مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1124|ئىنكاس: 19

تىلشۇناسلارغا تەكلىپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92563
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 550
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 01:21:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى!    پىقىر دېلاۋۇردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام ! قەلىبنىڭ ئاچقۇچى تىلدۇر !
دانالار ھىكمىتىدىن  ئەمما بىز بىر ئەۋلاد ياشلار!  
بىر جۈملەسۆزلىسەك، ئارىسىغا زورلاپ نەچچە  ئىغىز خەنچە ۋە باشقا تىلدا سۆز قېتىۋىلىش مودا بولغان چىغى ،تېخى كوچىلاردا تەپ تارىتماستىن پۇتۈنلەي خەنچە سوزلىشىپ مىڭىشى  مىنىڭ غىدىغىمنى كەلتۈرىدۇ.
ئۆزۈم  ئېلان ۋىۋىسكا ئىشلەش كەسپىدە بولغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن  يوللاردىكى ئەسكەرتىش تاختىلىرى  ،يول بەلگىللىرى ،دۇككان ھەم ھۆكمەت ئورۇنلىرنىڭ ئېلان ۋىۋىسكىللىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىمەن . تەرجىمە ھەم ئىسىم نۇرغۇن نۇرغۇن خاتالىقلار  ساقلىنىپ كىلۋاتىدۇ ! بۇنىڭغا ھەممىمىز ئامالسىز  ..........  
نەچچەيىل بولدى ئىزچىل ئىزدىنۋاتمەن. شەيئىلەرنىڭ  ئاتىلىشى ئۇدۇللا خەنلەردىن ياكى ئىنگىلىس تىلدىن ئاھاڭداش ياكى مەنىداش ھالەتتە سىڭىپ كىرىپ،ئانا تىلمىزدا ئاتاشقا ئامالسىز قىلۋاتمىز  .
مەن ئۇچراتقان نەچچەخىل ،بەلكىم  بۇنىڭدىنمۇ  كوپتۇر ،  نۇرغۇن شەيئىلىرمىزنىڭ ئۇيغۇرچە ئىسمى تىخى قويۇلمىدۇ ياكى بىلىم سەۋيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى سەۋەبىدىنمۇ بېلمىدىم نۇرغۇن نەرسە ھەم شەيئىلەرنىڭ  ئۇيغۇرچە  ئىسمى يوقكەن !   
مەن  ئويلايمەن  مۇشنىڭدا ئاپتۇنۇم رايۇنمىزدىكى تىلشۇناسلارنىڭ  باش تارتىپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيەت ھەم مەجبۇرىيىتى باردەپ قارايمەن ،  ئۇلار ھەرقانداق بىر نەرسە ھەم شەيئىلەر  ئىجاد قىلىنسا ھەم بازارغا سىلىنسا «ئىسم » قويشى كىرەك ئەلۋەتتە. (پارتىيەنىڭ لۇشۇن سىياسەتلىرنى دەبدەبلىك تەرجىمە قىلسىلەر يۇ   _ ئۆز خەلقىڭلار كۈندىلك تۇرمۇشدا ئىشلىتدىغان نەرسىلەرنى  نىمىشقا  تەرجىمە قىلمايسىلەر ؟) راستنى سۆزلىدىم يالغىنى يوق ، يا ئاشۇرمۇدۇم يا كىمەيىتمىدىم  ......
مەن تۇرمۇشۇمدا ئۇچراتقانلىرىم:  (خاتىرەمدە ساقلىغانلىرىم يۇيلۇپ كىتىپ ئىسمدە قالغانلىرىنى يازدىم)      
1-تۇڭ  (桶 سۇ ئىلىپ ساقلايدىغان ، تۈنكىدىن ياسالغان نەرسە)
2-ماڭگو (芒果مىۋە )
3-پنتوزا (粉条子 يىمەكلىك)
4-خىمىز يۇغرۇش ئۇستىسى(面长)
5-دىبەنجاۋ (地板胶)
6-پىڭ چاڭ لوسا ،(膨胀螺丝و螺帽)
7-ساۋمىياۋ، (扫描)
8-شىياۋگۇو ،(效果)
9-شىياۋياڭ،(小样)
10-گاڭخۇا ئەينەك (钢化玻璃)
11-فاڭ گۇئەن،گاڭگۇئەن(方管،钢管)
12-Bچاۋ(B超 )
13-دىبەن جىياۋ(地板胶)
14-ساكۇ،ساشۇ (插线板 ,插口)
15-كوۋبەن(扣板)
يەنە نۇرغۇن   数码管،电光源،穿孔子،边带،显卡
ئانا تىلمىزنى ، مىللىي كارخانا-سانائەتلىرمىز ،مىللىي بويۇملىرمىزنى  قەدىرلەشنى ئۆزىمىزدىن  ئەتراپىمىزدىكى كىچىك نەرسىلەردىن  باشلايلى  
شەخسەن مەن  ئۆزۈم 1-2 يىل بولدى  ئۆيۈمدىكى تۇرمۇش بويۇملىرىمنڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە ماركىدىكىنى ئىشلىتۋاتمان .
بولۇپمۇ  «ئۇدۇن»ماركىلىق چاچ سوپۇنى،  گۈزەل كىرسوپۇنى،سەردار چىش پاستىسى ........

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-20 06:42 AM  


ئالدىرماڭ يارەي سىزگىمۇ بارەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 08:34:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاپىرىن ئىنىم،قەلبىڭىزنى چۈشەندىم!
سىزگە بۇ بىر جۈملىنى تەقدىم قىلاي،بىللە يادلايلى:
‹‹بىر ئادەمنىڭ چۈشىنىدىغان تىلى بىلەن سۆزلەشسەڭ،ئۇنىڭ مېڭىسىگە تەسىر كۆرسىتىسەن.بىر ئادەمنىڭ ئانا تىلى بىلەن سۆزلەشسەڭ،ئۇنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىسەن.››
                                             
                                               نېلسۇن مەندېلا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 08:35:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا تىلنى تاللاش--ئىختىيارىيلىق ئەمەس،مەجبۇرىيەتتۇر.

ئالــپ ئەر تور بېكىتــى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 959
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3295
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 944 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 08:53:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قوش تىللىق بولۇش شەرەپ

ئانا تىلنى بىلمەسلىك جىنايەت..


چىڭغىز ئايتماتوف

ئالـــــــــپ ئەر  تور بېكىتـــــــــــــــى قۇرۇلدى، قەدەم تەشرىپ قىلغايسىلەر Www.Alipar.cn

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1566
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1582 سائەت
تىزىم: 2014-12-12
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 10:55:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئورۇنلۇق تەكلىپ بولاپتۇ، راس ئۆزمىزنىڭ شۇنداق ياخشى تىل بايلقىمىز بولغاندىن كېيىن شۇ ئۆزمىزنىڭ تىلىدا سۆزلەش ھەربىر ئۇيغۇر دىياردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى گاھى خېردارلار لوڭگە بامۇ دىمەي.........مافۇ بامۇ ئۇستام دەيدۇ، مەن ئۇقالماي تۇرۇپ قالسالوڭگە دىمەكچى دەيدۇ، بار دەپ ئېلىپ بەردىم شۇڭا ھەمىمىز ئۆزمىزنىڭ تىلدا سۆزلەيلى!!!

تۈمەن ئۆركىشى

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5555
يازما سانى: 3166
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19964
تۆھپە نۇمۇرى: 1173
توردا: 10615 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 11:23:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەكلىپ : ‹بىنجىلىن › نى ‹ مۇز قايماق› ، ‹چۈكەنجى ›نى ‹پۇل بەرگۈ› ،‹پەيچۇسو›نى ‹ساقچىخانا›دەپ ئومۇملاشتۇرۇش زۆرۈر.

ھايات ـ كۆرەش دىمەكتۇر ! غەلبە ئۇيۇشقانلارغا مەنسۇپ ،ئۈمىد بىلەن ياشاڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106019
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 248
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-4-14
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 11:26:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹ ھەركىم ئانا تىلىنى يادىدا مەھكەم ساقلىيالىسا ،  تۈرمە دەرۋازىلىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچقا ئىگە بولغان  بولىدۇ  ››       ‹‹   ئاخىرقى دەرس ›› تىن   
                                                                     - دائۇدېت  (  فىرانسىيە  )

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96287
يازما سانى: 1259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1482
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1135 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 11:41:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئەھمىيەتلەك تېما يوللاپسىز قېرىندىشىم، ھارمىغايسىز!
توغرا، ئەتراپىمىزدا خەنزۇتىلىدىن كىرگەن سۆزلەر ھەقىيقەتەن كۆپ.
سىز يوللىغان يىگىرمە سۆزنى ئىزدىنىپ كۆرگەن ئىدىم، ئورتاقلىشىپ كۆرمەكچىمەن.


1.سوغا      tong   桶
2.ئەنبەھ         mang guo   芒果
3.پول كلىيونكا     di ban jiao    地板胶
4.تەسۋىر كۆچۈرۈش؛ تەسۋىر يېيىش، سكانلاش      sao miao   扫描
5.ئۈنۈم، نەتىجە، پايدا، نەپ؛ ئۈنۈمى    xiao guo  效果
6.① كىچىك كوررېكتور نۇسخىسى؛ پارچە كوررېكتور نۇسخىسى(گېزىتتىكى بىرەر ماقالىنىڭ ياكى خەۋەرنىڭ كوررېكتور نۇسخىسى).②قېلىپ؛ ئەۋرىشكە③پىخسىقلىق، خەسىسلىك، كۆزى كىچىكلىك   xiao yang  小样
7.قاتتىقلاشتۇرۇلغان ئەينەك؛ پولات ئەينەك   gang hua bo li    钢化玻璃
8.پولات تۇرۇبا، پولات نەيچە   gang guan    钢管
9.قىستۇرۇش تۆشۈكى، سانجىش تۆشۈكى؛ تۆشۈك   cha kou   插口
10.ئېلىكتېر يۇرۇقلۇق مەنبەسى    dian guang yuan    电光源
11.①يان بەلباغ ②تەرەپ چاستوتا بەلبېغى     bian dai     边带
12.كۆرسەتكۈچ كارتا      xian ka     显卡
                                          ـــــــ «خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت» تىن ئېلىندى.

13.كراخمال چۆپى       fen tiao zi      粉条子
14.كېڭىيىدىغان بۇرما مىخ        peng zhang luo si        膨胀螺丝
15.خېمىرچى      mian zhang      面长
16.چاسا تۇرۇبا، چاسا نەيچە        fang guan       方管
17.سىم قىستۇرۇش تاختىسى         cha xian ban         插线板
18.ياپما تاختاي        ko ban        扣板
19.رەقەملىك كود نەيچىسى         shu ma guan         数码管
20.تۆشۈك تەشكۈچ         chuan kong zi         穿孔子
                                      ـــــــ «تەرجىمە قىلىش قابىلىيىتى›› مدىن ئېلىندى.

   تورداشلارنىڭ ئورتاقلىشىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!   

ھەسەنجان ئابدۇراخمان ئۇتغۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102810
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 11:58:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگىمۇ بىر تەكلىپ:
يازمىڭىزدىن مەلۇمكى، سىز ۋېۋىسكا ئىشلەيدىكەنسىز، دېمەك تىل يېزىقىمىزنى بېۋاسىتە سەھنىگە ئېلىپ چىققۇچى ئىكەنسىز. دائىم ۋېۋىسكىلاردىكى خەتلەرگە قارايدىكەنسىز، بۇنىڭدىن كەسپىڭىزنى قىزغىن سۆيىدىغانلىقىڭىزنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.
ئەمما، يازمىڭىزدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، سىزدىكى ئىملا خاتالىق بەكلا ئېغىر ئىكەن! بۇ خىل ئەھۋالدا تۇرۇپ يېزىقىمىز توغرىسىدا باشقىلارغا تەكلىپ بېرىش يېزىقىمىزنى ھەجۋى قىلغانلىق بولىدۇ. بۇنى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.
شۇڭا، سىزگە تۆۋەندىكىچە تەكلىپ بېرىمەن.
1. ئىملا سەۋىيىڭىزنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۆستۈرۈڭ.
(يېزىقىمىزغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقىڭىز باركەن، بىر ئاي ئىچىدە تۈزىتەلەيسىز)
2. ۋېۋىسكا ئىشلىگەندە، ھەر بىر سۆزنىڭ ئىملاسىنى چوقۇم ئىملا لۇغىتىدىن پايدىلىنىپ تەكشۈرۈڭ. ئۇنداق بولمىغاندا، يۇقارقى ئىملايىڭىز بىلەن يېزىقىمىزغا  ھاقارەت قىلغان بولىسىز. (بەلكىم شۇنداق قىلىۋاتقانسىز)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92563
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 550
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2013-3-2
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 12:57:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇتغۇر يوللىغان ۋاقتى  2014-4-20 11:41 AM
ئەھمىيەتلەك تېما يوللاپسىز قېرىندىشىم، ھارمىغايسىز! ...

كۆپ ئىزدىنىپسىز . رەھمەت .!!!!
ئەمما مەخسىدىم بۇ ئەمس ! ماۋۇ ئاپتۇنۇم رايونمىزدا تېلشۇناسلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان خادىملار ئاز ئەمەسقۇ دەيمەن !
ئۇلار خىزمەت دائىرسىنى تونۇپ يىتىشى  ئۆز مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلشى كېرەك  !  
ئىشۇ ئۈندىدارغىمۇ تېڭشۈن شىركىتىمۇ ياكى سېتودېتلا ئىسىم قويۇپتىكەن ،ماۋۇ بىزنىڭ تېلشۇناسلىرمىز مىكرو خەت مۇ بىرنىملەرنى دەپتىمىش نۇمۇس قىلماي


ئالدىرماڭ يارەي سىزگىمۇ بارەي
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش