ئون ئالتە سائەتنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىسىز؟
ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق چەكسىزرەڭلەر قايناملىرىدا پىرقىراۋاتقان ئاياللار توپى، ئاتا-ئانا تەربىيىسى ۋە ئائىلىدىكى ئىسلامى تەربىيەلەرنىڭ نەقەدەر كەملىكىنى ھەتتا يوقلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرىدىغان يالىڭاچ قىزلار جامائەسى ھەر دەقىق چېلىقىپ تۇرىدۇ. نەھايەت ئانىلارنىڭ بېشىدىكى ياغلىق قاچان يۇقالدى،قىزلارنىڭبەدىنى شىددەت بىلەن ئېچىلىشقا باشلىدى. ئەۋلاتلارغا بىرىلىدىغان ئىتىقاد تەربىيەسى سىھرى كۈچىدىن قالدى.
ئاللاھقا چەكسىز ھەمدىلەر بولسۇنكى، ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ھازىر نۇرغۇن كىشىلەر ئويغاندى. ئىسلامغا قايتىپ ئىلگىركى جاھىلىيەت قىلىقلىرىدىن قول ئۈزۈپ پاك ئاللاھنىڭ مەغپىرىتى ۋە مۇھەببىتىگەئېرىشتى. شۇنداقلا يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۈزىنىڭ پىسقى پۇجۇرلىرىدا غاپىل بىخوتھالدا شەيتان بىلەن ئۈلپەتلىشىپ يۇرىشىۋاتىدۇ.
قەلبىدە ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ مۇھەببىتى بولغانلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇملۇق. بىز شۇنداق بىر زامانلارغادۈچ كەلدۇق.شۇنداق بىر شارائىتلاردا ياشاۋاتىمىز. بىزنىڭ بارلىقىمىز مەۋجۇتلىقىمىز خرىسلارغا ئۇچراۋاتىدۇ. ئاجايىپ بىر روھى ماتانەت بىلەن ھەققە يېقىنلىشىۋاتقان يۈرىكىمىزدە بەندىلىك ئاجىزلىقىمىزغا سىغدالغان غېرىپلىق بىلەن شۇنداق بىر ئىزتىراپلاردا پۇچىلانماقتىمىز. نىمىگىدۇر سىقىلىمىز، كىملەرگىدۇر بەردەم سالامەتلىك تىلەپ ،غەملىرىمىزنى، پىغان تەشۋىشلىرىمىزنى ئاللاھىمىزغىلا پىچىرلايمىز. شۈبھىسىزكى دەرەختىن چۈشكەن ھەر بىرتال يۇپۇرماقمۇ ئاللاھنىڭ بىلىشىنىڭ سىرتىدا ئەمەس. دىمەك بىزلەرنىڭ مۇشۇنداق زامان، ماكان ،شارائىتتا بۇ قەۋىمدە ئۇيغۇر بۇلۇپ تۈرىلىشىمىزنىڭ ئۈزى بىر ھېكمەت!!!!!
ئەتراپىمىزغا باقساق ھازىر ئون ئايالنىڭ ئاز كەم سەككىزى ناماز ئۇقۇيدۇ. بىراق ناماز ئۇقۇيدىغان سەككىز ئايالنىڭ ئاز كەم بەشى يېرىم –يالىڭاچ!!!!!!!نىمىشقا؟؟؟؟؟نىمىشقا ئۇ نامازلار ئاياللارنى ئەۋرەتلەرنى ياپقۇزالمايدۇ؟؟؟؟؟چۈنكى ئىمان ئۇ كىشىلەرنىڭ يۈرۈكىگە، تۇمۇر-تۇمۇرلىرىغا ئورناشمىغان. پەقەت ئېغىزىدا بۇلۇپ گېلىنىڭ ئاستىغا ئۆتمىگەن.
مانا ئۈزەمنى مىسالغا ئالسام مېنىڭمۇناماز ئۇقۇپ تۇرۇپ كالتە يەڭ كىيىملەرنى كىيگەن ۋاقىتلىرىم، ياغلىق ئارتىپ تۇرۇپ سۇمبۇل چاچلىرىمنى پۇلاڭلىتىپ يۈرگەن پاسىق چاغلىرىم بولغان. رەببىمگە سانسىز ئىستىغپارلارنى ئۇقۇيمەن. ھازىر ئويلىسام ئاشۇنداق كالتە يەڭ كىيىملەرنى كىيىپ، چاچلىرىمنىڭ يېرىمىنى ئۇچۇق قۇيۇپ يۈرۈپمۇ يەنە ئۈزەمنى خېلى تەقۋا مۇسۇلمان چاغلاپ يۈرۈپتىكەنمەن.ئۇ چاغلاردا بىركىم بىزنى« يالىڭاچ بول، ئەۋرەت چاچلىرىڭنى ئاچ» دېمىگەن ئىدى. ،شەخسەن ئۈزەمنى مىسال قىلسام قىياپىتىمىزگە ئىت قاۋىمىغان زامانلاردا ئۈزەمنى مۇسۇلمان چاغلاپ يۈرگەنمەن. شايى رۇماللارنى ئايانماي ئارتىپ تاقىلداپيۈرگەنىكەنمەن.شۇ چاغلاردىلا تۇلۇق كىيىنگەن ھەمشىرىلىرىمنى توۋا دىلىدا بىلسەبولماسمۇ دېگەندەك پاسىقانە خىياللاردا بولغىنىم ئۈچۈن رەببىمدىن ھىساپسىزئۇيىلىمەن.ھەقىقەتەن پاسىق ئىكەنمەنكى تويلۇق ئۇزۇن يەڭ ئەتلەس كۆينىكىمنىڭ يېڭىنىكەستۈرگەنمۇ مانا مەن ئىدىم. ئاللاھۇ سۈبھانە ۋەتەئەلا شۇقەدەر ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇركى؛مانا ھازىرقىدەك تۇسالغۇ ۋە بېسىملارغا دۈچ كېلىۋىدۇق ،شايى رۇماللارتاشلاندى.سۇمبۇل چاچلار يۆگەلدى.كالتە يەڭ كىيىملەر ئورنىغا كەڭ لابدۇر كىيىملەرئالماشتى.قىسقىسى پاك رەببىمىز بىز ئاشۇ زامانلاردا قەدرىنى بىلمەي يېرىم-ياتائارتقان ياغلىقلارنىڭ ،ئۇزۇن يەڭلىك كەڭ -كەڭرى كىيىملەرنىڭ قىممىتىنى ئۆز پەزلىمەرھەمىتى بىلەن بىزگە بىلدۈردى. بىز ئۈزىمىزگە نېمە كېرەكلىكىنى ،نېمىنى قوغداپ نىمىنى تاشلىشىمىز لازىملىقىنى بىلدۇق.
قىسقىسى؛-پاك ئىسلام رەببىمىز مۈلكى مەخلۇقات پەسلىيەلمەيدۇ دېگەندەك مەۋجۇتلىقىمىز ۋە بارلىقىمىز خىرىسقادۈچ كېلىۋىدى، بۇ خىرىس يەكلەش ۋە چەكلەشلەر زۇلجەلالى ۋەل ئىكرام بولغان جانابىيئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن ئېتىقادىمىزدىكى خۇنۇكلۇق ۋە سۇسلۇقنى كۈل قىلىپ تاشلاپ گۈرۈلدەپ كۈيىدىغان بىر قۇۋۋەت ئېلىپ كەلدى.داتبېسىپ كەتكەنلىكتىن لاينىمۇ كېسەلمەسبۇلۇپ كەتكەن ئەقىدە شەمشىرىمىز ئاللىكىملەرنىڭ سەپسەتىلىرىدىن ئۇچقۇنداۋاتقانقورقۇنىچ ۋە بىچارىلىقنىڭ تىترەكلىرىدىن ئايان بۇلىۋاتقان سۇنماس روھى كۈچتە چاقناپ پارقىرىدى. نەچچەيىللار مابەينىدە سامان ئۇتىدەك ئىس چىقىرىپ تۇرغان يا ئۈچەلمەي يا گۈلخان بۇلۇپ كۈيەلمەي كەلگەنئىمانىمىز يەكلەش چەكلەشلەردە يۇقۇرى ھارارەتلىك پېچ يالقۇنىدەك گۈرۈلدەپيانغان ھالەتكە كەلدى. جىن چىراقتەك ئاجىزانە پىلىلداپ تۇرغان تەقۋالىقىمىز سۈركىلىش ۋە زەرەتلەش نەتىجىسىدە يۇقۇرىۋاتلىق ئېلىكتىر چىراقتەك ۋالىلداپ تۇرغان ھالەتكە يەتتى.قىسقىسى رەببىمىز بىزنىڭنەچچە يىللار داۋامىدا ئىلمان سۇدەك داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئېتىقادىمىزنى پەزلىمەرھەمىتى بىلەن مانا ھازىرقىدەك زامان ماكانلارنىڭ چەكلىمىسى بىلەن باشقىدىن ئويغاتتى.
ھازىر كۆپلىگەن ئاياللار نامازئۇقۇيدۇ.بىراق نامازنىڭ ھۆرمىتىنى ئادا قىلمايدۇ.يەنى نامازدا باشقا سىرتتا باشقاكىيىنىپ يۈرىدۇ.مۇشۇ كىيىم –كېچەك ھەقتە گەپ بۇلۇنسا مىسرانىمدىكى خېلى –خېلىچوڭلارمۇ ئەتەي قىستىلىپ كىرىپ ،نىيەت ئەلا ئىدى-يەي،كىيىمدىن بىر نىمەچىقمايتتى-يەي،دېگەندەك لاتا ئىنكاسلارنى جۆيلۈشىدۇ.مەن ئۇلارنىڭ ئىنكاسلىرىدىن ئۇلارنىڭ ئەھلىنىڭ قىزلىرىنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ تۇرقىنى ئۆز كۈزۈم بىلەنكۆرگەندەك تۇيغۇغا كېلىمەن. چۈنكى تىل دىلنىڭ ئاشكارلىغۇچىسى ئەمەسمۇ؟؟؟؟يەنە بەزىلەرمەن ئاللاھنى ياغلىق ئىچىدە ئەمەس ،يۈرۈكۈمدە ياد ئېتىمەنەي ،ياغلىق چەگمىگىنىم بىلەن ھەممە ئىشىم جايىدا-يەي دەپ ئۈزىنىڭ ئازغۇنلىقىنى سازايى قىلىدۇ. ھېلىغۇبۇنداق «زامانىۋى مۇسۇلمانلاركەن»، سۇخەنچى چېقىمچى مۇناپىقلار پاسىقفاجىرلارمۇ ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ.بۇ يەردىكى مەسىلە- ئاللاھنى سەمىمىلىك بىلەن يادئېتىش بىلەن ئاسىيلىق قىلىپ تۇرۇپ ياد ئېتىشنىڭ مەناسىنىڭ زىنھار زىنھارئوخشىمايدىغانلىقىدا خالاس.
يەنى بىر مۇسلىمەنىڭ ئەۋرەتلىرىنى يۆگەپتۇرۇپ ئاللاھنى يادئېتىشى بىلەن بىر يالاڭباش، ھەمىشە نىيىتىنى پەش قىلىپ ئاللاھنىڭ«چاچلىرىڭنى ياپ دېگەن »-كىچىككىنە بىر ھۈكۈمىگىمۇ ئەمەل قىلماي يەنە ھەمىشەئۈزىنى ھىجاپلىقلاردىن ئۈستۈن تۇتۇشقا باھانە ئىزلەۋاتقان غەيرىيلەر سىياقىدىكى مودا بىر خاننىڭ ئاللاھنى يادئېتىشىنىڭ ئەجىر سەرمايىسىدە ئاسمان زېمىن پەرق بۇلىدۇ.
قىسقىسى ئەمەل قىلماي تۇرۇپ نىيەتلەرمىڭنى ياخشى بۇلۇپ كەتسۇن ئۇنىڭ ئەجرى بەرىبىر قۇدۇقتىكى ئاي شولىسى خالاس!!!!!چۈنكى ئىمان دېگەن دىلدا ئىشىنىش تىلىداتەستىقلاش، ئاندىن ئەمەلى ھەركىتىدە بەجا كەلتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.ھازىر نۇرغۇنلاردىلىدا ئىشىنىدۇ.تىلىدىمۇ تەستىقلايدۇ.بىراق ئەمەلگە كەلگەندە يەنە بىر قاتارئازغۇن سەپسەتىلىرى بىلەن ئۈزىنىڭ يالىڭاچلىقىغا ،بىنامازلىقىغا پۈتۈن كۈچى بىلەنسەۋەپ ئىزلەيدۇ.ھەتتا تېخى بەزىلەر ئۇيالماستىن ھىجاپلىقلار ئۈستىدىن پىتنەقىلىشقا ئاجايىپ ماھىر كېلىدۇ.دۇرۇس ھىجاپلىقلار ئىچىدە بىر قىسىملاردەك ئۇلار پاكئاللاھ بۇيرۇغان ھىجاپلارنى ئۈزىنىڭ قانداقتۇ رەزىل ئەپتى-بەشرىسىنى يۇشۇرىدىغانشەيتان چۈمبىلى قىلىۋالغان يالغان مۇسلىمەلەرمۇبار .بىراقكى ئەمەل قىلماي ھەمىشە نىيەت ئەلا دەپ كاكىراۋىرىپ ئاۋازىپۈتۈپ كېتەي دەپ قالغان ئاشۇيېرىم-يالىڭاچ يالاڭباش مودا خانلار ئىچىدە بىرمۇ كامىل مۇسلىمەيوق.!!!!!!!!ئاللاھ چاچلارنى ياپ دېدى.ياپماسلىق سەۋەبىگە ئۆزرە يوق!!!!!مەيلىزامانىۋى شەھەردىكىلەر بولسۇن مەيلى سەھرا قىشلاقتىكىلەر بولسۇن،ھۈكۈم بىر!!!!!!!
ئارىمىزدا شۇنداق خېنىملار باركىئ ۇلارنىڭ ئالماستەك چاقناپ تۇرغان ئەقىدىسىدىن سۈيۈنۈپ كېتىمىز.ۋە يەنەشۇنداقلارمۇ باركى ھەممىنى زامانغا تۈزۈمگە ئارتىپ قۇيۇپ ئۈزىنىڭ غاپىل دۇنياسىدابەخىرامان يۈرۇۋېشىدىن ئېچىنىمىز.. ياغلىق ھەقتە گەپ بۇلۇنسا خېلى كۆپلەر «ياغلىقىمىزنى ئارتقىلى بۇلاتتى»دەپ قاقشاپ كېتىدىيۇ بىراق ،سىرتلاردىكى تۇرقىمۇ چاغلىق. قازاندەك چۇڭايتىلغان چاچلار، ھازىرلا يىرتىلىپ كېتىدىغاندەك تار كىيىملەر ،ھەتتا سېركولدەك قەددىنى نامايان قىلىپ تۇرىدىغان سۇغا سەكرەش تەنھەركەتچىلىرىنىڭكىدەك يېپىشىپتۇرىدىغان شىملار بىلەن يۈرىۋېرىدۇ. ھەمىشەياغلىقىمىزنى ئارتقىلى قويمىدى دەپ يالغاندىن مۇڭلىنىۋاتقان ئاشۇنداقلاردىن سورىغۇم كېلىدۇ. ئەي ھەمشىرەم بىر-كېچە كۈندۈزۋاقتىڭىز يىگىرمە تۆت سائەت. بۇ يىگىرمە تۆت سائەت ۋاقىت ئىچىدە سىز سەككىز سائەتئىش ئورنىڭىزدا بۇلىسىز.بۇپتۇ.ۋىجدانسىز تىلداشلارنىڭ ئەرزىيەتلىرى بىلەن سەككىزسائەتىڭىزگە كېپىل بۇلالمىدىڭىز.بىراق يەنە ئون ئالتە سائەت سىزنىڭ قۇلىڭىزدا. سىز مۇشۇ ئون ئالتە سائەتتە ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىگە ئەڭ چوڭ ئىمكانىيىتىڭىز بىلەن ئەمەل قىلدىڭىزمۇ؟؟؟؟؟قەددىڭىزنى يۇشۇرۇپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيەلىدىڭىزمۇ؟؟؟؟ توي-تۈكۈن ۋە تۈرلۈك يىغىلىشلاردا ئۈزىڭىزنى ئىسلام ئىچىدىكى خېنىملاردىن قىلىپ جابدۇيالىدىڭىزمۇ؟؟؟؟؟؟؟
دىسەم دىمىسەم سىز يەنە يېرىم -ياتا ئەمەل قىلدىڭىز شۇنداقمۇ؟؟؟؟ ياغلىق ئارتتىڭىز باشلىرىڭىز قازاندەك يۇغان. شارپا ئارتتىڭىز چاچلىرىڭىز ئىنىق كۈرۈنىدىغان دەرىجىدە نېپىز ۋە سۈزۈك. كىيىم كەيدىڭىز چىپپىدە كەلگەن ھەم بۇيۇنلىرىڭىز ئۇچۇق.ھەتتا سېركول پاچاق..... يۇرت ئاتلاپمۇ چىقتىڭىز، ئىش ئورنىڭىزدا ئاشۇ بىچارە ماڭقۇرۇت باشلىقلارنى تەشۋىشكە سالغان ياغلىقىڭىز يۇقاپ كەتكەن.........
مانا بىزنىڭ ھالىمىز مۇشۇ تۇرۇپ قۇلىمىزدىكى ئون ئالتە سائەتنى ئاللاھقا يارىغۇدەك ئىشلىتەلمەي ،ئىشئورنىمىزدىكى سەككىز سائەت ئۈچۈن مۇسۇلمانلىقىمىز تۇتۇپ كېتىپ قاقشاپ كېتىمىز.قايسى بىر كۈنى بىرەيلەن مۇشۇ ھەقتە دەرتلىنىۋىدى مەن ئۇنىڭغا«يىگىرمە تۆتسائەت ئىچىدىكى ئون ئالتە سائەت ۋاقتىڭىز سىزنىڭ قۇلىڭىزدا،سىز سەككىز سائەتنى بىرياققا تاشلاپ تۇرۇپ، ئون ئالتە سائەتتە پۈتۈنكۈچىڭىز بىلەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا ئەمەلقىلىشقا تىرىشىڭكى ئىش ئورنىدىكى سەككىز سائەتىڭىزگىمۇ پاك ئاللاھ چۇقۇم بىريۇچۇق چىقىرىپ بىرىدۇ.چۇقۇم چىقىرىپ بىرىدۇ. سىز ئون ئالتە سائەتتە قانچىلىك ئەمەل قىلالىسىڭىز سەككىز سائەتكە ئاللاھ كۇپايە »دېدىم.
شۇڭا ئەي ھەمشىرىلىرىم ،سەككىزدىن ئون ئالتەچوڭ.ئىش ئورنىدىكى قىرىق سائەتتىن ،ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىشىڭىزدىكى قىرىق سەككىزسائەت چوڭ.بىز ھازىرچە ئاقماس ۋايساشلارنى قۇيۇپ ئۈزىمىزگە يۈزلىنەيلى.ئۈزىمىزنىڭئىلكىدە بولغان ۋاقىتلار ئەنە شۇنداق بىھۇدە ھەم مەنىسىز ھېكمەتسىز نۇرسىزئۈتىۋاتسا ،ياتلار ھومايغۇچە ،يۈگرەپ بېرىپ ئۈسسۈپ بۇلىدىغان ئۈزىمىزنىڭكىلەرنىڭبېسىملىرى ئاستىدىكى سەككىز سائەتنىڭ قازان قارىسىدەك ئۆتمەسلىكىگە كىمئىشىنىدۇ؟؟؟؟؟ ۋاقىت سۇدەك ئېقىۋاتىدۇ. مانا 2014-يىلنىڭ تۆتتىن بىرى چىقىپ كېتەي دەپ قالدى. بىز قاچانغۇچە غەپلەتتە مۈگدەپ ،يالىڭاچلىقىمىزنى ،گۇمراھلىقىمىزنىزامانغا دۆڭگەپ ئەمەل قىلماي يۈرىۋېرىمىز؟؟؟؟؟ئاياللارنىڭ يالىڭاچلىشىشىقىيامەتتىن دېرەك بىرىدۇ.بىراق بىز ئاشۇ «ئۇلۇغ خىزمەتلەرنى» باھانەقىلىپئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلمىساق ،خىزمەت بىزنى شاپائەت قىلالارمۇ؟؟؟؟؟؟؟ئەرلەربىلەن باپ-باراۋەرلىكىمىزنى نامايىش قىلىپ ئاران قولغا ئالغان خىزمەتلەرنى دەپئەۋرەتلەرنى يېپىشنى تەرك ئەتسەك خىزمەت بىزنى قەبرە ئازابىدىن دەپئى قىلالارمۇ؟؟؟؟؟؟؟بىز نىمىشقا ئويلانمايمىز ھەمشىرىلىرىم!!!!!!ئەمەلىيەتتە خىزمەت ۋاقتىدىمۇ ناماز ئۇقۇشتىن باشقا(ئەقىدىڭىز ساپ بولسا نامازنىمۇ ئۇقالايسىز) نۇرغۇن ئىشلارنى ئەمەللەرنى قىلالايسىز.نۇرغۇن زىكرى تەسبىھلەرنى ئۇقۇيالايسىز.بەزىبىر ھەددىدىن ئاشقان بىچارىلەرنىڭ چالۋاقاشلىرىدىن ئۈزىڭىزنى قەلبى قۇرۇق قىلمىغان ئاللاھقا شۈكرى قىلالايسىز.ناماز ۋاقتى بولسا ئاللاھ سىزگەبىر تۈشۈكنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.نامازنى ئۆز ۋاقتىدا رۇكۇ سەجدە قىياملىرى بىلەنئۇقۇيالايسىز.ئۇنداق بەزىبىر شەيتانلاردەك يىغىندا ئولتۇرۇپ دىلىمدائۇقۇدۇم،ئىشخانىدا دۈم يېتىپ ئۇقۇدۇم دېگەندەك يالغانچىلىقىغا شېرىك بولمايسىز.(بۇيەردە نامازنى ئىشارەت بىلەن ئۇقۇشنىڭ گېپى چىقىپ قالدى.بىراۋ «سىرتقا ماڭساڭئاتىمەن چاپىمەن دەپ تاپانچا قىلىچ تەڭلەپ تۇرمىسىلا ،سىزنىڭ ئىشۇ مۇئاۋىن بىچارىلەرنىڭ ئالىيىشلىرىدىن قورقۇپ تالاغا چىقالماي جايىڭىزدا قېتىپ قالغاندەك ئولتۇرۇپ ئۇقۇغان قىيامسىز رۇكۇسىز سەجدىسىز ئۇقۇغان نامازلىرىڭىز ناماز ئەمەس بەلكى يالغانچىلىق!!!!!!چۈنكى ئاللاھ كىچىك بالا ئەمەس.سىز نەدىكى بىر بىچارە شۈمشەكلەردىن قورقۇپ ھېيىقىپ تەمتىرەپ ناماز ئۇقۇشقا چىقالمايسىزۇ ،كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ،قۇدرىتى تەڭداشسىز ئاللاھ بۇيرۇغان نامازئۇ!!!!!!!!!!!!!!!!!!! )
ئەمەلىيەتتە خىزمەت ئورنىڭىزدىمۇ نۇرغۇن ئەمەللەرنى قىلالايسىز.يوللاردا ناخشا غىڭشىپ ماڭماي خالىغان سۈرەئايەتلەرنى قىرائەت قىلىپ ماڭالايسىز.
كۆز ئالدىڭىزدا چۇرۇقلىشىپ تۇرغان سەبىيلەرنىڭ غۇبارسىز چىھرىگە باققاندا«ئەي پاك رەببىم بۇلار مېنىڭ قەۋمىمنىڭ بالىلىرى ئىكەن.بۇلارنى مەن سەۋەپلىك بىر ياخشى تەربىيەگە ئىگە قىلغان بولسىلا. بۇبالىلار مېنىڭ ھامىيلىقىمدا ئىكەن. بۇلاردىن ئالىم –ئاكابىرلارنى، ۋەلىيلەرنى مۇتتەقىيلەرنى ،ئۇيغۇر ئىسلام ئەدەبىياتى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىدىغان تەجەللى سۈپەت شىرمەتلەرنى ،ئۆزلىرىنى تۇنۇيدىغان پەن –تەخنىكاخادىملىرىنى ،ھەق ئۈچۈن يۈرىكى كۈيۈپ تۇرىدىغان قەلبى ئويغاق غەيۇرلارنى چىقىرىپ بەرسىلە، باغرىمنى يېرىپ چىققانبالىلىرىمنى ۋە مېنى مۇئەللىم دەپ ئانىسى ئورنىدا كۈرۈپ ئەركىلەۋاتقان بۇئۇقۇغۇچىلىرىمنى مەغپىرەت قىلسىلا»دەپ ھەر دائىم ئاللاھقا دۇئا قىلالايسىز.مائارىپ ساھەسىدە تازنىڭ بېشىدىكى تۈكتەك ئازلاۋاتقان بىرەر يېرىم تال ئەر خىزمەتچىلەردىن يىراق تۇرۇشمۇ زىنھار تەس ئەمەس.!!!بىرەر دىشۋارلىققا يۇلۇقسىڭىز «ماڭائۆزلىرى كۇپايە ئەي رەببىم »دەپ نىدا قىلالايسىز. ئېيتىڭ قېنى؟ زىكرى تەسبىھلىرىڭىزنى كىم تۇستى؟دۇئالىرىڭىزنى كىم توستى؟ ئىسلامنىڭ مۇسىبىتى ۋەمۇسۇلمانلارنىڭ غەملىرى ئۈچۈن پۇچۇلىنىۋاتقان تۇيغۇلىرىڭىزنى كىم تۇسالىدى؟؟؟؟ئىسلامنىڭ نۇسرىتى ئۈچۈن ھەر دائىم ھەققە يېلىنىۋاتقان دۇئالىرىڭىزنى كىمتۇسالىدى؟؟؟ ئۇقۇغۇچىلىرىڭىزغا قىلىۋاتقان دۇئالارنى كىم توستى؟؟؟ھەردەم كائىناتھەقتە تەپەككۇر قىلىۋاتقان ،ئاللاھقا بولغان ئاشىقانە خىياللىرىڭىزنى كىم باشقۇرالىدى؟؟؟؟؟؟بەلكىم سىز قاتمۇ-قات تۇسالغۇلار ئىچىدىكى مۇشۇ ئەمەللىرىڭىز بىلەن ئەھلۇللالەر قاتارىدا سانىلۇرسىز.
گەپ ئۈزىمىزدە قېرىنداشلار،دىمەك بىزتەۋەلىكىمىزدىكى ئون ئالتە سائەتكە كېپىل بولساق ،مۇئاۋىن بىچارىلەر بار يەردىكى سەككىز سائەتكە ئاللاھ كېپىل.يەنى سىزئەۋرەتلىرىمنى چۇقۇم ياپىمەن دېسىڭىز ،ئاللاھ سىزگە چۇقۇم بىر چىقىش يۇلى بىرىدۇچۇقۇم بىرىدۇ.قېنى ھەمشىرىلىرىم بىر كېچە –كۈندۈز ۋاقتىڭىزنىڭ ئون ئالتە سائەتىسىزنىڭ قۇلىڭىزدا .ئىككى كۈن دەم ئېلىش ۋاقتىڭىز قىرق سەككىز سائەت.ئىش ۋاقتىنىقۇيۇپ تۇرايلى .قۇلىڭىزدىكى ۋاقىتلاردا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا قانچىلىك ئەمەلقىلدىڭىز؟؟؟؟قۇلىڭىزدىكى كۈنلۈك ۋاقىتلارغا قانچىلىك ئەمەل قىلسىڭىز ،كۈنلۈك ئىشۋاقتىدىكى سەككىز سائەتتە ئەۋرەتلەرنى يېپىش مۇمكىنچىلىكى شۇنچە چوڭ بۇلىدۇ. ئېيتىڭلار ھەمشىرىلىرىم ،ئون ئالتە سائەتنى قانداق ئۆتكۈزىۋاتىسىلەر؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
مەنبە؛-ئاللاھنىڭ مەدىتى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-18 12:26 PM