يۈرەك يىغلايدۇ!(سۆز ئويۇنى)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ J" J) f" Q' k1 L& d+ Eھەسەنجان ئابدۇراخمان
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @: E6 H2 ]+ S7 A% ^
ياپىلاق يۈزلۈك، ياداڭغۇ، ياسانچۇق، ياپا ياخشى يەرلىرى يالاڭ يۈرىدىغان ياغلىقسىز ياسىمەنگۈلنىڭ يالغان ياۋىداق ياغلىمىلىرىغا ياندىشىپ، يالغۇزلىقنى ياقتۇرىدىغان ياش يىگىت يەھيا يەنىلا ياسىمەنگۈلنى ياقتۇردى. يالغۇزلىقتا ياستۇققا يىغلاپ ياتىدىغان ياسىمەنگۈلگىمۇ يەھيا ياخشى يارىشاتتى.
يىللار ياتلىشىپ يېڭى يىلغا يىتىشتى. يەھيا ياسىمەنگۈلگە يىمىگەننى يىگۈزدى، ياسىمەنگۈلنىڭ ياداڭغۇ ، ياپىلاق يۈزى ياغلاشتى؛ يېڭىدىن ياساندۇردى، يالاڭ يەرلىرى يەنە يېپىلمىدى.
يەنە يېڭى يىل يىتىشتى. يەھيا ياسىمەنگۈلنى يېتىلەپ يەنە يېڭىدىن ياساندۇرى. يەھيانىڭ يېقىنى يىمىت يىراقتىن ياسىمەنگۈلگە يالتايدى، ياسىمەنگۈلنىڭ يېنىدا يەھيا يۈرسىمۇ، يىمىتكە يالغۇزلۇقتا يىمىرىپ يۈرگەن يەرلىرىنى يەنە يىمىردى. يەھيانىڭ يېقىنى، يار - يۆلىكى يىمىت يالغۇزلۇقتىن يالتىيىپ ياسىمەنگۈلگە يۈزىنى ياقىدىغاندەك ياندۇرۇپ يالتايدى. ياسىمەنگۈلنىڭ يۈزى يورۇقلاندى...
ياز يېتىشتى. ياسىمەنگۈل يەھيادىن يۈز يىرىپ، يىمىتنى ياقتۇرغانىدى. يىمىت ياسىمەنگۈلگە يۈرىكىنى يالغاندىن يېرىپ، ياسىمەنگۈلگنى يوغان ياتاقلاردا ياتقۇزدى، يىمىت ياسىمەنگۈلنىڭ يالغۇز يېتىشىدىن يامانلىق يەپ، يېنىدا ياتتى...
ياسىمەنگۈل ياتاقتىن يانغان يىگىرمىسىدە يىمىتكە ياقا يىرتىپ يىغلىدى. ياسىمەنگۈلنىڭ يىرگىنىشلىك يىغىسىدىن يىمىتنىڭ يۈرەك يارىسى يالقۇنلىدى ، يۈرىكى يىغلىدى. يىمىت يەھيادىن يۈزىنى يىرىسىمۇ ، يەھيا يىمىتتىن يامانلىق يىسىمۇ ، يەھيا يۈزىنى يىرىمىدى...
يەھيامۇ ، يىمىتمۇ ، يالاڭ يۈرىدىغان ياسىمەنگۈلمۇ يالغۇز ياشىدى...
ــــــــ ياش يازنىڭ يىگىرمىسى ، يەكشەنبە يېزىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئۇتغۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-20 07:52 PM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @ s( U9 h* q( b O/ D) hبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! b# W; j6 f6 C