھاياتنىڭ ،بەخىتنىڭ قۇچىقىدا ئەللەيلىنىپ شاد--خوراملىققا چۆمگەن،قوشكىزەك پەرزەتلىرى ئەركىن ئۆسۈپ يېتىلۋاتقان پەيىتلەردە بولسا ،تەقدىر -پىشانەبۇ ئىككى ياشنىڭ ھايات مۇساپىسىنى ئاخىرلاشتۇردى.ئۇلۇغ ئاللاھ ھەر ئادەمگە ھەرخىل مۇسىبەتلەرنى  بېرىپ سىناق ئالغىندەك ،بۇ ئىككى ياشتىن ھايات سىنىقى ئالدى ،ھەم بۇ  ئارقىلىق  باشقىلارغىمۇ  ئىبرەت قىلدۇردى .                                                                                                                                ئەجەل!ئۇ ئادەمنىڭ يېشىغا ،ئەمەل -نىشانىغا،پۇل -مېلىغا قاراپ ئولتۇرمايدىكەن ،ھېچكىممۇ ئۆزىنىڭ  ھايات مۇساپىسىنىڭ قايسى ئاچاللىرىغا بېرىپ توختايدىغىنمۇ تەسەۋۇر قىلالمايدۇ ،بۇنى بىلگۈچى پەقەت بىر ئاللاھ! ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ سىز ۋەبىز قوينىڭ قوزىسىدەك ئەتىۋارلىنىپ بەخىتكە مۇيەسسەر بولغان شۇ دەملەردە قانچىلىغان قېرىندىشىمىز يىتىملىك دەرد-ئازابىنى تارتىۋاتىدۇ؟ئەجىبا بىز بۇلارنى ھېس قىلالمايدىغان دەرىجىدىمۇ؟ئەمسە ئۇلارچۇ؟ئۇلار ئەنە شۇنداق ياش ئىدى،ئۇلار ھاياتلىقىدا  ئاللاھقا قانچىلىك قۇلچىلىق قىلالىغاندۇ؟كۆپ ۋاقىتلاردا خىزمەت ،تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى ۋە ھەرخىل سورۇنلار بۇ دۇنيانىڭ راھەت-پاراغىتىنىلا ھېس -قىلدۇرۇپ،ئۇ  دۇنيانىڭ تەييارلىقىنى ئۇنتۇلدۇردى،  تەييارلىقسىز بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز كەتكىنى بىلەن ئۇ دۇنيادىكى سۇئال-سوراقلارچۇ؟ھەممىمىزئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچى !بۇ بىر ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەت ……شۇنداق سورىغىم كېلىۋاتىدۇ  ،ئاللاھقا قانچىلىك ئىبادەت قىلالدىڭىز ،قانچىلىك تەسبىھ ئېيتالدىڭىز؟ ھەر كۈنى بىراۋدىن مۇھەببەت تەلەپ قىلغىنىڭىزدا،ئاللاھنىڭ سىزنى ئۇنىڭدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرۇپ ، ھەر ۋاقىت سىز بىلەن ھەمراھ ئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقىرىپ قويدىڭىزمۇ؟ ئاللاھنى سېغىنىپ ،گۇناھلىرىڭىزغا تەۋبە قىلىپ دۇئا قىلدىڭىزمۇ؟دوس -بۇرادەرلىرىڭىزدىن ئاغرىنىپ يۈرگىنىڭىزدە ،ئاللاھتىن ئەپۇچانلىقنى ،سەبىرنى تىلەپ باقتىڭىزمۇ؟ئويلايدىغان بولساق ئەتراپىمىزدىكى  بىزنى ئويلاندۇردىغان ئىشلار نۇرغۇن،ئۇنداقتابۇ توغۇرسىدا ئويلىنىپ ،تەپەككۇر قىلىپ ئىزدىنىشكە ۋاقىت ئاجىرتىىپ باققانلار قانچىلىك؟                                                                                                                                  ئەلھەمدۇللىلەھ،نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ توغرا يولىنى تېپىش ئۈچۈن توختىماي ئىزدىنۋاتىدۇھەم تىرىشچانلىق كۆرسىتۋاتىدۇ.ھەقنى باشقىلارغا ئايىماي يەتكۈزۋاتىدۇ ،لېكىن ئاز بىرقىسمىمىز يەنە شۇ ئاقماس سورۇنلاردا،مۇھەببەتنىڭ قۇربانى بۇلۇپ ،روھىي جەھەتتىن قەلبىمىزنى زەھىپلەپ،ئۆزىمىزنى ئالداپ  كېلۋاتىمىز.ئۇلۇغ ئاللاھ ھەر ئىسانىنى جۈپتى بىلەن ياراتقان ئىدىغۇ؟ چوڭلاردەيدۇ:《بالام! ھەر ئىشتا ئالدىراپ بىر قارارغا كەلمىگىن،ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرغان ۋاقىت سائىتى بىلەن بولىدۇ 》. شۇڭاقېرىندىشىم،توختىماي مېھرىبان ئاللاھقا ھەمدۇ سانا ،شۈكرىلەر  ئېيتىڭ، ،ئاللاھ ھەممىنى  بىلىپ تۇرغۇچىدۇر!ئاخىردا كېرەملىك ۋە مېھرىبان ئاللاھتىن بارچە قېرىنداشلارغا مەغفىرەت ئاتاقىلشنى،ھىدايەت قىلىشىنى تىلەيمەن،قەلبىڭلار ئىمان بىلەن ،ھاياتىڭلار ئىسلام بىلەن ،كۆڭلۈڭلار ئىھسان بىلەن تولغاي!يولۇڭلار جەننەتكە قەدەر راۋان بولغاي،ئامىن!  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @0 q/ h4 E* l) w; z. q0 [5 O# \$ ]‏‏ئەسسالاممۇئەلەيكۇم مىسرانىم باشقۇرغۇچىلىرى!بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم يازما يوللىشىم،،بەلكىم بەزى خاتالىقلار ۋە نۇخسانلار بۇلىشى مۇنكىن ، تەسستىقلانماي قالسا ياخشى تەكلىپ -پىكىر بېرىشىڭلەرنى ئۈمۈد قىلىمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-21 04:49 PM  
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! d6 E$ r( F$ s9 D2 Wبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @7 O  G* Q8 P% w+ x% V

ئۇچقۇن يانفۇن رىمۇتچىلىق مۇنبى

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82629
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 893
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 212 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2014-7-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 06:56:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بولسا ئىملا خاتالىقلىرىنى تۈزىتىۋەتكەن بولساڭلار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105297
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 157
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2014-3-25
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 10:21:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە ھەممىمىزنىڭ دىلىنى بىرگە قىلسۇن. امىن

ئابباس

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 775
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1793
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 552 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2014-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-22 12:48:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ دىلىمىزغا ئىمان ئاتا قىلسۇن، تېما ئىگىسىگە كۆپتىن-كۆوپ رەھمەت.

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش