مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2014|ئىنكاس: 17

شىركىتىڭىزنىڭ ۋاكالەتچىلىرى نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105941
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 89
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2014-4-11
ئاخىرقى: 2014-8-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 02:07:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

شىركىتىڭىزنىڭ ۋاكالەتچىلىرى نىمە ئۈچۈن يىللىق ۋەزىپىنى ئاشۇرۇشنى خالىمايدۇ؟


نۇرغۇنلىغان مەھسۇلات ئىشلەپ چىقارغۇچى شىركەتلەرنىڭ ھەربىر يىڭى يىللىق سىتىش ۋەزىپىسى چوقۇملا ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا يۇقىرىلاپ ماڭىدۇ. بۇ بەلكىم ئىشلەپ چىقارغان مەھسۇلاتلارنى تىزرەك نەقلەشتۈرۈش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن ،بەلكىم بازار ئىگىلەش نىسپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بولۇشىمۇ مۇمكىن ۋە بەلكىم شىركەتنىڭ پايدىسىنى تىخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن بولۇشىمۇ مۇمكىن .
شىركەتنىڭ ماللىرىنىڭ تىزرەك سىتىلىشى تۆۋەندىكى ۋاكالەتچى سودىگەرلەرنىڭ ئىپادىسىدە بەكرەك رۇشەن ئىپادىلىنىدۇ.شىركەتلەر كۆپ ھاللاردا توختاۋسىز يىڭى ۋاكالەتچىلەرنى تەرەققى قىلدۇرغاندىن سىرىت يەنە ئۆزىنىڭ كونا ۋاكالەتچىلىرىگە توختاۋسىز خىزمەت ئىشلەپ ،ئۇلارنىڭ سىتىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ،ئۆزىنىڭ سىتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش كويىدا بولىدۇ.بۇ چاغدا سىز بەلكىم بۇ شىركەتنىڭ سىتىشقا مەسئۇل رايۇن دىرىكتورى بولسىڭىز ،ئۆز رايۇنىڭىزدىكى كونا خىرىدارلىرىڭىزغا مالنى تىخىۇ كۆپ سىتىش تەلپىنى قويۇشىڭىز مۇمكىن.شۇنداقلا ئۇلارغا بىزنىڭ مەھسۇلاتىمىز مۇنداق ياخشى،ئۇنداق ياخشى،بۇ يىل مۇنداق يىڭى مەھسۇلاتىمىز چىقىدۇ ،ئۇنداق يىڭى مەھسۇلاتىمىز چىقىدۇ ،شىركىتمىز بۇ يىل بازارغا سالىدىغان مەبلەغ ۋە ئىتىبارلارنى كۆپەيتىدۇ،ھازىر بازار ئەھۋالىمىز ئۇنداق ياكى مۇنداق دىگەنلەرنى دىيىشىڭىز مۇمكىن ۋە ۋاكالەتچىلەر ئالدىدا ئۇلارنىڭ سىتىش مىقدارى ئاشسا ،مالنى كۆپلەپ كىرگۈزسە ئۇلارنىڭ سودىسى  ئىشىپ بازاردىكى ئورنى يۇقىرىلاپ ،كۆلىمى چوڭىيىپ ،پايدىسى ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلەيسىز. ئۇلارغا مەھسۇلاتنىڭ سىتىلىشى ئاشسا شىركەتكىمۇ ۋاكالەتچىگىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىسىز.
قىسقىسى ۋاكالەتچىلەرگە گەپ مۇشۇنداق چىرايلىق ئىيتىلىدۇ،ۋەدىلەر بىرىلىدۇ. لىكىن بۇ چاغدا كۆپ ھاللاردا سىزنىڭ ئاڭلايدىغىنىڭىز تۆۋەندىكىدەك جاۋاپلار ئىچىدىكى بىرسى بولۇشى مۇمكىن:
بازار بەك بوش.
سودا قىلماق تەس بولۇپ كەتتى،
ۋەزىپە بەكلا ئىغىركەن قاراپ باقارمىز  .
ئالدىنقى يىلى ئامبارغا بىسىۋالغان ماللارنى تىخى سىتىپ بولالمىدىم.
مەن مال بىرىدىغان دۇكانلار ئۆتكەن يىلى بىزنىڭ مىلىمىزنى كۆپ كىرگۈزۈۋالغان سىتىپ بولالمىدى.
بو يىلمۇ ئۆتكەن يىلدىكىدىن كۆپ ساتقۇم بار ،لىكىن مىنىڭمۇ قىيىنچىلىقىم كۆپ .
ئىشقىلىپ نىمىلا دىىمىسۇن ،ۋاكالەتچىنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئىنىق،يەنى بۇيىلقى سىتىش ۋەزىپەمنى ئاشۇرما،مەن ئۇنىمايمەن دىمەكچىلا خالاس.ھەتتا بەزى ۋاكالەتچىلەر قوپال قىلىپلا‹مىنىڭ ساتالايدىغىنىم مۇشۇنچىلىك ،ئەگەر بۇنچىلىك سىتىشىمغا رازى بولمىساڭلار باشقا ۋاكالەتچى تىپىڭلار ›دەپلا گەپنى ئۈزۈشى مۇمكىن .
ئەگەر شىركىتىڭىز داڭلىقراق شىركەت بولۇپ ماركىڭىز نوچى ،مەھسۇلاتىڭىز خىل ،مەبلىغىڭىز يىتەرلىك ،كۈچلۈك شىركەت بولسا ۋاكالەتچىگە بىسىم سىلىپ ئۇنى بۇ يىلقى يىڭى ۋەزىپىنى چوقۇم ئورۇنلاشقا قىستىيالايسىز .لىكىن بازاردىكى ھەممە كارخانا بۇنداق نوچى بولۇشى ناتايىن. بولۇپمۇ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلاردا ۋاكالەتچىگە بىسىم سالغۇدەك كوزۇر بەكلا ئاز ياكى يوق.بولۇپمۇ چوڭراق ۋاكالەتچىلەرنىڭ سىزنىڭ دىگىنىڭىزگە كۆنۈشى بەكلا تەس.بۇنداق ئەھۋالدا سىز چوڭ ۋاكالەتچىلەرنى كايىل قىلىش ئۈچۈن شىركەتتىكى سەللىسى يوغانراق بىرسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشىنى تەلەپ قىلماقتىن باشقا چارە يوق .
ئەلۋەتتە بەزى ۋاكالەتچىلەرنىڭ ۋەزىپىنى ئورۇنلىيالمايمەن دىگىنى بىر خىل قەستەنلىك.ئۇ بۇنداق دىيىش ئارقىلىق شىركەتتىن تىخىمۇ كۆپ ئىتىبارغا ئىرىشىشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن،شىركەت بىلەن ئۆزى ئوتتۇرىسىدىكى بەزى تارىختىن قىلىپ قالغان مەسلىلەرنى ھەل قىلىۋالماقچى بولۇشىمۇ مۇمكىن ،ھەتتا بەزى ۋاكالەتچىلەر بەزى كەسپى خادىملاردىن ئۆچ ئىلىش مەقسىتىدە مۇشۇنداق قەستەنلىكنى قىلىشى مۇمكىن.
ئەمما ئۇمومەن قىلىپ ئىيىتقاندا نۇرغۇن ۋاكالەتچىلەر يەنىلا سىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈشنى خالىمايدۇ.
ئەسلى قائىدە بويىچە قارىساق شىركەتنىڭ ۋاكالەتچىلىرى مال سىتىشنى كەسىپ قىلغانلار بولۇپ مالنى قانچە كۆپ ساتسا پۇلنى شۇنچە كۆپ تىپىشى كىرەك،چۇنكى ئۇلارمۇ شۇ پۇلنى دەپ سودا قىلىدۇ  دە؟
ئەگەر بىز يۇقىرىدىكى قىزىلغا بويالغان كۆز قارش بويىچە ۋاكالەتچىلەرنى تەتقىق قىلساق ،ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈشنى خالىمىغان ۋاكالەتچىنى پەقەت يۇزەكى چۈشىنىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋالدا سىزنىڭ ۋاكالەتچىنى چۈشىنىشىڭىز يىتەرلىك ئەمەس ياكى پەقەتلا ئۆز مەيدانىڭىزدا تۇرۇپلا چۈشەنگەن بولىسىز .
ھەقىقەتەن ۋاكالەتچىلەر مال سىتىش ئارقىلىق جان باقىدۇ ،بۇ راسىت.مالنى كۆپرەك سىتىپ پۇلنى جىقراق تىپىشنى ئويلايدۇ ،بۇمۇ راسىت. لىكىن كۆپ ھاللاردا ۋەزىپىنىڭ ئىشىشى ئۇلارنىڭ پايدىسىنىڭ ئىشىشىدىن دىرەك بەرمەي ئەكسىچە ۋاكالەتچىگە نۇرغۇن مەسلە ئىلىپ كىلىدۇ. بۇ مەسلىلەر ياخشى ھەل قىلىنمىسا زىيىنى ھەتتە مال ساتقاندىكى پايدىسىدىنمۇ ئىشىپ كىتىشى مۇمكىن . شۇڭا نۇرغۇن ۋاكالەتچىلەر ئادەتتە سىتىش ۋەزىپىسىنىڭ ئىشىشىنى خالىمايدۇ. ئۇنداقتا بۇ مەسلىنى قانداق ھەل قىلىش لازىم ؟سەۋەبى نىمە ؟ئەگەر سىز سىتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان كەسپى خادىم بولسىڭىز بۇنى چوقۇم ھەل قىلىشىڭىز كىرەك.
تۆۋەندىكىلەر ئادەتتە كۆپ كۆرۈلىدىغان سىتىش ۋەزىپىسىنىڭ ئىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسلىلەر . بىز بۇلارنى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ باقايلى:
(داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ)

‹باشلاي› سالۇنى سىلەرنى قارشى ئالىدۇ!
ئىزدەش نامىمىز:BASHLAY

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 11:26:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامىنى ساقلاي.بۇ بولىدىغان تىمىدەك قىلىدۇ.سىز ۋاكالەتچى بوپ باققان ئوخشىمامسىز.ئەجەپ تولۇقى بىلەن بىلىدىكەنسىز.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98878
يازما سانى: 992
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4120
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2013-10-21
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 11:26:25 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاپ قويدۇم. كېيىنچە ئەسقاتىدىغىنىغا ئىشىنىمەن

ئەزەلدىنلا قەدرى ئۆتمەس ياندا بارى، ئادەم شۇنداق يوق نەرسىنىڭ ئىنتىزارى .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 101915
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 374
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 58 سائەت
تىزىم: 2014-1-7
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 11:54:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ۋاكالەتچى چاقىرمىز ئۇ بۇ دەيدىغانلار ھەممىسى كۈزۈمگە جان باقتى، قويمىچى كاززاپلا كۈرۈنىدۇ،ۋاكالەتچى بولدۇق دىگەنلەرمۇ تازا كاللىسى ئىشلىمەمدىكىن دەيمەن،ۋاكالەتچىلىك ھەققى دەپ پالانى پۇل تۆلەپ،ئۆزىڭىزنىڭ پۇلىنى خەققە دەسمىي سېلىپ بەرگۈچە ئۆزىڭىز ئۆز ئالدىڭىزغىلا قىلسىڭىز بۇلىدۇ ئەمەسمۇ،بۇنداق دىسەم پۇل بوسا قىلامىز دەيسىز،سىز باشقىلارغا ۋاكالەتچى بولسىڭىز خەقنى باي قىلىسىز،پايدىنىڭ تولىسىنى باشقىلار ئالىدۇ،سىزنىڭ شۇ قۇرۇق ۋاكالەتچىلىكىڭىز قالىدۇ ،تېخى ماۋۇ تىمىدا نۇمۇس قىلماي (ئەگەر شىركىتىڭىز داڭلىقراق شىركەت بولۇپ ماركىڭىز نوچى ،مەھسۇلاتىڭىز خىل ،مەبلىغىڭىز يىتەرلىك ،كۈچلۈك شىركەت بولسا ۋاكالەتچىگە بىسىم سىلىپ ئۇنى بۇ يىلقى يىڭى ۋەزىپىنى چوقۇم ئورۇنلاشقا قىستىيالايسىز) دەپتۇ ،باشقىلار سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزنى سېتۋالسا بۇلا،باشقىلار سىزگە پۇلىسىنى مەبلەغ قىلىپ سېلىپ بەرسۇن سىز ئۆزىڭىزچە ئاخسا تۇرۋېلىپ باشقىلارنى قىستاڭ،بېسىم قىلىڭ ۋاھ ئالامەت نوچىكەنسىزغۇ سىز،ۋاكالەتچىدە ئېلىشىڭىز بولغانكىن ئاشۇنداق قىلىڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tarimboyliri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-16 11:58 AM  


خىياللىرى بىلەن ئەمەس قەدەملىرى بىلەن،يالغانلىرى بىلەن ئەمەس ۋىجدانى بىلەن،ساختا مىھرى بىلەن ئەمەس چىن مىھرى بىلەن سۈيىدىغان ئادىمىڭىز بولسا ئۈزىڭىزنى مەن بەخىتلىك دەپ ھىساپلاڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1324 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 03:00:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسى:  مىلىڭىز  قىزىل كالا، مالايسىيا ئەرچاپ بولسا، قەتتى ئىشىپ قالمايدۇ.

مىنىڭچە سىزنىڭ بۇنداق ماللىرىڭىز يوققۇ دەيمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88506
يازما سانى: 2190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5421
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1324 سائەت
تىزىم: 2012-12-13
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 03:01:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىركەتتىن ۋاكالەتچى بولغانلارغا ۋاقتى تۇشۇپ قالغان يىمەكلىكلەرنى ھەقسىز ئالماشتۇرۇپ بىرەمدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7436
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8210
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 188 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 04:33:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باش شىركەت پۇل تېپىشنىلا بىلىدۇ.تۆۋەندىكى ۋاكالەتچىلەرنىڭ نىمە بۇلۇپ كىتىشى بىلەن كارى يوق.دىمىسىمۇ2014-يىلى بازار ئەھۋالى بەكلا بوش.ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇكان ئىجارىسى بەكلا قىممەت بۇلۇپ كەتتى.كىيىم كېچەك تىجارىتى ئالساق،نەچچە يىلقىغا قارىغاندا سودا دىگەندەك ياخشى ئەمەس.يىمەكلەكنىڭ باھاسى كۈندىن -كۈنگە ئۆسىۋاتىدۇ،خەق قوساقنىڭ غېمىدە،بىر تال كىيىمنى ئاز كەيسە كىيىدىكى قوساقنى ئېسىپ قويغىلى بولمايدۇ.يۇقۇردىكى دوستلارنىڭ دىگىنىدەك شىركەت تۆۋەندىكى ۋاكالەتچىلىرىنىڭ پايدا-زىيىنى بىلەن كارى يوق.مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا شىركەت پايدىغىلا تۇرىدۇ،ھەرگىز زىيان تاتىشنى خالىمايدۇ.مەنمۇ كىيم كېچەك ـىقارىتى بىلەن شۇغۇللانغىلى 15يىلچە بوپتۇ.مەن مۇقۇم بىر ماركىنى تۇتمۇدۇم،ھەم تۇتۇشنىمۇ ئويلۇمۇدۇم.نەچچە يىل بۇرۇن ئىلچىنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى ئالاي دىسەم،ئۇلارنىڭ تەلىۋى بەك يۇقىرىكەن.دۇكەن100كۇۋادىراتتىن چوڭ بۇلىشى،باش شىركەت بىر تۇتاش زىننەتلەپ بېرىدىكەن.نىرلا ۋىقىتتا مانچە مىڭلىق مالنى ئېلىشىم كېرەككەن.باشقا ماركىلارنى ئارلاشتۇرۋېلىشقا قەتئى بولمايدىكەن.بۇ ئىش نىمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟مەن ياندىم ،مەن قىلىشنى خالىمىدىم.خۇددى خوجامنىڭ قوسىغى  توق،قۇلى بىلەن كارى يوق دىگەننىڭ ئۆزىغۇ بۇ.مەن خالىغان يەردىن ئۆزۈم تاللاپ،يارىتىپ سېتىۋالدىم،پۇلنىلا بەرسىلا كىم ساتمايدۇ دەيسىز.شۇڭا شىركەت قورغۇچى،خەلقئارالىق چوڭ شىركەتلەرنىڭ مىزانلىرىغا ئېسىلۋالماي ،ئۇيغۇر رايۇنىمىزغا ماس كەلگەن يولنى تۇتۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.ئۇيغۇر رايۇنىمىزدا 5ئادەمنى باي دىسەك 95ئادەم تېخى نامراتلىقتا.ھەرقانداق شىركەت بولسۇن ياكى شەخسى بولسۇن يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنغان ياخشى!

كېيىنكى ئەۋلاتل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 1301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13606
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4805 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 06:05:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
tarimboyliri يوللىغان ۋاقتى  2014-4-16 11:54 AM
مۇشۇ ۋاكالەتچى چاقىرمىز ئۇ بۇ دەيدىغانلار ھەممىسى كۈز ...

سىز بىرە  يەرنىڭ مىليادىرى ئوخشىمامسىز ،نىمە مال ساتىسىز؟ نىمە تىجارەت قىلىسىز ؟نەچچە يۈز دۇكىنىڭىز بار ؟سىزگە ئىشلىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى قاپاقباش دەپ قارايدىغان ئوخشىمامسىز ؟ ئاۋۇ بۇرادىرىمىز ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا ئۇچراۋاتقان مەسىلىنى ئىلمىي ئوتتۇرىغا قۇيۇپتۇ خالاس .........................

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ

ھەقىقەت رەھىمسى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12923
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8675
تۆھپە نۇمۇرى: 440
توردا: 1726 سائەت
تىزىم: 2010-10-6
ئاخىرقى: 2015-1-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 06:08:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تارىم بويلىرى قېرىندىشىم قارىغاندا سودا ۋاكالەتچىلىك دىگەننى تازا چۈشەنميدىغان ئوخشايسىز
ۋاكالەتچىلىكنى ئالدى دىگەنلىك سىز ۋاكالەتچىلىك قىغان رايولدا شۇ بىرخىل ماركىدىكى بىرخىل تاۋارنى سىزلا ساتىسىز باشقىلار ساتمايدۇ ساتاي دىسىمۇ ئىشلەپچىقارغۇچى ئۇلارغا مال بەمەيدۇ دىگەن گەپ .
ئەجىبا بىر رويوننى ئۆزىڭىز مونپول قىپ مال ساتسىڭىز ۋاكالەتچىلىك ھەققى تاپشۇرسىڭىز پايدىڭىزغا نىسپەتەن يانىلا سىزگە پايدا بولىدۇ.
ھەم ۋاكالەتچىلىك ھەققى سىزگە بەەەن مالنىڭ نەچچە پىرسەنتىدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ بۇ ئىشلەپ چىقارغۇچىلارغا مەبلەغ بولىشىمۇ ناتايىن ۋاكالەتچى چاقىرىش سېتىش يولىنى كېڭەيتىش خالاس ئالدامچىلىق ئەمەس ،

ئەخلاق دىلدا ئەمەس ھەركەتتە ئىپادىلەنسە ئاندىن ھەقىقىي ئاخلاق بولىدۇ

كېيىنكى ئەۋلاتل

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95
يازما سانى: 1301
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13606
تۆھپە نۇمۇرى: 798
توردا: 4805 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 06:09:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەرقانداق شىركەت  ۋاكالەتچىگە بېسىم چۈشۈرۈش بىلەنلا سېتىش سوممىسىنى ئاشۇرالىشى ناتاريىن ئەڭ ئەۋۋال ئېلانغا كۈچەش كېرەك ئاندىن يېڭىلىق ماللارنى بازارغا سېلىپ تۇرىشى كېرەك ،بۇ ئىشلارنى ئەمىلىيەتكە ئاشۇرالايدىكەن ئانداق ۋاكالەتچىلەر چوڭ گەپ قىلالمايدۇ ،

قۇياش مەڭگۈ زىمىننىڭ بىرتەرىپىنىلا يۇرۇتمايدۇ ،تىرىشساڭلا ، مۇۋەپىقىيەت قۇچىقىنى كەڭ يايىدىغان پۇرسەت كېلىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش