|
|
|
|
ئۈمىدنىڭ 16-كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى 79.81 ئەتراپىدا ،باشتا ئۆسۈپ ،كىيىن سەل كەينىگە قايتىپ ئۆسكەن سىزىق شەكىللىنىپ بازار يېپىلدى .خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1296 دوللار ئەتراپىدا ،تۈنۆگۈن چوڭ چۈشۈش بۇلۇپ ئۈچ ھەتىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ چۈشۈش بولغان بىر كۈننى ياراتتى .تۈنۆگۈن يېلۇن كېڭەيتىلگەن پۇل سىياسىتى توغرىسىدا سۆز قىلمىدى .تۈنۆگۈن ياۋرۇپا بازىرى ۋاقتىدا ئامرىكىدىكى قەرەللىك مال بازىرىدا 500 مىليون دوللارلىق قەرەللىك ئالتۇن سېتىۋېتىلدى ،بۇنىڭ بىلەن ئالتۇن چوڭ چۈشۈشكە دۇچار بولدى .
ئۈمىدنىڭ 16-كۈنىدىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بۈگۈن ئالتۇن يەنە داۋاملىق چۈشۈشى مومكىن ،بۈگۈنكى خەلقارا ئۇچۇرلار تۈنۆگۈنكىدىن كۆپرەك ،ئاساسلىق جوڭگونىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومومى قىممىتى ،پارچە سېتىش كۆرسەتكۈچى ،سانائەت ئېشىش قىممىتى ،ئامرىكىنىڭ سانائەت ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ۋە ئىككى چوڭ ئۆي-مۈلۈك كۆرسەتكۈچى،ياۋرۇ رايۇنىنىڭ س پ ئاي كۆرسەتكۈچى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ .ئامرىكىنىڭ ئۇچۇرلىرى قاتتىق قارنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ ياخشى چىقىشقا باشلىدى ،ناۋادا بۈگۈنكى ئۇچۇرلارمۇ ياخشى چىقسا ،دوللار ئۆستۈرۈپ ئالتۇن بازىرىنى باسىدۇ .
سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .
كوت كوت 395619400 ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى258.يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.88يۈەن
بىر دوللار 6.222. يۈەن
بىر ياۋرۇ 8.567 يۈەن
بىر .فودىستىرلىڭ 1.6725 دوللار
بىر ياۋرۇ 1.3818 .دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .
مەنبە ئىقتىساد ئۇندىدار سالونى
تېمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىملاغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن
|
|
|
|
|
|