ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ئەھۋالىڭلار ياخشىمۇ!
دوسلار، تور دۇنياسى ئۇچقاندەك تەرەققى قىلغان بۈگۈنكى كۈندە، نۇرغۇنلىرىمىز كۈندىلىك ئىش-پائالىيەتلىرىمىزدە
تور مەشغۇلاتىدىن ئايرىلالمايمىز.
ھازىر كۆپىنچە تورخۇمار دوسلار يانفۇندا تورغا چىقىمىز، بىز يانفۇنىمىزدا ئۆزىمىز ياقتۇرىدىغان تور بىكەتلەرنى بىمالال زىيارەت قىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمىز...
www.yanfun.cc يەنى (يانفۇن قانىلى) تور بىكىتى بىزنىڭ بۇ ئارزۇلىرىمىزنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى <يانفۇن ئۇلىنىش جەمگاھى> ئەپ دىتالىنى، مۇۋاپىقىيەتلىك ياساپ چىقىپ، كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندى.
بۇ ئەپ دىتالى:
مۇنازىرە مۇنبەرلىرى
تەۋسيە تور بىكەتلەر
ئۇنۋېرسال بىكەتلەر
ئاخبارات-ئۇچۇر
كەسپى مۇنبەرلەر
مائارىپ تور بىكەتلىرى
تىخنىكا بىكەتلىرى
ناخشا بىكەتلىرى
mtvبىكەتلىرى
كىنو بىكەتلىرى
ئۇيغۇرچە بىلوگلار
قۇلايلىق ئۇلىنىشلار
تەنتەربىيە تور بىكەتلىرى
ياردەم.
قاتارلىق تۈرلەردىكى جەمئى 100نەچچە خىلدىن ئارتۇق تور بىكەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن، ئىنتايىن مۇۋاپىقىيەتلىك چىققان ئەپ دىتالى بولۇپ،نۇرغۇن ئىقتىدارلارنى ھازىرلىغان، سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن تامامەن چىقالايدۇ.
يانفۇن تورى بۇ ئۇلىنىش ئەپ دىتالىنى تىخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، 4-ئاينىڭ 13-كۈنى يەنە بىر نەچچە خىل تور بىكىتىنى قوشقان ئاساستا،ئىقتىدارىنى تىخىمۇ ئاشۇرۇپ يىڭىلاپ چىقتى.
ئالدىنقى قىتىم ئېلان قىلىنغان ئۇلىنىش دىتالى تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە ئېرىشىپ بىرقانچە كۈندىلا كۈندىلىك ئىشلىتىش قىتىم سانى 5000 دىن ئېشىپ كەتتى، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىقتىدارى، ۋە سۈرئىتىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇلغان ئاساستا يانفۇن مۇنبىرى ۋە روھلان مۇنبىرىدىكى يېڭى تىمىلارنى كۆرۈش ئىقتىدارى قوشۇلدى.يەنە مەزكۈر دىتالنىڭ سىغىمى كىچىك، ئىقتىدارى يۇقىرى بولۇپ ئۇيغۇرچە قوللىمايدىغان ھەرقانداق ئاندىرويىد تىلىفۇندا ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە كۆرسىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. يانفۇنىڭىزدىكى تور كۆرگۈچنىڭ بارلىق ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ يانفۇندا ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى زىيارەت قىلىشىڭىزدىكى ياخشى ياردەمچى بولالايدۇ.
ئەپ دىتالىدىن كۆرۈنىش:
ھازىرچە بۇ ئەپ دىتالىنىڭ ئاندىرويىد نۇسقىسى چىقىرىلدى. كىيىنكى قەدەمدە يانفۇن تورى بۇ ئەپ دىتالىنىڭ
ئايفون، ۋە ۋىندوۋىسفون نۇسقىسىنى ئىلان قىلىپ كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنماقچى.