|
|
|
|
ئوغىرى شامال مەڭزىڭگە سۆيۈپ قاچتى ،شۇ دەقىقە مەن شامالغا ھەۋەس قىلىپ قالدىم.شاماللارغا قوشۇلۇپ يىراق يىراقلارغا كىتىشنى ئىستەپ قالدىم.
دائىم ئۆزۈمنى ئۆزۈم ياشاۋاتقان بۇ مۇھىتقا تەۋە ئەمەستەك ،بۇ يەردە نىمىدۇر بىر نەرسە ماڭا يىتىشمەيۋاتقاندەك ھېس قىلىمەن.نەپەسلىرىم بۇغۇلۇپ ، خىياللارنىڭ رۇجەكلىرىدىن ئۆز-ئۆزۈمنى ئىزدىمەك بولىمەن.لىكىن كىرپىكلىرىمدە ئېسىلىپ قالغان ياشلارنىڭ ھەر بىر قەترىدە سىنىڭ سىمايىڭ ماڭا قاراپ جىلمىيىدۇ.
سېغىنىشنىڭ ئاراچلىرىدا ئازابلارنى سۈيۈپ قالدىم.بېشىمدىن نىمە قىسمەتلەرئۆتمىدى؟ نە كۈنلەرگە چىداپ كەلدىم مەن؟ ئەمدىكى كۈنلىرىم سىنىڭ كۈلكەڭنى كۆرۈش ئۈچۈن جېنىم......سەن ئۈچۈن بارلىقىم تەسەددۇق بولسۇن........
سىنى سۈيۈش،سىنى سېغىنىشنىڭ ئازابى شۇنچە تاتلىق....
مىنىڭ قول يەتمەس ئاچچىق شاپتۇلۇم سەن..........نىمىسنى دەي؟
سىنىڭ سايەڭدە بىراۋلار قوللىرىدىكى تۈمۈر تىرناقلىرى بىلەن يۈرىكىمدىكى يارا ئىزىنى تاتلىماق بۇلىدۇ.لىكىن ھازىر ئۆز ھىسسىياتىمنى يوشۇرۇشنى شۇنچىلىك ئۆگىنىپ كەتتىمكى ھەممىگە كۈلۈپ باقارمەن.....
ئەگەر ماڭا كۆڭۈل كۆزى بىلەن قارىغان بىرەرسى بولسا مەن كۈلگەندە يۈرىكىمدىن قان ئېقىۋاتقانلىقىنى بىلەر بولغىيدى دەپ ئويلايمەن.........
بىلىپ تۇرۇپ بىلمىگەنگە سېلىۋېلىشنىڭ لەززىتىمۇ ئۆزگىچە ...دىمىسىمۇ نىمە قىلىمەن بۇنچە كۆپ ئىشنى بىلىپ كىتىپ؟ئەسلىمۇ بىلگۈم يوق ئىدىغۇ؟لىكىن رىئاللىق ھامان ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدىكەن،بەزى ئىشلار سىنىڭ ئەتىراپىڭنى چۆرگىلەپلا يۈرىيدىكەن.قېچىپمۇ قېچىپ بولالمايدىكەنسەن.شۇ يالغان كۈلۈشلىرىم ئىچىدىن سىنىڭ تەبەسسۈملىرىڭنى كۆرگەن مىنۇتتا بەخىتلىكمەن جېنىم......
ئەجىبا سىنى سۆيۈشۈمنىڭ ئاخىرنى ساڭا ئېرىشىشتىنلا ئىستىسەم؟....ئەسلى شۇنداق بولسا تولىمۇ گۈزەل ئىش بولار ئىدى.لىكىن ھازىر بۇنى ئويلاشقا تاقىتىم يوق.پەقەت ۋە پەقەت..........
يۈرىكىم يوللىرىڭغا پايانداز بولسۇن!
سەن ئۈچۈن ياشىغان ھاياتىمنىڭ ھەر بىر مىنۇتى ئۆزگىچە مەنالار بىلەن تولغانلىقىنى ئۆزۈم بىلەرمەن.....كۆڭۈل كۆزۈم ساڭا تىكىلگەندە ئۆزەمنىڭ سىنىڭ ئالدىڭدا نەقەدەر ئاجىز ئىكەنلىكىمنى ئىتىراپ قىلىشقا مەجبۇرمەن.«كىتىمەن..»دىدىم،لىكىن كىتەلمىدىم...«كىتىمەن»دىگەن كۈنلىرىمدە خۇددى جېنىم قەپىسدىن چىقىپ كىتىدىغاندەك قانچىلىك ئازابلاندىم،كېچىلىرى ئازابتىن تولغىنىپ ئىككىمىزگىلا تەۋە بولغان شۇ كۈنلەرنى ئويلاپ چىقتىم. خۇددى ھازىرلا سەندىن ئۇچۇر كىلىدىغاندەك كۆرمەي قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ تىلفۇن قولۇمدا .....شۇ دەرىجىگە باردىمكىن تىلفۇنۇمنىڭ توختاپ قالغىنىدىن گۇمان قىلىپ ھەتتا تەكشۈرۈشكىمۇ ئۈلگۈردۈم.....سىنى تىلفۇن قىلسىكەن،بىر پارچە بولسىمۇ ئۇچۇر قىلسىكەن ...دەپ تاما قىلىپ يورۇق تاڭنى كۈتىۋالدىم .قاغىش تەككۈر تىلفۇن سەندىن خەۋەر بەرمىدى،ھەممە شۇنچىلىك جىمجىت ،پەقەت يۈرىكىمنىڭ ئەنسىز سېلىشلىرىلا ئۆزەمگە ئاڭلىنىپ شۇ دەمدىكى مۇدىھىش جىمجىتلىقنى بۇزۇپ تۇراتتى .
چىدىمىدىم......يۈزلىرىم ئوت،تۈمەنمىڭ خىجالەت ئىلكىدە تىلفۇنىنى قولۇمغا ئېلىپ ساڭا خەت يازدىم،ياق ..ياق....خەت ئەمەس....يۈرىكىمنى يازدىم.ئالدىڭدا بولسام بۇلارنىڭ ھېچنىمىسىنى دىيەلمەيتتىم .يۈزۈمنى قېلىن قىلىپ ،غورۇرۇمنى قايرىپ ساڭا ھەممىنى دىدىم.
مۇشۇ تاپتا قۇلىقىم سىنىڭ پىچىرلاشلىرىڭدىن باشقا ئاۋازنى ئاڭلىماس....كۆزلىرىم ھەممە ھەممىدىن سىنىڭ مىنىڭ يۈرىكىمگە
سىڭىپ كەتكەن سىمايىڭنى تاپماق بۇلار....قوللىرىم سىنى تۇتماق بولۇپ ھاۋادا ئېسىلىپ قالار..... قوللىرىم كونۇپكا تاختىسى ئۈستىدە تىنىمسىز ھەرىكەتلىنىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىدە كومپىيۇتىر ئىكرانىدىكى خەتلەر ئارىسدىنمۇ سىنى كۆرگەندەك بولىۋاتىمەن.....ياق ياق........ئەسلى ياشلىرىم كۆزۈمنى توسىۋاپتۇ ،بىلسەڭ سەن كۆز ياشلىرىمغا سىڭىپ كىتىپسەن......
ئوغىرى شامال مەڭزىڭگە سۆيۈپ قاچتى ،شۇ دەقىقە مەن شامالغا ھەۋەس قىلىپ قالدىم.شاماللارغا قوشۇلۇپ يىراق يىراقلارغا كىتىشنى ئىستەپ قالدىم.
گۈلمىسال يازمىسى 2014.4.16
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-16 11:31 PM
|
|
|
|
|
|