تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەر باشقىلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىگە، ئېرىشكەن شان شەرەپلىرىگە ۋە جەمىيەتتىكى ئورنىغا ھەۋەس ھەم ھەسەت قىلىپ: «پالانچى ئۇنداق نەتىجىگە ئېرىشپتۇ، پوكۇنچى مۇنداق ئۇتۇق قازىنىپتۇ. مەن نىمىشقا ئۇلار ئېرىشەلىگەنگە ئېرىشەلمەيمەن، «ئەجەپ، ئۇنىڭ بېشىغا شۇنچە كۆپ بەخت قۇشى قونۇپ كەتتى. مەن نىمانچە شور پىشانىدۇرمەن »دەپ ۋايسايدۇ. ھەسەتخورلۇق مېتە قۇرت، بىر مىتە باسقان گۈلنى مىسالغا ئالساق، تېشىدىن قارىسا ئۇ ساپساق، لېكىن ئىچىگە قارايدىغان بولساق، مېتە بېسىپ تۈگىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز، مېتە باسقان گۈلنى يا يىگىلى يا سېتىپ پۇل قىلغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ھەسەتخورلۇقتىن ئىبارەت بۇ ساغلام بولمىغان نەرسە ئىنسان ۋۇجۇدىدا مەۋجۇت بولىدىكەن كىشىنى روھىي جەھەتتتىن چۈشكۈنلەشتۇۈرۈپ، جىسمانىي جەھەتتە ئاجىزلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 R4 p' D8 k- k3 u( o' c
ھەسەتخورلۇق ـــ تۈزىتىش ۋە ئۆزگەرتىش قىيىنغا توختايدىغان يامان ئىللەت.ھەسەتخورلۇقتىن ئىبارەت بۇ يامان ئىللەت تۈزىتىلمىسە ، بىر - بىرىنى كۆرەلمەسلىك، بىر - بىرىگە ئورا كولاش، بىر - بىرىنى چەتكە قېقىشتەك خاھىشلار ئەدەپ كېتىپ، ئورتاق ئالغا بېسىشقا تەسىر يېتىدۇ.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 W9 c- h, Z3 o; ]$ P0 J: y ھەسەتخورلۇق ــ چاپلىشىۋالسا ئاسان ئاجرىمايدىغان، ئاسان قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ، ئاسان ساقايغىلى بولمايدىغان ۋابا. ھەسەتخورلار باشقىلارنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن ھەسرەتكە چۆمۈپ، كۈلەي دېسىمۇ كۈلەلمەي، ئۆزـ ئۆزىنى ئازاپلاپ تۈگەشتۈرۈۋېتىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى ۋە روھىي ھالىتى نورمالسىز بولغانلىقتىن بەزى ئەگەشمە كېسەللىكلەرگە ئاسانلا گىرپتار بولىدۇ. بىر پىسخلوگ «ئىنسانلار ساغلاملىققا يول ئاچماقچى بولىدىكەن، ئالدى بىلەن كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىشى كرەك »دېگەنىكەن. ئادەم بۇ دۇنيادا ياشايدىكەن، مەيلى قانچىلىك باي ، قانچىلىك ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچى بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، مەلۇم جەھەتتە كەمچىلىكى ياكى ئەپلەشمەي قالىدىغان ئىشىلىرى بولىدۇ. كىشىنىڭ كۆڭلىدە زىددىيەت - توقۇنۇش بولغاندىلا ياكى كەيپىياتتىكى كىرىزىسنى تۈگىتەلمىگەندە ئاسانلا ئورگانىزىملانىڭ ئاجرىتىش فونكىسىيەسىنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قان بېسىمى ئۆرلەش، يۈرەك سوقۇشى تېزلىشىش، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىش قاتارلىق ھالەتلەر كۆرۈلۈپ ، ئۇنىڭدىن باشقا باش قېيىش، كۆپ چۈش كۆرۈش، ئۇيقۇسىزلىق، ماغدۇرسىزلىق، ئىشتىھاسىزلىنىش، يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن، بۇ پىسخولوگىيەلىك ۋە فىزىئولوگىيەلىك نورمالسىزلىق ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىپ، ناچار دەۋرىيلىشىشىنى شەكىللەندۈرۈپ كېسەللىك پەيدا قىلىدىكەن.
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' z; V4 y0 H% A3 z1 l6 z" `% ^ ھاياتلىقتا ئۆزىمىزنى خوشاللىقتىن ۋە بەختتىن بەھرىمەن قىلىمىز دەيدىكەنمىز، ھەسەتخورلۇقتىن يىراق تۇرۇپ كۆڭلىمىزنى ئازادە تۇتۇپ، ھەۋەسمۇ ھەسەتمۇ قىلماي، باشقىلار بىلەن خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولىدىغان ساغلام پىسخىكىنى يېتىلدۈرۈپ، ھەسەتتىن ئىبارەت ئادەمنى ئېزىقتۇرغۇچى شاماللارنىڭ ئازدۇرىشىغا پىسەنت قىلماي ، جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىشىمىز كېرەك. كونىلاردا : «ئاقىلنىڭ كۆڭلىگە ئالەم سىغار »دېگەن گەپ بار. قىسقىغىنە ئۆمۈر مۇساپىسىدە كەڭ قورساق بولۇشنى ئۆگىنىۋالساق كۈنلىرىمىز تېخىمۇ خوشال ئۆتىدۇ. ئۇ ئۆزىمىز ئۈچۈن مەبلەغ سالماي تۇرۇپ، ئۈنىم ئالغىلى بولىدىغان بىر خىل «مەنىۋىي قۇۋۋەت دورىسى».
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) Q. q m* T* r% L/ l% U/ A2 _ھېكىمەت
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @) P; ~, Z8 S8 R3 X1 `' Nئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @" H7 z6 M( {1 f
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @2 y; Z, j& a3 ?. T! s
يازما ئادىرىسى:
http://www.turmux.net/?p=4121
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @! \ ^0 A! h: ?- q# V