مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3597|ئىنكاس: 18

شەھەر باشلىقى، ئاپتومۇبىلىمنى قەيەرگە توختىتىمەن؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-18 08:08:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                          شەھەر باشلىقى، ئاپتومۇبىلىمنى قەيەرگە توختىتىمەن؟
                                                         "ئاقسۇ گېزىتى" مۇخبىرى  ئابدۇسالام ئابلىز
        ئاپتومۇبىلنىڭ كۆپىيىشى بىر ياخشى ئەھۋال بۇلۇپ، ئۇ بىر رايوننىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە بەلگىلىك تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكىنىڭ، خەلقنىڭ ماددى تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنىڭ، پۇلىنىڭ كۆپەيگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئەمما، تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقان ئاپتومۇبىل ئاقسۇ شەھرىدە بىر ئىجتىمائىي ئاپەتكە ئايلىنىپ، شەھەر ئىچىدە نورمال يول يۈرۈش، ئاپتومۇبىل توختىتىشقا ئاز بولمىغان ئاۋارىچىلىق ۋە قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرماقتا. شەھەر كۆلىمى كېڭىيىۋاتقان، ئىگىز بىنالار يىلسىرى كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئاپتومۇبىل توختىتىدىغان جاي تاپماق تەسلىشىپ كەتتى. بۇ مەسىلىنى زادى كىم ھەل قىلىدۇ...؟
        سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئاقسۇ شەھرىنىڭ شەھەر كۆلىمى 37 كىۋادىرات كىلومېتىر بۇلۇپ،  ھازىرقى كۆلىمى 78 كىۋادىرات كىلومېتر كېلىدىكەن. ئەمما شەھەرنىڭ كۆلىمى كېڭەيگەن بىلەن شەھەر كوچىلىرى ھەر يىلى ۋىلايەت دائىرىسىدىكى 30 نەچچە شوپۇرلۇق مەكتىپىدە ئوقۇپ پىراۋا ئېلىۋاتقان "يېڭى شوپۇر"لارغا كىچىكلىك، تارلىق قىلىپ قالماقتا. كۈنمۇ كۈن، ئايمۇ ئاي ئۇلغىيىۋاتقان "ئاپتومۇبىل سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى" شەھەر كوچىلىرىنىڭ قاتناش بېسىمىنى ئېغىرلاشتۇرۇپلا قالماي، ئاپتومۇبىل توختىتىش مەيدانى تاپقىلى بولماسلىق ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. چوڭ يول ياقىسىدىكى بەزى مەيدانلار تۇرۇپلا ھەقلىق ئاپتومۇبىل توختىتىش مەيدانىغا ئۆزگىرىپ كەتتى. ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق چوڭ يول بۇيىغا جايلاشقان بەزى ئىدارە-ئورۇنلار ئۆز تەۋەلىكىنى قورشاپ، قامال قىلىپ، ئاپتومۇبىل توختىتىشقا رۇخسەت قىلماسلىق سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. بەزى مەيدانلارغا كىرىش-چىقىش ھەقىقەتەن مۇشكۇل بۇلۇپ، ئاپتومۇبىل توختىتىش ئاۋارىچىلىقى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقماقتا.
        2006-يىلى 10-ئايدا مەن بىرىنچى قېتىم خاڭجۇ شەھرىگە بارغىنىمدا، بۇ شەھەرگە ياسالغان ئىستىرولۇق ئاپتومۇبىل توختىتىش مەيدانىنى كۆرۈپ ھەيران قالغان ئىدىم. ئاپتومۇبىللار بوشلۇققا 2-3 قەۋەت قىلىپ ئېسىپ قويۇلاتتىكەن. 2011-يىلى 6-ئايدا خاڭجۇ شەھرىدە 70 كۈن تۇرۇش جەريانىدا يەر ئاستىغا ياسالغان نەچچە قەۋەتلىك ئاپتومۇبىل توختىتىش مەيدانىنى كۆرۈپ، مەن تېخىمۇ ئەجەپلەنگەن ھەم شەھەر كوچىلىرىنىڭ شۇنداق ئازادە تۇرغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدىم. ئۇنداق بولمىغاندا، نەچچە مىليۇن نۇپۇسى بار بۇ "جەننەت شەھەر" دىكى ئاپتومۇبىللار نەگىمۇ پاتار ئىدى، قەيەرگىمۇ توختىتىلار ئىدى؟ يېقىندا "ئاقسۇ گېزىتى"گە بېسىلغان ئاۋات ناھىيىسىدە بىر ئىستىرولۇق ئاپتومۇبىل توختىتىش مەيدانى ياسىلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئوقۇپ تولىمۇ خوش بولدۇم. 250 مىڭ نۇپۇسى بار ئاۋات ناھىيىسىدە ھازىر 60 مىڭدىن ئارتۇق موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىسى بار ئىكەن. بۇ ئەمەلىيەتكە ئاساسەن ناھىيە ئاممىنىڭ ئاپتومۇبىل توختىتىش مەسىلىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىشىغا باش قاتۇرۇپتۇ. ۋىلايەتنىڭ سىياسى، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، قاتناش، پۇل-مۇئامىلە مەركىزى ھىساپلىنىدىغان ئاقسۇ شەھرىچۇ؟ تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ئاقسۇ شەھرىدىكى ئاپتومۇبىللار 200 مىڭغا يېقىنلىشىدىكەن. ھەر يىلى شەھەردە ئاپتومۇبىل 5000 دانىلىق سۈرئەت بىلەن كۆپىيىپ مېڭىۋېتىپتۇ، لېكىن يول شۇ، كوچا شۇ، مەيدان شۇ. ھازىرغىچىلىك شەھەردە بىرەر ئاسما كۆۋرۈك ياكى يەر ئاستى ئۆتۈشمە يولى ۋە ياكى خاڭجۇ شەھرىدىكىگە ئوخشاش ئىستىرولۇق ئاپتومۇبىل توختىتىش مەيدانى ياسالغىنى يوق. شۇ ۋەجىدىن، ئاپتومۇبىل ئىگىلىرىنىڭ كۆپۈنچىسى ئاپتومۇبىل توختىتىش مەيدانىنىڭ قىسلىقىدىن زارلانماقتا. ئەڭ ئېغىر بولغىنى 1-خەلق دوختۇرخانىسى، 1-دېۋىزىيە دوختۇرخانىسى قاتارلىق بىر قىسىم كۆزنەك ئورۇنلارغا كىرىش تولىمۇ تەسكە توختىماقتا. بەزى جايلارغا ئاپتومۇبىل ھەيدەپ بارغاندىن كۈرە پىيادە مېڭىپ بېرىش ئاسان بولماقتا. مەن نۇرغۇن شوپۇر دوستلار ۋە ئاممىنىڭ شەھەرنىڭ قاتناش قىستاڭچىلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسىنى ئاڭلىدىم. ئاقسۇ شەھرىنىڭ ھازىرقى يوللىرى ئىلگىرى ياسالغان، ئەمما ئۇ ئاپتومۇبىللارنىڭ نۆۋەتتىكى يول يۈرۈش، توختىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ، شۇڭا ھەر كۈنى نەچچە يەردە چوڭ-كىچىك قاتناش ۋەقەسى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. يېقىنقى بىر قانچە ئايدىن بۇيان شەھەرنىڭ قاتناش تەرتىپى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، چوڭ-كىچىك يول، كوچا ئېغىزلىرىدا قاتناش ساقچىسى ئۈزۈلمەيدىغان بولدى. ئۇلار ئىش ئورنىدا مەزمۇت تۇرۇپ، قار، يامغۇر، جۇد، شىۋىرغان دىمەي ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتىدۇ، شۇنداقتىمۇ قاتناش قىستاڭچىلىقى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقماقتا. بولۇپمۇ، يوللىرى قاشا بىلەن ئايرىۋېتىلگەن شىنخۇا يولى، ساغلاملىق يولى، غەربى چوڭ كوچا، شەرقى چوڭ كوچا قاتارلىق يوللاردا يول يۈرمەك تېخىمۇ تەسلىشىپ كەتتى. مۇبادا بۇ يول بۆلەكلىرىنىڭ مەلۇم يىرىدە قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ قالسا، ئارقىدىكى ئاپتومۇبىللار ئۇزۇن ئۆچرەت تۇرۇپ كېتىدىغان، ياكى ئالدىغا، ياكى كەينىگە ماڭالمايدىغان  زىددىيەتكە دۇچ كەلمەكتە. لەنگەر يولى ۋە ئاقسۇ گېزىتخانىسى جايلاشقان نەنچاڭ شەرقى يولىنىڭ ئىككى تەرەپىگە قالايمىقان توختىتىپ قويۇلغان ئاپتومۇبىللار نورمال قاتناش تەرتىپىگە تەسىر يەتكۈزمەكتە.
        ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئاپتومۇبىللار بۇندىن كىيىن كۆپىيىدۇكى، ھەرگىز ئازايمايدۇ. نۆۋەتتىكى جىددىچىلىكنى، قىستاڭچىلىق بېسىمىنى ئۆزىگە سىغدۇرالمايۋاتقان شەھەر كوچىلىرى يەنە نەچچە يىلدىن كىيىن قانداق قىسمەتلەرگە دۇچ كېلەر؟ ئاپتومۇبىللار قەيەرگىمۇ توختىتىلار...؟ مانا بۇلار ئاقسۇ شەھرىدىكى ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلۈشتىن توغۇلغان ئەندىشىلىك سۇئالى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىك خىيالى. شەھەر بىر-ئىككى كۈندە چوڭىيىپ قالمايدۇ، ئەمما، بىر-ئىككى كۈندە ئاپتومۇبىلدىن نەچچىسى كۆپىيىشى مومكىن. ئەگەر ھۆكۈمەتنىڭ يەر ئۈستى ياكى يەر ئاستى ئاپتومۇبىل توختىتىش مەيدانى ياساش پىلانى، ئىرادىسى بولغان تەقدىردىمۇ، بۇنى پۈتتۈرۈشكە مەلۇم جەريان كېتىدۇ. بۇ جەريان تاماملانغىچە ئاپتومۇبىل داۋاملىق كۆپىيىپ، ئەسلىدىنلا چەكلىك لايىھىلەنگەن شەھەرنىڭ گۈزەل كوچىلىرى ۋە چىرايلىق مەيدانلىرىنىڭ تېخىمۇ جىددىلىشىپ، شەھەر خەلقىگە ئويلىمىغان قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تۇرغانلا گەپ. كەلگۈسىدە مۇقەررەر دۇچ كېلىدىغان بۇ رىئاللىق ۋە ۋەھىمە مىنى، ئۇنى، ئاپتومۇبىلى بار-يوقلارنىڭ ھەممىسىنى ئويلاندۇرۇپ قويماقتا. ئاخىرى مەن ئاممىغا ۋەكالىتەن شەھەر باشلىقىغا بۇ ئىش توغرىسىدا ئىلتىجا قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم: شەھەر باشلىقى، سىزنىڭچە ئاپتومۇبىلىمنى قەيەرگە توختاتسام بۇلار...؟
                         ( "ئاقسۇ گېزىتى" دىن ئېلىندى، قوشۇمچە سۈرەتلەرنى uyghari تارتقان.)
DSCF3635.jpg
   DSCF3637.jpg
   DSCF3638.jpg
   IMG_20130620_135105.jpg
   DSCF3629.jpg
   DSCF3630.jpg
   DSCF3632.jpg
   DSCF3633.jpg
   DSCF3625.jpg
   DSCF3626.jpg
   DSCF3627.jpg
   DSCF3628.jpg
   DSCF3614.jpg
   DSCF3619.jpg
   DSCF3620.jpg
   DSCF3621.jpg
   DSCF3606.jpg
   DSCF3608.jpg
   DSCF3610.jpg
   DSCF3611.jpg
   DSCF3001.jpg
   DSCF3598.jpg
   DSCF3599.jpg
   DSCF3602.jpg
   DSCF2470.jpg
   DSCF2676.jpg
   DSCF2899.jpg
   DSCF2904.jpg
   DSCF2464.jpg
   DSCF2467.jpg
  




ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101473
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 487
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2013-12-29
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 12:17:19 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسى دەپ ئېلىنسا توغىرا بولىدىغۇ دەيمەن،بۇرۇن قەشقەر كېرەمباغنى ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى دەپ ئاتايتى،ھازىر ئۆزگەرتتى،قەشقەر ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسى دەپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 800 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 02:06:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاقسۇ شەھرىدە ئاپتومۇبىل توختىتىش جەھەتتىكى قالايمىقانچىلىقلارنى ھەقىقەتەن ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ئەڭ يامان بولغىنى بەزى ئاپتومۇبىللار توختىتىپ قويىدىغان يەر تاپالماي پىيادىلەر يولىنى ئىگىلىۋېلىپ ۋە كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى پىيادىلەر ئۆتىشىدىغان يەردە توختىۋېلىپ، پىيادىلەرنىڭ يول يۈرۈشىگە قۇلايسىزلىق كەلتۈرمەكتە. «ھەممە ئىشنى موللام بىلەر، موللام قوپۇپ كۆلگە سىيەر» دىگەندەك،
تېخى بەزى ساقچى ئاپتومۇبىللىرىمۇ تەپتارتماي قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ، پىيادىلەر يولىدا قالايمىقان توختىتىپ قويۇلماقتا. ئاقسۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆزىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا قالايمىقان توختىتىپ قويۇلغان ئاپتومۇبىللار بىلەن كارى بولمايۋاتقان يەردە، شەھەرنىڭ باشقا جايلىرىدىكى قالايمىقان ئاپتومۇبىل توختىتىش مەسىلىسى بىلەن نەدىمۇ كارى بولسۇن!
    يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، بۇنى «جوڭگوچە ئاپتومۇبىل توختىتىش» دىسەك بۇلىدۇ. ئەندى ياۋروپاچە ئاپتومۇبىل توختىتىش ئۈستىدە قىسقىچە توختىتىلىپ ئۆتەي:
      مەن 2012-يىلى تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋېتى بىلەن ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەردە ساياھەتتە بۇلۇش جەريانىدا، ئۇ يەرلەردىكى ئاپتومۇبىللارنىڭ قانداق توختىتىلىدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
گېرمانىيە، بېلگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەلۇم بىر شەھرىدە نۇپۇسى بولغانلىكى ئاپتومۇبىللار ئاپتومۇبىل ئىگىلىرىنىڭ ئۆيىگە يېقىنراق بولغان كوچىنىڭ چېتىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇندا رەتلىك توختىتىپ قۇيۇلىدىكەن، ئۇنىڭغا ھىچقانداق ھەق ئېلىمايدىكەن. ۋاقتىنچە ئىشلىتىلمەيدىغان ئاپتومۇبىللار كېچە-كۈندۈز ئوزاققىچە توختىتىپ قۇيۇلسىمۇ، بىخەتەر تۇرۇۋېرىدىكەن. بۇ بىر جەھەتتە شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ئاڭ ۋە ئەخلاق ساپاسىنى ئىپادىلەپ بەرسە، يەنە بىر جەھەتتىن شۇ يەردىكى جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ بىر قەدەر ياخشىلىقىنىمۇ ئىپادىلەپ بېرىدىكەن. سىرتتىن كەلگەن ئاپتومۇبىللار بىردەك يەر ئاستى ئاپتومۇبىل توختىتىش مەيدانلىرىدا ھەقلىق توختىتىپ قۇيىلىدىكەن. ئاقسۇ شەھرىدىكىگە ئوخشاش كۆرگەنلا يەرگە قالايمىقان ئاپتومۇبىل توختىتىۋېرىدىغان
ئەھۋاللارنى ئۇ يەرلەردە كۆرگىلى بولمايدىكەن. ئەگەر شۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىپلا قالسا، ساقچىلار دەرھال كېلىپ بۇ مەسىلىنى شۇ يەرنىڭ مۇناسىپ قائىدە-نىزامى بۇيىچە بىر تەرەپ قىلىدىكەن.
      ئاپتومۇبىللارنىڭ كۆپەيگەنلىكىمۇ تەرەققىياتنىڭ بىر بەلگىسى. بىراق، مۇناسىپ قائىدە-تەرتىپ ۋە باشقۇرۇشمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا بىللە مېڭىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ئاقسۇ شەھرىدىكىگە ئوخشاش ئاپتومۇبىل توختىتىشتىكى قالايمىقانچىلىق ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. بۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشتا، ئېلىمىزنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى تەرەققى قىلغان ئۆلكە، شەھەرلەردىن، شۇنداقلا ياۋروپادىكى تەرەققى قىلغان ئەللەردىن ئۆگىنىشىمىزگە، ئۇلارنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆرنەك قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئاقسۇ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ، جۈملىدىن شەھەر باشلىقىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك خىزمەت كۈن تەرتىپىگە قۇيىدىغان ۋاقتى كەلدى!

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 2555
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 21671
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 9898 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 03:00:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ئەمەليەتچانلىقى بار بىر مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپسىز.
دېمىسىمۇ شەھرىمىزدە ماشىنا توختىتىش ئورنى تېپىش ھۆكۈمەت تارماقلىرى ئويلىنىپ جىددى ھەل قىلمىسا بولمايدىغان بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.
يەنە بىرسىگە چوڭ تۆت كوچا ئېغىزىدىكى ئۈتۈشمە يولغا چوقۇم پىيادىلەر ئوتىدىغان قەۋەتلىك ياكى ئاسما كۆۋرۈك ياساشنى ئويلىشىشى كېرەك. قاتناش قىستاڭچىلىقى، ماشىنىلارنىڭ قالايمىقان توختىتىلىشى ئاۋام-پۇخرالارنىڭ تۇرمۇشىغا نۇرغۇن قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلمەكتە. ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ بۇ مەسىلىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ھېسسىيات قارىشىڭنى ئەقلىڭنىڭ ئۈستىگە قويغان كۆنۈڭ، سېنىڭ خاتالىشىشقا يول قويغان تۇنجى كۈنۈڭدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92141
يازما سانى: 1879
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2265
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3073 سائەت
تىزىم: 2013-2-23
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 03:48:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىترودىن نەچچىسى يولغا چىقسا ھەم ماشنىغا چەك قويسا بۇلىدۇ، ئەمما چەك قۇياي دىسە ماشنا سودىگەرلېرى ۋە زاۋۇتلار تىتىكلىشىپ كىتىدۇ...

ئىلىكتىر ئىلمى بۇيەردە:http://www.xjefan.com/
  اشقىلارنى باھالاشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزنى باھالىۋىتىڭ....

ئەپۇچانلىك _ گۇزەل ئەخلاق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14852
يازما سانى: 947
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15638
تۆھپە نۇمۇرى: 1724
توردا: 6167 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 12:18:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ئاقسۇدا شەھەر باشلىقىنىڭ  نەزىردە  كىچىك ئىش ھىساپلىندىغان ، لىكىن ئادەتتىكى  پۇقرالار ئۈچۈن باش قېتىمچىلىقى بۇلۋاتقان  ھەل قىلمىسا بولمايۋاتقان  ئىشلار خېللا كۆپ .
  مەن بۇرۇن ئىشقا بېرىپ كىلىشتە كۆپ ھاللاردا ئىلگىرىكى شەھەرلىك پارتىكوم شۈجىسى ۋە شەھەر باشلىقىنىڭ ئەتگەن ۋە كەچتە  پىيادە شەھەر ئايلىنىپ  كۈزتىش ئېلىپ پۇقرالار بىلەن سۆزلەشكىننى كۆپ ئۇچۇرتاتتىم ، لىكىن ھازىر تىلۋۇزۇردىن باشقا يەردە بۇلارنى كۈرۈش كۈندۈزى يۇلتۇز كۆرگەندىنمۇ قىيىن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nawkeran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-19 02:57 PM  


دوستلۇق _ مەڭگۇلۇك تىما ، دوستلار ئۆز-ئارا خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىمان بۇلغۇچىلاردۇر ،  ھەم ئۆز-ئارا قايغۇھەسىرەتنى تۇگتىشكە ھەمرا بولغۇچىلاردۇر .
،،.دانىشمەن دۇشمىنىمدىن  قۇرقمايمەن ،لىكىن ئىتتەك دوستۇمدىن قورقىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87057
يازما سانى: 495
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 882
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2012-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-19 01:13:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قاتناش قىستاڭچىلقى مەسىلىسى شىنجاڭنىڭ ھەممە شەھەرلىرىدە كۆرۈلىۋاتقان ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلمىسا بولمايدىغان قىزىق نۇقتا بۇ مەسىلنى ھەل قىلىشتا شەھەر پىلانلاش خىزمىتىنى يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن لاھىلەش ئەڭ مۇھىم ،قانچە شەھەر شۇنداق لاھىلەندى .           ئاممىۋى قاتناشنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش ،ئالاھىدە زۆرۈر بولمىسا ماشىنا ئىشلەتمەسلىك،ۋەلسىپىت مىنىشنى تەشەببۇس قىلىش.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82554
يازما سانى: 1986
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7404
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1172 سائەت
تىزىم: 2012-7-6
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 02:44:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەۋغا يوللىغان ۋاقتى  2014-4-19 12:17 AM
ۋىلايەتلىك خەلق 1-دوختۇرخانىسى دەپ ئېلىنسا توغىرا بولى ...

ھەئە،شۇنداق مەسىلە مەۋجۈت،قەشقەردىكى ئۇ ئىشقا مېنىڭ دادامنىڭ تەكلىپ-پىكىر بېرىشى سەۋەپ بوپتىكەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13164
يازما سانى: 399
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9626
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 2860 سائەت
تىزىم: 2010-10-8
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 09:08:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyghari يوللىغان ۋاقتى  2014-4-19 02:06 AM
ئاقسۇ شەھرىدە ئاپتومۇبىل توختىتىش جەھەتتىكى قالايمىق ...

بىزنىڭ بەزى باشلىقلىرىمىز بۇ ئىشلانى ئويلىشىىشقا ۋاختى يوقمىكىن ئوقمىدۇق،بۇئەھۋال ھەمەيەردە بار،بىزنىڭ ھېلىقى ‹خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى،سىياسى كېڭەش ئەزالىرى›مۇشۇنداق ئەھۋاللارنى مائاش ئۆستۈرۈش قاتارلىق پىكىرلەرنى ئېلىپ بارماي نەدىكى تۇتامغا تۇرمايدىغان پىكىرلەرنى ئېلىپ بارىدۇ،شۇئاغيىىنىلەر پىكىر بەرسە بولىدۇ ھۆكۈمەتكە شۇنداقمۇ قېرىنداشلار!!!!!!!!!

تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105125
يازما سانى: 791
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1415
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 672 سائەت
تىزىم: 2014-3-21
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-20 01:42:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر ھەممەب ئادەمنىڭ ئاستىدا بىردىن ماشىنا بوپ كەتتى، كوچىدا ئادەمدىن ماشىنىنى قىق كۆرىمەن، بۇنداق بولىۋەرسە قاتناش قىستاڭچىلىقى كۈندىن - كۈنگە جىقىيىدىغان گەپ، بۇنىڭغا ئامال قىلماي زادى بولمايدۇ.

سەندە يوق خىسلەت بىلەن سېنى تەرىپلىگەن كىشى، سەندە يوق ئىللەت بىلەن سېنى قارلايدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش