قېرىلار قاقشايدۇ (سانائىل سۆزلەردىن تۈزۈلگەن سۆز ئويۇنى)
قېرىلارقانداقلارچە قاقشايدۇ..قېرىلارنىڭ قاقشىشىدىكى قاراشتا قايتا-قايتا قىياس قىلۋاتقانسىز..قېنى «قېرىلارنىڭ قاقشىشى»دىكى قېزىندىلارغا قەلبىڭىزدىن قاراڭ.....
قېرىلار قېرىغانسىرى قىتغورلىشىپ قاچانلا قارىسا قىڭغىر قاقشايدۇ.قاقشاشتىكى قىيانىغا قارساق،قېرىلارنىڭ قامىتى قورولغان،قىرانلىقى قالمىغان.قايانغا قارسا قىينىلىپ قاتارغاقوشقان قاراقۇمچاقلىرى قاياقلارغىدۇر قەدەم قويغان.قورسىقى قاغجىرسا قورۇما قىلالماي،قاتتىق-قۇرۇقنى،قوماچلارنى، قايناقسۇمۇ قىلالماي قاتتىق قاساپ قاڭشارلىرى قانىغان.قانداقلا قىلسا قاملاشتۇرالمىغاچقا قاقشايدۇ.قوتاندىكى قويلىرىغىغۇ قىلچىمۇ قارىيالمايدۇ. قىشلىرى قەھرىتاننىڭ قىينشىدىن قوللىرى قولاشماي،قىر-قاقاسلاردىن قىرىۋالغان قوقاسلارنىمۇ قالىيالماي،قىشتا قېنىپ قىززىماي،قينىلىدۇ.. قاراڭغۇدا قورولىردىن قورقۇپ،قىرقىرشىدۇ.قايانلاردىن قىچقىرىپ قالسىغۇ قېرىلارنىڭ قەلبىگە قاراڭغۇلۇق قاپلىشىدۇ.قېرىغاندا قىرانلىقى قالمىغاندا قىرلاردىن قانداق قاڭقىپ،قىچقىرغان قاراردا قىچقىرىلغانلار قاتارىغا قېتىلالايدۇ.قېتىلالمايدۇ.قولتۇقلىۋالىدىغان قىزلىرى قالمىغاچقا قەدەمدە قىرىق قېتىم قاڭقىپ، قۇمنى قۇچاقلاپ قوپىدۇ. قونجىلىرىغاقونۇپ قالغان قۇملارنى قېقىشقىمۇ قوۋتى قالمىغان قېرىلار قاقشىماي قانداق قىلىدۇ.قېرىلارنىڭ قىلغان قەغىشلىرىنى قىلمايلا قويوڭ.قانداقلا قىلمىسۇن قېرىلىقتە؟
قىرانلىرىمىز«قېرىلارنىڭ قاقشىشى»دىن قاقاقلاپ قالغاندەك قىلىسىز؟قاقاقلىغان قىرانلىرىمىزمۇ قېريىمىز.قېرىغاندىمۇ قانداق قېرىغانلىقىڭىزنى قىياس قىلالمايلا قالىسىز؟قىياس قىلسىڭىزمۇ قىرانلىقىڭىزغا قانداقلا قىلماڭ قايتالمايسىز!قايتالامسىز يا؟ قەتئىي قايتالمايسىز..قايتالمايدىغانلىقىڭىزنى قىياس قىلغانكەنسىز..قېرىلارنىڭ قاقشىغانلىقىغا قارتا قاقاقلىماي،قېرىغان قېرىنداشلىرىڭىزغا،قېرىغان قەدىناسلىرىڭىزغا قەدەممۇ-قەدەم قاراقومچاقلىرىڭىغا قارىغاندەكلا قاراڭ...قېرىلار قىرانلىرىمىزنى قېرىغاندا قارايدىغانلىقىغا قاراپ،قىينىلىپ قاتارغاقوشسا،قاتارغاقوشۇلىۋېلىپلا قومچاقلىرىڭىزغاقاراپ،قېرىغان قېرىداش،قەۋمىڭىزغا قارىمامسىز؟قارىمىسىڭىز قاملىشامدۇ؟قاملىشىدىغاندەك قىياس قىلسىڭىزمۇ قىلىڭ!قېرىغان قەۋمىڭىزگە قانداق قارسىڭىز،قانداق قىلسىڭىز..قاراقومچاقلىرىڭىزمۇ، قىرىنداشلىرىڭىزغا قىلغانلىرىڭىزنى قايتىلاپ قىلىدۇ.قېرىلارنى قاقشاتمىسىڭىز قاقشاتمايدۇ،قاقشاتسىڭىز قىلغىنىڭىزغاقوشوپ، قىيناپ قاقشىتىدۇ.
قىسقارتساق:قېرىلارنىڭ قىلىقىدىن قاقشىماي،قوچاقتىكى قىياپىتىڭىزدىن قىرانلىققىچە قىينىلىپ قىلغانلىرىنى قايتا-قايتا قىياس قىلىپ،قوپاللىق قىلماي،قىلالمىغىنى قىلىشىپ،قىلالىغىنىغاقارىشىپ،قېرىلارنىڭ قەلبىدىكى قاراڭغۇلۇققا قوياشنى قوندۇرۇپ،قەلبىنى قىزىتىڭ....قىلالمىسىڭىز قىيامەتتە قىلغان قىلىقلىرىڭىغا قىرىقمىڭ قېتىم قاقشايسىز..
ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن(زەپەر).
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kirimjanyasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-17 12:38 PM