ئەسكەرلىك ئىمتىھانى
يۇمۇر
شۈكران
-ئاۋۋال كۆز قۇۋۋىتىنى ئۆلچەش ئىمتىھانىئېلىڭلار!
-بۇ چېكىتنى كۆردىڭىزمۇ؟
-قايسى چېكىتنى؟
-بۇ رەسىمدىكى
-قايسى رەسىمدىكى؟
-ماۋۇ تامدىكى
-قايسى تامدىكى؟
-باشلىق، بۇ قارىغۇ ئوخشايدۇ.
-ھە، بولىدىكەن. كېچىدە خىزمەت قىلسا بولىدۇ.ئەمدىكى ئېتىش تېخنىكىسىنى سىناڭلار!
-پىلىمۇت ئېتىپ باققانمۇ؟
-پىلىمۇت دېگەن نېمە ئۇ؟
-مىلتىقنىڭ ئاكىسى، ئېتىپ باققانمىدىڭ؟
-مىلتىق دېگەنچۇ؟
-تاپانچىنىڭ بوۋىسى. ئېتىپ باققانمۇ؟
-تاپانچا...؟
-توشقانغا چوماق ئېتىپ باققانمۇ؟
-ياق.
-بىرەر يەرگە چالما ئېتىپ باققانمۇ؟
-ھەئە. ئېتىپ باققان
-نەگە؟
-قوشنام تول ئايال ئىدى. بىر نەچچە قېتىم ئۇقۇشمايكېچىدە ئۆگزىسىگە ئېتىپ سالغان.
-باشلىق، بۇ نىشانلىماي چالما ئاتالايدىكەن.
-ھە، بولىدىكەن. گىرانات بۆلىمىگە تەقسىملىسەكبولغىدەك. ياندىن كەلگەن دۈشمەن خەتەرلىك. ئەمدى بىلىم سەۋىيىسىنى سىناڭلار!
-ئالى مەكتەپنىڭ قايسى فاكولتىتىنى پۈتتۈرگەن؟
-فاكولتىت دېگەن نېمە؟
-ئالى مەكتەپتە قايسى كەسىپتە ئوقىغان؟
-قايسى ئالى مەكتەپنىڭ دەيسىز؟
-ئوتتۇرا تېخنىكۈمدا ئوقۇپ قاپتىكەنسەن دە!ئەيىپ ئەمەس. دەۋەر!
-تېخنىكۈم دېگەن نېمە گەپ؟
-تولۇقتا ئوقۇغانمىدىڭ؟
-ياق.
تولۇقسىزدىچۇ؟
-ئانام باشلانغۇچتا ئوقۇي دېسەم ئۇنىمىغان.
-خەت يېزىشنى بىلەمسەن؟
-قايسى خەتنى؟
-مەيلى خەنزۇچە بولسىمۇ، ئۇيغۇرچە بولسىمۇ،بىرەر ھۆججەت يازالامسەن؟
-قەرز ھۆججىتىگە قول قويالايمەن.
-ئۇنداقتا ئىسمىڭنى يازالىغۇدەكسەن
-باش بارماقنى سۇرۇققا چىلاپ باسالايمەن.
-باشلىق، بۇ ساۋاتسىز ئوخشايدۇ.
-ئارخىپخانىدىن خىزمەت كۆرسەتسە، ھەربىي گىنىرالبولغىدەك. شوپۇرلۇق تېخنىكىسىنى سىناپ كۆرۈڭلار!
-ئاۋياماتكا ياكى ئايرۇپىلاندەك نەرسىلەرنىھەيدىيەلەمسەن؟
-چىقىپ باقمىغان تۇرسام.
-بولمىغاندا تانكا ياكى پاراخۇت دېگەنلەرنىچۇ؟
-ھەيدەيمەن.
-يارايسەن!
-قايسى جەڭلەرگە قاتناشقان.
-جەڭگە قاتناشمىغان.
-ئەمىسە نەدە ھەيدىگەن. قايسى پولكتا، ياكىقايسى پاراخۇت ئەتىرىتىدە؟
-كىچىكىمدە سۆرەپ ئوينىغان.
-كۈچۈڭ ئەجەپ جىقكەن. بۇ پەيلىڭدە ھازىر پويىزنىسۆرىگىدەكسەن. قانداق ماشىنا ھەيدىيەلەيسەن، دېمەكچى ھەربىي ماشىنىسىنىھەيدىيەلەمسەن؟
-ھەيدەيمەن!
-يارايسەن! ماشىنا كۆۋرۈكسىز بىر دەرياغاكېلىپ قالدى. ئۇنىڭدا ئالدىنقى سەپتىكىلەرگە يەتكۈزىدىغان مۇھىم ياراق بار.دەريانىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتۈش كېرەك بولسا قانداق قىلىسەن؟
-پاقالچاقنى تۈرۈپ كۆتىرىپ ئۆتكۈزىمەن.
-ئوغولبالا. كۆتىرىيەلەمسەن؟
-كۆتۈرمەي. ئۇ قانچىلىك نەرسە ئىدى. ئۆتكەندە ئانامئامالسىز قالغاندا ئۆشنۈمگە بىر خالتا ئۇننى ئېلىپ يىتىلىنىپ تۈگمەندىنئەكىلىۋەتكەن تۇرسام.
-ئۇ دېگەن بىر خالتا ئۇن. بۇ دېگەن بىر ماشىناتۇرسا.
-شۇنداق، ئۇ دېگەن ئۇن بۇ دېگەن ئويۇنچۇق تۇرسا.
-نېمە ئويۇنچۇق؟ ماشىنا بۇ!
-قايسى؟
-مەسىلەن دېدىم.
-نېمە دېدىڭىز؟
-مەسىلەن.
-ھە مەسىلەنمۇ؟
-تولا گەپنى ئېلىپ قاچماي جاۋاپ بەر. زادى نېمەھەيدىيەلەيسەن؟
-مېنى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆيگە ماڭغان ئېشەكنىھەيدىيەلەيمەن.
-باشلىق، ئۇ ئېشەك مىنەلەيدىكەن.
-ئاتلىق ئەسكەرلەر كەم ئىدى. شۇ يەردە چېگراخىزمىتى قىلسىمۇ بولغىدەك. مۇھەببىتى بارمىكىن سوراڭلار!
-مۇھەببىتىڭ بارمۇ؟
-بار
-نەچچىسى؟
-بىرسى.
-كېم؟
-ۋەتەن.
-باشلىق، بىزمۇ مۇھەببەت تۇتساق بولغىدەك. ماۋۇقارىغۇنىڭ مۇھەببىتى باركەن
-قايسى قىزكەن، ئېنىق سوراڭلار!
-قايسى قىز؟
-قىز ئەمەس!
-باشلىق، بۇ ئوخشاش جىنىسلىق بىلەنمۇھەببەتلىشىۋاتقان ئوخشايدۇ.
-دەڭلار، ماڭىمۇ شۇنداق مۇھەببەتتىن بىرنى تېپىپبەرسۇن!
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @' W/ ?" k5 C7 }" A4 h+ g% t' R