مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 985|ئىنكاس: 28

گۈلۈمگە مەكتۈپ ( 7-پارچە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86246
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 01:13:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

131.gif

گۈلۈمگە مەكتۈپ (7-پارچە)

6.gif

چوغلۇق

146.gif

گۈلۈم، مەن كەلدىم. ساقلاپ تاقىتىڭ تاق بولغاندۇ ھە؟ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە چېپىپ يۈرۈپ چاچلىرىمغىمۇ ئاق ئارىلاپتۇ. ئەينى چاغلاردا سەن :  << ساڭا بىراۋ كۆيسە ئاۋال مۇشۇ قارا چېچىڭغا كۆيىدۇ جۇمۇ!  >>  دەپ ھەۋەس ھەم شوخلۇق بىلەن تارتىپ ئوينايدىغان تۇمدەك قارا چاچلىرىم ئارىسىدا خۇددى قۇندۇز ئۈستىگە قونىۋالغان مامكاپ بەرگىلىرىدەك ئاق چاچلار پەيدا بولۇشقا باشلىغان ئىدى. ئەگەر يېنىمدا بولغان بولساڭ مېنى مومايدىن مومايغا سېلىپ تېرىكتۈرۈپ ئوينارمىدىڭ، ياكى مېھرىڭ بىلەن چاچلىرىمنى سىلاپ تۇرۇپ،: ئاق چېچىم بار دەپ كۆرەڭلىمە، قارا، مېنىڭدىمۇ بار ... دەپ ساڭىلا خاس ھەم ساڭىلا يارىشىدىغان ئۇسۇلدا نازۇك كۆڭلۈمگە تەسەللىي بېرەرمىدىڭ؟ تەسسەۋۇر قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىۋاتىمەن...

ناتونۇش شەھەر، ناتونۇش مۇھىت، ناتونۇش چىرايلار، ئۆزگە تىلدا پۈتۈلگەن دەرسلىك كىتابلار، ئۆزگە تىلدا سۆزلىنىۋاتقان دەرسلەر، ئۆزگە تىلدا دۇدۇقلاپ تۇرۇپ سوئالغان سوئاللارغا جاۋاپ بېرىۋاتقىنىمىزدا ئەتراپىمىزدىن ئاڭلىنىدىغان پىخىلداپ كۈلگەن ئاۋازلار، سىنىپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ ھەۋەس ھەم ھۆرمەت بىلەن بېقىلغان كۆزلەرگە كۆنگەن قەلبلەرنىڭ ئىمتىھان قەغىزدىكى تۆۋەن نۇمۇر، مۇئەللىملەرنىڭ ئەيبلىك نەزىرى، ساۋاقداشلارنىڭ مەنسىتمەسلىك ياكى ھېسداشلىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان قاراشلىرى ئاستىدا ھۆل چىۋىق بىلەن ئۇرغاندەك چىم، چىم قىلىپ ئېچىشىشى... مانا بۇ مېنىڭ سېنىڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى ھاياتىمنىڭ مۇقەددىمىسى، گۈلۈم. بۇ يولنى ئۆز رازىلىقىمىز بىلەن تاللىغان ئىكەنمىز، چىشىمىزنى چىشلەپ داۋام قىلىشىمىز  كېرەك ئىدى. يىقىلساق يۆلەيدىغان غەمگۇزارىمىز بىزدىن تولىمۇ يىراقتا ئىدى، شۇڭا بىر-بىرىمىزنى يۆلىشىپ تۇرماي ئامالىمىز يوق ئىدى، يات مۇھىت تۈپەيلى مۇشۇ كەمگىچە ئىسمىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغان غەلىتە ئاغرىقلارنى تارتقىنىمىزدا، تاماققا كۆنەلمەي ئاپىمىز ئەتكەن بىر چىنەسۇيقئاشقا تەشنا بولغىنىمىزدا يىغىمىزنى ئىچىمىزگە يۈتۈشكە مەجبۇر بولاتتۇق، ئاتا-ئانىمىزغا ئېيتىشقا پېتىنالمايتتۇق، چۈنكى بىز بىلەتتۇق، بىزنىڭ كۆزىمىز ياشلانسا، ئاتا-ئانىمىزنىڭ يۈرىكى قان يىغلايتتى. شۇنداق، بىز ئۆزىمىزمۇ تۇيمىغان ھالدا بارا-بارا چوڭ بولۇشقا، قەيسەرلىشىشكە باشلىغان ئىدۇق.

سىكۇنت مىنۇتنى، مىنۇت سائەتنى قوغلاپ يۈرۈپ، بىزمۇ بۇ شەھەر، بۇ مۇھىت، بۇ تۇرمۇشقا كۆنۈپ كەتتۇق. ھەر جۈمە كەچلىكى سۈكۈتكە چۆمگەن مەكتەپ قورۇسى ئىچىدە بىردە شوخ، بىردە لېرىك گىتار كۈيلىرىگە جۆر بولغان ناخشا ساداسى ياڭرايتتى. مەكتەپ مەيدانىدىكى چىملىق مەيداندا<< ھۇررا >> سادالىرىغا تويۇنغان ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىز  تۇلپار كەبى چاپاتتى. ۋاسكىتبول مەيدانىدا ئەپچىللىك بىلەن توپ تاشلاۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ چەبدەس ھەرىكەتلىرى قايتا-قايتا <<بارىكاللا>> دولقۇنىنى قوزغايتتى. قىسقىسى، بۇ گۈزەل مەكتەپ قوروسىنىڭ ھەممە يەرلىرىدىن بىزنىڭ ئىزىمىزنى تاپقىلى بولاتتى، ھەممىلا يېرىگە بىزنىڭ ئاۋازىمىز سىڭگەن ئىدى.

ساڭا يازغان ئىككىنچى مەكتۈپۈم مانا مۇشۇ يەردىن باشلانغان ئىدى. تۇنجى قېتىمقىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئەستايىدىللىق بىلەن تاللانغان سۇس زەڭگەر رەڭلىك خەت قەغىزى بېتىدە سۇدا ئۈزگەن بېلىقتەك ئەركىن ئۈزۈپ يۈرگەن قەلىمىم توختاي دىمەيتتى. ساڭا ئىچىمدىكى ھەممە سۆزلىرىمنى تۆكۈشكە، بارلىق قايغۇ، ئەلەم، خوشاللىق، ھاياجانلىرىمنى سەن بىلەن ئورتاقلىشىشقا ئالدىرايتتىم. ئەتىسى خەتنى ئېلىپ، قېنىق يېشىل رەڭلىك خەت ساندۇقىغا ئاۋايلاپ سېلىپ قويغاندىن كېيىنلا سېنىڭ جاۋاب خېتىڭنى كۈتۈشكە باشلىدىم. خۇددى نەچچە سائەتتىن كېينلا سېنىڭ مەكتۈپىڭنى تاپشۇرۇپ ئالالايدىغاندەك خەت-چەك ئايرىش ئۆيىنىڭ ئىشكى ئالدىنى ئەگىپ كېتەلمەيتتىم. ساقلا، ساقلا، ئاخىرى كۈتۈپ كۆزۈم تۆت بولغان خېتىڭنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. خەتنى ئېلىپلا  كۆل بويىغا يۈگۈردۈم. مەجنۇنتاللار بىلەن ئورالغان كۆل بويىدىكى تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ چوڭقۇر بىرنى تىنىۋالغاندىن كېيىن ئالدىراپ خېتىڭنى ئاچتىم. نېمىسىنى دەي، گۈلۈم؟ خېتىڭنى گاھ كۈلۈپ، گاھ يىغلاپ تۇرۇپ ئوقۇپ تۈگەتتىم. سېنى قانچىلىك سېغىنغىنىمنى خۇدا ئۆزى بىلەتتى. بىر گەپ ئېيتاي، كۈلمە جۇمۇ! ئۇ كۈنى خەتنى ئېلىپلا ئۇتتۇر كۆل بويىغا چاپقانلىقىمنى ياتاقدېشىم دىلدار كۆرۈپ، مېنىڭ ئۇ ھاياجانلانغان تۇرقۇمغا قاراپ مېنى تېخى يۈرىۋاتقان يىگىتىدىن خەت تاپشۇرىۋالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، كەچتە ياتاققا قايتقىنىمدا بىر مەيدان قاتتىق قىيىن-قىستاققا ئالغان ئىدى. مەن بولسام بېشىدا ئۇنىڭ جۆيلىگەندەكلا  قىلغان سۆزىدىن ھەيرانلىق ھېس قىلغان بولسام، ئۇنىڭدىن ئىشنىڭ سەۋەبىنى ئاڭلىغاندا بولسا كۈلۈپ كارىۋاتتا دومىلاپ كەتكەن ئىدىم. دىسەم، دىمىسەم سەنمۇ كۈلىۋاتىسەن شۇنداقمۇ؟ بوپتۇ، كۈلىۋالغىن، ماڭىغۇ سەن كۈلۈشكىلا يارالغاندەك  بىلىنىدىغان.

a (67).gif


چوغلۇق يازمىلىرى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarvinazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-17 01:20 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2550
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1852 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 06:23:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز  داۋامى باردۇ ھە      ۋاي يۈرۈگۈم   ۋاي يۈرۈگۈم       چىدىمىدىم مەن   بىرەرسىڭلار    پاراشۇت بىرىپ تۇرۇڭلار   20-قەۋتتىن بىر سەكرەي      

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86246
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 10:00:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sanjay يوللىغان ۋاقتى  2014-4-17 06:23 AM
ياخشى يېزىپسىز  داۋامى باردۇ ھە      ۋاي يۈرۈگۈم   ۋاي يۈر ...

يۈرىكىڭىزگە نىم بولغاندۇ ئەمدى؟

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1605
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10886
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2212 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 10:15:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sanjay يوللىغان ۋاقتى  2014-4-17 06:23 AM
ياخشى يېزىپسىز  داۋامى باردۇ ھە      ۋاي يۈرۈگۈم   ۋاي يۈر ...

بۇ تېمىنى ئوقۇپ يۈرەككە ئوت تۇتۇشۇپ كەتتىما........... ياكى ئىلگىركى مۇھەببەت تارىخىڭىز يادىڭىزغا كەپ قالدىمۇ
سەكرەيدىغان ئادەم پاراشۇتتا سەكرىمەيمىز.........   جىگەرلىك بۇلۇپ  20- قەۋەتتىن  ئۆزىمىزنى ئاتىمىز.....  لىكىن بىردەم ساقلاپراق....... چۈنكى پەستە قۇتقۇزۇش خادىملىرى بولىشى كىرەك


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86246
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 11:31:11 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
zulpukar يوللىغان ۋاقتى  2014-4-17 10:15 AM
بۇ تېمىنى ئوقۇپ يۈرەككە ئوت تۇتۇشۇپ كەتتىما...........  ...

ۋاي ئۈچىيم، غوجامنىڭ غوجىسى بار، چامغۇرنىڭ ئورىسى دەپ سانجەينى باپلايدىغانغا سىز باكەنسىزدە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104545
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8653
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 496 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 11:54:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەپ شەيۋى  مىنى تولاپ قويمايلا يوللىۋىتىپسىز ، خەپ خەپ .

بۇ دۇنيادا ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا ھەقىقىي مۇھەببەت بار دىيىلسە، ئۇ مۇھەببەت، دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105938
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 127
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 12:07:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز  تەقدىرداشلار وخشايمىز  مېنىڭ  كەچمىشلىرىمنى  يازغاندەكلا............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86246
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 12:52:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەيجان يوللىغان ۋاقتى  2014-4-17 11:54 AM
خەپ شەيۋى  مىنى تولاپ قويمايلا يوللىۋىتىپسىز ، خەپ  ...

كەچۈيۈڭە، بەي ساقام، مەن خاتا قىپتىمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86246
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 12:53:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qiqak123 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-17 12:07 PM
بىز  تەقدىرداشلار وخشايمىز  مېنىڭ  كەچمىشلىرىمنى  يازغ ...

ئەمسە بۇ قۇرلارنى يۈرىكىڭىزدىن چۈشىنىپ مېڭىۋېتىپسىزدە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104545
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8653
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 496 سائەت
تىزىم: 2014-3-8
ئاخىرقى: 2015-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 12:55:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sarvinazim يوللىغان ۋاقتى  2014-4-17 12:52 PM
كەچۈيۈڭە، بەي ساقام، مەن خاتا قىپتىمەن

يوغان ئىش خېڭ

بۇ دۇنيادا ئىككى ئادەم ئوتتۇرسىدا ھەقىقىي مۇھەببەت بار دىيىلسە، ئۇ مۇھەببەت، دەل ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدۇر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش