ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى بارلىق ئىلىمخۇمار قېرىنداشلار. ئالدىنقى ھەپتە مۇنبەردىكى
مۇنداقمۇ ئۇيغۇر كەشپىياتچى بار ناملىق تېمىنى كۆرۈپ، سەل يېنىكلىك قىلىپ، تولۇق ئويلانمايلا ئوبزوردىن بىرنى ئېلان قىلغانتىم. بۇ ئوبزور قىسقىغىنە ۋاقىتتا 4000 قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلۈپ، 60قېتىمدىن ئارتۇق ئېنكاسقا ئېرىشتى. شۇنداقلا ئەسلى تېمىدىكى "كەشپىياتچى"مۇ ماڭا ئايرىم ئۇچۇر يېزىپ، ئېتىراز بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن سىرت بەزى قېرىنداشلىرىمىز ئاق قارىنى ئايرىمايلا مېنى باشقىلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنى قوللىمايدىغان ئىچى تار ئادەمگە، ھەتتا ئۆز مىللىتىنى قوللىمايدىغان ساتقىنغا چىقارغىلى تاس قالدى. يەنە بەزى قېرىنداشلىرىمىز "ھېلىقى ئوبزورچى پەيلاسوپ قېنى" دەپ مەندىن ئەنسىرەپمۇ قالدى.
مەن بۈگۈن شۇ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىش بىلەن بىرگە، شۇ "كەشپىياتچى" غا بىر نەچچە سۇئال قويماقچى.
1. سۇنى يېقىلغۇغا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلمىسىنىڭ پىرىنسىپى نېمە؟ بۇ ھەقتە ئىلمىي ماقالەيازدىڭىزمۇ؟ شۇ قۇرۇلمىغا پاتنېت ھوقۇقى ئىلتىماس قىلدىڭىزمۇ؟ پاتنېت نۇمۇرى قانچە؟ بولسا مۇشۇ مەزمۇنلارنى قوشۇپ يوللىسىڭىز، بىزمۇ تەكشۈرۈپ كۆرسەك. ئەگەرھەقىقەتەن سىز دېگەندەك بولسا، بىزمۇ تەڭ چاۋاك چېلىپ تەبرىكلىسەك.
2. سىزئەۋەتكەن ئىجادكار تورىدا "دەرىجىدىن تاشقىرى توك قاچىلىغۇچ" ناملىق"كەشپىيات"ىڭىز ۋە ئېلاندىن باشقا مەزمۇن يوقكەن، بولسا شۇ"كەشپىيات"ىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، پاتنېت ھوقۇقى گۇۋاھنامىلىرىنىمۇ قوشۇپ يوللاپ قويسىڭىز، تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولاتتى.
3. توك قاچىلىغۇچىڭىزنىڭ ئېلانىغا ئىشلەتكەن رەسىمدە ئۇيغۇرچە ئىجادكار ماركىسى چاپلانغان قاچىلىغۇچ ئىكەن، لېكىن سىن ھۆججىتىدە ئىشلەتكىنىڭىز خەنزۇچە ماركا چاپلانغان"نۇسخىسى" ئىكەن. سىز سىنغا ئالغاندا ئۆزىڭىزنىڭ ماركىسىنى چاپلاشنى ئۇنتۇپ قالغانمۇ ياكى "قۇيرۇق كۆرسىتىپ ئۆپكە سېتىۋاتامسىز؟"
4. ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ كەشپىياتى بولسا، ئۆزىڭىز ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان بولسىڭىز، زاۋۇتىڭىزنىڭ ئادرىسى قەيەردە، قانچىلىك ئىشلەپ چىقىرىش لېنىيىسى بار؟ قانچە ئادەمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردىڭىز؟
5. سىن ھۆججىتىگە قارىسام، ئۆزىڭزمۇ خېلى ئۇقۇمۇشلۇق ئادەمدەك قىلىسىز. بىزمۇ ساۋاتسىز قارا قورساق ئادەم ئەمەس، بۇ قۇرۇلمىڭىزنىڭ پىرىنسىپى نېمە؟ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىڭىز قېنى؟ بۇلارنى قوشۇپ يوللىسىڭىز بىزمۇ ئوقۇپ چۈشىنەلەيمىز بەلكىم.
6. ماڭايوللىغان ئۇچۇرىڭىزدا ئىملا خاتالىقى بەك كۆپكەن، سىزنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىڭىز ئىملا قائىدىسىنى ئۈگەتمىگەنمۇ ياكى سىز دەرسنى ياخشى ئاڭلىمىغانمۇ؟
7. ئىملا قائىدىسىنى ئۈگەتمىگەن بولسىمۇ مەيلى، لېكىن ئاتا- ئانىڭىز ئەدەپ قائىدەئۆگەتمىگەنما؟ مۇنبەردە ھەممە ئادەمگە ئايرىم ئۇچۇر يوللاپ، خېلى قاتتىق گەپ-سۆزلەربىلەن تىللىۋاپسىز، بۇنداق ئەدەپسىز، قائىدە-يوسۇنسىز ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى ئاتا-ئانىڭىز بىلەمدۇ؟
يۇقارقى 7 سۇئالغا جاۋاب بېرىشىڭىزنى كۈتىمەن.
& @2 H0 i4 d# vئەمدى مۇنبەردىكى قېرىنداشلارنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرەي.
ئىلىم- پەن پاكىتقا ئىشىنىدۇ. ئەگەر ئۇ قېرىندىشىمىز ياسىغان نەرسىسىگە ئىلمىي ئاساستا چۈشەنچە
بېرەلمىسە، بۇنى ھېچقانداق ئادەم ئېتىراپ قىلمايدۇ. بەزى قېرىنداشلىرىمىز شۇ "كەشپىياتچى" يوللىغان ئۇچۇرنى كۆپ مىقداردا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپتۇ، بۇ ئىنتايىن ئورۇنسىز بىر ئىش بولدى.
( N5 S+ n, O1 f K# b1 V# v
ئەمەلىيەتتە، ئۇ "كەشپىياتچى"نىڭ كەشپىياتلىرى راستمۇ، يالغانمۇ مەن بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. لېكىن ھازىر بەزى ئىنسابسىز سودىگەرلەر، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەنگەن سۈپەتسىز مەھسۇلاتلارغا ئۇيغۇرچە ماركىدىن بىرنى چاپلاپلا بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىز دەپ سېتىۋاتىدۇ. تېخىمۇ ئىنسابسىزلىرى بولسا، قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خەنزۇتىلىدا پىششىق بولماسلىقتەك كەمچىلىكىدىن پايدىلىنىپ، ۋاكالەتچى چاقىرىش نامىدا، شاخلىتىپ سېتىش پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ( شاخلىتىپ سېتىش بولسا دۆلىتىمىز قانۇنىدا ئېنىق چەكلەنگەن قانۇنسىز سودا قىلمىشى) . شۇڭا، مەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھۇشيار بولۇپ، يالغان- ياۋىداق خەۋەرلەرگە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.
7 y6 W0 r; j) H7 l( _مەنبەسى
! x! _ c- v( c7 Z) o* Z8 Q2 J% B! ?
ئۆزۈم
8 n. [! r& x2 h بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Yarmohammed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-20 03:51 PM ( t$ ]# R# ]- c6 H, N
( Y/ F3 s: n: a, k( K" C