مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2703|ئىنكاس: 23

پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103400
يازما سانى: 237
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2346
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 354 سائەت
تىزىم: 2014-2-10
ئاخىرقى: 2014-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 10:23:58 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

‏‏پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن

‏ئەبۇ غازى

پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن ،
‏پاك ۋىجدان سەمىمىي غۇرۇرلىقىڭدىن .
‏تارىخلار بېتىدە ئۆچمەس سەھىپەڭ،
‏جاسارەت بابىدا غەيۇرلىقىڭدىن.

‏ئەقىل ھەم ئىدراك مۇجەسسەم سەندە ،
‏ئەرلىرىڭ باھادىر باش ئەگمەس جەڭدە.
‏شەھىدلەر ھاياتتۇر جىسمىدۇر گۆردە،
‏‏پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن .

‏ئىزناسى ئۆچمىگەن ئالىملىرىڭدىن،
‏تەكلىماكان تەڭرىتاغ تارىملىرىڭدىن.
‏تارىختا زەپ قۇچقان خاندانلىقىڭدىن،
‏‏پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن .

‏ئۇيغۇردا بىرلىك يوق كىم دېدى ساڭا،
‏پەرۋامۇ قىلمىغىن قىلچىلىك ئاڭا .
‏ئۇيغۇرۇم قۇرام تاش ئىشەنگىن ماڭا،
‏‏پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن .

‏ئىمان بار ئىنساپ يوق دەركەن نائەھلى،
‏ئۇيغۇرۇم ئىنساپسىز ئەمەستۇر ئەسلى.
‏تۆھمەتكە قارشىدۇر ئۇنىڭ جان جەھلى،
‏‏پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن .

‏ئۇيغۇردۇر ئۇيۇشقاق ئاتالغان مىللەت،
‏مىللەتلا  بولاركەن تېپىلار ئىللەت.
‏ئىللەتنى تۈزىسەك چاقنايدۇ خىسلەت،
‏‏پەخىرلەن ئەي ئۇيغۇر ئۇيغۇرلىقىڭدىن .



‏ئاپتور:ئەبۇ غازى
‏2014.4.20



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gulsumay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-20 10:36 PM  


ئۇيغۇر ئوغلى

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 4232
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 20182
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1676 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 10:37:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپەككۇرى كۈچلۈك. شۇنداق ئېسىل ئەسەردىن بىرنى يوللاپسىز، ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

ئەرلەر مىللەت ئۈچۈن مۇش تۈككەندە، ئاياللار مىللەت ئۈچۈن ياش تۆككەندە مىللەت گۈللىنىدۇ!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76561
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3026
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2012-2-25
ئاخىرقى: 2014-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 10:39:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ياخشى ئەسەركەن ،   رەھمەت دوستۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82685
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4575
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 223 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 11:14:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياشلىق ئۇ-ئۆمىرنىڭ تۇنجى باھارى،
باھارغا باغلىقتۇر بىر يىلنىڭ كارى.
نىمە چاچسا يەرگە باھاردا دېھقان،
شۇنىڭ بىرلە توشقاي كۈزدا تاغارى.

misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 11:48:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88626
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 357
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-12-15
ئاخىرقى: 2014-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 11:57:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شېئىرىڭىزنى يېزىشقا كەتكەن ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر. بۇنداق شۇئارچانلىقى كۈچلۈك ۋاقتى ئۆتكەن شېئىرنى بولسا يازماڭ. بۇندداق گەپلەرنى ئاڭلاپ كېلىۋاتقىلى ئۇزۇن زامانلار بوپ كەتتى، يېڭى يېڭى تەسەۋۋۇرلىرىڭىز بولسا يوللاپ تۇرۇڭ. بولمىسا مىللەتنىڭ ئۆزى ھەل قىلالىغۇدەك ئەمەلىي مەسىللرىدىن بىر قانچە دەپ بەرسىڭىزمۇ ھىچكىم سىزنى شېئىر يازمايدۇ دېمەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 11:58:54 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئەبۇغازى قېرىندىشىم! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!شىئېرىڭىز ھەرقايسى تەرەپلەردىن بەك ياخشى چىقىپتۇ!……………

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105289
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 134
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2014-3-25
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 12:10:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 12:16:05 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! شىئېرىڭىز بەك ئېسىل چىقىپتۇ ، بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن …
ھەر بىرىمىز ئۇيغۇر مۇسۇلمان بوپ قالغىنىمىزدىن پەخىلىنىشىمىزگە تىگىشلىك اللە قا چەكسىز شۈكرىلەر بولسۇن ،  تارىختىكى كەچۈرمىشلىرىمىزگە قارىغاندا ئورنىمىزدا باشقا مىللەت بوپ قالسا نىمە بوپ كىتەتى دەپ ئويلايمە ، ھەممىنى بىلگۈچى بىر اللە !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1640
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1900 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-21 12:18:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىئېر ياخشى  چىقىپتۇ      لىكىن سەل   قىسقا بوپ قالدىمۇ قانداق         بۇداقى قېتىمدا   سەل ئۇزارتىپ    يېزىڭ         مەن تازا قىزىپ ئوقۇپ كىتىۋېتىپ      ئىنكاسلارنىمۇ  شىئېرى  شەكلىدە  ئۇقۇپ كىتىپتىمەن تېخى                 چاخچاق قىپ قويدۇمغۇ       20 يىلنى كۆتۈرگەن ئادەم  بۇ چاخچاقنىمۇ كۈتۈرۋىتىدۇ      

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش