تىمىسىز
(مەنبە:قەلىمىم)
نورماللىقتىن ھالقىغان ئادەم.نورمال تۇرمۇش ئادىتى، نورمال بولغان بىرئادىمىيلىق ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەبەدىيلەشكەن، چۇنكى ئۇ بىنۇرمال بولغان نۇرمال تۇرمۇشتىن زېرىككەن ئىدى. بۇنداق تۇرمۇش ئۇنىڭغا ھېچقانداق بىر ۋىجدانىي جاۋاپ ئاتا قىلالمىغان ئىدى.
يالغانچىلىققا ئادەتلىنىپ كەتكەن نۇرمال يالغانچىلار تامامەن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەپ بولغان بولۇپ، بۇ يەردە نېمىنى كۆرسە شۇنى دەيدىغان، ئاقنى ئاق ،قارىنى قارا دەيدىغان ئادەملەرگە بولسا بۇنداق بىنۇرمال نورمال جەمئىيەتتە ئورۇن قالمىغانىدى. ھەممە چەكلىك بولغان بۇ ھاياتتا نۇرغۇن كىشىلەر ئالتۇنغا تېگەشكۈسىز نەرسىلىرىنى پۈتۈنلەي سانغا ئالماشتۇرماقتا ۋە سان بىلەن ئۆلچىمەكتە.
يانچۇقسىز تىكىلگەن ئادەم،يانچۇقسىز كېتىدىغان ئالەم.يانچۇق ئۈچۈن كېسىلگەن، يانچۇق ئۈچۈن تارايغان، يانچۇق ئۈچۈن قىسقارغان كىيىملەر. تۆت كۈنىنى ئۇنۇتقان »مەڭگۈ ئۆلمەس» كىشىلىرىمىز.
ھايات شامى يانچۇقىدىكى كىشىلەر. ئۇلار ئۈچۈن ئاق ۋە قارا بىر خىللا، چۈنكى شامنىڭ ئۇنى يورۇتقۇدەك نۇرى قالمىغان.
سوراقلىق دەپ ئاتىۋېلىشقان سوراقسىز جەمئىيەت. ئاقمۇ يانچۇقنىڭ، قارىمۇ يانچۇقنىڭ، ئاق ۋە قارا بىر خىللا ئارىلىشىپ كەتكەن ئەبجەش رەڭ.
سىدام كەلگەن گۈزەللىك. يانچۇق ئۈچۈن ئىچكى قاتلامدا ئۆزگىرىپ، ئېنىقلا مانا مەن دەپ، ئاتالمىش ئۆزلۈكنى نامايەن قىلغان نۇرسىز كۆزلەر جەمگاھى. سۈننەت ۋە ۋاجىپنىڭ سۇنۇقىنى بىلمەيدىغان موللىلارنىڭ بىرى سۈننەت، ئىككىسى ۋاجىپنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتكەن رەڭسىز دېڭىز.
شامالغا ئەگەشكەن شەكىلسىز قامغاقلار.گوياكى ئورنى يوق،ئۇلار ئۆزىنىڭ نەگە تەۋە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەستىن،شوخ شامالغا ئۆزى بىلگەن پەدىدە ساما سالماقتا.
ھېچبىر سەۋەپسىز يانچۇقنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقان تاھىر-زۆھرەلەر. ۋارقىراش ۋە قارشىلىق بولمىغان ئولجىلار. سوراقلىق ئالەمنىڭ سوراقسىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىلا جايدا سايراۋاتقان ناۋاسى.
ھەممە پەقەت ئاياغ ئاستىغىلا ئامانەت قالغان. ھەممە ئادەمنى قانائەتلەندۇرگۈدەك ۋىجدانىي جاۋاپ، كۆرگەننى سۆزلەيدىغان كىشىلەر،ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز بىباھا گۆھەرلەر، يانچۇقسىز تىكىلگەن ئادەم، ھايات شامى نۇرلۇق كىشىلەر، سوراقلىق ئالەم، سىدام گۈزەللىك، شامالسىز ساما، شەكىللىك قامغاق، تاھىر-زۆھرەلەر پەقەت ئانامنىڭ ئايىغى ئاستغىلا ئامانەت قالغانىدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-18 02:56 AM