گۈلۈمگە مەكتۈپ (6-پارچە)
چوغلۇق
ۋەلى – تىپتىنىچ قەلب كۆلىمىزدىكى تۇنجى داۋالغۇشنىڭ سەۋەپچىسى بولغان بىر تال تاش ئىدى. گەرچە يىللار دولقۇنى بۇ بىر پارچە تاشنى ئاللىقاياقلارغا ئېقىتىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ تاش قالدۇرغان ئىز يۈرىكىمىزگە ئويۇق بولۇپ قاتقان ئىدى. شۇنداق، ۋەلى سەۋەبلىك ئىككىمىز تۇنجى قېتىم سوغۇق ئۇرۇشقا دۇچ كەلدۇق. سەن مەندىن رەنجىگەن ئىدىڭ، مەن بولسام ئۇۋالچىلىق ئىچىدە بوغۇلاتتىم. سېنىڭ ۋەلىگە بولغان نازۇك ھېسلىرىڭنى مەن تۇيۇپ تۇراتتىم، سەن مەستانە بولىدىغان گۈزەل باھارنىڭ بىر كۈنلىرى ئۇ تۇيدۇرماستىن سېنىڭ قەلب ئېتىزىڭغا سۆيگۈ ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋەتكەن ئىدى. مەن بۇنى ھېس قىلغان چېغىمدا يۈرىكىمنىڭ ھېچقانداق بىشارەتسىزلا ئېچىشىپ ئاغرىشىدىن دەسلەپ ھەيرانلىق، ئارقىدىنلا چۆچۈش ھېسىياتىغا چۆمگەن ئىدىم. ئەجىبا....ياق! بۇنداق بولىشى مۇمكىن ئەمەس، ھەم بۇنداق بولماسلىقى كېرەك! مەن چىشىمنى چىشلەپ ، قولۇمغا تۆمۈر چىشلىق ئارىنى ئېلىپ، قەلب ئېتىزىمغا قاچانلاردىدۇر كەپسىز شاماللارغا ئەگىشىپ چېچىلىپ كەتكەن سۆيگۈ ئاتلىق ئۇرۇقلارنى قېزىپ چىقىرىشقا باشلىدىم. ئۇچلۇق تۆمۈر بارماقلار يۇمران يۈرىكىمنى ھەر بىر تاتىلىغىنىدا ئاغرىقتىن تولغىنىپ تۇرساممۇ، يەنىلا كەسلىنلىك بىلەن ئارا سالاتتىم. چۈنكى ماڭا سېنىڭ بەختىڭ كېرەك ئىدى. بۇنچىلىك ئاغرىق نىمىتى؟ ئەپسۇس، تەقدىرنىڭ چاقچىقى بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمگەن ئىكەن. ئىشق ئوتىنى ساڭا تۇتاشتۇرغان ۋەلى ئەسلى سېنىڭ ئايرىلماس دوستۇڭ بولمىش چوغلۇقنىڭ پىراقىدا كۆيگەن ئىكەن. دۇنيادا يىشىلمەيدىغان سىر بولمىغىنىدەك، مىڭ ئۇرۇنساممۇ، بۇ ئىش سەن تەرىپىڭدىن بايقىلىپ قالغان ئىدى. ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دەپ تەرىپلىنىدىغان قوشماق ئاداشلارغا كۆز تەگدى، ھەممىنىڭ مەستلىكى كېلىدىغان جۈپ سايە تاق قالدى. ۋەلى مەكتۈپىنىڭ ئۇدا ئىككى قېتىم جاۋاپسىز قالغىنىدىن قىلچە بوشاشمىغاندەك ماڭا سايىدەك ئەگىشىپلا يۈرىدىغان بولىۋالدى، قورۇنىڭ ئالدى، مەكتەپكە بېرىش يولى، مەكتەپ مەيدانى، ھەتتا تەنەپپۇس ئارىلىقىدىكى سىنىپ ئىشكى ئالدىدىمۇ ئۇنىڭ كۆزى مېنىڭدىن ئۈزۈلمەيتتى، مەن بولسام سۈكۈت قىلىش، پەرۋا قىلماسلىق ئارقىلىق ئۇنى ئۈنسىز رەت قىلماقتا ئىدىم. بولۇتلۇق ئاسماندەك تۇتۇلغان سوغۇق چىرايىم بولسا ئۇنىڭ ماڭا قاراپ تاشلانغان قەدىمىگە قۇرۇلغان مۇستەھكەم توساق ئىدى. مەن بولسام قولۇمدىكى تۆمۈر ئارىنى قەلب ئېتىزىمغا تېخىمۇكۈچەپ ئۇرماقتا ئىدىم. سېنىڭ كەچۈرۈشۈڭگە ئېرىشىش ئۈچۈن شۇنداق قىلماي ئامالمۇ يوق ئىدى. بۇ كۈنلەرنىڭ ئاخىرلىشىشغا كۆزۈم يەتمەي تۇرغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋەلىنىڭ كۆزلىرى قەلبىمگە قانداق تۇيۇقىسز بۆسۈپ كىرگەن بولسا شۇنداق تويۇقىسىز ئەتراپىمدىن غايىپ بولدى. كېيىن ئۇقسام، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكلەر قوشنا ناھيىگە يۆتكىلىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ماڭا قالدۇرۇپ كەتكەن ئەڭ ئاخىرقى يالدامىسى بولسا ئىنتايىن ئىنچىلىك بىلەن يۈرەك شەكلىدە قاتلانغان بىر ۋاراقچە، يەنى ۋەلىنىڭ ئۈچىنچى پارچە سۆيگۈ مەكتۈپى ئىدى. بۇ قېتىم ھەر قانچە غەيرەت قىلىپمۇ ئۇنى يىرتىشقا قولۇم بارمىدى، ئېچىپ كۆرۈشنىمۇ خالىمىدىم. شۇ كۈنى كەچتە بىر كىچە ئۇخلىماي ساڭا بىر پارچە خەت يازدىم. نىمانچە ئۇزۇن دەمسەن؟ تۇنجى قېتىم ساڭا خەت يېزىشىم بولغاچقىمىكىن، سەن تاپشۇرۇپ ئالغان شۇ بىر پارچىنى پۈتتۈرۈپ بولغىچە ھۇجرامنىڭ ئىچى پۈرلەنگەن قەغەزلەرگە لىق تولغان ئىدى. ئەتىسى مەكتەپكە كەلدىم. دەم ئېلىش كۈنىدىكى مەكتىۋىمىزدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاڭ-چۇڭ ئاۋازلىرى، قىقاس-چۇقانلىرى ئورنىغا قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مەكتەپتىن ئانچە يىراق بولمىغان كەنت رادىيوسىدا قويىلىۋاتقان ناخشا ئاۋازى مەكتەپ مەيدانىغىچە تارالغان ئىدى. توختىغىنە، قايسى ناخشا بولغيتتى؟ ھە توغرا، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ جانان ئۇيقىدا دىگەن ناخشسى. خېتىمدە بۈگۈن سېنى مەكتەپ مەيدانىداساقلايدىغانلىقىمنى ئېيتقان ئىدىم. ئادەم ساقلاشنىڭ بۇنچە قىينلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلىشىم ئىدى. بىردەم ئولتۇراتتىم، بىردەم ئورنىمدىن تۇرۇپ ئۇياقتىن- بۇياققا ماڭاتتىم. ئاخىرى مەيداننى چۆرگىلەپ يۈگرەشكە باشلىدىم. سەن كەلمەيۋاتاتتىڭ. بايىلا ئوچۇق تۇرغان ئاسمان ئەمدىلىكتە قارا بۇلۇتلارنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالغان ئىدى. ئارقىدىن يامغۇر تۆكۈلىشكە باشلىدى، سېنىڭ قاراڭمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ مەكتەپ دەرۋازىسىغا قاراپ سىلجىدىم. تويۇقسىز ئارقامدىن: - ئامراق كۈنلۈكلىرى كۆرۈنمەيدىغۇ تاۋى نازۇك خېنىم؟ دىگەن ياڭراق ئاۋاز ئاڭلاندى،دەرھال كەينىمگە قايرىلدىم، سەن ھاسىرىغىنىڭچە ماڭا قاراپ كۈلۈپ تۇراتتىڭ، چېھرىڭدىكى ئازاب، ئاغرىنىش بۇلۇتلىرى تارقاپ، ئاپتاپتەك كۈلكىگە ئورۇن بەرگەن ئىدى. - خۇدا بەرگەن يامغۇرنى توسۋالسام گۇناھ بولمامدۇ؟ .... بۇ چاغدا مەكتەپ مەيدانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى، ياكى قۇشلارنىڭ خۇش ناۋالىرى ئەمەس، بەلكى قوڭقۇراقتەك جاراڭلىق كۈلكە ئاۋازى ياڭراۋاتاتتى. - كەچۈرگىن، ساڭا ئورۇنسىز ئازار بەردىم. قوغلىشىشتىن ھېرىپ، مەيدان چۆرىسىدىكى ياغاچ ئورۇندۇقتا بىر-بىرىمىزگە يۆلەنگىمىزچە ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىۋاتقان ۋاقتىمىزدا سەن شۇنداق دېدىڭ. - سەن مېنى كەچۈر، پەقەت ساڭا بىلدۈرمىسەملا ھېچ ئىش بولمايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن.سېنىڭدىن سىر تۇتماسلىقىم كېرەكتى. ئۇ ماڭا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن كۆزلىرى شوخلۇق بىلەن چاقناپ كەتتى-دە، ئاۋازىنى سوزۇپ تۇرۇپ: - ھەي جۇۋاينىمەك، گۇناھىڭنى ئۆز ئۈستۈڭگە ئالدىڭمۇ؟ ئەسلىڭگە قايتماي نىمەقاراپ تۇرىسەن؟ - ماقۇل پىرىم! - ھا ھا ھا ... - ھا ھا ھا....
چوغلۇق يازمىلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sarvinazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-16 10:27 AM
|