توي بولدى!
مۇھەببەت-ئاستا خارەكتىرلىك قىينىلىپ ئۆلۈش جەريانى...
-كۆك بۆرە
مۇھەببەت- خەتەرلىك ئويۇن!
-ئا.جالالىدىن
مۇھەببەت...
ئاستا..
ئاستا..
ئۆلۈشنى ئۆگىنىش دىمەكتۇر
.... دىن ئېلىندى
ئۇنىڭ تويقىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ مەندە غەلىتىىلا بىر خىل سىزىم بولغانىدى. بىر خىلئازاپلىنىشقا، خۇشال بۇلۇشقىمۇ، قايغۇ ياكى شادلىققىمۇ ئوخشىمايدىغان غەلىتىلا چۈشىنىكسىز تۇيغۇ مېنىڭپۈتكۈل روھىي دۇنيارىمنى ئىگىلىۋالغانىدى..
مەن مەشۇقىنىڭ تويقىلىدىغانلقىنى ئاڭلاپ ئالەمچە ھەسرەتكە تۇتۇنۇپ ئازاپلىق ھەم قايغۇلۇق كوچىلارنى دەرتلىك ناخشلار بىلەنكېزىپ يۈرگەن ئاشىقتەك مىڭ يېرىمدىن تۆكۈلۈپ ئۆلگۈدەك ھاراق ئىچىۋېلىپ ھۆڭرەپ يىغلىمىدىم. ئۇنىڭغا ئاتاپ ‹ۋاپاسىز، نۇمۇسسىز، يۈزسىز، سۆيگۈمنى نابۇت قىلدىڭ›دېگەندەك ھەددىن زىيادە قاملىشىپ كېتىدىغان ئازاپلىق شېئىرلارنى يازمىدىم. ياكىبولمىسا بىرسىنى ئۆزىنىڭ جېنىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرىدىغان ھازىرقى زاماندىكى تەنتەكبالاڭزىلاردەك توي قىلماقچى بولغان ئۇ قىزغا ‹ ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن توي قىلساڭ تويكۈنىلا ئىككىڭلارنى چوشقىنى بۇغۇزلىغاندەك بۇغۇزلىۋېتىمەن، سېنى قانچىلىك ياخشىكۆرىدىغانلىقىمنى ساڭا بىلدۈرۈپ قويىمەن › دەپ تەھدىت ئارىلاش سۆزلەرنى قىلىمىدىم.
توپا ئارىلاششامال چىقىۋاتقان ئاپرىل ئېيىنىڭ بىر كۈنى ئۇ ئاستا-ئاستا قەدەملەر بىلەنقۇرۇنۇپقىنە قېشىمغا كەلدى-دە، قولۇمغا بىر باغاقچىنى تۇتقۇزدى:
- كېلەر ھەپتەمۇشۇ كۈندە مېنىڭ تويۇم بولىدۇ. سىزنىڭ قاتنىشىپ بېرشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئۇ شۇنداق دەپلاكېتىپ قالدى. مەن قولۇمدىكى باغاقچىغا قارغىنىمچە داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم.چۇقامدىن كىرگەن بىر خىل چۈشىنىكسىز ئاغرىق ئازابى دەل يۈرىكىمگىلا كېلىپ توختىدى.ئىچىمدە بىر نەرسە كۆيۈۋاتاتتى،
قولۇقۇم تۈۋىدەناھايىتى قۇرقۇنچلۇق بىر ئاۋاز دەھشەتلىك ھۆركىرەپ كۆزلىرىم ھېچنىمىنىكۆرمەيۋاتاتتى...
ئۇ ئاق پىشماق،كۆكۈچ كۆزلۈك، بويى ئىگىز، قارىماققا ھاكاۋۇردەك كۆرۈنگىنى بىلەن ناھايىتىكۈيۈمچان چىرايلىق قىز ئىدى. مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقىنىمغا ئانچە ئۇزۇن بولمىغانبولسىمۇ، بىز ئىككىمىز ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ يېقىن دوستلاردىن بۇلۇپ قالغانئىدۇق.
مەن گەرچە ئۇنىتاھىر زۆھرەسىنى ياخشى كۆرگەندەك ئۇنداق چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن ياخشى كۆرمىسەممۇ،بىراق قەلبىمدە ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئالاھىدە، چوڭقۇر ئامراقلىق تۇيغۇسى بار ئىدى.ھەم بۇ خىل ئامراقلىق تۇيغۇسىنىڭ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مۇھەببەتكەئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتىم.
تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ ھېلىقى كۈندىكى ماڭا توي باغىقىنى ئەكەلگەن چاغدىكىچىراي ئىپادىسى ئېسىمگە كىلىۋالدى. مەن ئۇنى چۇقۇم مېنى كۆرۈپ قاتتىق جىددىيلىشىپكېتىدۇ، مەن توي قىلىمەن دېگەن سۆزلەرنى ئېغىزىدىن چىقىرالماي باغاقچىنى پۈرلەپ تاشلىۋېتىدۇ
ياكى بولمىسائۆزىنى قۇچىقىمغا ئېتىپ مېنى چىڭ باغاشلاپ تۇرۇپ ‹ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغۇميوق، مەن ئۇنى ياخشى كۆرمەيمەن، مەن بۇ دۇنيادا پەقەتلا سىزنى ياخشى كۆرىمەن،دەرھال بىزنىڭ ئۆيگە ئەلچى ئەۋەتىڭ ياكى بولمىسا مېنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىڭ› دەپئېسەدەپ يىغلاپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغانىدىم... ئەپسۇس، ئۇ ماڭا باغاقچىنى سۇنۇپ گەپقىلىۋاتقاندا ناھايىتى ئەركىن ۋە ناھايىتىمۇ تەمكىن ئىدى. پەقەت چىرايىدا ۋە مەنئامراق كۆكۈچ كۆزلىرىدە ئۆزىنىڭ توي قىلىدىغانلىقىغا قارىتا مېنىڭئازاپلىنىدىغانلىقىمغا بولغان كىچىككىنە ئىچ ئاغرىتىش ۋە ھېسىداشلىق تۇيغۇسى ئەكىسئەتتى.
ئۇ يەنىلاشۇنچىلىك مەغرۇر ئىدى. گويا ‹ توي› دىن ئىبارەت بۇ ئىنسان ھاياتىدا پەقەت بىرقېتىملا نېسىپ بولىدىغان ھاياجانلىق ۋە قۇرقۇنچلۇق بىرىكىش ئۇنىڭ ئۈچۈن ئورنىدىنتۇرۇپلا بازارغا بېرىپ كەلگەندەكلا ئاددىي ئىش ئىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇ مەن بىلەنتوي قىلسىمۇ ياكى يەنە باشقا بىرى بىلەن توي قىلسىمۇ ئوخشاش ھېساپلىناتتى. مەنتۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ مېنىڭدىنمۇ پاجىئەلىك، ناھايىتىمۇ چۈشكۈن، ئېچىنىشلىق تراگىدىيەگە تولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن قايغۇرۇشىمنىڭ، ئاھ،پەرياد ئۇرۇشۇمنىڭ قىيالماسلىق ئىلكىدىكى جان تالىشىشىمنىڭ ھېچنىمىگەئەرزىمەيدىغانلىقنى ھېس قىلىپ يەتتىم-دە، تېخىمۇ قاتتىق ئازاپلىنىپ كەتتىم.
- ئاداش، نېمەبولدۇڭ؟ كۈلۈپ تۇرىسەنۇ- بىراق ئىچ-ئىچىڭدىن بىر
قايغۇنىڭ،قىيماسلىقنىڭ، ئازابنىڭ ئىس-بۇسى كېلىۋاتىدۇ...قەدەملىرىڭمۇ شۇنچىلىك ئېغىر...مەنسېنىڭ ئەزەلدىن بۇنداق بۇلۇپ باققانلىقىڭنى ئەسلىيەلمەيمەن.
دوستلىرىم ۋەئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ئالدىدا شۇنچە روھلۇق، شۇنچە تىتىك كۆرىنىشكە تىرىشقانسىرىمبارغانچە چاندۇرۇپ قويىۋاتاتتىم..
ئۇلار ماڭا بىرقاراپلا ھامان بىر خىل قايغۇنىڭ، ئىپادىلەپ بەرگۈسىز بىر خىل مۇرەككەپ تۇيغۇنى ھېسقىلاتتى..
سەھەر..........
تاڭ ئېتىشى بىلەنتەڭلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. كەيپاتىم شۇنچىلىك ياخشى، بەش ئەزايىم ساق ھالدائۆيدىن چىقىپ كەتتىم. تۆت كوچا دوقمۇشىغا كەلگەندە قادىي پۇخاقنىڭگۆشكىردىخانىسىدا ئولتۇرۇپ قىززىرىپ پىشىپ سۈيى تېمىپ تۇرغان، يۇمشاق پاقلاننىڭگۆشىدە ئەتكەن تەملىك گۆشكىردىدىن بىرنى چايغا چىلاپ مەززە بىلەن يىدىم..
ئاددىي-سادد، بايبولمىسىمۇ خۇشال ياشايدىغان بىر توپ ئادەملەر ئارىسىدا ئۇلارنىڭ ئەڭ سەمىمىيسۆزلىرىنى تىڭشىدىم. ئۇلار فىروئىد، نېتزى، مودېرنىزىم، ھېچنىمىزىم، سادئىزىم،دادائىزىملارنى بىلمەيدۇ. ئۇلار يازغۇچىلار تورىدىكى مەمەت ئۆمەرنىڭ ياخشىكۆرىدىغان بىر جانانىنىڭ يېقىندا تويى بۇلۇپ باشقا بىر ئەرنىڭ قۇچىقىداياتىدىغانلىقىنى،
‹ ئۆلۈۋېلىشسەنئىتى› دىكى تاھىرنىڭ پەرىدەنى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېسقىلالمايدۇ.
ئۇلار يېسىنىنىڭشېئىرلىنى كۆرۈپ باقمىغان، ئۇلار تېخى رىچاردىس كىرىبىنىڭ ئانانىزىم قىلىۋاتقانداتۇمۇرى ئۈزۈلۈپ كېتىپ ئۆلۈپ قالغانلىقىنى، دۇنيادىكى تالانتلىق شائىر رىمبونىڭچىكىدىن ئاشقان ئەشەددىي بەچچىۋاز ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ
ئۇلارشېئىردىن-سەنئەتتىن يۇقۇملانمىغان، ئۇلار ئۆزىنىڭ تىلىدىن باشقا تىلدا سۆزلىشىپباقمىغان، ئۇلار ئىنتايىن ساپ ھالدا، ئۇلار ئىنتايىن بەختىيار.....
ئاستا ئورنۇمدىنتۇردۇم، شامال يىنىك شىۋىلاپ مەڭزىمنى سۆيەتتى. گويا قەلبىمدە ئازابتىن ھېچبىرئىزنا يوقتەك، گويا مەن بۇ دۇنياغا كىلىپھېچنىمنى كۆرمىگەن،ھېچنىمنى بىلمىگەندەك مەنمۇ ئەتراپىمدىكى سانسىز بىغەمئادەملەردەك بەخىرامان ئالدىمغا مېڭىۋەردىم. تۇيۇقسىز قۇلاق تۈۋىمدە بىر ئاي بۇرۇنئاق چىكىپ قېتىپ قالغان زاكا ئاغىينەم ھەسەننىڭ مۇنۇ سۆزلىرى ياڭرىدى:
ئاداش، قىز بالا دېگەنبىر كوچا ئاپتۇبۇسىغا ئوخشايدۇ. بىرسىگە ئۈلگۈرەلمىسەڭ يەنە بىرسى بار. بىر قىزئۈچۈن بۇنچە ئاھ ئۇرۇپ كېتىشىڭنىڭ ھاجىت يوق. سۆيگۈ-مۇھەببەت، دۇنيا ھامان ئادەمگەباقمايدۇ. قارا، مەن ئۆزۈمنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىمنى بىلىپ تۇرۇپمۇ يەنەچىكىۋاتىمەن... دۇنيانىڭ ئارزۇلىغۇدەك نېمىسى بار!؟
نۇرغۇن ئادەملەرتوي قىلىدۇ،
جىنسىي مۇناسىۋەتئۆتكۈزىدۇ نىكاھ دەپ تۇرۇپ.
مەن نىكاھلىق ۋەنىكاھسىز جىنسي مۇناسىۋەتتىن نەپرەتلىنىمەن،
سۆيگەن يارىم تويقىلىۋالسىلا...
ئاشىقلىق سېتىلماسماگىزىندا، پويىزدا،
بىلەت ساتقۇچىنىڭياندىنبايان بىركۆرۈنۈشى.
گۇگۇم، شارقىراپيېغىۋاتقان يامغۇر، يېزا يولىدا پىيادە قېلىش،
مەن پارتىيەئەزاسى، مەن كۇممۇنىست،ۋاھ! مەن بۈگۈن نۆۋەتچى.
يالغۇز يېتىش ئازاپ-ھە! بىزدەك بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغاندا،
خوتۇن ئېلىش- بۇبولمايدىغان سىناق.
ئايگۈل، ئەخمەت،ياۋجىن.. بۇلارنىڭ ھەمىىسى ئوقۇغۇچى،
دۇنيا گۈزەل، سۆيگۈ ئۇلۇغ، ئۆلۈپ كەتسەم بولاتتى تىزراق
مەنبە: ئۆزۈم
!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا apsana-977 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-19 10:55 PM