|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مىسرانىم مۇنبىرىدىكى دوستلار، ھەممىڭلار تىنچ -ئامان تورۇپسىلەرمۇ؟
قايسى كۈنى ناھىيىمىزنىڭ مىللى مەدەنىيەت باغچا رايونىنى ئايلىپ چىقاي دەپ كىرگەن ئىدىم.ئايلىنىپ كىتىپ بېرىپ بىر ۋىۋىسكىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ئۇنىڭغا <<مىسرانىم چاي قەھۋەلىرى>> دەپ يېزىلغان ئىكەن.
مۇنبەر قۇرغۇچىسى ئابابەكرى،ياكى باشقا مۇنبەر چوڭلىرىدىن سوراپ باقسام <<مىسرانىم>> نامىنى مۇشۇنداق ئىشلەتسەك بولامدۇ،بۇ قىلغىنىم قانداقتۇر باشقىلارغا ئىچى تارلىق قىلىپ ئەمەس بەلكى مىسرانىمغا بولغان ھۆرمىتىمدىن بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن......
مەن مىسرانىم تورىنى 2007-يىلىدىن باشلاپ ئىزچىل زىيارەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن،مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ ھەر قانداق پىكىرلىرىم بولسا ئورتاقلىشاتتىم ئىزدەشكە تىگىشلىك بولغان نەرسىلەرنى ئەڭ دەسلەپ مىسرانىمدىن ئىزدەيتىم.بۇرۇنقى مۇنبەردە مىسرانىم ئەپەندىمنىڭ ئىسمى Misran ئىدى شۇ ۋاقىتلاردا <<مىسران دىبا>>ئېچىلىپتۇ دىگەن گەپلەر بولۇنغان ئىدى.كىيىن مۇنبەردە مۇنازىرە قوزغالغاندىن كىيىن بۇ دىبامۇ تاقالغان ئىدى.......
بەلكىم بۇ يازمىنى يوللىشىم ئارتۇقچە بىر ئىش بولۇشى مۈمكىن ،بەلكىم باشقۇرغۇچى ئەپەندىملەر ئەخلەت تىما قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىۋىتىشى مۇمكىن.....لىكىن شۇنى بىلىپ قېلىڭكى بۇ مىسرانىم تورىغا نىسبەتەن كىچىك ئىش ئەمەس.
شۇڭا مەيلى مىسرانىم چوڭلىرى بولامدۇ ياكى ئابابەكرى مۇختەر مىسرانىم بولامدۇ ئىشقىلىپ قايسىڭلار بولساڭلار مەيلى مەسلىھەت بەرسەڭلار...مىسرانىم نامىنى مۇشۇنداق خالىغانچە ئىشلەتسە بولامدۇ.
باشقۇرغۇچىلار بۇ تىمىنى تەستىقلىغان بولساڭلار چۇنكى مىسرانىم تورى ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ باشلامچىسى شۇنداقلا ئەزالىرىمىز نىڭ ئارىسىدا مىسرانىم نامىنى ئىشلەتمەكچى بولىۋاتقانلار ياكى ئىشلىتىۋاتقانلار بولۇشى مۇمكىن . ئاشۇلارغا نىسبەتەن مىسرانىم چوڭلىرى نىمدەيدۇ ئاشۇلارنىڭ پىكىرىنى ھەممەيلەن ئورتاقلاشساق......
قولۇمدىن كىلىدىغان ئىش بولسا يېقىندىن ماسلىشىمەن.
نەبىجان(كونا مۇنبەر ئەزاسى:imran)تېلىفۇن:18799256818 ئۈندىدار،كىيۇكىيۇ 574573581
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iltebir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-15 09:55 PM
|
|
|
|
|
|