مۇنداقمۇ ئۇيغۇر كەشپىياتچى بار) R9 h; F4 x4 o1 e
يۇقارقى تېمىدىكى كەشپىياتنىڭ ئىسمىى كۆرۈپلا كىچىك ۋاقتىمدا ئوقۇغان بىر ماقالە يادىمغا كەلدى.
9 n% T0 W# f/ E
95_97-يىللىرى ئەتراپىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىمۇ مۇشۇ تېمىدىكى كەشپىيات خېلى غۇلا-غۇلا قوزغىغان. ئەينى ۋاقىتتا مەلۇم شېركەت سۇنى ھېچقانداق ئېنىرگىيە سەرپ قىلمايلا، ئاددىي كاتالىزاتور قوشۇش ئارقىلىق يېقىلغۇغا ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. كىيىن نەق مەيداندا سىنىغاندىن كىيىن بۇنىڭ يالغانلىقى ئاشكارىلانغان.
1 s( S. C y, @1 g; A, Q1 T3 U2 B
ئەمدى مىسرانىمدىكى بۇ تېمىغا كەلسەك، يوللانغان سىن ھۆجىىتىنى كۆرۈشنىڭ ھاجىتى يوق، ئالدى بىلەن بىرىنچى پاكىتنى ئوتتۇرىغا قوياي. تۆۋەندىكىسى تورداش
نىڭ ئىنكاسى، ئەسلى تېمىنىڭ 5- بېتى ئەڭ ئاخىرقىسى.
% x6 Z/ J' g% Q2 P: b; w' ~% n
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تور ئەخلى ،بۇلار خىجىل بولمامدىغاندۇ ئاشۇنداق يالغان ساختا ئۇچۇر تارقىتىپ .بۇ كەشپىيات يالغانكەن ،مەن ئۇلار قالدۇرغان تىلپۇنغا تىلپۇن ئۇرۇپ رەخمىتىمنى ئىتىپ قوياي دەپ تىل قىلسام ،1- نۇمۇرنى بىر ئايال ئالدى . مەن بۇ نۇمۇرنى يىقىندا ئالغان ، ئۇنداق ئىش يوق . بۇرۇن بىرسى ئىشلەتكەن نۇمۇركەندە دەيدۇ .يەنە بىرسىگە تىل قىلسام تاقىۋاپتۇ . بۇنداق سۇ بىلەن بىر تەرەپتىن ھىدروگەن ئايرىپ بىرتەرەپتىن ئىشلىتىدىغان ئۇسكۇنە ياسىسا . دۇنيادا ئۇيغۇرلار زىل زىلە پەيدا قىلمامدۇ . نوبۇل مۇكاپاتىنى ئويىگە ئەككىلىپ بىرە . .مەن قارىسام يۇقۇرى بىسىملىك كورىنىڭ يىنىدا . سۇۋاركا توڭى تۇرىدۇ ، گاز كورىدىن ئەمەس بەلكى تۇڭدىن چىقىۋاتىدۇ . ئالدىنىپ سوزلەپ يۇرمەيلى .بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن ئەمدى ئەسلى تېمىغا قايتىپ كەلسەك، سۇنى ھېچقانداق ئېنىرگىيە سەرپ قىلماي تۇرۇپ يېقىلغۇغا ئايلاندۇرۇش مۈمكىن ئەمەس. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغانلارغا چۈشەندۈرمىسەممۇ بولار.
$ j$ |, i+ G; W) H
بەزىلەر ئامېرىكىنىڭ دېڭىز سۈيىنى يېقىلغۇغا ئايلاندۇرغانلىق خەۋىرىنىمۇ يوللاپتۇ. بۇنىڭ ماھىيىتى سۇنى ئېنىرگىيەگە ئايلاندۇرۇش ئەمەس، بەلكى سۇنى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ، بىر خىل ئېنىرگىيە تەمىنلىگۈچى ماددىنى يەنە بىر خىل ئېنىرگىيە تەمىنلىگۈچى ماددىغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت خالاس.
" p- R2 j) A; y9 @1 Q- xبۇ جۈملىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرەي.
6 @0 z* r: c2 ?# U- S) a7 O) f
يېزا قىشلاقلاردا قىش كۈنى تۈگەپ ئەتىيازغا ئۇلاشقاندا، دىھقانلارنىڭ ئۆيىدىكى كۆمۈر تۈگەي دەپ قالىدۇ. بۇ ۋاقىتتا كۆمۈر دۆۋىلىگەن ئامباردا 50 كىلو ئەتراپىدا كۆمۈر ئۇۋىقى قالىدۇ. ئەگەر بۇ كۆمۈر ئۇۋاقلىرىنى مەشكە سالسىڭىز بىر دەمدىلا كۆيۈپ تۈگەيدۇ، ھەم ئېنتايىن قولايسىز. بىزنىڭ ئەقىللىق دېھقانلىرىمىز بۇ كۆمۈر ئۇۋىقىغا مەلۇم مىقداردا توپا ۋە سامان ئارىلاشتۇرۇپ، سۇ بىلەن لاي ئېتىپ، ئاندىن قېلىپقا سېلىپ شەكىلگە كەلتۈرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇۋاق كۆمۈر پارچە پارچە كۆمۈرگە ئايلىنىدۇ. توشۇش، يۆتكەش، ئىشلىتىشكە ئىنتايىن زور قولايلىق شارائىت ھازىرلىنىدۇ.
5 b7 f6 j7 }5 D; e3 W
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، ئامېرىكىلىقلارنىڭ قىلغىنى پەقەت كۆمۈر ۋە سۇ ئېنىرگىيەسىدىن چىقىرىلغان توك ۋە ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ، سۇ ۋە باشقا خام ئەشيالارنى مىتان قاتارلىق ھىدىروكاربىدلارغا ئايلاندۇرغان. بۇ گازلارنى ئايروپىلانغا يىقىلغۇ قىلىشقا بولىدۇ. لېكىن ئەسلىدىكى كۆمۈر ۋە سۇ ئىنىرگىيەسىنى ئايروپىلانغا يىقىلغۇ قىلغىلى بولمايدۇ.
' M Z9 O( q7 c
تېمامنى "چايخانىدا" ناملىق ئېتوتتىكى بىر جۈملە سۆز بىلەن ئاياقلاشتۇراي. \
! L1 l/ [' }7 P9 x% t Yخەلق قانچە نادان بولسا مۇشۇنداق پىتنە پاسات سۆزلەرگە شۇنچە ئىشىنىدۇ.
$ M$ b, [& `9 w" Z$ V
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Yarmohammed تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-15 06:34 PM
& U) i' a/ J6 u) ^3 |" o" ?2 }
" f: B0 I, S, d7 A. {8 r' \0 _( P2 {