جىددىي قۇتقۇزۇش تەربىيلەش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۇچەيتىش ، دۇنيا خاراكتېرلىك بىر تۇتاش ئىشلىتىلدىغان جىددىي قۇتقۇزۇش يانفون قوللىنشچان ئەپ تۈرى سىناق نۇقتا ئورنى بولۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ،جۇڭگۇ قىزىل كىرىست جەمىئىيتى ‹‹ قىزىل كىرىسىت جەمىيتى جىددىي قۇتقۇزۇش ئالقان دەرىسخانىسى›› يانفون قوللىنىشچان ئەپنى تارقاتتى .
‹‹ قىزىل كىرىسىت جەمىيتى جىددىي قۇتقۇزۇش ئالقان دەرىسخانىسى›› نىڭ تۆت چوڭ ئالاھىدىلىكى :
1) ئىلمىي نوپۇزى . قوللىنىشچان ئەپنىڭ مەزمۇنى پۇتۇنلەي ‹‹ قىزىل كىرىست جەمئىيتى بىلەن قىزىل ھىلال ئاي جەمىئىيتى خەلقئارا بىرلەشمە يىغىننىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۇرۇش كۆرسەتمىسى ›› ( 2011 يىلى نەشىرى) گە ئاساسلانغان ، ھەمدە داۋالاش تەتقىقات نەتىجىسىنى ئۆزىگە نەزەرىيۋى ئۇل قىلغان ، يەنە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلىي قۇتقۇزۇش جەريانلىرى بىلەن تەمىنلىگەن .
2) ئىشلىتىش قولاي . يۇمتال ئۆگەتمەكچى بولغىنى بولسا ئەڭ ئاددىي ، قوللىنىشچان جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇسۇلى ۋە چارىسى .
3) ئۆگىنىش ئاسان . يۇمتالنىڭ تىلى ئاددىي ، مۇھىم نۇقتا گەۋدىلەنگەن ، ئىچىگە كۆرۈنۈش ، ھەرىكەتلىك رەسىم قاچىلانغان ، ئۆگىنىش ۋە ئەستە ساقلاش قولاي .
4) ھەقسىز چۇشۇرۇش . بىر قىتېم قاچىلاپ قويسىڭىز ، تورسىز مۇھىتتىمۇ بىمالال ئىشلەيدۇ ، تېلفونڭىزنىڭ ئېقىم مىقدارىنى ئىشلەتمەيدۇ ، خەلىقچانلىقى گەۋدىلەنگەن .
1. ‹‹ قىزىل كىرىسىت جەمىيتى جىددىي قۇتقۇزۇش ئالقان دەرىسخانىسى›› نىڭ چۇشۇرۇش ئۇسۇلى
(1) . تېلفوندا چۇشۇرۇش
1. ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلفون ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئىككلىك كودنى سېكانىرلاڭ .
2. جۇڭگۇ قىزىل كىرىست جەمىيتىنىڭ ئورگان تورىغا كىرىپ ‹‹ قىزىل كىرىسىت جەمىيتى جىددىي قۇتقۇزۇش ئالقان دەرىسخانىسى›› چۇشۇرۇش بېتىنى ئىچىڭ .
3. ئاندىرويىد نۇسخىسى ياكى ئالما نۇسخىسىنى تاللاپ چەكگەندىن كېيىن چۇشۇرۇپ قاچىلاڭ .
(2) كومپېيۇتىردا چۇشۇرۇش
1. كومپېيۇتىردا جۇڭگۇ قىزىل كىرىست جەمىيتىنىڭ ئورگان تورىنى زىيارەت قىلىپ ، مائۇسنىڭ ئېستىرلكىسىنى تۆۋەندىكى يۇمتال چۇشۇرۇش ئورنىغا توغىرلاڭ .
2. جۇڭگۇ قىزىل كىرىست جەمىيتىنىڭ ئورگان تورىغا كىرىپ ‹‹ قىزىل كىرىسىت جەمىيتى جىددىي قۇتقۇزۇش ئالقان دەرىسخانىسى›› چۇشۇرۇش بېتىدىن چۇشۇرۇڭ .
3. كومپېيۇتىر ئېكرانىدىن پايدىلنىپ ، يانتېلفوندا ئاندىرويىد نۇسخىسى ياكى ئالما نۇسخا ئىككلىك كودنى سېكانىرلاپ ، چۇشۇرۇپ قاچىلاڭ .
( ئالما نۇسخا )
( ئاندىرويىد نۇسخىسى )
تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولماقچى بولسىڭىز مىزاج تور شىپاخانىسى (
www.mezaj.cn ) دىكى سەرخىل مەزمۇنلارغا دىققەت قىلىڭ .مىزاج ئۇندىدار سالونى : mezaj-4
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا mustafadin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-16 11:47 PM