مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2395|ئىنكاس: 26

تىلەمچىلەر تەييارتاپلاردۇر(سانائىل سۆزلەردىن تۈزۈلگەن سۆز ئۇيۇنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105405
يازما سانى: 284
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2472
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2014-3-28
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 12:03:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تىلەمچىلەر تەييارتاپلاردۇر(سانائىل سۆزلەردىن تۈزۈلگەن سۆز ئۇيۇنى)



تىلەمچىلەرنىڭ تولىسى تېگىدىن توغرا تەرتىپتە تىرىشمايدىغان،تەپسە-تەۋرىمەس،تۇتۇرۇقسىز تەييارتاپلاردۇر. تىلەمچىلەر تەنزىلىرىنى تەرەپ-تەرەپتە تىزىپ،تەمبۇر-توقۇملىرىنى تاراڭشتىپ، تىلەمچىلىكتىكى تەكبىرلىرىنى تەڭرىنى تىمىداپ، توختىماستىن تەكرارلاپ تىلىشىدۇ.تىلىگەن تىلەمچىلەرگە تىلەكلىرىڭىزنى تەڭرىگە تەككۈزۈشكە تىزدىن تەرەددۇتلىنىپ، تۆشلىرىڭىزدىكى تاراقشىپ تۇرىدىغان تىزىلىرىڭىزنى،تىتىلغان تۇماق-تامباللىرىڭىزنى،توشەي-توقاچلىرىڭىزنى تىلەمچىلەرگە تۇتقۇزۋاتسىز.تۇتقۇزغانلىرىڭىزدىن تەسىرلەنگەن تىلەمچىلەر تىزدىن توپىلۇق،تاشيوللاردا تىتىرەپ تىزلىنىپ تۇرۇپ،تەڭرىدىن تىزىرەك تىلەكلىرىڭىزنى تەستىقلىشىنى تاراملاپ تۇرۇپ، تىلاۋەت-تەكبرلىرىنى تۆكىدۇ.تىلەمچىلەر تەرىپىدە تېخىمۇ تەپسىلى توختالساق:تىلىگەنلىكى تىلەمچىلەرگە تىزا-توقاچلىرىڭىزنى تۇتقۇزىۋەرسىڭىز توغرىمۇ؟تەھلىللىسەك: تىلگەنلا تىلەمچىلەرگە تۇتقۇزىۋەرگىنىڭىز تولىمۇ تەنتەكلىك.تەڭرىمۇ تىزىلىڭىزنى تىلەمچىلەرنىڭ توغرسىنى تاللاپ تۇتقۇزالىسىڭىز تەسىرلىنىدۇ،توغرا تاللاپ تۇتقۇزالمىسىڭىز تەڭرىمۇ تەشۋىشلىنىدۇ.تىلىگەنلىكى تىلەمچىلەرگە تۇتقۇزىۋەرگەچكە تىلەمچىلەر تېخىمۇ تەييارتاپلىشىپ،تېخىمۇ تىمەنلەرمۇ تەدرىجى تىلەمچىلەرتوپىغا توپلىنىۋاتىدۇ.تېخى تۇيدۇرماستىن تەسەۋۋۇرىڭىز تاپالمايدىغان تەدبىرلەردە تىلىشىۋاتىدۇ.تەرەپ-تەرەپلەرنى تەپسىلى تىڭشىسىڭىز تەييارتاپ تىلەمچىلەرنى تۇرقىدىنلا تۇنۇۋالالايسىز. تۇرقىغا تېخىمۇ تەپسىلى تاشلانسىڭىز،تىلەمچىلەر تەسۋىلىرىنى تىللىرىغا تەككۇزۇپ،تۈكۈرۈپ تۇرۇپ، تۈرلۈك-تۈمەن تاساددىبىيلقلارنى،توغرسىنى تاپالمايدىغان تەسىردە تۈرلۈك تەسىرلىك تېپىشماقلارنى توقۇپ،تۇپىلارغا تاشلىنىپ تىپىرلاپ تۇرۇپ تېلىشىدۇ.تىلەمچىلەرنىڭ تۇرقىدىن  تەڭقىسلىقتا توغرسىنى تاللىيالماي تەشۋىشلىنىسىز.تېخى تىلەمچىلەرتەڭرىدىنمۇ تارتىنماستىن،تۈز تەنلىرىنى تۈگۈۋېلىپ،تاپتازا تۈزۈك تەنلىرىنى،تىز-تاپانلىرىنى تۇخۇمدا تېڭىۋېلىپ،توكۇر تەرىقىسىدە تېخىمۇ تولغىشىپ توۋلاپ تىلەيدۇ.

تىلەمچىلەرنىڭ تۇرقىدىن تەسىرلىنپ تىزىلىرىڭىزنى تىزىتىۋەتمەڭ.تىزىلىرىڭىزنى تەييارتاپ تىلەمچىلەرگە تېزىتماستىن،تۈرلۈك تالاپەتلەردىن تەنلىرى تۈگەشكەن، تۇغۇلىشىدىنلا توكور،تىلى تۇتۇق،تېرىقچىلىققا،تىجارەتكە توشىيالمايدىغان،تىلەمچىلەرگە تۇتاملاپ تەڭلىسىڭىز  تىلىكىڭىز تەستىقلىنىدۇ.تەييارتاپلارغا تەڭلەۋەرسىڭىز تىلىكىڭىزنى تەڭرى تەستىقلاشقا تۈگۈل تىلەمچىلەرنى تەييارتاپلىققا تىزگىنلىگەنلىكىڭىزگە تىلىگەن تىلەكلىرىڭىزنى تېخىمۇ تىلغىۋىتىدۇ.تېخىمۇ تەسلەشتۈرۋىتىدۇ...........






                       ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kirimjanyasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-16 12:03 PM  


مۇھەببەت ئەڭ ئازاپلىق لەززەتتۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4981
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1797 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 12:40:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېلەمچىلەرنىڭ بىر تەرەپتىن تېلەمچى كۆپ چىقىدىغان مېللەتنىڭ ماددى-مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئىپادىلەپ بەرسە يەنە بىر جەھەتتىن شۇ مېللەتنىڭ زەئىپلىكىنى ،خامۇشلىقىنى ،ھورۇنلىقىنى بىلدۈرۈپ بىرىدۇ .ئەمما شۇنداق بىر ھاجاتمانلارمۇ بار ،مەنچە بىزنىڭ كۆزىمىزەگە قاراپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق ھاجەتمەنلەر ئەمەس ،يەنە ھەرخىل ‹‹كۆزلەر››مۇ بار .چۈنكى سىز تېلەمچىلەرنىڭ قانداق ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ،قانچىلىك ئورۇندا ئولتۇرىدىغانلىقىنى سەل ئويلاپ باقسىڭىز تىلەمچىلىك دىگەن بۇ ‹‹كەسبنىڭ››  ئەسلا ئاددى بىر ئىش ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىسىز.

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 100933
يازما سانى: 1141
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4981
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1797 سائەت
تىزىم: 2013-12-16
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 12:41:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېلەمچىلەرنىڭ بىر تەرەپتىن تېلەمچى كۆپ چىقىدىغان مېللەتنىڭ ماددى-مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئىپادىلەپ بەرسە يەنە بىر جەھەتتىن شۇ مېللەتنىڭ زەئىپلىكىنى ،خامۇشلىقىنى ،ھورۇنلىقىنى بىلدۈرۈپ بىرىدۇ .ئەمما شۇنداق بىر ھاجاتمانلارمۇ بار ،مەنچە بىزنىڭ كۆزىمىزەگە قاراپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق ھاجەتمەنلەر ئەمەس ،يەنە ھەرخىل ‹‹كۆزلەر››مۇ بار .چۈنكى سىز تېلەمچىلەرنىڭ قانداق ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى ،قانچىلىك ئورۇندا ئولتۇرىدىغانلىقىنى سەل ئويلاپ باقسىڭىز تىلەمچىلىك دىگەن بۇ ‹‹كەسبنىڭ››  ئەسلا ئاددى بىر ئىش ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىسىز.

دۇنيادىكى ئەڭ خۇشپۇراق ئەتېر-مىھنەتتىن چىققان تەرنىڭ پۇرىقىدۇر!

ھەر ۋاقىت ئالغا ئىلگىرلە

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57
يازما سانى: 1581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10834
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2207 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 02:36:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاجايىپ كاللا...........   


ئۇچۇر يوللاڭ باشقىلار پايدىلانسۇن، ھەم ئۇچۇر كۆرۈڭ ئۆزىڭىزمۇ پايدىلنىڭ....
www.0997elan.com..... ئۈندىدار سالۇنى:  aksuelan يەنە بىر سالۇننىمۇ قۇشىۋېلىڭ: retsip  دەپ ئىزدەڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1794
يازما سانى: 653
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10633
تۆھپە نۇمۇرى: 349
توردا: 341 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 02:45:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلەمچىلەرنى ھۇرۇن دىسە بۇنۇڭغا قۇشۇلىمەن .ئەمما ئالدىنقى قېتىم مىسرانىم مۇنبىرىدە بىر تۇترۇقسىزمازنىڭ  (تىلەمچىدىن پائىشە ياخشى ) دەپ جار سالغانلىقىنى ئوقۇغاندىن كىيىن مىنىڭ قارىشىم ئۆزگەردى .تىلەمچى ھۇرۇن بولسا تىلەمچىگە سېخى قولىنى سۇنغانلار ھۇرۇنلارنى قوللۇغۇچىلارمۇ! ئەلمىساقتىن تىلەمچى دىەەن بۇ ئۇقۇم داۋاملىشىپ كەلمەكتە ،ياق شۇ سېخى قولىنى سۇنغانلار قەلبى گۈزەل كىشىلەردۇر ،بىر مەزگىل تىلەمچىلەرنى رەسىمگە تارتىپ تورغا يوللۇدۇق ،بۇ ئىشقۇ ئىىبرەت ئۈچۈن قىلىنغان توغرا ئىش ئەمما ھەقىقى قىيىنچىلىق تۈپەيلى بۇ يولغا كىرىپ قالغان بىچارىلىرىمىز قانداق قىلغاندۇ ، ئۇلار كوچىغا تىلىگىلى چىقمىسا كىممۇ ئۇنى ئىزدەپ ئاش تاماق بەرگەندۇ .ئىككى يىل بۇرۇن بىر ياش يىگىت خوتەن يۇرۇڭقاش دەرياسىغا تاش كولىغىلى چىقىپ تاماق ئېلىپ يىگىلى پۇلىسى يوق ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كىتىپتۇ ، ئويلاپ باقىلى شۇ يەردە مىليۇن پۇلىسى بارلا تۇرۇپ شۇ يەردە تاش كولاۋاتقانلاردىن ھالىڭ قانداق ، مە بۇ 1000يۇەن ياكى 10000مىڭ يۇەن تۇرمۇشۇڭنى ياخشىلىۋال دەپ قولىنى سۇنۇپتۇمۇ ،17_16ياشقا كىرىپمۇ گۈرجەك بىلەن تاش كولاۋاتقان قىزلىرىمىزغا ئاتىلىق ،ئاكىلىق مىھرى بىلەن قول سۇنۇپتۇمۇ .     ئەگەر شۇ تىلەمچىلەر قاۋاقلاردا ياكى ياتاقلاردا تۇرۇپ تىنىنى ساتىدىغان خوتۇنلار ۋە ياكى ئۆزى ئەركىشى تۇرۇپ باشقىلارغا ئاياللارنى سولاپ بىرىدىغانلار بولسا ئۇلارنى تىللىماي ئۇلارغا خۇشامەت قىلىپ تۇرۇپ پۇل خەجلەيتتۇق ھەر قاچان. بولدى قىللى باللا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام   سەدىقە بەرسەڭمۇ يۇشۇرۇن بەر ،كىشىگە قىلغان ياخشىلىقىڭنىڭ  مىننىتىنى قىلما دىگەن ، ئەگەر شۇندا تورغا چىقارغۇمىز تىللىغۇمىز كەلسە ياۋاشلارنى ئەمەس كۈنلىكى ھاراق ئىچىپ تىنىنى سېتىۋاتقان ئوغرۇلۇق قىلۋاتقان ئۆزىنىڭ ئەركەكلىرىنى ياراتماي يات مىللەتنىڭ خۇمسىللىرى بىلەن ئاپاق چاپاق بولۇۋاتقان مۇناپىقلارنى تىللايلى ئۆزى ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ ئوقۇغۇچىسى بىلەن ياتاقتا قىلغان ئىشلىرىنى لىنتىغا ئالغان ھايۋانلارنى تىللايلى ، ئىسلامچە ياسىنىپ ئېغزىدىن تاماكا چۈشمەيدىغان ئىپلاسلارنى تىللايلى        ئۆز يۇرتۇڭدا   راست بولسۇن ياكى يالغان بولسۇن    تىلەمچىلىك قىلىپ يۇرگەن  كىشىلەرنى ئەمەس   باشقا مىللەتنىڭ يەرلىرىدە ياشاپ ئاشۇلارغا بىر كىچىلىك خۇتۇن بۇلۇۋاتقانلارنى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئائىلىسىنى ئايرىۋاتقان شەيتانلارنى تىللايلى .  ئەڭ مۇھىمى قەلبىمىز ئازار يەۋاتقان مۇشۇ مەزگىلدە ھالىغا ئېچىنىدىغانلارنى ئەمەس بىزنىڭ ھەقىىقى يۇزۇمىزنى تۈكۈۋاتقان بىزنى ئازاپقا مۇپتىلا قىلغانلارغا پۇل ئۈچۈن نايناقشىۋاتقان شۇ رەزگىلەرنى تىللايلى .   بەلكىم بۇ ئىنكاسىمنى كۈرۈپ مىنىمۇ تىلەمچى ياكى شىرىكى دەپ ئويلاپ قالغان بۇلۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمما مەن تىلەمچى ئەمەس بىر ئوقۇتقۇچى يەنى سەبىللىرىمىزنىڭ بالدۇرراق ياخشى ياماننى پەرق ئىتىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان نادان كىشىلەر ئۈچۈن ئىزتىراپ چىكىۋاتقان بىر قەلىپ ئىگىسى

شاھ زاد

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 103633
يازما سانى: 557
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4569
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 797 سائەت
تىزىم: 2014-2-16
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 02:47:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىلەمچىلىك-دونيادىكى ھەر قانداق دۆلەتتە ئۇچرايدىغان بىر خىل ئالاھىدە «كەسپ».تىلەمچىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تەييارتاپلار. بۇ تەييارتاپلار تىلەمچىلىكنى ئەجىر قىلماي پۇل تېپىشنىڭ بىر يولى قىلىۋالغان. شۇڭا، بۇ تەييارتاپلارغا پۇل بېرىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر ئەخمىقانىلىق.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13794
يازما سانى: 1549
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5697
تۆھپە نۇمۇرى: 1992
توردا: 842 سائەت
تىزىم: 2010-10-13
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 03:00:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ تەبىئىتنىڭ قانۇنىيىتى  ۋاختىكەلسە بىز تەبىئەتنىڭ تالىشىغا ھۆرمەت قىلىمىز !

ئۆلۈم يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈلۈك باشلىنىشى !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105838
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 80
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 64 سائەت
تىزىم: 2014-4-9
ئاخىرقى: 2014-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 03:05:33 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايتى ياخشى چىقىپتۇ  قەلەم قۇۋۋىتىڭىزگە باركاللاھ

تىلەمچىلەر راسلا بەك ئايىنىپ كەتتى ..

ھالاللاپ ئىشلەپ يېگەنگە يېتەمدۇ ھە ..

تلەمچىلەر توغۇرلۇق پەيغەمبىرىمىز  مۇنداق دىگەن ؛ كىم ھاجىتىدىن سىرت تىلەيدىكەن ئۇ كىشى قىيامەت كۈنى يۈزىدە ئازراقمۇ گۆش يوق ھالەتتە ھازىر قىلىندۇ.

ئەمما يەنە بىر ھەدىسنى ئەسكەرتىپ قويغۇم كەلدى

كىم ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن سورالسا ۋە بەرمىسە  سورىغۇچى سورالغۇچى ھەر ئىككىلىسى مەلئۇندۇر .

بەرگەچ نەسىھەت قىپ قويساق بىز دىن مەسئۇليەت  ئادا بولىدۇ

شۇڭا تور يۈزىدە ئەيىبلەش بىلەنلا قالماي  بىرەر ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن بولسىمۇ توغرىسىنى ئەسكەرتىپ قويساق ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولاتتى دوسلار

بۇ دۇنيادىن ئېلىپ كىتىدىغىنىڭ  ئېرىشكەنلىرىڭ ئەمەس  بېغىشلىغانلىرىڭدۇر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105880
يازما سانى: 90
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 201
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2014-4-10
ئاخىرقى: 2015-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 03:43:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەيدىغان كېيدىغىنى بولسىمۇ تىلەمچىلىك قىلىدۇ بۇ تىلەمچىلەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102691
يازما سانى: 619
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2136
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 588 سائەت
تىزىم: 2014-1-23
ئاخىرقى: 2015-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 04:48:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدىكى تىلەمچىلىكنىڭ يىلتىزى--مائارىپسىزلىقتىن كەلگەن.
مائارىپسىزلىق نامراتلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.نامراتلىق بولسا،كىشىنى خاتا ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش