مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1561|ئىنكاس: 20

دوختۇرخانا كېسەل بولسا كىم داۋالايدۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82816
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3152
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2015-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 11:57:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئىسلاﻫات ئېلىپ بېرىلغان 20 يىلدىن بۇيان سەﻫىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى . ﻫەر دەرىجىلىك پارتىيە - ﻫۆكۈمەتلەرنىڭ بىۋاسىتە رەﻫبەرلىكى ، سەﻫىيە مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ كونكرېت يېتەكچىلىكىدە شەﻫەر ، يېزىلاردىكى دوختۇرخانىلارنىڭ شارائىتى كۆرۈنەرلىك ﻫالدا ياخشىلىنىپ ، داۋالاش ، پەرۋىش قىلىش سەۋىيىسى ۋە سۈپىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى . ئاغرىقلارغا ئەلا مۇلازىمەت قىلىش ، مەدەنىيەتلىك دوختۇرخانا بەرپا قىلىش پائالىيىتى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى .
ئەپسۇسكى ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم دوختۇرخانىلارنىڭ خىزمىتىدە بەزى " نۇقسان "لارمۇ كۆرۈلدى ، ئۇلار ئوخشىمىغان دەرىجىدە خىراجەت يېتىشمەسلىك ، ئادەم كۆپ بولۇش ، مۇئاش تارقىتىش قىيىن بولۇشتەك قىيىنچىلىقلارنى ﻫەل قىلىش ئۈچۈن قولىنى كېسەللەرگە سۇنۇپ ، مۇئەييەن دەرىجىدە داۋالىنىش قىممەت بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . ئاز ساندىكى تىببىي خادىملار كېسەللەردىن " قىزىل بولاق " ، دورا ئېلىم - بېرىمىدە " شېرىنكانە " ئېلىپ ، جەمىيەتتە ئىنتايىن ناچار تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى . شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇنى " دوختۇرخانا گىرىپتار بولغان بىر خىل كېسەللىك " دەپ ئاتاشتى ؛ بەزى ئاخبارات - تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىمۇ " دوختۇرخانا كېسەل بولسا كىم داۋالايدۇ ؟ ؟ ؟ " دېگەن تېمىدا خەۋەر ۋە ئۇنىڭغا ئائىت مەزمۇنلاردىن ئالدىن بېشارەت بەردى .
توغرا ، خەلق ئاممىسى كېسەل بولسا دوختۇرخانىنى ئىزدەيدۇ . ئۇنداقتا دوختۇرخانا " كېسەل " بولسا ئۇنى كىم داۋالايدۇ ؟ ؟ ؟
دوختۇرخانىنىڭ كېسەل داۋالايدىغان ، ئۆلۈمگە ئامال ، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان ئورۇن ئىكەنلىكىنى ﻫەممە بىلىدۇ ، ئەمما دوختۇرخانىنىڭمۇ " كېسەل " بولۇپ قالغانلىقى غەلىتە ئىش .
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، ﻫازىر بىر قىسىم دوختۇرخانىلار مۇنداق بىر نەچچە خىل كېسەللىككە گىرىپتار بولغان :
1 . " ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلى "
بۇ ، دوختۇرخانىلاردا ئېغىر دەرىجىدە راسخوت يېتىشمەسلىكتىن پەيدا بولغان بىر خىل كېسەللىك .
ﻫازىر دۆلەت بېرىۋاتقان ياردەم پۇل دوختۇرخانىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ بىر قىسىم مۇئاشىنى بېرىشكە ئاران يېتىدۇ . دوختۇرخانىغا دورا ، كېسەل تەكشۈرۈش ، داۋالاش ئۈسكۈنە - ئەسلىﻬەلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن پۇل كېرەك . يەنە سۇ ، توك ، يېقىلغۇ ، ئىشخانا خىراجەتلىرى ئۈچۈنمۇ پۇل لازىم . دوختۇرخانا دوختۇرخانىنىڭ نورمال خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن چوقۇم پۇل تېپىشى ، پايدا يارىتىشى كېرەك . پۇلنى قانداق تاپىدۇ ؟ پايدىنى قانداق يارىتىدۇ ؟ ﻫازىر ئايرىم دوختۇرخانىلار پۇل تېپىش ، پايدا يارىتىش ئۈچۈن قولىنى كېسەللەرگە سوزماقتا . بىر قىسىم كېسەللەرنى زۆرۈر بولمىغان تەكشۈرۈشلەرگە بۇيرۇش ، يەڭگىل كېسەلگىمۇ چوڭ رېتسىپ يېزىش ، ئادەتتى دورىلار بىلەنمۇ ساقىيىپ كېتىدىغان كېسەللەرگە چەت ئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان قىممەت باﻫالىق دورىلارنى ئىشلىتىش ، كېسەلنىڭ داۋالىنىش ، بالنېستتا يېتىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ، ئوپراتسىيە ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش . . .كە ئوخشاش داۋالاش قائىدىسى ۋە تىببىي ئەخلاققا يات بولغان ، كىشىلەرنىڭ جانىجان ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە ئېغىر زىيان سالىدىغان بۇ ئىشلار دوختۇرخانا گىرىپتار بولغان " ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلى " كەلتۈرۈپ چىقارغان يامان ئاقىۋەت .

2 . " ﻫەزىم قىلىش ناچارلىشىش كېسىلى "
بۇ ، دوختۇرخانىلارنىڭ تارقىلىش مۇۋاپىق بولماسلىق ، ئىشتىن ئادەم كۆپ بولۇش ، ﻫەممە ئادەم چوڭ قازاننىڭ تامىقىنى تەڭ يېيىشتىن كېلىپ چىققان بىر خىل كېسەللىك . " ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دوختۇر ، دوختۇرخانىلار چوڭ ، ئوتتۇرا شەﻫەرلەرگە ﻫەددىدىن زىيادە مەركەزلەشكەن بولغاچقا ، ئاپتونوم رايونىمىز ئاﻫالىسىنىڭ 70 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان دېﻬقانچىلىق ، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئاران 30 پىرسەنت دوختۇرخانا ، دوختۇر بار " ( " شىنجاڭ گېزىتى " 1998 - يىل 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى سانىدىن ) . بۇ " كېسەللىك " نۆۋەتتە شەﻫەرلەردە تىببىي خادىملار ئېشىپ قېلىش ( ﻫەزىم قىلالماسلىق ) ، چەت ، يىراق ، نامرات رايونلاردا دوختۇر ئاز ، دورا كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى پەيدا قىلىپ ، شەﻫەر بىلەن يېزىلارنىڭ سەﻫىيە ئىشلىرىنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە .

3 . " تەمەخورلۇق كېسىلى "
نۆۋەتتە " ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلى " ۋە " ﻫەزىم قىلىش ناچارلىشىش كېسىلى "گە گىرىپتار بولغان بىر قىسىم دوختۇرخانىلارنىڭ تەرەققىيات قەدىمى ئاستا ، ئۆز - ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ، راۋاجلاندۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز ، " كۈتۈپ تۇرۇش ، تەمە قىلىش ، يۆلىنىۋېلىش " خاﻫىشى كۈچلۈك .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ پاكلىقىغا داغ تەگكۈزمەي كەلگەن بەزى تىببىي خادىملاردا دوختۇرخانىغا تاپشۇرۇشقا پۇل تاپالماي ئەزرائىلدىن جان ياكى ئۆلۈم تىلەۋاتقان كېسەللەردىن " قىزىل بولاق " ياكى ماددىي نەرسە ئېلىش ؛ " سەن ئۆل ، مەن تىرىلەي " دەپ كېسەلنىڭ ﻫېسابىغا يېزىپ قويۇپ دورا ئېلىۋېلىش ، كېسەلنىڭ مېﻬمان قىلىشىنى تەلەپ قىلىش ، دورا ئېلىم - بېرىمىدە " شېرىنكانە " ، كېسەل تونۇشتۇرۇپ " تاپان ﻫەققى " ئېلىشتەك ناچار ئىستىللار يۈز بەردى . كىشىلەر بۇ خىل ﻫالەتنى تىببىي خادىملاردىكى " تەمەخورلۇق كېسىلى " دەپ ئاتاشتى .

4 . " ﻫورۇنلۇق كېسىلى "
ﻫازىرقى رىقابەت ، ئۇچۇر دەۋرىدە بىر قىسىم دوختۇرخانىلارنىڭ رىقابەت ئېڭى تۆۋەن ، رىقابەت مېخانىزمى ناچار ، تەرەققىيات قەدىمى ئاستا . ئايرىم تىببىي خادىملار شۇ قەدەر ﻫورۇنكى ، " بىكارنىڭ چولىسى يوق ، قىلغىلى ئىشى " دېگەندەك ، قېتىرقىنىپ ئۆگەنمەيدۇ ، كىتاب ئوقۇمايدۇ ، بىلىمىنى ئاشۇرمايدۇ ، بۈگۈنكى كەسكىن رىقابەت دەۋرى ئۇلارنىڭ ئۇخلاپمۇ چۈشىگە كىرمەيدۇ . 10 نەچچە يىل تىببىي داۋالاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئايرىم تىببىي خادىملار ئۆز كەسپىدە چالا ساۋات ، خىزمەتتە ئەستايىدىل ۋە مەسۇلىيەتچان ئەمەس ، ﻫورۇن . بۇ ، دوختۇرخانىلاردىكى ئۇزۇن يىللىق " تۆمۈر تاۋاق " ، " تەڭ تەقسىماتچىلىق " ئېلىپ كەلگەن بىر خىل تەرسا كېسەللىك .

5 . " قان ئازلىق كېسىلى "
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى دوختۇرخانىلار ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئالاﻫىدە ئەﻫمىيەت بېرىپ ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە سەل قارىدى ؛ دوختۇرخانىنىڭ قائىدە - تۈزۈملىرىنى مۇكەممەللەشتۈرمىدى ۋە ئۇنى قاتتىق ئىجرا قىلمىدى ؛ داۋالاش ، پەرۋىش قىلىش سۈپىتىگە يېتەرلىك ئەﻫمىيەت بەرمىدى ؛ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ ، داۋالاش خاتالىقى ۋە ﻫادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئالمىدى ؛ ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بولغان كەسپىي ئەخلاق تەربىيىسىنى چىڭ تۇتمىدى ، نەتىجىدە ئەخلاق كرىزىسى يۈز بەردى . " يىقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى دوختۇرخانىلاردا داۋالاش ﻫادىسىلىرى ئۈزۈلمىدى . رېتسىپنى خاتا يېزىپ ، دورىنى خاتا بېرىشتىن تارتىپ خاتا ئوكۇل سېلىش ، خاتا ئوپراتسىيە قىلىش . . .لارغىچە ﻫەر خىل ، ﻫەر ياڭزا ئىشلار كىشىنى چۆچۈتكىدەك دەرىجىگە يەتتى . . . داۋالاش ﻫادىسىلىرىنىڭ كەينىدىكىسى ئەخلاق كرىزىسى ئىكەن . " ( " شىنجاڭ گېزىتى " 1999 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈندىكى سانىدىن )
باشقۇرۇشنىڭ ياخشى بولماسلىقى ، " ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك " ، " تەمەخورلۇق كېسىلى " ۋە تىببىي ئەخلاق كرىزىسى بەزى دوختۇرخانىلارنىڭ جەمىيەتتىكى يۈكسەك ئورنى ، تىببىي خادىملارنىڭ " ئاق خالاتلىق پەرىشتە "لىك ئوبرازىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزدى ، شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىغا كېلىپ داۋالىنىدىغان كېسەللەر بارغانسېرى ئازىيىپ كەتتى . دوختۇرخانىنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى ناچارلىشىپ ، " قان ئازلىق كېسىلى "گە گىرىپتار بولدى .

6 . " ئىسراپخورلۇق كېسىلى "
بىر قىسىم دوختۇرخانىلار دوختۇرخانىنىڭ مەنپەئەتىنىلا كۆزلەپ ، دۆلەتنىڭ مالىيە كۈچى ، دوختۇرخانىنىڭ ئىقتىسادىي ئەﻫۋالى ۋە ئۇنىڭ ئۈنۈمى بىلەن ﻫېسابلاشماي قالايمىقان تۈر ، ئۈسكۈنە كىرگۈزۈش ؛ دوختۇرخانىنىڭ مالىيىسىنى ، دۆلەتنىڭ مال - مۈلكىنى ياخشى باشقۇرماي ، بۇزۇپ - چېچىپ ئىسراپ قىلىش ؛ بەزى دوختۇرلار كېسەل ئەﻫۋالىغا قارىماي يەڭگىل ، ئادەتتىكىچە كېسەلگە چوڭ رېتسىپ يېزىپ بېرىش ، تونۇش رېتسىپى يېزىش ، ئومۇمنىڭ پۇلى بىلەن داۋالىنىدىغان بىر قىسىم كېسەللەرنى سېخىيلىق قىلىپ ئالاﻫىدە داۋالاش ؛ كېسىلى بولمىسا قۇۋۋەت دورىلىرىنى يېزىپ بېرىش . . . بۇ ، نۆۋەتتە دۆلەتنىڭ غايەت زور ماددىي بايلىقىنىڭ ئىسراپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان بىرخىل كېسەللىك .

7 . " ئال كېسىلى "
ئال كېسىلىنىڭ تۇپراق ، سۇ ، ﻫاۋانىڭ بۇلغىنىشىدىن دېﻬقانچىلىق زىرائەتلىرىگە چۈشىدىغان بىر خىل كېسەللىك ئىكەنلىكى ﻫەممىگە مەلۇم . ئەپسۇسكى ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، ئەسىرلەر مابەينىدە ئۆزىنىڭ ساپلىقىنى ، پاكلىقىنى يوقاتماي ، ئاقلىقىغا داغ تەگكۈزمەي كەلگەن سەﻫىيە ، ساقلىقنى ساقلاش ساﻫەسىدىمۇ خۇددى قوغۇنلۇققا چۈشكەن " ئال كېسىلى "دەك بىر خىل كېسەللىك پەيدا بولدى .
ساختا داۋالاش ئورۇنلىرى ، ساختا دوختۇر ، ساختا ، ناچار دورىلار ، ساختا دورا ئېلانلىرى شەﻫەر ، يېزىلارغا تارقالدى . بۇ ساختا دوختۇر ، ساختا دورىلار كىشىلەرنى ئالداپ ، بەزى بىمارلارنىڭ يانچۇقىنى قۇرۇقداپ قويۇشتىن ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ۋە ﻫاياتىغا ئېغىر خەۋپ يەتكۈزۈش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى ، بەزى كىشىلەر ساختا ، قانۇنسىز دوختۇرلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونلۇق سەﻫىيە نازارىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ﻫەر دەرىجىلىك سەﻫىيە مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرى ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ زىچ ماسلىشىشى ۋە قوللىشى بىلەن جەمىيەتتى قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلمىشلىرى ۋە ساختا ، يالغان دورىلارنى باشقۇرۇش ، داۋالاش ۋە دورا بازارلىرىنى تەرتىپكە سېلىش خىزمىتى چىڭ تۇتۇلۇپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ ، ئەممە كۆپ خىل سەۋەبلەردىن ﻫازىر جەمىيەتتىكى قانۇنسىز دوختۇرلۇق قىلمىشلىرى ۋە يالغان ، ساختا دورىلار تېخى ئومۇميۈزلۈك تىزگىنلەنگىنى يوق . ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە ، " نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ساختا ، قانۇنسىز تىببىي داۋالاش ، دورا ئېلانلىرى ئومۇمىي ئېلان تەشۋىقاتىنىڭ 44.8 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن . " ( " بىلىم _ كۈچ جۇرنىلى " 1998 - يىللىق 9 - سانىدىن ) بۇ خىل ئەﻫۋال سەﻫىيە ، داۋالاش سېپىگە چۈشكەن " ئال كېسىلى "نىڭ نىسبەتەن ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىدۇ .

نۆۋەتتە ، دوختۇرخانا گىرىپتار بولغان " كېسەل "نى داۋالاش پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئالدىغا قويۇلغان بىر ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ تۇرماقتا ، كەڭ خەلق ئاممىسى دوختۇرخانىنىڭ " كېسەل "دىن تېزراق ساقىيىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە .
دوختۇرخانا گىرىپتار بولغان كېسەللىك ئىچكى - تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان كېسەللىك بولۇپ ، بۇ خىل كېسەلنى داۋالاشتىمۇ خۇددى ئادەتتىكى كېسەللەرنى داۋالىغانغا ئوخشاش ، كېسەللىك ئالامىتىگە قاراپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ . گەرچە دوختۇرخانا " كېسەل "گە گىرىپتار بولغان بولسىمۇ ، مۇۋاپىق ، ئۈنۈملۈك " داۋالاش " ئېلىپ بېرىلسا دوختۇرخانا " كېسەل "دىن ساقىيىپ كېتىدۇ . ۋەﻫالەنكى ، دوختۇرخانىنىڭ " كېسىلى " ئەڭ ئۇستات ، قابىل ، ئىقتىدارلىق " دوختۇر "لارنىڭ داۋالىشىنى ﻫەم پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ بىردەك ماسلىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ .
خوش ، ئۇنداقتا دوختۇرخانىنىڭ " كېسىلى "نى كىم داۋالايدۇ ؟
دوختۇرخانا
دوختۇرخانا بىر تەرەپتى كېسەل داۋالاپ ، بىر تەرەپتىن " داۋالانغۇچى " بولۇپ ئۆزىنىڭ كېسىلىنى ئۆزى داۋالايدۇ . بۇ خۇددى كېسەلنىڭ دوختۇرنىڭ داۋالىنىشىنى قوبۇل قىلىش بىلەنلا قالماي يەنە دوختۇرغا ماسلىشىپ ﻫەر خىل پەرﻫىزلەرنى تۇتقىنىغا ئوخشايدۇ .
ﻫەر دەرىجىلىك پارتىيە ، ﻫۆكۈمەتلەرنىڭ بىۋاسىتە رەﻫبەرلىكىدە ، سەﻫىيە مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ كونكرېت يېتەكچىلىكىدە ، پارتىيىنىڭ لۇشيەن ، فاڭجېن سىياسەتلىرىنى ؛ دۆلەتنىڭ سەﻫىيە خىزمىتىگە ئائىت قانۇن ، نىزام ، بەلگىلىمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ؛ دوختۇرخانا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، تۈرلۈك قائىدە - تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۇنى ئىجرا قاتتىق ئىجرا قىلىش دوختۇرخانا گىرىپتار بولغان " كېسەل "نى ئۈنۈملۈك داۋالايدۇ . ئەمما ﻫەر قانداق ئۇستا دوختۇرمۇ ئۆزىنىڭ كېسىلىنى ئۆزى داۋالىيالمىغانغا ئوخشاش ، دوختۇرخانىمۇ " كېسەل "دىن خالىي بولۇش ئۈچۈن باشقا ئۇستا " دوختۇر "لارنىڭ داۋالىشىغا مۇﻫتاج . ﻫازىر جەمىيەتتە دوختۇرخانىنىڭ كېسىلىنى داۋالايدىغان " دوختۇر "لارمۇ ئاز ئەمەس .

مەبلەغ
يېتەرلىك مەبلەغ دوختۇرخانا گىرىپتار بولغان " ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسىلى "نى داۋالايدىغان قابىل " دوختۇر " ﻫەم شىپالىق دورا .

ئىسلاﻫات
ئىسلاﻫاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ، داشقازان تامىقىنى بىكار قىلىپ ، " تۆمۈر تاۋاق "قا خاتىمە بېرىش دوختۇرخانا گىرىپتار بولغان " ﻫەزىم قىلىش ناچارلىشىش كېسىلى "نى داۋالايدۇ .

ئەخلاق
تىببىي ئەخلاق تىببىي خادىملارنىڭ ﻫەرىكەت مىزانى . دوختۇرخانىدىكى ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە قارىتا كەسپىي ئەخلاق تەربىيىسىنى چوڭقۇر ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇنىڭغا رىئايە قىلىش بىر قىسىم تىببىي خادىملار گىرىپتار بولغان " تەمەخورلۇق كېسىلى "نى داۋالايدۇ . تىببىي ئەخلاقى ناچار ۋە " تەمەخورلۇق كېسىلى "گە گىرىپتار بولغان خادىملارنىڭ سەمىگە شۇنى سېلىپ قويۇش زۆرۈركى : قىزىل بولاق ئىچىدىكى پۇل بولماستىن ، بەلكى ئامالسىزلىق ۋە غەزەپتۇر ؛ دوختۇرلۇق ئەخلاقى يوقلارنىڭ دوختۇر بولۇش سالاﻫىيىتى يوق .

بىلىم
پۈتكۈل جەمىيەتتە بىلىمگە ئىنتىلىدىغان ، ئىلىم ئەﻫلى ، ئىقتىساسلىقلارنى ﻫۆرمەتلەپ ئۇلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىدىغان ياخشى بىر ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش ، تەڭ تەقسىماتچىلىقنى بىكار قىلىش ، ئۇنۋان ، دىپلوم پاخاللىقىغا خاتىمە بېرىش دوختۇرخانىلاردىكى " ﻫورۇنلۇق كېسىلى "نى داۋالايدۇ .
تەدبىر
" توغرا بولسا تەدبىرىڭ ، پارلاق بولۇر تەقدىرىڭ " دېگەن ﻫېكمەتلىك سۆز ناﻫايىتى توغرا ئېيتىلغان . ﻫەر دەرىجىلىك پارتىيە ، ﻫۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ بىۋاسىتە رەﻫبەرلىكى ، سەﻫىيە مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ كونكرېت يېتەكچىلىكىدە ، سەﻫىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ تۈزۈمنى ئەلالاشتۇرۇپ ، قۇرۇلمىنى مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ ، خادىملارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ، ئىشنى قانۇن - تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى ياخشىلاش ۋە كۈچەيتىشتىن باشلاپ ، يېتەكچىلىكنى ، نازارەتنى كۈچەيتىش دوختۇرخانا گىرىپتار بولغان كېسەلنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ۋە تەدبىرى .

جەمىيەت
دوختۇرخانا _ جەمىيەتنىڭ مۇﻫىم بىر ئەزاسى ، ئۇ جەمىيەتتىن ئايرىلىپ مۇستەقىل ياشىيالمايدۇ . جەمىيەتتىكى پۇراقلىق " گۈل "مۇ ، زەﻫەرلىك " گاز "مۇ دوختۇرخانىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ .
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمىيەتتىكى بەزى ناچار ئىللەتلەر ، چىرىكلىشىش قىلمىشلىرى جەمىيەت كەيپىياتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزدى . ئاز ساندىكى تىببىي خادىملار گىرىپتار بولغان " تەمەخورلۇق كېسىلى " ، " ﻫورۇنلۇق كېسىلى " ۋە سەﻫىيە ساقلىقنى ساقلاش ساﻫەسىگە چۈشكەن " ئال كېسىلى " ﻫازىر جەمىيەتتە مەۋجۇد بولۇۋاتقان ﻫەر خىل ناچار ئىللەتلەر ۋە ئىجتىمائىي كېسەللىكنىڭ سەﻫىيە سىستېمىسىدىكى ئىپادىسى ۋە ئىنكاسى . شۇڭلاشقا دوختۇرخانا گىرىپتار بولغان " كېسەل "نى ئۈنۈملۈك داۋالاپ ساقايتىش ئۈچۈن جەمىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي نامراتلىقىنى تۈگىتىپ ، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ، پارىخورلۇق ، خىيانەتچىلىك ، چىرىكلىشىش قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىپ ، جەمىيەت كەيپىياتىنى تۈپتىن ياخشىلاش لازىم .
نۆۋەتتە دوختۇرخانا گىرىپتار بولغان " كېسەل "نى " دوختۇر "لارنىڭ داۋالىشىلا كۇپايە قىلمايدۇ ، يەنە جەمىيەتنىڭ بارلىق ئەزالىرىدىن ﻫەر بىر پۇقراسىغىچە باغۋەن ۋە دوختۇر بولۇپ ، دوختۇرخانا ۋە دوختۇرلارنىڭ خىزمىتىنى قوللىشى ، ئاسرىشى ، كۆيۈنۈشى ، قوغدىشى ، دوختۇرخانىنىڭ " كېسەل "دىن تېزراق ساقىيىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك مەسۇلىيىتىنى ئادا قىلىش لازىم .
————————————————————————————————
بولسا مۇنبەردە بۇنداق ئىشلارغا يۇلۇقۇپ باققان قېرىنداشلار كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرڭلارنى ،بولسا ھەل قىلغان بولساڭلار قانداق يوللارنى بېسىپ ئۆتىدىغانلىقىنى
دەپ باقساڭلار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98174
يازما سانى: 337
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1512
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 966 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 12:34:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    خۇسۇسى    دوختۇرخانىلارنى    كەڭ-كۆلەمدە    قويىۋەتسە    كىسەل    بولاپ   قالغان    دوختۇرخانىلارمۇ    تىزلا    ساقىيىپ    قالىدۇ    .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96286
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 210
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2013-7-23
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 12:56:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەشتىم.بىزنىڭ  ناھىيدىمۇ شۇنداق .شەخسى دوختۇرخانلارنىڭ تەكشۈرۈش ئۈسكۈنلىرىمۇ  تەكشۈرۈش سۈرئىتمۇ تىز  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3879
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 395 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 01:09:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمىيەتتىكى بەزى ناچار ئىللەتلەر ، چىرىكلىشىش قىلمىشلىرى جەمىيەت كەيپىياتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزدى . ئاز ساندىكى تىببىي خادىملار گىرىپتار بولغان " تەمەخورلۇق كېسىلى " ، " ﻫورۇنلۇق كېسىلى " ۋە سەﻫىيە ساقلىقنى ساقلاش ساﻫەسىگە چۈشكەن " ئال كېسىلى " ﻫازىر جەمىيەتتە مەۋجۇد بولۇۋاتقان ﻫەر خىل ناچار ئىللەتلەر ۋە ئىجتىمائىي كېسەللىكنىڭ سەﻫىيە سىستېمىسىدىكى ئىپادىسى ۋە ئىنكاسى . شۇڭلاشقا دوختۇرخانا گىرىپتار بولغان " كېسەل "نى ئۈنۈملۈك داۋالاپ ساقايتىش ئۈچۈن جەمىيەتنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي نامراتلىقىنى تۈگىتىپ ، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ ، پارىخورلۇق ، خىيانەتچىلىك ، چىرىكلىشىش قىلمىشلىرىغا خاتىمە بېرىپ ، جەمىيەت كەيپىياتىنى تۈپتىن ياخشىلاش لازىم .


بۇنداق  ئەھۋاللارنى چوقۇم ياخشىلاش لازىم .

بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98810
يازما سانى: 459
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 3879
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 395 سائەت
تىزىم: 2013-10-19
ئاخىرقى: 2015-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 01:17:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەتنياز يوللىغان ۋاقتى  2014-4-17 01:09 PM
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمىيەتتىكى بەزى ناچار ئىللەتل ...
بۇنداق ئەھۋاللارنى چوقۇم ئۆزگەرتىش لازىم . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەتنياز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-17 01:19 PM  


بۈگۈن مىنىڭ بۇ مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىنىمغا تولۇق بىر يىل بولۇپتۇ  

سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98944
يازما سانى: 1971
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5037
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1425 سائەت
تىزىم: 2013-10-24
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 01:30:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزگە ئوخشاش شەخسىلەر ئاچقان دورىخانىلارغا ئەسلى ئارام بەرمەيدۇ؟دوختۇرخانىلاردا يا تۈزۈك داۋالىمايدۇ؟....ھەدېگەندە تولا تەكشۈرۈش.......چوڭ دۇختۇرخانىلارنىمۇ شۇنداق تەكشۈرەمدىغاندۇ دەيمەن؟؟؟

ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم قىلالايمەن......!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98903
يازما سانى: 1425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3337
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 501 سائەت
تىزىم: 2013-10-22
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 01:47:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇختۇرخانىنىڭ كىسىلىنى دىمەيلا قۇيايلى ، بىزنىڭ ما يەردە دۇختۇرلانىڭمۇ كىسىلى (ئىغىر ).

قەبرەمگە سەپەر---شەجەرىم

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 2468
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7233
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2038 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 01:58:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مۇشۇ بەزى  دوختۇرخانا ۋە دوختۇرلار    پۇل ئۈچۈنلا ياشايدىكەن ...


     بىمارنىڭ پۇلى ئاز بولۇپ بىرە ئىككى  كۈنلۈك   دورا   -ئوكۇل يىزىپ بىرىشنى  سورىسا  مانچە كۈنلۈكتىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.. دەپ   ئاز يازغىلى ئۇنىمايدىكەن....       پۇل بەرمىسە داۋالمىغان ..ئازغا  چىقىش قىلىسمۇ   كۆپنى دەپ تىخى ئۇنىمىغان  نىجىس دوختۇرلار ئالدىمغا ئۇچقىدى ..  شۇنداقلارنى بىر ئەرىز قىلاي دەپ تورداشلادىن مەسلىھەت سورىسام   تورداشلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭمۇ دەردى باركەن ئەمما   شۇ  يولىنى  بىلمەيدىكەن....     قوسىقىم يامان كۆپىدۇ  شۇ ئىشقا.....     

   خۇدايىم مۇشۇ  دوختۇرخانا دىگەن يەردىن  ساقىلىسۇن....       ئىنساپلىقراقى  بەك ئاز  بەك ئاز...    خۇدايىم  شۇ  بالاخورلاردا  داۋالىنۋاتقان  قېرىنداشلىرمىزغا  شىپالىق ئاتا قىلسۇن..  شۇ خەققە تىلىندۇرمىسۇن...  

ھەممە  ئۆز ئەسلىگە -تەبئىيلىكىگە قايتقانغا ئوخشاش ،ئىنسان تۇپراقتىن يارتىلىپ ، تۇپراققا قايتقۇچىدۇر___شەجەرىم.

ئالپ ئەر تورى

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102853
يازما سانى: 997
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3409
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1044 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 02:21:39 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دوختۇرخانا دىسە يۈرۈكۈم جىغ  قىلىدۇ........دىسەم گەپ جىق..

باش رەسىمى نىقابلانغان

كۆرۈش چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98726
يازما سانى: 644
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3110
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 973 سائەت
تىزىم: 2013-10-16
ئاخىرقى: 2015-4-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 03:24:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كۆكزات رەسسام بىلوگى :http://kokzat.kawsar.cn/ سىزنى قارشى ئالىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش