ھەممە ئىشنىڭ مومكىنچىلىقى بار ئامىركا پىرىزدىنتى - ئوبامانىڭ ياشلارغا قىلغان سەمىمى 62 نەسىھىتى( ھەممە ئىشنىڭ ممكىنچىلىقى بار) دىگەن كىتاپنىڭ كىرىش سۆزىدىن تەرجىمە قىلىندى
بىز قاينام تاشقىنلىققا تولغان دەۋىردە ياشاۋاتىمىز، بۇ دەۋىردە ھەرقانداق ۋاقىتتا مۆجىزە يۈز بېرىپ تۇرۇشى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ئۇلۇغۋار خىزمەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىغا تۇرتكە بولۇشى مۈمكىن.لېكىن بىز ئۆز قەلبىمىزنى پاكلاشتۇرۇشقا مۇھتاج.ئۆزىمىزگە بولسا تېخىمۇ يىراق بولغان نىشانغا يېتىشقا يول باشلاش ئۈچۈن نەزەر دائىرىمىزنى مول قىلىشىمىز كېرەك.
كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممىتى كۈرەش قىلىشتۇر،ئەگەر بىز تەبىئى ئاپەت ۋە قىيىنچىلىقلار تەرىپىدىن چەكلىنىپ قالساق،ئۇ چاغدا نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرالماي قالىمىز.شۇنىڭ ئۈچۈن بالدۇراق ھەركەتكە كېلىپ،ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىمىز لازىم. مانا بۈگۈنكى كۈندە بىلاك.ئوباما ئىسىملىك بىر قارا تەنلىك ئۆزىنىڭ ئەقىل پاراسىتى بىلەن ھاياتىدا ئاجايىپ كارامەتلەرنى ياراتتى.ئۇ قىلالىغان يەردە بىزمۇ چوقۇم قىلالايمىز.
ئامىرىكىنىڭ پۈتۈن يەر شارىدىكى تەسىر كۈچى كۈندىن-كۈنگە ئاجىزلاۋاتقان شارائىتتا ئوباما تۇيۇقسىز پەيدا بولدى. ئۇ ئۆز رەقىپلىرىنى ،قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ،‹‹خارۋارد قانۇنشۇناس ئوبزورى›› ژانىرىدىكى تۇنجى قارا تەنلىك مەسئۇل مۇھەرىردىن فېدىراتسىيە پارلامىت ئەزاسىغىچە ،ئاندىن فېدىراتسىيە پارلامىت ئەزاسىدىن ئامىركىدىكى تۇنجى قارا تەنلىك زوڭتۇڭغىچە بولغان جەرياندا پەقەت 20يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئارقا-ئارقىدىن مۆجىزە ياراتتى. ئوبامانىڭ زوڭتۇڭ بولغانلىقى جاكارلانغان چاغدا ھىچكىممۇ كىچىكىدىن تارتىپ ھىندونوزىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ قارا تەنلىككە ئىشەنمىگەن ئىدى. ئوباما ئۆز رەقىپلىرىنى يېڭىپ زوڭتۇڭلۇق تەختىگە ئولتۇرغان چاغدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمىگەن ئىدى. لېكىن ئۇلار پەقەت ئوبامانىڭلا شۇ چاغدىكى ئامىرىكىنى قۇتقۇزالايدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە تىرىشاتتى.بۇ خىل بۇرۇلۇش ئوبامانى تەڭداشسىز كىشىگە ئايلاندۇردى. شۇنداقلا يەنە نۇرغۇنلىغان گاڭگىراپ قالغان ياشلارنى گۈزەل كەلگۈسىنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلدى.
ھازىر بىز ئوبامانىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىنى ئەسلەپ ئۆتۈدىغان بولساق، ئۇنىڭ تالانتىغا ئەجەپلەنمەي تۇرالمايمىز. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپلا ھىندونوزىيەدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، ئاتا-ئانىسى ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرغۇدەك ئۆتمۈشى بولغان. ئۇ زەھەرمۇ چېكىپ باققان،ئۆزىنىڭ ئوقۇشىغا شۇنچىلىك بىپەرۋالىق قىلغان،مانا مۇشۇنداق بىر ئادەم غەلبىلىك ھالدا ئامىرىكانىڭ زوڭتۇڭى بولدى ،بىز بۇ مۆجىزىگە ئاپىرىن ئوقۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،ئوبامانىڭ ئۆتمۈشىدىن ئۇنىڭ غەلىبە قىلىشتىكى تەجرىبىسىنى تېپىپ چىقىپ،ئۆزىمىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى ھاياتلىق مۇساپىمىزنى تېخىمۇ گۈزەل قىلساق بولامدۇ -يوق؟
يۇقارقىلارنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا بىز بۇ ‹‹ھەممە ئىشتا مۈمكنچىلىكى بار ـــ ئوبامانىڭ ياشلارغا بەرگەن 62سەمىمى نەسىھىتى›› دىگەن كىتاپنى تۈزۈپ چىقتۇق. بۇ كىتاپنىڭ نۇرغۇنلىغان ئىگىلىك تىكلەش ئالدىدا تۇرغان ياشلىرىمىزغا توغرا يۆلۈنۈش بولۇشىنى،ئۇلارنىڭ كېيىنكى كىشىلىك ھاياتقا تېخىمۇ ياخشى يۈزلۈنىشىنى، ئۆز غايىسىنى توغرا تىكلەپ ئۆزىنىڭ نىمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىگىنى ، نىمە قىلىش كېرەكلىگىنى بىلىۋېلىشىنى، شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھاياتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.
بۇ كىتاپ غايە ،ئېتىقات،پىسخىك،ھەركەت،ئۈگۈنۈش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئوبامانىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىش جەريانىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇپ، كىتاپتا بىر خىل خاسلىقتىن پايدىلىنىپ ،شۇ جەۋھەرلەر ئىچىدىن ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىسى بار،قىممىتى بار ئۇچۇرلارنى قېزىپ چىقىپ،ئوقۇرمەنلەرگە ئوبامانىڭ نىمە ئۈچۈن غەلبە قىلغانلىقىنى شۇنداق ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ئۇلاردا شۇ ئارقىلىق قەلبىدە كۈرەش قىلىش ئوتىنى يالقۇنجىتالايدۇ.
كىتاپتا ھەر بىر كىچىك ھالقىلاردىن تارتىپ ئوبامانىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى، ئۇنىڭ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغۇدەك ھىكايىلىرى سۆزلەنگەن .دەل مۇشۇنداق كىچىك ھالقىلار ،كىچىك ھىكايىلەر ئوبامانىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە جاھاننى زىل-زىلىگە كەلتۈرگۈدەك ئۆزگۈرۈشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.بۇنىڭ ئىچىدە نىشانى،غايىسى،كۈرەش قىلىش ئىرادىسى،ئىدىيەسى قاتارلىقلار بار. بۇلار ئۇنىڭ كېيىنكى قەدەمدە باسىدىغان يولىنى بەلگىلەپ بەردى.شۇنداقلا ئۇنىڭ قانداق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ يۈكسەكلىككە قانداق ئېرىشىدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بەردى.
ئوبامانىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىن بىز نۇرغۇنلىغان ئۆمۈر بويى نەپ ئالالايدىغان نەرسىلەرنى ئۈگۈنەلەيمىز.مەسىلەن تاللاش يولىدا ئۇ تاللىغان يول مەيلى قانچىلىك ئەگرى –توقاي بولىشىدىن قەتئى نەزەر ئۆز غايىسىگە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان يولنى تاللىدى.غايە جەھەتتە بولسا ئۇ بىر قارا تەنلىك ،ئۇ زوڭتۇڭ بولۇشنى ئارزۇ قىلغان چاغدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنى ئەخمىقەنە خىيال قىلىدۇ دەپ قارىدى. لېكىن ئوباما ئۇنداق قارىمايتتى،ئۇ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇردى ھەم شۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىپ ئەڭ ئاخىرىدا غەلبە قىلدى. باشقىلاردىن ئۈگۈنۈش جەھەتتە بولسا ئوباما ئۆز سالاھىتىنى پەش قىلىپ (پايدىلىنىپ) تەكەببۇرلۇق قىلماستىن ئەكسىچە كەمتەرلىك بىلەن ئۆزىدىن مول تەجرىبىگە ئىگە كىشىلەردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۈگەندى.بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسى جەھەتتىكى يېتەرسىزلىگىنى تولدۇردى....
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىشىگە مەدەت بېرىدىغان مىساللار كىتاپنىڭ ھەممە يېرىدە ئۇچراپ تۇرىدۇ.بىز بۇ كىتاپنى ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تونۇپ يېتىپ ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز.بەلكىم بۇ كىتاپ سىزنىڭ يۈزدە يۈز غەلىبە قىلىشىڭىزغا كاپالەتلىك قىلالمىسىمۇ ھىچ بولمىغاندا سىزنىڭ كىشىلىك ھاياتتىكى مۇساپىڭىزنى تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك قىلالايدۇ ھەم قىممەتكە ئىگە قىلالايدۇ.
نۇرغۇن چاغلاردا ئادەمدىكى ئاڭ سېزىم ئادەمنىڭ ھەركىتىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.پىكىر قىلىشنى بىلگەن ،ئىزدىنىشنى بىلگەن كىشىلەرنىڭ غەلىبە قىلىش مۈمكىنچىلىگى بار. بىراق رىئال تۇرمۇشتا بولسا بىز يا ئۆزىمىزنىڭ تەسەۋۇرىغا بېرىلىپ كەتكەن بولىمىز ۋە ياكى بېشى قايغان پۇتى تايغان يەردە يۇگۈرەپ يۈرۈيدىغان ئادەمدەك قاراملىقنى قىلىپ يۈرۈپ ھاياتىمىزنى بىھۇدە ئۆتكۈزىۋاتقان بولىمىز. شۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى ئەگەر ئۆزىمىزگە خاس بولغان ئاڭ قۇرۇلمىسى بولمايدىكەن ،غايىمىز ئۈچۈن قانچە ئەجىر قىلساقمۇ ئەڭ ئاخىرىدا قىلغان ئەجرىمىزنىڭ ھىچقانداق پايدىسى بولمايدۇ.
بۇ كىتاپنى ئوقۇش جەريانىدا كىتاپ سىزگە داۋلىلارنىڭ ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ ئاتالمىش داۋلىلارنى چۈشەندۈرۈپلا قالماي يەنە سىزنىڭ تەپەككۈرىڭىزنى ئىختىيارسىز ھالدا جاللاندۇرۇپ ،پىكىر يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىڭىزنى قوزغايدۇ ياكى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
ئەگەر بىر ئادەم كىتاپ ئوقۇش جەريانىدا ئۆزىگە خاس بولغان پىكىر يۈرگۈزۈشنى بىلمىسە ئۇ بەكلا مەنىسىز بىر ئىشقا ئايلىنىپ قالغان بولىدۇ. بۇ كىتاپ سىزنىڭ كۆزىڭىزنى يورۇتۇپ بېرىدۇ، سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزنى تېخىمۇ جانلىق ،ئوي -پىكرىڭىزنى تېخىمۇ زىيادە قىلىپ بېرىدۇ. مۇشۇ ئارقىلىق خۇلاسە چىقىرىپ سىزنىڭ ئىدىيەرىڭىزگە تەسىر قىلىپ، بۇندىن كېيىنكى ھايات سەپىرىڭىزدە مۇشۇنداق ئەگرى-توقايلىقلارغا دۇچ كەلگەندە باش بولۇپ توغرا يول تاللىشىڭىزغا تۈرتكە بولىدۇ.
ئەڭ ئاخىرىدا مۇشۇ كىتاپنى ئوقۇپ چىققان ياشلىرىمىزنىڭ بۇ كىتاپتىن نەپ ئېلىشىنى چىن قەلبىمىزدىن ئۈمۈت قىلىمىز. ھەممىمىز ھەركەتكە كېلىپ،ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرايلى.
كىتاپنىڭ تولۇق نۇسخسى، ھەم ئىلكىتاپ نۇسخىسىنى
مىنى بىسىپ چۈشۈرۈڭ