مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2878|ئىنكاس: 21

ئوقۇتقۇچى بولماسلىقنىڭ 17باھانىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101831
يازما سانى: 194
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 692
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2014-1-5
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-18 09:41:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |


ئوقۇتقۇچى بولماسلىقنىڭ 17باھانىسى

1-باھانە : دۆلەتنىڭ مائارىپ سىياسەتلىرى يەرلىكتىكى مەكتەپلەردە ئۇزاق مەزگىل ئىغىر دەرىجىدە بۇرمىلانغان . مەكتەپ رەھبەرلىرى ،يەرلىك ھۆكىمەت تەپ تارتماي ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق -مەنپەئەتىگە قول تەككۇزەلەيدۇ ،لىكىن كەڭ ئوقۇتقۇچىلار شۇنچە قىيىنچىلىق تارتسىمۇ ئۈن چىقىرالمايدۇ .

2-باھانە :مائارىپ ئەسلىدە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ئىدى ،بىراق ئەمەلىيەتتە بۇ پەقەت مەكتەپنىڭلا ئشى بولوپ قالغان ،ھەتتا نۇرغۇن كىشلەرنىڭ تونۇشىدا مائارىپ دېگەن ئۇقۇم بىلەن ئوقۇتقۇچى دېگەن ئۇقۇم بىرگەپ .
-باھانە :ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش دېگەپ گەپ تولا تەكرارلىنىپ سەپسەتە بولوپ قالدى . ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇئاشىنى ئازراق ئۆسىدىغانلىقى ھەققدىكى خەۋەر دائىم تارقىلىدۇ بىراق رەھبەرلىك قاتلمىدىكىلەرنىڭ دائىم ئۇنتۇپ قالىدىغىمۇ مۇشۇ ئىش .

4-باھانە :مائارىپ ئاللاقاچان پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ «كۆڭۆل بۆلىدىغان نۇقتا»سى بولوپ قالدى ،گويا ھەرقانداق ئادەم ،ھەرقانداق ئورۇن ئۇنىڭغا خالىغانچە قول شىلتىپ ،پەشۋا ئاتسا بولىۋىرىدىغاندەك ؟ مائارىپ پەيدىن -پەي يەرلىك ھاكىمدارلارنىڭ قۇرالىغا ئايلىنىپ، ئۆز ئاۋازىنى ئۆزىمۇ ئاڭلىماس بولوپ قالماقتا .

5-باھانە :ھەممەيلەن ئوقۇغۇچىلارغىلا كۆڭۆل بۆلىدۇ ،پەقەت ئازساندىكى بىرقىسم كىىشلەرلا ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۆل بۆلىدۇ . ئوقۇتقۇچىلار پەيدىن -پەي بىر ئاجىز توپقا ئايلانماقتا ،تۈرلۈك-تۈمەن سەۋەبلەر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق پەيدا قىلماقتا .

6- باھانە : ھەممە جىنىنىڭ بارىچە ماددى مەدەنىيەت قوغىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئوقۇتقۇچىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيىتى كەڭ دائىرىدە چۆلدەرىمەكتە . ماتېرىيال كۆرۇشتىن باشقا يەنە نېمە بار ؟ ئوقۇتقچۇى رېستۇراندا غىزالىنىپ قويسا چوڭ يەپ -چوڭ ئىچكەنلىك بولىدۇ ،بىرقانچىسى كۆڭۆل خۇشلۇقى ئۈچۈن قەرت ئوينىسا كۆللىكتىپ قېمار بولىدۇ ، ئوقۇتقۇچى ياخشىراق مۇنچىغا چۈشسە ئىستىلى بۇزۇق بولىدۇ ،ئوقۇتقۇچى مودا مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ قويسا ناچار ھەۋەس بولىدۇ .


7-باھانە :مائارىپنىڭ پاكىزە تۇپرىقى ئەمدى ئۇنداق بولماي قالدى . قالايمىقان ھەق يىغىش ،قالايمىقان سىلىق سىلىش بەك ئىغىر ،مەكتەپنىڭ مالىيىسى رەھبەر ۋە يەرلىك ھۆكۇمەتنىڭ كىچىك خەزىنىسى بولوپ قالدى .

8-باھانە :ھازىرقى ئەھۋالدا ئوقۇغۇچى مەڭگۈ بىرىنچى ، ئائىلە باشلىقى تەڭرى .ئوقۇتقۇچى بىلەن ئائىلە باشلىقى ياكى ئوقۇغۇچى ئارىسىدا زىددىيەت تۇغۇلسا گۇناھنىڭ يېلتىزى ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىدا بولىدۇ .

9-باھانە :بىرياقتىن ساپا مائارىپى دەپ توۋلاپ ،يەنە بىرياقتىن ئىمتىھان مائارىپى دەپ ۋاقىراپ ،ئۇزۇندىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئىككىسنىڭ قىسىلچىقىدا ئاران-ئاران نەپەس ئالماقتا .

10-باھانە :ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلەشتە ئەسلى تەنقىدلەش توغرا كەلسە تەنقىدلەش ،قاتتىق تۇتۇش توغرا كەلسە قاتتىق تۇتۇش كېرەك ئىدى ،بىراق ھازىر ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشكە ھەرقانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۇلارغا خۇشامەت قىلىشقىلا بولىدۇ .

11-باھانە :ساپا مائارىپى شۇئارى ۋە ئىمتىھان مائارىپى بايرىقى ئاستىدا ئاخىرقى ھېسابدا بار بولىدىغىنى يەنىلا «ناچار ئوقۇغۇچى »،«ناچار سىنىپ » ۋە «ناچار ئوقۇتقۇچى» ۋاھاكازالاردۇر .

12-باھانە : ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمىتى راستىنلا سەككىز سائەتلىك تۈۈزمدىمۇ ؟ ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچى كۈندىلىك ئارام ۋاقتى ياكى ھەپتە ئاخىرىدىكى ئارام ۋاقلىرىدا بولسۇن غەيرى رەسمي خىزمەت قىلىدۇ ،بۇئىشلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

13-باھانە : مۇئاشنىڭ قەرزدىن ئاشقىنى ئاش -تۇزنىڭ ،داۋالىنشتىن قىسنىپ زۇكامنىمۇ ئىغىر كىسەلگە ئايلاندۇرۇۋىلىش ئاددى ئىش ،ئۆي ياردەم پۇلى دېگەن خام خىيال ،قىرىغاندا كۇتۇنۇش دېگەن ئاق قەغەز .
14-باھانە : «ناچار ئوقۇغۇچى يوق ،پەقەت ناچار ئوقۇتقۇچى بار » مانا مۇشۇنداق دانا گەپلەر باشقىلارنى ئوئوقۇتقۇچىلار ئەپلەپ-سەپلەپ كۈن ئۆتكۇزىدۇ دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ بولدى .

15-باھانە : تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى ، شىتات ئوشۇقلىقىدىن كېلىپ چىققان شاللاش تۈزىمى قاتارلىقلارنىڭ سەھنىگە چىقىشى مەكتەپ رەھبەرلىكىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى يۇۋاشلىتىدىغان «ئەنگۈشتەر»ى بولوپ قالدى .

16-باھانە: كەسىپنىڭ مۇقەددەس تۇيغۇسى ئوبىكتىپ جەھەتتە ئوقۇتقۇچىلارنى ئادەمدە بولىدىغان شادلىنش ۋە غەەزبلىنىشتەك نۇرمال كەيپىياتىنىمۇ نىقابلاپ ياشاشقا مەجبۇر قىلغان ،ئۇنىڭ ئۈستىگە جەمئىيەتنىڭ ئۇلاردىن كۈتكەن زور ئۈمىدلىرى قوشۇلۇپ ئۇلار نۇرمال ئادەملەرچە ياشاشتىن بارغانسىرى يىراقلاشماقتا .

17-باھانە :ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىنىڭ خاسلىقى تۇپەيلىدىن ئوقۇتقۇچى نۇرغۇن روللارنى ئوينىشى كېرەك ؛ بىلىم تارقاتقۇچى ، تۇرمۇشتىكى باشقۇرغۇچى ، ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ ۋاكالەتچى خادىمى ، ئوقۇغۇچىلار پىسخىكىسىنىڭ ئەمچىسى ، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى ئالاقىچى دېگەندەك … بىراق بۇنچە كۆپ رولنى ئىلىش جەريانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ئاسانلا زىددىيەت -توقۇنۇشى كېلىپ چىقىپ ،ئۇلاردا تۈرلۈك پىسخىكلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا .

راست گەپنى قىلغاندا مائارىپنى بوغۇش كۆپ ، مائارىپنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىسى كۆپ . مائارىپ ساھەسىنىڭ ئىچىدە مائارىپنى كۆپتۇرۇپ كۆرسەتكۈچىلەر كۆپ ، مائارىپنىڭ سىرتىدا مائارىپقا قىزىققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغانلار كۆپ .

مائارىپ شۇناس جۇ يوڭشىن ئەپەندى ئوقۇتقۇچىلىق ھەققىدە مۇنداق دېگەن : « ئوقۇتقۇچىلىق -تەۋەككۇلچىلىكتۇر ، ھەتتا بۇ خىيىم -خەتەرگە تولغان بىر كەسىپ . ئۇلۇغ ئادەملەر بىلەن ئىنسانىيەت دۈشمەنلىرى ئوخشاشلا ئوقۇتقۇچىنىڭ مەھسۇلىدۇر.

مەنبە :ئىزچى تەرمىلەردۇنياسى
  2014-4-18

ئاي بەرگى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98397
يازما سانى: 1118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4413
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 761 سائەت
تىزىم: 2013-10-2
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-18 11:36:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت.........................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-18 11:53:24 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچىلىق تەس كەسىپ مائاشى ئاز ئارام ۋاقتى ئاز ، ھەتتا تەتىلدىمۇ سىياسىي ئۆگىنىش ۋە باشقا ئىشلار بىلەن ئارام ئالغىلى بولمايدۇ ،  بەزى نادان  ئاتا ئانىلارنىڭ ئۆكتەملىكى بىلەن بەزىدە تاياق يىيىششمۇ مۇمكىن  ، باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىزدىكى ئۇقۇتقۇچىلىرىمغا ئىچىم ئاغرىيدۇ …
يەنە بەزى بىر 《ياخشى》ئوقۇتقۇچىلىرىم بولدىغان ئىمتاھان ۋاقتىدا كۆچۈرۈڭلا دەيدىغان ،ئىمتاھاننىڭ جاۋابىنى تەپ تارتماي دوسكىغا يازدىغان   ،يەنە  ئادەمنىڭ يېنىدا تاماكا چىكىپ  ئاخسا يۈرۈيدىغان  ، ئېتىلىپ كەتكۈدەك كىيىم كىيىپ يۈرۈيدىغان … يۇقارقى ئوقۇتقۇچىلاردىن نەپرەتلىنىمەن ، مىنىڭچە ئۇندا ئوقۇتقۇچى بولغاندىن بولمىغىنى تۈزۈك
ھازىر ئىنىم باشلانغۇچتا ئوقۇيدۇ ، بەزىدە بەزى ئېشەك ئوقۇتقۇچىلار ئىمتاھاندا دوسكىغا جاۋاپ يېزىپ بېردىكە  ، ئەمەلىيەتتە بەك مەسئۇلىيىتى ئېغىر كەسىپ بۇ ، لىكىن ئۇ كەسىپنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەي مائاش يۇقىرلىتىشنى ئويلايدىغان كەسىپنى خاتا تاللىۋالغانلارمۇ بەك كۆپكەن …

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77953
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3485
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 186 سائەت
تىزىم: 2012-3-26
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 12:00:01 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمانچە كۆپ بۇ «بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن» دېگەن گەپ. نېمانچە كۆپ قېتىم كۆچۈرگەن بولغىيتى بۇ يازمىنى؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 106019
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 248
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 81 سائەت
تىزىم: 2014-4-14
ئاخىرقى: 2014-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 12:30:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇتقۇچى
ئوقۇتقۇچى بولغۇم يوق پەقەت
بولدۇممۇ تارتىمەن  جاپا - مۇشەققەت.
ۋەلىكىن ئارزۇيۇم  ئىستىكىم شۇكى ،
ئوقۇغۇچى بولۇپ بولۇپ بىر ئۆمۈر،
ئۇستازمېھرىگە نائىل بولۇپ  ئۆتسەم تائەبەد .
... ......
بەكمۇ  توغرا  ...

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3108
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 973 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 12:55:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10801
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2008 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 01:16:50 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  


  بىباھا گۆھەردەك خىسلىتىڭ  ئۇستاز

( ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىغا سوغاتلىق)

بىباھا گۆھەردەك خىسلىتىڭ ئۇستاز،
يوق شۇڭا تۆھپەڭگە مىننىتىڭ ئۇستاز.

ھەممە دەر ئوقۇتۇش جاپالىق خىزمەت،
لېكىن ساڭا راھەت قىسمىتىڭ ئۇستاز.

راست ئىكەن ئالتۇننى زەرگە بىلىشى،
ئالىمغا بىلىنەر قىممىتىڭ ئۇستاز.

چەكتىن ئاشسا خىزمىتىڭ ھار ئالمىدىڭ،
جاپالىق خىزمەتتە قات-قېتىڭ ئۇستاز.

چۈنكى ئوقۇتۇشتىن باشقا ئىشىڭ كۆپ،
ئىش بىلەن تولىدۇ كۆپ قېپىڭ ئۇستاز.

ئوقۇتۇش ئۈنۈمسىز يالماپ باشقا ئىش،
چېلىنماس ھەسرەتلىك شۇ دېپىڭ ئۇستاز.

يەنىلا پاك سۆزلەپ پاك ياشاپ كەلدىڭ،
پاك ياشاش بوپ كەلدى خىزمىتىڭ ئۇستاز.

«ئاق» قايسى؟«قارا»ھەم بىلمەيتى ئەۋلاد،
ئەۋلادقا بىلدۈرگەن ھىممىتىڭ ئۇستاز.

ئەۋلادى مىللەتنىڭ تەقدىرى يورۇق،
بولغاچقا ئەۋلادقا «نۇر» گىپىڭ ئۇستاز.

قەدرىڭنى بىلگەنلەر گۈللەندى شۇڭا،
بىلمىگەن خارلاندى قۇت تېپىڭ ئۇستاز.

ئەل ۋەتەن ئۈمۈدى پەقەت سىنىڭدە،
شاتلانسۇن ئارمانىڭ پاك سېپىڭ ئۇستاز.
2013-9-10


  مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.

1
ساراڭ دەر سۆزلىسەم مەن ساراڭ ئەمەس،
سۆزلىدىم ئوقۇتۇش بولغاچقا بىر خەس.
ئانا تىل يەكلىنىپ باستى يەنە  نەس،
ئۇستازنى نەس باسسا ئەل خاراپ پەۋەس.
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.
2
باشلىقلار تۇرىدۇ خۇددى داھىدەك،
كۆرمەيدۇ پۇخرانى كەشى لايىدەك.
يالۋىرىپ  چاپىمىز ئىشقا يايىدەك،
بىز ماتا ئۇلاردۇر ئەتلەس شايىدەك.
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.
3
شۇ تۈزۈم سەۋەپلىك باردۇر داۋامسىز،
سۆھبەتتە يىغمىساق بىزلەر  يارامسىز.
تەنقىدلەر بىزنىلا كىرىپ سالامسىز،
قورقۇتۇپ تىللايدۇ «سىلەر بولامسىز!»،
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ  بەختى تەس.
4
دىن چەكلەشتىن ئەخلاق ئۆزلىشىپ ئالا،  
كۆپەيمەكتە مەكتەپتە داۋامسىز بالا .
شۇڭلاشقا بىلىملەر ئۆزلىشىپ چالا ،
رىزاسىز بۇرچىمىز ئايلىنار دالا.
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.
5
ئوقۇغۇچى قىرىقتىن كۆپ سىنىپتا ،
كۈنلۈك بىردىن تاپشۇرۇق بار قېلىپتا.
ئامال يوق بۇنىڭغا بىزدەك غېرىپتا.
چارچايمىز تۈزۈمنى ساناپ ئېيىپتا ،
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.
6
بالىنى ئازىلاپ ئۇستازنى خارلاپ،
ماڭغان مائارىپ تۈگىشىدۇ زارلاپ.
ھەم ياراملىق ئەۋلات چىقمايدۇ پارلاپ ،
قارايلى تارىخقا ئىبرەتلىك چارلاپ،
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
(7
ئىلىمگە خىيانەت، ئەلگە قىيامەت ،
بىراق بىزدە كۆپتۇر بۇنداق قىياپەت.
بولسىمۇ ئۇستازغا ياخشى سىياسەت.
لىكىن بىزدە يوقتۇر ئۇنداق دىيانەت.،
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
8
باشقىلار ئۇستازنى   ئۇلۇغ بىلىدۇ ،
شۇڭا  ئۇلار باي  بەخىتلىك كىلىدۇ،
بىزدە غاجاپ تىللاپ ئەخمەق قىلىدۇ،
ھالىمىز شۇڭلاشقا يۈرەك تىلىدۇ.
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
9
ئۇ ئايدىن بۇئايغا مائاش يەتمەيدۇ،
مال باھا ئۆسۈشتىن نېرى كەتمەيدۇ،
توي تۆكۈن مائاشنى تازا  ئەپلەيدۇ.
شۇڭلاشقا نامراتلىق بىزنى خەپلەيدۇ،
مۇئەللىم قاخشىسا ، ئەلنىڭ  بەختى تەس.
10
ھەربىر  خەت پىلاندا بولمىساق زىرەك،
ئايلىنىپ قالارمىز كىرەكسىز تىزەك.
شۇڭا بەك ئىشلەيمىز خىزمەتنى دىمەك.
ئىشلەشتە يوق بىزگە بىرەرمۇ تىرەك،
مۇئەللىم قاخشىسا ، ئەلنىڭ بەختى تەس.
11
ھاجەت راۋا بولماي تۇرىدۇ سەپ-سەپ،
باشقىغا بىزلەردىن تەگمىگەچكە نەپ،
قاچاركەن ھەممىسى«نەپ تەگمىدى» دەپ،
شۇڭلاشقا غەم باسار بولۇپ بىر سەلەپ،
مۇئەللىم قاخشىسا ، ئەلنىڭ بەختى تەس.
12
ئوقۇتۇشنى دىمەس  «جاپالىق ئەمگەك»،
بار تېخى «ھەممىدىن ئاسان »دەپ كەتمەك.
يوقتۇر ھەقىقەتنى  ئىزدىمەك يەتمەك،
شۇڭا بارساختىلىق يوقنى بار ئەتمەك،
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ  بەختى تەس.
13
چېقىمچى چاقىدۇ باشلىققا داتلاپ،
غەيۋەتخور غاجايدۇ قارىنى چاپلاپ،
دۈشمىنىڭ يۈرۈيدۇ ئەتراپنى قاپلاپ،
ياراتماي دوستلۇرۇڭ كىتىدۇ ياتلاپ.
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
14
تىلىمىز ئىدى بەك ئۇلۇغ ھىكمەتتە،
ئەڭ گۈزەل تىل يېزىقكەن دەپ زىننەتتە.
خەلقارادا يۈرەر  ئەنە  ئىززەتتە
بىراق بىزدە  سانالدى بەك ئىللەتتە،
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
15
قوشتىل، شۇ »قوشتىل«دەك ئادىل ئاقمايدۇ،
تەلەپ پىكىر  ھەق گەپ  پەقەت ياقمايدۇ،
ھەرىمۇ بىر-بىرنى بىزدەك چاقمايدۇ،
ئۇستازىغا  بىزدەك  كۆزدە باقمايدۇ.
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
16
جاپالىق ئىشلىسەڭ ئەجرىڭ چىقار كەم،
ھەقىقەت بولمىغاچ خۇلاسىدە  ھەم ،
ئەقىللىق بولساڭمۇ ئىشلەتسەڭمۇ پەم،
ئازاپلار ھەممىسى يوقتۇر تاتلىق تەم،
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
17
مۇئەللىمنى خورىتىش بولغاچ  بەك تولا،
مۇئەللىم ئىشى كۆپ تەگمەيدۇ چولا ،
ئىشلار كۆپ  ھەم ئېغىر، يېغىردۇر دولا.
جاپا بولسا ئىنسانغا شۇنچىلىك بولا،
مۇئەللىم قاخشىسا، ئەلنىڭ بەختى تەس.
18
ئوقۇتۇشتىن مۇھىم ئۇقتۇرۇش دائىم ،
بۇيرۇقنى ئاڭلىشىڭ كىرەك بەك لازىم.
ئوقۇتۇش بىر چەتتە قالار يەپ ۋايىم ،
)قاچانمۇ كىلەر؟( دەپ مىنىڭ باھارىم.
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.
19
ئەمىليەتتىن  ئىزدىمەي ھەقىقەتنى ،
يەكلەيدۇ دائىملا ھەق پەزىلەتنى.
مۇئەللىم تاپالماس ھەق ھەرىكەتنى.
قىينىلىپ ئىزدەيدۇ پاك تەبىئەتنى.
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.
20
مۇشەققەت دەستىدىن ئاقارغان بۇ چاچ،
بولغاچقا خىزمەتلەر ئەگرى گادىرماچ.
بەختىمىز ھەردائىم تۇرسىمۇ قاچ-قاچ،
ئۈمۈدۋار بىز لىكىن ھەقىقەت بولغاچ،
مۇئەللىم قاخشىسا ئەلنىڭ بەختى تەس.

2013-8

   مەنبە :ئۆز قەلىمىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67713
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3062
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2011-11-30
ئاخىرقى: 2014-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 10:17:24 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mektepte bashlikka hoshamet kilishini ogunwilish nahayiti muhim ikan .bolmisa yahshi ishliganning emgiki nol ikangu

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102803
يازما سانى: 1011
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2792
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 685 سائەت
تىزىم: 2014-1-26
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 11:04:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇستازغا
ئەما ئىدىم،نۇر بەردىڭ كۆزگە،
گاچا ئىدىم،ئۈگەتتىڭ سۆزگە.
مۆھتاجلىقتا ئۆتكەن ھاياتىم،

ئېرىشتۈردۈڭ،نىھمەتلەك كۈزگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87057
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 882
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 01:19:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن بولساملا بارلىق قايغۇللىرىمنى ئۇنتۇپ كىتمەن،ئۇزۇن مەزگىل بۇ جاپالىق ئەمماشەرەپلىك خىزمەتنى قىلىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش