مۇھەببەت ماڭا ماسلاشمىدى(سانائىل سۆزلەر سۆز ئۇيۇنى)
مۇنۇ مەزمۇندىكى مۇھەببەت مىنىڭچە؛- مۇھەببەت مەنزىلدە ماڭغان مەندەك مىڭلىغان مۇھەببەت مەستانىلىرىنى،مۇھەببەت مىھرىدىن مۇڭلىتپ مەمنۇنلىتىشىمۇ مۇمكىن،مەشۇقتىن مەھرۇملاپ مۇجۇشىمۇ مۇمكىندۇر.
مانا مۇشۇ مۇھەببەت مىنى مەشۇقىم ماھىرەدىن مەھرۇملاپ مىنى مۇجۇۋەتتى.مەن مۇھەببەت مەنزىللىرىمدىكى مالامەتلىرىمنى مىسرانىم مۇنبىرىدىكى مىڭلىغان مۇلاھىزىچى مۇنبەرداشلىرىمنىڭ مۇلاھىزىسىگە مەنتىقىلاپ مۇنازىرلەشمەكچى.مۇھەببەتتكى مەغلۇبىيەتلىرىمنى مەزمۇنلاپ مىسرانىم مۇنبىرىگە ماڭدۇرۋەتتىم.مىسرانىم مۇنبىرىدىكى مەزمۇنلۇق مەزمۇنلارنى ماڭدۇرىدىغان مۇھەررىرلەر مەزمۇنلىرىمنى مۇھاكىمىلەپ مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ،مىسرانىم مۇنبىرىگە مىخلىسا«مۇھەببەت ماڭا ماسلاشمىدى»مەزمۇنىدىكى موشۇمەزمۇنىمغا مۇنبەردىكى مىھمانلارماڭا مۇھەببەتنىڭ ماسلاشقان-ماسلاشمىغانلىقىغا ماڭا مەنبە ماڭدۇرىشى مۇمكىن.مۇھەببەتنڭ ماڭا ماسلاشمىغانلىقىدىكى مىساللىرىم مانا؛
مەن مەلۇم مەھەلىدىكى ماتاڭچى.مەن ماتاڭلىرىمنى مەھەلىمۇ-مەھەللە ماختايمەن.مەھەلىدىكىلەرمۇ مەززىلىك ماتاڭلىرىمنى مالاكشتىدۇ.مانا مۇشۇ ماتاڭچىلىق مىنى مۇھەببەت مەنزىلىدە مېڭىشقا مەجبۇرلىدى.مۇشۇنداق مەزگىللەردە مەن مەھەلىمىزدىكى مۇشتۇمزور مامۇت مىسكەرنىڭ،مىشچان،مۇلايىم،مىھرىبان مەلىكىسى ماھىرەگە مەجبۇنلارچە مايىللاشتىم.مىنىڭچە ماھىرەمۇ مىنىڭ مۇھەببىتىمنى مىڭىسىدە مۆلچەرلىگەنلىكى مۇمكىن.مەن ماتاڭلىرىمنى مالخېيىمغا مىنگەشتۈرۈپ،مەھەلىدە ماڭغىنىمدا ماھىرە مىنىڭدىن مۈكۈۋالاتتى.مۇنداق مۈكۈۋېلىشلار مىنىڭ مەھەلىدە مېڭىشىمنى موللاشتۇرۋەتتى.مۇنداق مېڭىشىمدىكى مەقسەت، ماتاڭلىرىمنى ماختىغان مەقسەتتە ماھىرەنى مارىلايتىم.مەن مۇشۇنداق ماھىرەنى مارىلاپ مەنىسىز مىنۇتلاردامەيلىمنى ماھىرەگە ماڭدۇرالمايۋاتقانلىرىمدا،مەھەلىدىكى مۇسلىمە مۇمامنىڭ مۇيسىپىتى مۆمىن موللامنىڭ مەسلىھەتىدە مەردانىلىشىپ،مۇھەببەت مەكتۇبىمنى ماھىرە ماڭدۇرۋەتتىم.ماھىرەمۇ ماڭا مايىلكەن.ماقۇللاندى.مىنى مۇھەببەت مۇبارەكلىدى.مەنلىك مۇھەببەتلىشىشلەر موللاشتى.مۇشۇنداق مۇھەببەت مەھىشەتلىرىدىن مەستىخوشلانغىنىمىدا مامۇت مىسكەرنىڭ مىراسخورى مەخمۇت ماڭقىنىڭ مۇھەببىتىمىزنى مەلۇملىشىدا، مامۇت مىسكەرنىڭ مىجەزى مالىمانلىشىپ،مەھەلىدىلامىنى مۇشىتلاپ موللاقلىتىۋەتتى.ماڭاڭلىرىمنى مىجىۋەتتى.مىنى مۇشىتلاۋەرگەچكە مەن مەھەلىدە ماڭالمىدىم،مەن مەھەلىدە ماڭساملا مۇتىھەم مامۇت مىسكەر مىنى مۇشتلايدۇ.مامۇت مىسكەرنىڭ مۇتىھەملىكىدە مەن موملىۋەتكەندەك مىدىرلىيالماستىن،مەھەلىمىزنىڭ مەغرىبىدىكى مىۋىزارلىقتا مەلۇم مەزگىل مۈكۈنۋالدىم.مۇشۇ مەزگىلدە مامۇت مىسكەرنىڭ مۇسۇلمانچىلىقى مەكرولىشىپ،ماھىرەگە مىنى مەينەت ماتاڭچى،مىس-مىس،مۆرىمەسلىكتە مەدىھيلەپ،ماھىرەنى مىقىرىتىپ،مۇغەمبەرلىشىپ،مەھەلىمىزدىكى مەمەدان مائارىپچى مەردانغا مەجبۇرلاپ،مۇڭلۇق مۇقام- مەشرەپلىرىدە ماھىرەنى مىڭلاپ مەپىلەرنىڭ مەركىزىدە ماڭغان ماشىنىدا ماھىرەنى مەرداننىڭ ماكانىغا ماڭدۇرۋەتتى.
مانا مۇھەببەت! مۇھەببەت ماڭا ماسلاشمىدى.ماسلاشسىمۇ ماھىرە ماسلىشىۋىدى،مۇناپىق مامۇت مىسكەر ماسلاشمىدى.مۇشۇمۇ مۇھەببەتمىدۇ؟مىھمانلار مىنىڭچە مۇھەببەت مال-مۈلۈكتە ماسلاشمايدۇ،مەڭگۈلۈك مۇستەھكەم مىھىردە ماسلىشىدۇ.مەلۇم مەنىدە مال-مۈلۈككە ماسلىشىپمۇ ماڭىدىكەن.
مەيلى مال-مۈلۈكتە ماسلىشامدۇ،مىھرىدە ماسلىشامدۇ مىنىڭ مېڭەم مۈگدەۋاتىدۇ.مىنىڭچە مىڭلىغان مىھمانلار مۇھەببەتتىكى مول مەنا،مۇلاھزلىرىنى ماڭدۇرسۇن..
ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kirimjanyasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-15 02:02 PM