|
|
|
|
بالىنىڭ ئالدى يۈزى كۆرىنىشى
بالىنىڭ بېشىنىڭ ئۈستى تەرىپىدىن كۆرىنىشى
بۈگۈر ناھىيە چۇمپاق بازىرى ئالساي كەنتى5-گۇرۇپ ئەزاسى ئەھەت ھىمىتنىڭ بالىسى بىر ياشقا كىرگەندە باش قىسىمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆسمە پەيدا بۇلۇپ قېلىپ،2013-يىلى 8-ئايدا ئوبلاستلىق دوختۇرخانىدا ئوپىراتسىيە قىلدۇرغان. بىراق ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۆسمە ئوپراتسىيە قىلىپ ئېلىۋەتكەن جايدىن قايتا ئۆسۈپ چىققان .
بۇكىشى ئۇرۇق-تۇققان، قۇلۇم-قوشنا , دوست - بۇرادەرلەرنىڭ ياردىمىدە نۇرغۇن دوختۇرخانىلاردا داۋالىتىپ ئىقتىسادى تۈگەپ ئامالسىز قالغاندا ، ئاقكۆڭۈل ساخاۋەتچى قېرىندىشىمىزنىڭ ياردىمىدە تور ، ئۈندىدارلارغا مۇراجەتنامە يوللانغان . بۇ مۇراجەتنامە يوللانغاندىن كىيىن نۇرغۇن ئاقكۆڭۈل ساخاۋەتچى قېرىنداشلىرىمىز ۋە ياخشى نىيەتلىك كارخانچىلىرىمىزنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ، ئۇلارساخاۋەت قوللىرىنى سۇندى (بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ سېخى قوللارغا چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.)
مۇناسىۋەتلىك ئىسپات
ھازىر داۋالىنىش راسخوتى ھەل بۇلىۋاتقان بولسىمۇ ، بىرا ق بۇ نارىسىدەنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولغانلىقتىن ئاپتۇنوم رايونىمىزدا داۋالاش ئىمكانىيىتى بولمىغان . شۇنداقتىمۇ ئاتا -ئانا بولغۇچى ۋاز كەچكۈسى كەلمەي ئىچكىر ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ داۋالاتقۇسى بار .
ئۇلار ھازىر بىيجىڭدىكى بىر دوختۇرخانىغا بارماقچى بۇلىۋاتىدۇ. لىكىن ئۇلارنىڭ خەنزۇچە سەۋىيىسى چەكلىك بولغاچقا تىل جەھەتتىن قىينىلىۋاتقان بۇلۇپ خەنزۇچە سەۋىيىسى ياخشى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەرجىمان بولوپ بىرىشىنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىد قىلىدىكەن .
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللاندى .
بالىنىڭ ئاتا - ئانىسىنىڭ سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ۋە بانكا كارتىسى
ھەمدە باشقۇرغۇچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ مۇراجەتنامىنى تەستىقلاپ قۇيىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمىت قىلىمىز .
telfun : 15099243277
دادىسىنىڭ ئىسمى : ئەھەت ھىمىت ئانىسىنىڭ ئىسمى : زورىگۇل
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا XERHAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-15 02:35 PM
|
|
|
|
|
|