مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2394|ئىنكاس: 24

ئەركەكلىكنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئارسلاندەك ياشا

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17211
يازما سانى: 1307
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 25514
تۆھپە نۇمۇرى: 1338
توردا: 3568 سائەت
تىزىم: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 10:21:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەركەكلىكنىڭ  ۋاقتى ئۆتتىمۇ   ؟



تۇرسۇنبەگ ياسىن ئارسلان



كىچىكىمدە دادام-ئاپاملارنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقىمىكىن دائىم دىگۈدەك بوۋام مىنى باقاتتى .ئۆيىمىز يىزىدا ئىدى ، دادام -ئاپاملار بولسا ئوقۇتقۇچى ، زىيالىي كىشىلەردىن ئىدى ،بوۋام بولسا بىر ئۆمۈر سودا ئىشلىرى بىلەن بولغان ۋە چېلىش ،ئوغلاق تارتىش ، مەشرەپلەردىن قالمايدىغان كىشى ئىدى .  بوۋام مەن كىچىك ۋاقىتلاردىلا تۈگەپ كەتتى . نۇرغۇن ئەسلىمىلەر غۇۋالىشىپ كەتتى ، ھەتتا ئىسىمدىن پۈتۈنلەي كۆتۈرۈلۈپ كەتتى . ئەمما بوۋامغا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق قۇرلار ھىلىھەم شۇقەدەر ئوچۇق ھالدا ئىسىمدە تۇرۇپتۇ .

بوۋام رەھمەتلىك تەمبەل كىشى ئىدى  ، يۈزلىرى توغاچتەك  قىزىل ، ساقاللىرى ئاپئاق ، دائىم چچىنى پاك-پاكىز قىردۇرۇپ يۈرەتتى . بوۋام ئۇچىسىغا ياز كۈنلىرى ئاپئاق تون كىيىپ ئۈستىگە بەلباغ باغلاپ يۈرەتتى ، قىش بولسا ئۇزۇن پاختىلىق چاپىنىنى ياكى جۇۋىسىنى كىيىپ ، پۇتىغا بولسا ئۇزۇن قونجۇلۇق ئۆتىكىنى كىيەتتى ، شۇ ئۇزۇن پاختىلىق پاچىنىنىڭ ئۈستىدىنمۇ بەلباغ باغلاقلىق تۇراتتى . مەيلى قىش بولسۇن ، ياكى ياز بولسۇن كىندىكىدىن بىر غېرىچ يۇقۇرسىغىچە مەيدىسى ئوچۇق تۇراتتى .  بوۋام مەيلى ياز بولسۇن ياكى قىش بولسۇن دادام-ئاپاملار ئىشقا كەتكىنىدە مىنى قوينىغا سولاپ ئۆزى نەگە بارسا بىللە باراتتۇق . بەلكىم ئۈچ - تۆت ياش ۋاقىتلىرىم بولسا كىرەك ، بوۋام جۈمە نامازلىرىغا بارغىنىدا مىنى ئۆزى بىلەن بىللەئېلىپ باراتتى . شۇ چاغلىرىمدا نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ئورنىدىن تەڭ تۇرۇپ تەڭ ئولتۇرىشى ماڭا ھەيۋەتلىك دېڭىزنىڭ دولقۇنلىرىدەك تۇيغۇ بىرەتتى ۋە بالىلىق ھوجۇدۇمغا چۇڭقۇر ئورناپ كەتكەن ئىدى .

      ئانچە -مۇنچە چاچلىرىم ئۆسۈپ قالسا بوۋام مىنى دەرھال قوينىغا سولاپ قولى ئەپلىك بىر ساتىراشنىڭ يېنىغا ئاپىراتتى ۋە ‹ ما ئوغلاقنىڭ بېشىنى چۈشۈرە ئۇكام › دەپ چېچىمنى پاك -پاكىز ئالدۇرىۋىتەتتى ،ئانچە -مۇنچە بېشىمنىڭ تىرىسىنى كىسىپ قان چىقىپ كىتىدىغان بولغاچقا ‹چېچىمنى چۈشۈرمەيمەن › دەپ غەلۋە قىلىپ تۇرىۋالسام بوۋام رەھمەتلىك ‹ ماڭە  ئوغلاق ، چاچ  ئوغۇلبالىنىڭ يىلىكىنى شوراپ كىتىدۇ  › دەپ ئۇنىمىغانغا قويماي چېچىمنى ئالدۇرىۋىتەتتى . بەلكىم ئۈچ ياش ۋاقىتلىرىم بوسا كىرەك بوۋام مىنى قوينىغا سولاپ بىر يەرلەرگە ئېلىپ ماڭغىنىدا ئۇنىڭ مەيدىسىگە ئۆسۈپ كەتكەن تۈكلەرنى يۇلۇپ ئوينايتىم . بوۋام ساقاللىرىنى ماڭا سانجىپ سۆيۈپ كۈلۈپ كىتەتتى . بوۋام ئوغلاق تارتىش، چلىشلارغا مىنى قالدۇرماي ئېلىپ بارسا دادام -ئاپام بەزىدە مىنى ئۆيدە ئلىپ قالىمىز دىسە ‹ ئوغۇلبالا دىگەنمۇ ئۆيدە ئولتۇرامدۇ ،ماڭە › دەپ ئېلىپ باراتتى . دىمەك‹ ئەركىشى ئۆيدە ئولتۇرسا بولمايدىكەندە› دەپ ئويلىغان ئىدىم شۇ چاغلاردا  . بوۋامنىڭ ئاغزىدىن دائىم ‹ ئەركەك تۈكى يوق › ‹ يىلىكى سۇيۇق › ‹بىلى بوش › دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ قالاتتىم .

ئاپام ھەپتىلەردە بىرەر قېتىم  مەھەللىدىكى خوتۇنلار بىلەن بىللە تونۇرغا نان ياقاتتى ، مەن بېرىپ زۇلا قىلىپ قويغان خېمىرلارنى ئېلىپ ئوينىغىلى تۇرسام بوۋام كىلىپ خېمىرنى قولۇمدىن ئېلىپ تاشلىۋىتەتتى -دە ‹ئوغۇلبالا خېمىر ئوينىسا بولمايدۇ › دەيتى ، مەن بوۋامدىن ‹ نىمشقا ؟ › دەپ سورىسام ، بوۋام ‹ ئوغۇلبالا خېمىر ئوينىسا شۇشقىسى تاغقاچىقىپ كىتىدۇ › دەيتى ، دىمەك‹ ئەركىشى خېمىر ئوينىسا  شۇشقىسى تاغقا چىقىپ كىتىدىكەن› دەپ ئويلىغان ئىدىم ، ۋە شۇشقۇمنىڭ تاغقا چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن خمىرنى تاشلاپ بوۋام بىلەن مەشرەپكە قاچاتتىم .

بوۋام ئۆلۈپ كەتتى ، مەن تا بوۋام ئۆلۈپ كەتكەن شۇ كۈنگە قەدەر ئۆيىمىزگە شۇنداق جىق مىھمان كەلگىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم . مەھەللىمىز چوڭ -كىچىك تىراكتۇر ، ۋېلسىپىت ،ئىشەك ھارۋۇلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن ئىدى  . بەلكىم بوۋام يۇرتىمىزنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن بىرسى بولغانلىقىدىن بولسا كىرەك بەك جىق ئادەم ئۆيىمىزگە كەلدى .ھويلىمىزدا كىشىلەرنىڭ ئولتۇرۇشى مۇمكىن بولماي لىققىدە ئۆرە تۇرۇپ كەتكىنىنى كۆرگەن ئىدىم .

بوۋام ئۆلۈپ كەتتى ، شۇ كۈنى بەلكىم ھازېرغىچە باشقىلارنىڭ مىنى ئەڭ كۆپ سۆيىۋالغان كۈنى بولسا كىرەك ، مەن ھويلىمىزنىڭ سۇپىسىدا كىرىۋاتقان -چىقىۋاتقانلارغا قاراپ ‹ بوۋا ، بوۋا › دەپ يىغلىسام مەيلى ئايال - ياكى ئەر بولسۇن ھەممىسى كۆزى ياش كىلىپ ‹ رەھمەتلىك كۆزىنىڭ قارچۇقىدەك كۆرەتتى › دەپ كىلىپ مىنى سۆيۈپ قويۇپ كىتەتتى .مەن ئۇ چاغلاردا بوۋامنىڭ نىمە بولغانلىقىنى ، نىمە ئۈچۈن ئۆيىمىزگە بۇنداق جىق ‹ يىغلاڭغۇ ›مىھماننىڭ كەلگىنىنى چۈشەنمەي ، ناتونۇش كىشىلەر ئىچىدە قېلىپ ‹ بوۋا › دەپ يىغلىغان ئىدىم ، ئەپسۇس بوۋام ئەمدى مىنى ھېلىقى ‹ ئەركەك تۈكى › بار مەيدىسىگە سولاپ مەشرەپ - ئوغلاق تارتىشلارغا ئېلىپ بارمايدىغان ، ‹ئوغلاقتەك › بولۇپ كەتكەن چېچىم بىلەن كار بولمايدىغان ، خېمىر ئوينىسام شۇشقۇم تاغقا چىقىپ كەتسىمۇ كارى بولمايدىغان بولۇپ كەتكەن ئىكەن . مەن بۇنى نۇرغۇن يىللاپ ئۆتۈپ بوۋامنىڭ يوقلۇقى بىلىنگەندە ئاندىن ھىس قىلدىم  .  

بەلكىم بوۋام تۈگەپ كەتكەن شۇ كۈنى كىشىلەرنىڭ يىغىسى ۋە يىغىسىدىكى سۆزلەر ماڭا بەك تەسىر قىلىپ كەتكەن بولسا كىرەك شۇ كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئۆلۈم پەتلىرىگە برىپ قالسام خەقلەرنىڭ يىغىسىنى بوۋامنىڭ ئۆلىمىدە يىغلىغانلارنىڭكى بىلەن سلىشتۇرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم . بوۋامنىڭ  ئۆلۈمىدە كىشىلەر ‹ ۋاي ئەركەك تۈكى بار دادام  ،يۇرتىمىزغا تۈۋرۈكتىڭ دادام › دەپ يىغلاشقاندەك ئىسىمدە بار .

بوۋام ئۆلۈپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن مىنى قوينىغا سولاپ جۈمەگە ئاپىرىپ ئادەم دېڭىزنىڭ تەڭ ئولتۇرۇپ -قوپقىنىنى كۆرسىتىدىغان ئادەممۇ قالمىدى . شۇنداقلا ئوغلاق تارتىش ،چېلىشلارغىمۇ بېرىش تاكى ئۆزۈم چوڭ بولۇپ ، ئۆزۈم مەكتەپكە بارىمەن دەپ قويۇپ قېچىپ بارالىغۇدەك بولغۇچە نىسىپ بولمىدى ، ھەر قېتىم ئۆزۈم چېلىش ، ئوغلاق تارتىشلارغا بارسام ھازېرمۇ بىر نەرسە كەمدەك ھىس قىلىمەن . بۇ كەم نەرسە دەل بوۋامنىڭ ئاپئاق ساقىلى ، تۈكى بار مەيدىسى ، كۆرەلمىسەم مىنى مۈندۈرۈپ كۆرسىتىدىغان مۆرىسى ئىكەن .

بوۋام ئۆلۈپ كەتكىنىمۇ 20 يىللاپ بولۇپ كەتتى ، بىزمۇ شەھەرگە كۆچۈپ كىردۇق  .ئويۇنلاردىن كەم قالمىساممۇ ئانچە -مۇنچە كاللام ئىشلىسە كىرەك 15-16يېشىمدائىچكىرگە ئوقۇشقا ماڭدىم .

شۇنچە يىللارئۆتۈپ كەتتى ، نۇرغۇن نەرسىلەر ئەسلىمىگە ئايلاندى ، بەزى ئىشلارنى ئويلىسام ئۆزۈمچە كۈلۈپ كىتىمەن . ‹ نىمىشقا خېمىر ئوينىسام بولمايدۇ ؟ › دەپ سورىسام بوۋامنىڭ بەرگەن جاۋابىغائىشنىپ خېمىرنى تاشلاپ تاغقا چىقىپ كەتمىسۇن دەپ ئانچە -مۇنچە قاراپ قويغانلىرىمنى ئويلىسام ھازېرمۇ كۈلۈپ كىتىمەن .

ئانچە -مۇنچە چوڭ بولۇپ ئەتراپىمغا ، جەمىيەتكە دىققەت قىلىدىغان بولۇپ قاپتىمەن  .

نەزەر سالسام بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن ئادەم ئەركەكلىكنى  جىنسى ئەر تۇغۇلۇش دەپ چۈشىنىۋالغاندەك قىلاتتى .  باشقا يەردە بولسا قانداق بىلمىدىم ، مەن تۇغۇلغان قەشقەرنىڭ تىلىۋىزيە ئىستانسىدا ھىلىھەممۇ ئەڭ جىق بىرىلىدىغان ئىلان ‹ جىنسى كىسەللىكلەر دوختۇرخانىسى › نىڭ ئىلانى بولسا كىرەك .

كارخانا ، شىركەت، ھەتتا چاچ سوپۇنلارنىڭ ئىلان بولسىمۇ  ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمەي كۆرۈپ ئۆتكۈزىۋىتىمەن ، نىمىشقىكىن  مۇشۇ دوختۇرخانىلارنىڭ ئىلانى چىقسىلا بىر خىل ھاقارەت ھىس قىلىپ كىتىمەن ، ‹ تۇغماسلىق قاتارلىق كىسەللىكلەرنى داۋالايمىز › ئۇ بۇ دەپ ئىلان چىقسىلا ھاقارەت ھىس قىلىش بىلەن بىرگە ئۆمرىدە توققۇز بالا تۇغۇپ قاتارغا قوشقان بوۋام - مومامغاھۆرمىتىم ئاشىدۇ .  ئۇلارنىڭ دەۋرىدە پىلانلىق تۇغۇتلا ئەمەس بەلكى ئۇنداق دوختۇرخانا ، ئۇدۇلراقى شۇنداق كىسەللەر بولمىسا كىرەك . توققۇزنى تۇققان مومام رەھمەتلىك 90غا يېقىنلىشىپ قالغاندا تۈگەپ كەتتى  . ھازېر پىلانلىق تۇغۇت بولمىسا توققۇز -ئون بالا تېپىشقا توغرا كەلسە ئەرلەر  ئۇنىڭ ئۈچۈن يەيدىغان دورا پۇلىغا بويلىشالماي قالارمۇ ياكى ئاياللارنىڭ جېنى بويلىماي قالارمۇ دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن بەزىدە .

    مەن تار دائىرىدە ئەرچىلىك (男子主义) نى تەشەببۇس قىلمايمەن . ئائىلىدە ئەربىلەن ئايال مىھىر -مۇھەببەت ، ئۆزارا ياردەم بىلەن ئۆتىشى مەيلى مىللى ئۆرپ-ئادەت، ئەدەپ - ئەخلاق ، ۋە ياكى دىنىمىز ئىسلام بولسۇن بۇنى قۇۋەتلەيدۇ . ئەممائەركەكلىكنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئۇلارنىڭ ھەممىسى قارىشى . مىللەتلەرنى ئەرلىك خاراكتىرى بار ، ياكى ئاياللىق خاراكتىرى بار دەپ ئايرىسا بىز ئۇيغۇرلار100پىرسەنىت ئەرلىك خاراكتىرى بار مىللەتكە مەنسۇپ ، ئەمما ‹ سۇنۇقتىن باشقىسى يۇقىدۇ › دىگەندەك بىزمۇ ئارلىشىپ ياشاۋاتقانلاردىن ئانچە -مۇنچە ئاياللىق خاراكتىر يۇقتۇرىۋالغاندەك قىلىمىز .

يېقىندا تونۇلغان بىر ياش  قىزنىڭ يولدىشىغا ‹ مەن بېشىمغا ياغلىق سالاي › دىسە يولدىشىنىڭ ئۇنىمىغانلىقىدىن ئۇ قىزنىڭ يولدىشىدىن ئاجىرشىشنى تەلەپ قىلىپ ئاجىرشىپ بىر تەقۋا كىشى بىلەن توي قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىچىم ئاچچىق بولدى . بوپتۇ خىزمەتتىغۇ  ياغلىق تەشكىلنىڭ خىزمەت ئۈنىمىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولسا ئۇنى چەكلىدىمۇ دەيلى  ،بىر ئايالنىڭ ئىرىگە ‹ جېنىم مەن ئادەتتەخىزمەتتىن سىرىت ۋاقىتتا بولسىمۇ مۇشۇ گۈزەل رۇخسارىمنى سىزگە كۆرسىتەي ،باشقىلارنىڭ بۇنىڭغا كۆزى چۈشمىسۇن ، مەندىن پەقەت سىز بىر ئادەم ھوزۇرلىنىڭ › دىگەن سۆزىگە ئىرىنىڭ ‹ ياق ، سىزدىن باشقىلارنىڭمۇ ھوزۇرلىنىش ھەققى بار › دىگەندەكلا كوپراتسىيەچە روھ بىلەن ‹ياق!› دەپ ئاخىرىدا ئايالىنىڭ ئاجىرشىشنى تەلەپ قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەنلىكىدىن ئىچىم ئاچچىق بولدى ، شۇ ئايال مىنىڭ بولسا شۇ سالاي دىگەن ياغلىقنى قولىدىن يىتىلەپ ئاپىرىپ ئېلىپ بىرەر بولغۇيتۇم دەپ كەتتىم .

ئالدىنقى ئايلاردا بىر چەتئەللىك ناخشىچى كىلىپ كەتكەندىن كىيىن ئۈندىداردا قىزلىرىمىزنى تىللاش مودا بولدى ، ئاڭلىسام ئۈندىداردا قىزلارنى تىللاش ئەركەكلىكمىش ، شۇقىزلار شۇ ناخشىچىغا يېقىنچىلىق قىلىپ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزىنى چۈشۈرۈپتىمىش .ئويلاپ قالدىم ، شۇ سورۇندا جىق بولسا 100قىز شۇنداق قىلغاندۇ دەپمۇ تۇرايلى  ، بىر قىزنى ئائىلىدە باشقۇرىدىغان ئەركەك بولمىسا ، ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ، ئۇنىڭ يات ئەرلەرگە لايىقىدىن ئاشقان يېقىنچىلىق قىلىشىنى چەكلەيدىغان ئەركەكلەر بولمىسا ئۇ قىزدىن رەنجىش نەھاجەت . شۇ ھالنى كۆرگەن ئۆزگە ئەلنىڭ كىشىلىرى گۇناھنى مۇشۇ ئەلنىڭ ئەركەكلىرىدە قويىدۇ ئېنىق .  ئالدىدا تىلغا ئېلىنغاندەك  قىزلىرىمىز ‹ ياپاي› دىسە  ،‹ ياق بولدى ئوچۇق تۇرىۋەرسۇن › دەيدىغان يىگىتلىرىمىز تۇرسا ئۇ قىزلاردىن رەنجىش نەھاجەت ، دىمەككى قىزلار بىلەن ئوغۇللارنىڭ جەمىيەت مەسئۇلىيتى ئالمىشىپ قالغانلىقتىن شۇ خىل ئەھۋال يۈز بىرىدۇ .

قىز –ئاياللار بەزى جەھەتلەردىن ئەرلەردىن قەيسەربولۇپ ئالىملارنىڭ قىلغان تەقلىدىي سىنىقىدا ئاياللارنىڭ تۇغۇش جەريانىدا ئاغرىق ئازابىغا قانچىلىك ئەرلەرنىڭ بەرداشلىق بىرەلەيدىغانلىقىنى سىناپ تەجىربە ئىشلەنگەن . تەجىربىگە قاتناشقان بىرمۇ ئەركىشى ئاياللارنىڭ تۇغۇش جەريانىدىكى ئاغرىقىنىڭ يېرىمىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن . دىمەك ئاياللار بەزى جەھەتلەردە ئەرلەردىن قەيسەر ، ئەرلەر بەرداشلىق بىرەلمەيدىغان قىيىنچلىق ھەم ئازابلارغا بەرداشلىق بىرەلەيدۇ . ئەمما لىكىن قىز – ئاياللار  روھى سۇلغۇنلاشقان ، ئەركەكلىك ھاياتى كۈچىنى يوقاتقان بىر جەمىيەتنىڭ ئۇلارغا بىرىۋاتقان ئازابىغا بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ .   

    ‹ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك › داستانىدا مۇنداق بىر ۋەقەلىك بار :يىزىدىكى بىر  يىگىت بىر گۈزەل مەلكىگە ئاشىق بولۇپ قالىدۇ . قىز يىگىتنىڭ ۋاپادارلىقىنى سىناش ئۈچۈن تۇل ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى يېرىپ كىلىشنى بۇيرۇيدۇ ، يىگىت ئانىسىغا بۇنى ئېيتىدۇ ، قەيسەر ئانا ئوغلىنىڭ بىرقىزنىڭ ئالدىدا بوينى قىسىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يۈرىكىنى ئۆزى يېرىپ ئوغلىغا تۇتقۇزىدۇ . نادان ئوغۇل يۈرەكنى كۆتۈرۈپ قىزنىڭ ئالدىغا چاپقىنىداپۇتلىشىپ يەرگە يىقىلغاندا قىپقىزىل ئانا يۈرىكى زۇۋانغا كىلىپ ئوغلىدىن ‹ بىر يىرىڭ ئاغرىدىمۇ ؟› دەپ سورايدۇ .

ئۇلۇغ ئانا شۇنىڭ ئۈچۈن يۈرىكىنى ئوغلىغا يېرىپ ئېلىپ بىرىدۇكى : چۈنكى ئانا ئۆز ئوغلىنىڭ كەمبەغەللىك سەۋەبىدىن ئۆز مەشۇقىنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ .ئۇلۇغ ئانا شۇنىڭ ئۈچۈن يۈرىكىنى يېرىپ بىرىدۇكى : چۈنكى ئۇ ئوغلىغا كەلگەن ھاقارەتنى ئۆزىگە كەلگەن ھاقارەت دەپ بىلىدۇ .

نادان ئوغۇل ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى يېرىپ ئاپىرىپمۇ مەلىكىنىنىڭ ۋەسلىگە ئىرىشەلمىگەندىن كىيىن قاتتىق غەزەبلىنىدۇ ،دەل شۇ چاغدا مۇشۇ مەملىكەتكە  ھوجۇم قىلماقچى بولغان يات ئەلنىڭ پادىشاھى مۇشۇ ئوغۇلدىن ئەسكەرلىرىنى باشلاپ بۇ شەھەرگە ئېلىپ كىرىشنى ،پادىشاھلىقنى ئالغاندىن كىيىن شۇ مەلىكىنى بۇ ئوغۇلغا تاپشۇرۇپ بىرىشنى ۋەدە قىلىدۇ . نادان ئوغۇل بۇنىڭغا ماقۇل بولىدۇ ۋە ياۋ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئۆز مەملىكىتىگە تاجاۋۇزقىلىپ كىرىدۇ . ئۇ دەل شۇ چاغدا ئۆز يۈرىكىنى يېرىپ بەرگەن ئانىسىنىڭ ئۆزىگە قارشى سەپ تارتىپ تۇرغانلىقىنى كۆرىدۇ . ئانا ئوغۇلغا قاتتىق نەپىرەت ئوقۇيدۇ ۋە ئۆزقولى بىلەن ئوغۇلنىڭ كاللىسىنى كىسىدۇ .

ئانا نىمە ئۈچۈن ئوغۇلغا يۈرىكىنى يېرىپ بىرىدۇ ؟ چۈنكى ئانا ئۆز ئوغلىنىڭ ئەركەكلىكىنىڭ بىر قىزئالدىدا پايخان بولىشىنى خالىمايدۇ . چۈنكى ئانا ئۆز ئوغلىنىڭ قىز تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالماي قىزنىڭ ئالدىدا تىلى قىسقا بولۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ .

چۆچەكتە تەسۋىرلەنگەن ئانا ئەمەلىيەتتە دەل بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىدۇر .  ئانا بۇ يەردە بىر ئايال جىنسىغا ئەمەس بەلكى بىر ئەركەك مىللەتنىڭ روھىغا قىلىنغان سىمىۋولدۇر .

ئەمدى چۆچەكتە تەسۋىرلەنگەن مەلىكە بولسا دەل تىپىك قىزلارنىڭ خاراكتىرىگە سىمىۋول قىلىنغان .مەلىكىگە لازىمى  قانداقتۇر شاھزادە ئەمەس، قانداقتۇر بىر باينىڭ بالىسى ئەمەس بەلكى بىر ئەركەكلىك قېنى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ،ۋاپادار ، مەسئۇلىيەتچان ، شۇنداقلا بىر ئەقىللىق يىگىت ئىدى . مەلىكە يىگىتنى راستىنلا ئانىسىنىڭ يۈرىكىنى ئويۇپ ئېلىپ كىلىشكە بۇيرىغان ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ ئۆزىگە زادى قانچىلىك ساداقەت بىلدۈرەلەيدىغانلىقىنى سىناش ۋاستىسى ئارقىلىق يىگىتنىڭ ئەركەكلىكى ھەم پاراسىتىنى سىنىماقچى بولغان ئىدى .

خوش ، ئەمسە ئەڭ ئاخىرىدا يات ئەلنىڭ پادىشاھى ئوغۇلغا بۇ مەملىكەتنى بوي سۇندۇرغاندىن كىيىن مەلىكىنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بىرىشنى ۋەدە قىلغان ئىدى ، ئۇلۇغ ئانا ئۆز يۈرىكىنى ئۆزى ئويۇپ بىرشكە رازى بولدىيۇ ئەمما شۇ ئوغلى ئۆزى ياخشى كۆرگەن مەشۇقىغا ئىرىشەي دەپ قالغان پەيىتتە ئۆز قولى بىلەن ئۆز ئوغلىنىڭ كاللىسىنى ئالىدۇ ؟

چۈنكى ئانا ئوغۇلنىڭ  بۇنداق نامەرتلىك بىلەن مەلىكىنىڭ ۋەسلىگە ئىرىشىشنى ئويلىشىنى ئەڭ چوڭ ئار-نۇمۇس دەپ بىلگەن ، ئۇ ئۆزيۈرىكىنى يېرىش ئاغرىقىغا بەرداشلىق بىرەلىگەنيۇ بۇنداق ئار –نۇمۇسقا بەرداشلىق بىرەلمىگەن ، ھەتتا بۇ نۇمۇس ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنىڭ كاللىسىنى ئالغان . ئۇلۇغ ئانىدا بىر تەرەپتىن يۈكسەك دەرىجىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى گەۋدىلەنگەن بولسا يەنە بىرتەرەپتىن يۈكسەك ئار-نۇمۇس تۇيغۇسى ،ئەركەكلىك روھى  گەۋدىلەنگەن .  

دەپ ئۆتكىنىمىزدەك بۇ چۆچەكتىكىدەك نادان ئوغۇللار جەمىيتىمىزدە ئانچە –مۇنچە كۆزگە چېلىقىدىغان بولۇپ قېلىۋاتقاچقا . شۇنىڭ بىلەن مەلىكىلىرىمىزنىڭمۇ ‹پادىشاھلىقى تەھدىتكە ئۇچىراپ › بېشىغا غەم چۈشىۋاتىدۇ . كۆرىۋالماق تەسكى چۆچەكتىكىدەك  ئەركەكلىكى يوقالغان ئوغۇللار ئاخىرىدا بىر ئۆزى بىلەن كەتمەستىن يۇرتنىڭ ،خەلقىنىڭ ، ئەلنىڭ بېشىغا كەلگەن بالاغا ئايلىنىدۇ  .

90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا قىزلار ئوغۇللارنىڭ پۇلىغا قارايمىش ، ئۆيى بولمىسا تەگمەيمىش دەپ ئاڭلاپ توۋا دىيىشكەن ئىدۇق ، ھازېر ئانچە –مۇنچە يىگىتلىرىمىزنىڭ قىزلارنىڭ ئەدەپ –ئەخلاقى ، پاكلىقى ، نەسەبىنىڭ ئىسسىلىكى، پاكىزلىقى بىلەن ھىسابلاشماي دادىسىنىڭ نەچچە پۇلى بارلىقى ، توي قىلسا قىزنىڭ دادىسىنىڭ ئۆي ئېلىشقا نەچچە پۇل بىرىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى سۈرۈشتۈرىۋاتقانلىقىنى ، بولمىسا توي قىلماي بويتاق يۈرىۋاتقىنىنى ، ھەتتاكى قىزلارنىڭ ئوغۇللارغا ‹ ئۇنداق قىلماڭ ، توي قىلايلى › دەپ يالۋۇرىۋاتقىنىنى  كۆرۈپ 90-يىللاردا بەك بالدۇر توۋا دەپ سالغىنىمىزنى ھىس قىلدۇق .

ئويلاپ باقسام قىزلارنىڭ ئوغۇللارنىڭ پۇلى ، يولى بار يوقلۇقىنى سۈرۈشتە قىلىشنى چۈشىنىشكە بولدىكەن، چۈنكى قىزلار ئاجىز بولغاچقا ئۆزىنىڭ بىر تىنىچ – خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلىدىكەن ، ھەم كەلگۈسى ئىرىنىڭ ئۆزىگە شۇنى بىرەلەيدىغان –بىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلگىسى كىلىدىكەن ،ئەمدى ئۆتەپ – تېشىپ ئوغۇللىرىمىزنىڭ بۇنى سۈرۈشتەقىلشقا باشلىغىنىنى كۆرۈپ ئوغۇللار تۇغۇلغاندا چوقۇم شۈمەك سېلىشنى تەكىتلەش كىرەكلىكىنى ھىس قىلىۋاتىمەن .

     قىزلار ئەركەكلەرنى سېغىنىدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ ، ئىنساننىڭ بىر تۇغما ئالاھىدىلىكى بولۇپ ئۇ ئۆز ئىلكىدە نىمە كەم بولسا شۇنىڭغا ئەڭ ئىنتىلىدۇ  . قىزلارنىڭ ئەركەكلىككە ئىنتىلىشى دەل ئۇلار ئىنتىزار بولىۋاتقان ئەركەكلىكنىڭ كەم بولىۋاتقانلىقىدىندۇر.

     ئەركەكلىكنى قانچە قىز بىلەن مۇھەببەتلىشىش، يۈرىۋاتقان قىزىنىڭ قانچلىك پۇلى بارلىقى بىلەن ئۆلچەۋاتقان نامەرتلەرگە لەنەت .

      ئىنسان ئاپىرىدە بولىشىدىلا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا ئەرلىك ياكى ئاياللىق بۇرچ  بىكىتىۋىتىلىدىغان بولۇپ ، ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر يۇقىرى پاراسەت بىلەن ئەر –ئايال دەپ ئايرىغان ئۇلارغا شۇنىڭغا خاس ھالدىكى ئارتۇقچىلىق، بۇرچ ھەم مەسئۇلىيەتنىمۇ قوشۇپ بەرگەن . ياراتقۇچىنى تونۇش بىر ئىنساننىڭ ئىتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ئەركەكلەرنىڭ ئەركەكلىكىنى ھەم ئەركەكلىك مەسئۇلىيتىنى تونىيالماي ئۆز بۇرچىنى ھەم زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى تونىيالماسلىقى ئىتىقادتتىكى كەمتۈكلۈكتىنمىكىن دەپ ئويلايمەن .

     ‹ۋاقتى ئۆتتى ›دەپ نۇرغۇن نەرسىلەرنى تاشلىۋەتتۇق ،كىچىكىمدە ئەركەك زاتىغا يۈز كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ئاياللار تور رومال بىلەن يۈزلىرىنى يېپىۋالاتتى . كۆزلىرىمۇ شۇ تور رومال بىلەن يېپىلىپ تۇراتتى ، شۇ چاغلاردا ئاياللار ھەم قىزلار ‹كۆزكۆڭۈلنىڭ ئەينىكى › دىگەندەك نۇرغۇن بالالار كۆزنىڭ ئىتتىكلىكىدىن بولىدۇ دەپ قاراپ كۆزىنىمۇ قوشۇپ يېپىۋالاتتىكەنتۇق . كۆز ئېچىلدى ، شۇنىڭ بىلەن قىزلارنىڭ روھى دۇنياسىدا ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بىرىشىگە ماس ھالدا يىگىتلىرىمىز جەمىيەتتىكىمۇ ئەييەن مەسئۇلىيتىنى ھەم ئورنىنى  قوش قوللاپ قىزلارغا تۇتقۇزۇپ قويدى ، ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئەركەكلىك ئورنىدىمۇ تەۋرىنىش بولدى  . ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ھازېرقى پەرىشانلىرىمىزنىڭ ، ھەسرەتلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ‹ۋاقتى ئۆتتى › دەپ تاشلىۋەتكەن بەزى نەرسىلىرىمىزنىڭ كەملىكىدىن بولىۋاتىدۇ .

بىر ئەلنىڭ ئەرلىرى ئۆزىگە خاس ئەركەكلىك ئورنىنى تىكلىيەلمەيدىكەن ،ئۇنداقتا بۇ ئەلنىڭ ئاياللىرىنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرىمايدۇ ، ئاياللىرىنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرىمىغان ئەلنىڭ ئۇلى مۇستەھكەم بولمايدۇ . كۆزىدىن ياش قۇرىمايدىغان ئانا تۇغقان بالىمۇ يىغلاڭغۇ تۇغۇلىدۇ .شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەل تەدىرىجى يىغلاڭغۇ ئەلگە  ئايلىنىدۇ . كوچىلاردا يىغلاپ –يىلىنىپ تىلەۋاتقان ئاياللارنىڭ قاتارىغا بەش ئەزاسى ساپمۇ –ساق ئەرلەرنىڭ قوشۇلۇپ قېلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ بىز بۇ تەرەققىيات جەريانىنى ھازېردىن باشلاپ تاماملاشقا ئاتلانغان ئوخشايمىز دەپمۇ قالىمەن .

ئەمما لىكىن بىرمىللەتنىڭ روھىدا نىمە بولسا ئاخىر يەنە شۇ روھ ئۆز ئورنىنى تاپىدۇ دىيىلگىنىدەك بۇمۇ بەلكىم بىزدىكى بىر ئۆتكۈنچى دەۋىر بولسا كىرەك ، يا ئۇ ياققا ماڭىمىز يارلىۋىدىن دۇمىلايمىز ،يىغلاڭغۇ ئاياللىق خاراكتىرنى تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ ئەتراپىمىزدىكىلەر بىلەن سىنىڭ - مىنىڭ دىيىشمەيدىغان بولىمىز ، ياكى بۇ ياققاماڭىمىز ، ئاتنى يار لىۋىدىن تارتىپ ئەركەك مىللەت خاراكتىرىمىزنى ساقلاپ داۋاملىق ئەركەكلىك روھى بىلەن ياشاپ يىغلاڭغۇلۇقنى شۇ يارىشىدىغانلارغا تاشلاپ بىرىمىز . ئىشنىمىزكى تارختىن بىرى يىغلاڭغۇلۇق ياراشمايدىغان بىر ئەلگە  بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ ياراشمايدۇ ، ئەزەلدىن ئەركەكلىك روھى بىلەن ياشاپ كەلگەن بىر ئەلگە خېنىم مىجەزلىك ياراشمايدۇ . ئەزەلدىن ئەركەكلىك بىلەن ياشاپ كەلگەن بىر ئەلدە ئەركەكلىكنىڭ ۋاقتى ئۆتمەيدۇ .

   

     

مەزكۈر ئەسەرنى ئاپتۇر ھەم  مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ باشقا مۇنبەر ھەم سالۇنلاردا ئىلان قىلسىڭىز بولىدۇ .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-16 11:18 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
baxagim0996 + 10 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ھەربىر ئادەمنىڭ قىلغان - ئەتكىنى شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ  بىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105938
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 118
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 67 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2015-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 11:26:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  يېزىپسىز

ياردەم مەزمۇنى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40834
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4230
تۆھپە نۇمۇرى: 139
توردا: 388 سائەت
تىزىم: 2011-5-15
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 11:34:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىپسىز بۇلۇپمۇ كىيىنكى ئابزاسلىرى ھەقىقىتەنمۇ ياخشى چىقىپتۇ
يىگىتلىرىمىزگە ياخشى بىر ئۇيلىنىش پۇرسىتى بۇلغۇسى ...

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10633
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 12:03:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت قېرىندىشىم

شاھ زاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105980
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 5 سائەت
تىزىم: 2014-4-13
ئاخىرقى: 2014-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 12:04:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئويلۇنۇشقا تىگىشلىك

misken.cn بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 12:04:21 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

زۇمرەتتاش تورتلىرى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 4843
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15689
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6288 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 12:22:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئارسلاندەك گەپ قىلىپسىز ،ئەركەكلەرنىڭ دەۋىر ئالدىدىكى ۋە ئائىلىسى ۋە جەمىيەتتىكى مەسئولىيىتىنى ئىنچىكە نۇقتىلار بىلەن روشەن يورۇتۇپ بېرىپسىز،مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلار مۇنبەرلەردىن ئۈزۈلمىسە دەيمەن،ئىشقىلىپ مەن بىلىدىغان نۇرغۇن ياشلىرىمىزمۇ غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئۇيغۇنىۋاتىدۇ،مۇنبەردىكى سىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ،كىنايىلىك ۋە ھەقىقىي ،رىئال مىساللار بىلەن بىزەلگەن تېمىلىرىڭلار ئارقىلىق نۇرغۇن ياشلىرىمىز كىملىكىنى تېپىۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن........

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14954
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2775 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 12:57:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىمىڭىزنىڭ بېشىنى ئوقۇۋېتىپ ، رەھمەتلىك چوڭ دادامنىڭ يەكتىكىنىڭ پېشىغا ئېسىلىپ ھېيتكاھ جامەسىگە جۇمەگە بارغىنىم ۋە جۇمەدىن يېنىپ يېىگەن كاۋاپ ،ئىچكەن دوغلار يادىمغا يېتىپ كۆزلىرىمگە ياش كەلدى ، رەھمەتلىك چوڭ دادام تۇنجى ئوغۇل نەۋرەم دەپ شۇنچە ئارزۇلايتى ...
ئىلاھىم شۇ ئىمانى ئەركەك بوۋىلىرمىزنىڭ ياتقان جايىنى ئەدنى جەننىتىدىن قىلسۇن (ئامىن )
ئەركەكلىك ھەققىدە يېزىلغان يەنەبىر ئېسىل ئەسەر بوپتۇ .سىزدىگەندەك خوتۇننىڭ گۈزەللكىدىن نامەھرەم كۆزلەرنىڭ تەڭ بەھرلىنىشنى مەدەنىيلىك دەپ بىلىدىغان ئەرلەر ، قىزلىرىنىڭ كىيىملىرىنىڭ ئاستى -ئۈستىدىن تەڭلا ئوتتۇرىغا قاراپ قىسقىراپ كېتىشىنى توسۇشنى ياۋايىلىق دەپ قارايدىغان ئاتىلار ، خەقنىڭ قىز -سىڭلرىنى ئەخمەق قىلۋاتقاندا ئۆزلىرىنىڭ ئاچا-سىڭللرىنىڭ ھېچبولمىسا كەلگۈسدىكى قىزلىرنىڭ شۇنداق خورلۇققا دۇچار بولشىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ قويمايۋاتقان ماڭقۇرت مازپاينەكلەر تۈزەلمەي تۇرۇپ بەزى ئىلەتلىرمىز تۈزەلمكى بەسىي مۈشكۈلدۇر.
ئەرلىرى زەيپانىلاشقان ئەلنىڭ ئاياللىرى رەسۋالىشىدۇ.

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104669
يازما سانى: 421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 981
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 332 سائەت
تىزىم: 2014-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 01:25:23 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
،كىچىكىمدە ئەركەك زاتىغا يۈز كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن ئاياللار تور رومال بىلەن يۈزلىرىنى يېپىۋالاتتى . كۆزلىرىمۇ شۇ تور رومال بىلەن يېپىلىپ تۇراتتى ، شۇ چاغلاردا ئاياللار ھەم قىزلار ‹كۆزكۆڭۈلنىڭ ئەينىكى › دىگەندەك نۇرغۇن بالالار كۆزنىڭ ئىتتىكلىكىدىن بولىدۇ دەپ قاراپ كۆزىنىمۇ قوشۇپ يېپىۋالاتتىكەنتۇق . كۆز ئېچىلدى ، شۇنىڭ بىلەن قىزلارنىڭ روھى دۇنياسىدا ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بىرىشىگە ماس ھالدا يىگىتلىرىمىز جەمىيەتتىكىمۇ ئەييەن مەسئۇلىيتىنى ھەم ئورنىنى  قوش قوللاپ قىزلارغا تۇتقۇزۇپ قويىدۇ


ماۋۇ گەپلەر بەك توغرا زادى.  كۆز ئىچىلغاندىن كىيىن باشقا جايلار تەبىلا ئىچىلىشقا باشلىدى!!! دانىيەلىك كىلىندىكى كۆرۈنۈشلەر ئىسىمگە كەپ قالدى. رەھمەت تىمىڭىزغا. اللە قولىڭىزغا دەرت بەرمىگەي.

ئۈستىدىن ئۇرىدىغان بازغان بولمىساڭ ، ئاستىدا يانچىلىدىغان سەندەل بولىسەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 5273
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 7855
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 2022 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-17 03:52:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىرقى   جاھاندا  :   بەك ئەركەك بولۇپ كەتسىمۇ  بويتاق  ئۆتۈپ كېتىدىغان
ئىش  چىقامدىكىن  ...  ؟       لىكىن  لاتا    بولۇپ  ياشىغاندىن  بويتاقلىق ئەۋزەل

ئاددىيلىقتىن  بىزارمەن !   يا   مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمەن يا سەرگەردان  زابويغا  ئايلىنىمەن ...
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش