مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3585|ئىنكاس: 58

ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاسمىنىدىكى نۇرلۇق يۇلتۇز-خانىش ئاماننىساخان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80305
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3200
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 22 سائەت
تىزىم: 2012-5-18
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 02:13:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

  ئۇيغۇرمەدەنىيەت ئاسمىنىدىكى نۇرلۇق يۇلتۇز-خانىش ئاماننىساخان


مەممەتجان ئابدۇللا

شەرق مۇزىكىسىنىڭ گۈلتاجى دەپ نام ئالغان ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ رەتلىگۈچىسى خانىش ئاماننىساخان تەۋەللۇتىنىڭ 480 يىللىقىنى قۇتلۇقلاپ!

ئۇيغۇركۈلتۈرۈلگە نۇرلۇق چوبان،

خىسلىتىڭگە ئايمۇ ھەمراھ بىزمۇ ھەم.

سەن تاراتقان مۇقام كۈيى بىرلە،

لەززەت ھەم ئىززەت تاپۇر ئۇشبۇ تەن.

  مىلادىيە 1534-يىلى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئاسمىنىغا بىر نۇرلۇق چوبان ئاپىرىدە قىلىندى. بۇنۇرلۇق يۇلتۇزنىڭ ئاپىرىدە قىلىنىشى، دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى شۇنداقلا ئۇيغۇرمەدەنىيەت تارىخىدا زور يۈكسىلىشلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا مەدەنىيلىشىشى، گۈللىنىشى، يۈكسىلىشىگە ئاساسىي ئۇل ھازىرلاپ بەردى.

  بۇنداق تارىخىي خارەكتىرلىك ئۆزگۈرۈشنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت سەھنىسىدە تېخىمۇ جۇلالىنىپ تۇرۇشىغا، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ رەتلىنىشىگە ئالاھىدە تۆھپە قوشقۇچى، «ئىشرەت ئەنگىز‹ھاياتنى جانلاندۇرغۇچى›»مۇقامىنىڭ ئىجادچىسى، «دىۋان نەفىسىي ‹شېئىرلار توپلىمى›»، «ئەخلاقى جەمىلە- گۈزەل ئەخلاق»، «شۇرۇھۇل قۇلۇب- قەلبلەر شەرھلىرى» ناملىق كىتابلارنىڭ مۇئەللىپى، يەركەن-سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى-ئابدۇرەشىدخاننىڭ خانىشى-خانىش ئاماننىساخاندۇر.

  ئۇيغۇرمەدەنىيەت گۈلشىنىنىڭ خۇشپۇراقلىق گۈلى، مەشھۇر شائىرە، مۇزىكانت، مۇقامشۇنا سخانىش ئاماننىساخان تەخمىنەن مىلادىيە 1534-يىلى تەۋەللۇت تاپقان، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا شېئىر ۋە مۇزىكىغا ھېرىسمەن بولۇپ، ئۇنىڭ مۇزىكىغا ھېرىسمەنلىكى ۋەتەبئىي ئىشتىياقىنى تۆۋەندىكى پارچىلەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ؛

  بوۋاقنى ڭبىر ئىشى مىرزا مەھمۇد بىلەن گۈلجەمىلە ئاغىچىنى ھەيران قالدۇرغانىدى، يەنى، قاتتىق قىرقىراپ يىغلاۋاتقان بوۋاق مۇزىكا ئاۋازىنى ئاڭلىسا دەرھال توختايتتى، ھەم قارا قاقتەك كۆزلىرىنى بىر نوقتىغا تىككىنىچە خۇددى مۇزىكىغا ئەسىر بولۇپ زوق ئېلىۋاتقان كىشىلەرگە ئوخشاش جىمىپ كەتتى. بۇ ئىش ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەيرانلىقىنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى.(كۈيلەر خانىشى-مەلىكە ئاماننىساخان، ياسىنجان سادىق چوغلانى11-بەت).

  ئاماننىسا قېلىن ئالقاتلار ئارىسىدا ناخشا ئېيتقاچ ئالقات تېرىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئەتراپىداجەرەن بالىسى بوينىدىكى قوڭغۇراقنى جىرىڭلىتىپ سەكرەپ ئويناپ يۈرەتتى. پۈتكۈل ئالقاتزارلىقتىكى قۇش-قاناتلارمۇ ئاماننىساغا جۆر بولۇپ ئورمانلىقنى چاڭ كەلتۈرۈپ سايرىشاتتى.(مەلىكە ئاماننىساخان-تۇرسۇن يۇنۇس، 16-بەت).

ئۇ سەككىز يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىش بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئەلشىر نەۋائىيدىن قالسىلا كىچىك تۇرۇپلا شېئىر يېزىش نۆۋىتى بويىچە ئىككىنچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ (ئەلشىر نەۋائىي يەتتە يېشىدىن باشلاپلا شېئىرئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەن دەپ قارىلىدۇ).

  تارىختا ئۆتكەن لۇتفي، ئەلشىر نەۋائىي، ئابدۇراھمان جامى قاتارلىق مەشھۇر شائىرلىرىمىزنىڭ شېئىر ۋارىسى بولغان خانىش ئاماننىساخان، كىچىكىدىنلا تالانتلىق بولۇپ چالغۇ-ئەسۋابلاردىن قالۇن، دۇتار، ساتار، تەمبۇر قاتارلىقلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ چالىدىغان، بىر نەچچە يىللىق مەكتەپ ھاياتى ۋە دادىسى مىرزا مەھمۇدنىڭ قاتتىق تەلەپ قويۇش نەتىجىسىدە مەنتىق، پەلسەپە، ھېساب ئىلمى، ئىلاھىيەت، تارىخ قاتارلىق پەنلەرنى چوڭقۇر ئۆگەنگەندىن سىرت يەنە ھۆسىنخەت، شېئىرىيەت، مۇزىكا بىلىملىرىنى پۇختا ئىگەللىگەن. مىلادىيە 1547-يىلى ئۇ خانىدانلىققا كىرىپ كەلگەن (يەنى ئاماننىساخان 13 ياشقا كىرگەن ۋاقتى). ئۇ ئوردىغا كىرگەندىن باشلاپ مۇقامنى رەتلەشكە رەسمىي يۇسۇندا كىرىشكەن بولۇپ، سۇلتان ئابدۇرەشدخان، ئۇستازى قەدىرخان ياركەندىي قاتارلىق مۇقام سۆيەر كىشىلەرنىڭ ئىلھامى ۋە يېقىندىن ياردەمدە بولۇشى ئۇنىڭ مۇقام رەتلىشىگە تېخىمۇ ياخشى بولغان شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەن. ئۆزىنىڭ مۇقامغا بولغان چەكسىز ئىشتىياقى، سۆيگۈسى، كۆڭۈل گۈلشەنىنىڭ ئۈلپەتدىشى بولغان، مۇقام دېڭىزى ۋە مۇزىكا دۇنياسىغا تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرگەن. ئۇ يېشى كىچىك تۇرۇپلاشۇ ۋاقىتتىكى تارىختا تالاي-تالاي قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، مۇقام رەتلەشتىن قىلچىمۇ باش تارتمىغان، سان-ساناقسىز دۈشمەنلەرنىڭ ھەر تەرەپتىن خىرس قىلىشى ۋە يۇشۇرۇن قەست قىلىشىدىنمۇ ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىنىڭ سەركىسى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۇلىقى بولغان، ئۆزى ۋە ئەلشىر نەۋائىي، نەۋبەتىي،مەھزۇن، ھافىز شىرازىي، مەشھۇرىي، زىيائىي، ئايازىي، مەزھەرىي، زەلىلي، ھافىزخارەزىمىي، سەئىدىي، ھۈسەينىيى، نىزارىي، ناقىسسىي، رەشىدىي، گەدائى قاتارلىق مەشھۇرلىرىمىزنىڭ شېئىرلىرىدىن تەركىب تاپقان ئون ئىككى مۇقام.

   ئاماننىساخان، ئۇستازى قەدىرخان ياركەندى، مەھمۇد ئۇستاز قاتارلىقلارسىستېمىلىق ھالدا رەتلىگەن ۋە تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە يەتكەن مۇقام تۆۋەندىكىدىن ئىبارەت:

1. راك مۇقامى (ھۆرلۈككە تەلپۈنۈش) چوڭ نەغمە قىسمى236 مىسرا، داستان قىسمى بەش داستان 97 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 38 مىسراجەمئىي بولۇپ 368 مىسرا

2. چەببەيات مۇقامى (ياد ئېتىش، ئەسلەش) چوڭ نەغمە قىسمى 178 مىسرا، داستان قىسمى تۆت داستان 74 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 50مىسرا جەمئىي بولۇپ 302 مىسرا

3. سەگاھ مۇقامى (بۇ مۇقامنىڭ بۇرۇنقى نامى-پەسىللىك مۇقامى) چوڭ نەغمە قىسمى 158 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچ داستان 64 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 42 مىسرا جەمئىي بولۇپ 264مىسرا

4. چەھارگاھ مۇقامى (خەلقنىڭ ئاسايىشلىققا، تاڭغا،گۈزەل ھاياتقا بولغان تەلپۈنۈشى) چوڭ نەغمە قىسمى 148 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچداستان 56 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 34 مىسرا جەمئىي بولۇپ 238 مىسرا

5. پەنجگاھ مۇقامى (مۇكەممەللىك، توققۇزى تەللىك،بۈيۈك شادلىق) چوڭ نەغمە قىسمى 216 مىسرا، داستان قىسمى بەش داستان 72 مىسرا،مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 34 مىسرا جەمئىي بولۇپ 322 مىسرا

6. ئۆزھال مۇقامى (كۆجەك مۇقامى-كىچىك پېئىللىق،ئۆزىنىڭ ھالى) چوڭ نەغمە قىسمى 154 مىسرا، داستان قىسمى بەش داستان 88 مىسرا، مەشرەب قسمى ئىككى مەشرەب 52 مىسراجەمئىي بولۇپ 294 مىسرا

7. ئەجەم مۇقامى (غەيرىي ئەرەب، ئەرەب بولمىغان) چوڭنەغمە قىسمى 152 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچ داستان 42 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئۈچ مەشرەب 30 مىسرا جەمئىي بولۇپ 224 مىسرا

8. ئوششاق مۇقامى (ئاشىق، ئاشىقلار، ئاشىقلارساداسى) چوڭ نەغمە قىسمى 202 مىسرا، داستان قىسمى تۆت داستان 62 مىسرا، مەشرەبقىسمى ئىككى مەشرەب 48 مىسرا جەمئىي بولۇپ 312 مىسرا

9. بايات مۇقامى (يادىغا ئېلىش، ئەسلەش، سېغىنىش) چوڭنەغمە قىسمى 147 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچ داستان 72 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 54 مىسرا جەمئىي بولۇپ 273 مىسرا

10. نەۋا مۇقامى (جاسارەت، كۈچ-قۇۋەت) چوڭ نەغمەقىسمى 110 مىسرا، داستان قىسمى تۆت داستان 94 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 40مىسرا بولۇپ جەمئىي 244 مىسرا

11. مۇشاۋەرەك مۇقامى (خاتىمە قىسمىدىكى ھاياجان،تۈگەنچى قىسمىدىكى شوخلۇق) چوڭ نەغمە قىسمى 162 مىسرا، داستان قىسمى تۆت داستان 62مىسرا، مەشرەب قىسمى ئىككى مەشرەب 30 مىسرا جەمئىي بولۇپ 254 مىسرا

12. ئىراق مۇقامى (چۆلى ئىراق، ئىراق چۆلى) چوڭنەغمە قىسمى 186 مىسرا، داستان قىسمى ئۈچ داستان 76 مىسرا، مەشرەب قىسمى ئۈچ مەشرەب 60 مىسرا جەمئىي بولۇپ 322 مىسرا

جەمئىي «ئون ئىككى مۇقام»، چوڭ نەغمە قىسمى 2049مىسرا، داستان قىسمى 46 داستان 859 مىسرا، مەشرەب قىسمى 512 مىسرا، جەمئىي بولۇپ3417 مىسرا.

     خانىش ئاماننىساخان نەفىسىينىڭ تۆھپىسىگە تۆۋەندىكى بىر نەچچە نوقتىدىن باھا بىرىش مۇمكىن؛

  بىرىنچى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىقياسىدا جۇلالىنىشى:

2005-يىلى 11-ئايدا ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا«ئىنسانلارنىڭ ئاغزاكىي ئىجادىيىتى ۋە غەيرىي ماددىي-مەدەنىيەت مىراسلىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈلىشى، ئۇيغۇرئون ئىككى مۇقامىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىقياسىدا جۇلالىنىشى، پۈتۈن دۇنيا خەلقى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ئېتراپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپل اقالماستىن، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنى رەتلىگۈچىلەردىن بىرى بولغان خانىش ئاماننىساخان نەفىسىينىڭ دۇنيا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بوشلۇقنىڭ ئون ئىككى مۇقام ئارقىلىق تۇلۇقلىنىشى، تېخىمۇ بېيىشى، بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە مەرھۇم خانىش ئاماننىساخان نەفىسىينىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

     ئىككىنچى، ئۇيغۇر مۇقامشۇناسلىقى ۋە ناخشامۇزىكىلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى نوقتىسىدىن؛

     تارىختىن بۇيان تاكى ئۆز زامانىسىدا ئەلشىرنەۋائىي، لۇتفىي، ئابرۇراھمان جامى قاتارلىق مەشھۇر شائىرلىرىمىز تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان غەزەللەرنىڭ ئاھاڭغا سېلىنىپ ئوقۇلۇشى، ئاماننىساخاننىڭ مۇقامنى رەتلىشىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە، مۇقامنىڭ سىستېمىلىق ھالدا بىر گەۋدە سۈپىتىدە مەيدانغا كېلىشى، ئۆزلۈكسىز بېيىشى ۋە مەزمۇن جەھەتتە يېڭىلىنىشى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ناخشا-مۇزىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، سەنئەت ساھەسى سېپىدە مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار داڭلىق سەنئەتكار ۋە مۇقامچىلارنىڭ، ئەدەبىيات سېپىدە داڭلىق شائىر، يازغۇچى ئەدىبلەرنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت سەھنىسىگە كىرىپ كېلىشىگىچە شۇنىڭ بىلەن بىرگە مۇقامغا ۋارىسلىق قىلىپ  ۋە ئۇنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇرۇپ بۈگۈنكىدەك مۇكەممەل، سىستېمىلىق ھالەتكە كېلىشىدە زور تۆھپىلەرنى قوشقان.

  ئۈچىنچى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن ۋارىسلىقىنىڭ داۋاملىشىشى ۋە روناق تېپىشى؛

     16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئاماننىساخان باشلىق كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ مۇزىكا، شېئىر ئىجادىيىتىگە شۇنداقلا پەلسەپە، تارىخ ئاسترونومىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەمۇنىلەرگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش، يەنى ئاماننىساخاننىڭ دادىسى مىرزا مەھمۇدنىڭ ئاسترونومىيەگە بولغان زور ئىشتىياقى ۋە قېدىرىپ تەتقىق قىلىش، تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ، ئۇيغۇرلار ئىچىدىن داڭلىق ئەل-نەغمىچىلەرنىڭ ۋەبىر قىسىم پەن-تېخنىكا ئالىملىرىنىڭ يىتىشىپ چىقىشىغىچە، دۇنيا مەدەنىيەت،ئىلىم-پەن، سەنئەت ساھەسىدە بىر قاتار ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇيغۇر دېسە دۇنيا كۆزىنى يوغان ئېچىپ قارايدىغان ھالەتكە كېلىشىنى ئەلۋەتتە شۇئۇلۇغلىرىمىزنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولماس.

  تۆتىنچى،ناخشا-مۇزىكىغا بولغان ئېھتىياجدىن چالغۇ-ئەسۋاب ۋە ھۆنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز كەشىپ قىلىنىشى، تەرەققىي قىلىشى ۋە داۋاملىشىشى؛

  ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئىجاد قىلىنىشتىن تارتىپ تاكى رەتلەنگۈچە، رەتلىنىپ بۈگۈنكىدەك ھالەتكە كېلىشىگىچە ناخشا-مۇزىكىلارنىڭ ئۆزلۈكسىز ئىجاد قىلىنىشى،چالغۇ-ئەسۋابلارغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇردى. شۇ سەۋەبلىك كۆپلىگەن چالغۇ-ئەسۋابلار ۋە ھەرخىل ھۆنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى كۆپلەپ ياسالدى، مەسىلەن بۇ چالغۇلار: قوبۇز ، غېجەك ، ساتار ، تەمبۈر ، راۋاب ، چاڭ ، داپ ، ناغرا ، سۇناي، نەي ، بالمان قاتارلىقلار بۇنىڭ دەلىلىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەڭ خەلق ئىچىدە ئۇمۇملاشتى. بۇ خىل ھالەت ئۇيغۇر چالغۇ-ئەسۋابلىرى ۋە ھۆنەر-سەنئەت بۇيۇملىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى.

  بەشىنچى،يېڭىچە مەدەنىيەت مۇھىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى؛

ئاماننىساخان زامانى يەنى يەركەن-سەئىدىيە خانلىقى زامانىدا تەركىدۇنياچىلىق ئىنتايىن ئەۋج ئالغان، قارىغۇلارچە چوقۇنۇش،خۇراپاتلىق ئىدىيىسى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن بولغاچقا، شۇ دەۋردىكى مەدەنىيەت مۇھىتى ئىنتايىن قالاق ۋە چۈشكۈن ئىدى. ئاماننىساخاننىڭ مۇقامنى رەتلىشى ۋە مۇقامنىڭ كەڭ خەلق ئارىسىغا تارقىلىشى كىشىلەرنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن بىر ئاز بولسىمۇ ئويغۇنۇشقا، خۇراپاتلىق ئىدىيەلەرنىڭ يۇقۇلىشىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۈچىنى كۆرسەتكەن. يەنى يازغۇچى تۇرسۇن يۇنۇسنىڭ «مەلىكە ئاماننىساخان» ناملىق تارىخى رومانىدا بۇنىڭغا ئائىت مۇنداق قۇرلارنى ئۇچرىتىمىز؛

  كۈنلەرئۆتتى، ئايلار ئۆتتى، يىللار ئۆتتى، ئىلىم-پەن مائارىپنىڭ گۈللىنىشى بىلەن خانىدانلىقمۇ گۈللەندى، ئەل-ئۇلۇس باياشاتلىشىپ شەھىرى-سەھرالارمۇ ئاۋاتلاشتى،يېزا-قىشلاقلاردا كەچكۈزدىن ئەتىيازغىچە ئۆيمۇ-ئۆي نۆۋەت بىلەن ئېلىپ بارىدىغان قاتار مەشرەپلەر، ئوغلاق تارتىش ئويۇنلىرى ئەۋج ئېلىپ كەتتى. بۇ خىل مەشرەپلەردە نۇرغۇنلىغان يېڭى مۇقام ئاھاڭلىرى ۋۇجۇدقا كېلىپ، ئەل ئىچىدە قەدىرخان ۋە ئاماننىساغا ئوخشاش مۇقام ئىخلاسمەنلىرى ئۈچۈن پۈتمەس-تۈگىمەس مۇسىقى خەزىنىسى بارلىققا كەلدى. ئاماننىسا ئۆز  زامانىسىنىڭ ئۇمۇمىي قىياپىتىنى مەدھىيلەپ:

نەگە بارسام كۈي-غەزەل ياڭرايدۇ قەلئە باغدا ھەم،

ھەممە ياقتا داپ ئۇسسۇل، سەھرايۇ قىشلاق تاغدا ھەم.

دەپ باشلانغان غەزەلنى يېزىپ ئاھاڭلىرى بىلەن ئەل ئىچىگە تاراتتى.(تۇرسۇن يۇنۇسنىڭ مەلىكە ئاماننىساخان رومانى 65-بەت)

  خانىش ئاماننىساخاننىڭ ھۆسىنخەت، شېئىرىيەت، مۇزىكا جەھەتلەردىن بىلىمىنى پۇختىلىشى ۋە پەلسەپە، تارىخ، ھېساب ئىلمى قاتارلىق ساھەلەردىمۇ چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولۇشى، شۇ جەمئىيەت مۇھىتىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆلگىسىگە ئايلانغان، بۇ تەسىرنىڭ نەتىجىسىدە ئاياللارنىڭمۇ ھەر جەھەتتىن تەلىم-تەربىيە ئېلىش، بىلىم ئىگەللەش ئىشلىرى ئەۋج ئېلىپ، شۇ جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ جۈملىدىن ئاياللارنىڭ ئورنىمۇ مەلۇم دەرىجىدە يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن.

خانىش ئاماننىساخان رەتلىگەن ئون ئىككى مۇقام ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكىلىق تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرىدىغان چوڭ ھەجىمدىكى بۈيۈك بەدىئىي قامۇس، ئۇيغۇر كىلاسسىك مۇزىكىسى ئون ئىككى مۇقام شەرق مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى بىباھا گۆھەر، ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىملىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ يارقىن ، ئەڭ كۈچلۈك ۋە مىللىي خاراكتېرلىك خۇسۇسىيەتنى ، مىللىي ئىستېتىك پىسخىلوگىيىسىنى نامايەن قىلغان بىباھاگۆھەر. ئون ئىككى مۇقامدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئەنگۈشتىرىمىز ئەسىرلەردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىغا ، ئىجتىمائىي ھاياتىغا ، پىسخىلوگىيىسىگە سىڭىپ كىرىپ، ئىجتىمائىي ھاياتىنى بېيىتىدىغان ، مىللىي غۇرۇرىنى ، ئىقتىدارىنى نامايەن قىلىدىغان ، سەنئەت ھۇزۇرىنى ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك مەنىۋى ئۇزۇق بولۇپ كەلمەكتە،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خانىش ئاماننىساخاننىڭ مۇقامنى رەتلەشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشتا ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ دۇنيا مەدەنىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسى مەدھىيلەنمەكتە ۋە مەڭگۈ ياد ئېتىلگۈسى!


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bashkarwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-20 02:31 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105838
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2014-4-9
ئاخىرقى: 2014-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 03:52:35 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناخشا-مۇزىكا ئىنساننىڭ قەلبىنى ئۆلتۈرىدۇ  ساقلانغىنىڭلار ياخشى قېرىنداشلار.

بۇ دۇنيادىن ئېلىپ كىتىدىغىنىڭ  ئېرىشكەنلىرىڭ ئەمەس  بېغىشلىغانلىرىڭدۇر

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 05:25:13 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئارىمىزدا دىننى ئالىم ئۆلىمالىرىمىزنى بىلىدىغانلار قانچىلىكتۇ..

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 27099
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2587
تۆھپە نۇمۇرى: 201
توردا: 32 سائەت
تىزىم: 2011-1-20
ئاخىرقى: 2014-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 07:19:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
2-قەۋەتكە يېزىلغان ئىنكاستىكى مەزمۇننىڭ ئاراچلىرىدا پۇرۇخ ھىدى سۇس ئۇچقۇنداپتۇ، قېنى پۈۋلەيدىغانلار بىر قولۇڭلاردا كەينىڭلارنى چىڭ تۇتۇۋېلىپ چىقمىش شامالنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشىڭلار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103087
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 345
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 76 سائەت
تىزىم: 2014-2-2
ئاخىرقى: 2014-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 07:49:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى پايدىلىنىش ماتىرىيالىكەن ئەجرىڭىزگە رەھمەت !

[/cئۆلۈم يېتەرلىك نەسىھەت!!!olor]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95649
يازما سانى: 638
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1612
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 725 سائەت
تىزىم: 2013-6-2
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 08:00:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئالىمە ئاماننىساخاننىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىسىنىڭ ۋەزنى بەك ئېغىر!.بۇنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ!!.

2-ۋە3-قەۋەتتىكى ئىنكاسلاردىن زەھەرلەر تامچىپ، ھەسەت ئوتلىرى يالقۇنجاۋېتىپتۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kapitan2 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-20 08:01 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105932
يازما سانى: 409
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 189
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 282 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 08:11:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر تەرەپلىمە قارىمايلى، خانىش ئاماننىساخاننىڭ شىئىريەت، مۇزىكا جەھەتتىنلا ئەمەس،  تارىخ، ئاستىرونومىيە، ماتىماتىكا، پەلسەپە............قاتارلىق ئونۋېرسال بىلىم ساپاسىمۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن، بىز ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىغا قايىل بولماي تۇرالمايمىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aisadap تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-20 08:26 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101942
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3528
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 453 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 09:18:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما  ئىگىسىگە    رەھمەت

يەر شارىدا ھەر قانداق چوڭ قىيىنچىلىق بولسۇن، ئۇنىڭ چىقىش يولى بولىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105838
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2014-4-9
ئاخىرقى: 2014-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 10:58:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك چوڭقۇر ئويلاپ كىتىپسىلەر  .
مەن  ھەدىستە كۆرگىنىمنى بايان قىلدىم خالاس.
ھەم يولۇم  شۇ بۇيىچە .
قانداقتۇر ((پورۇخ ھىدى  ))سەزگۈرلىكىڭلارنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن بولسا كىرەك .. ئارتۇق گەپ ئېشەككە يۈك .. . ....

بۇ دۇنيادىن ئېلىپ كىتىدىغىنىڭ  ئېرىشكەنلىرىڭ ئەمەس  بېغىشلىغانلىرىڭدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96756
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2817
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2013-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 11:07:19 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۆپىدىكى ئىككى ئەقلىي پالەچنى ئىشەككە ئوخشۇتۇپ ئۇدۇنياغا بارغاندا ئىشەكنى تىللىغانلىقىمنىڭ جازاسىنى تارتىشتىن قورقىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش