ساھىپجامالنىڭ ئۆلىمى( شىئىرى چۆچەك)
بارئىكەنمىش كاتتا بىرباي ئىلگىرى،
توختى ئاتلىق يورت –ئاۋامنىڭ بىرچوڭى.
شۇنچە بايمىش مال-بىساتى،بىھىساپ،
ئۆتەرئىكەن كۈنلىرى بەك باياشات.
ئېغىلىدا نەچچە يۈزلەپ قوي-كالا،
ئىلكىدە ھەم شۇنچە كەڭرى يەر-دالا.
ئەل ئىچىدە تاپقان ئىكەن ئىناۋەت،
تارتمىغانكەن قىلچەم ئەلەم،قىلچە دەرت.
سالاپەتلىك يۈرىدىكەن كىرىلىپ،
باشقىلارغا قارىماسكەن بىركۈلۈپ.
بارئىكەن ھەم توختى باينىڭ بىرقىزى،
گۈزەل بويلۇق گۇيا ئايكەن يۈزلىرى.
تەڭدىشى يوق ھۆسنى جامال بابىدا،
شۇنچە خىجىل ئىكەن ئايمۇ دالدىدا.
شۇنچە يىگىت باغرى ئىكەن ئوت-كاۋاپ،
پىراقىدا چىكىشەركەن كۆپ ئازاپ.
ئەمما قىزمۇ شۇنچە ئىكەن ھاكاۋۇر،
تاماشا قىپ سۈرىدىكەن ئۇ ھوزۇر.
دادىسىنىڭ دۆلىتىگە ئىشىنىپ،
باقمىغانكەن بىريىگىتكە كۆز سېلىپ.
ئۇمۇ ئالغان دادىسىنىڭ خۇيىنى،
كۆزگە ئىلماي يۈرىدىكەن كىشىنى.
تۇرىدىكەن ھەشەمەتلىك داچىدا،
شۇنچە نۇرغۇن دىدىكى قول ئاستىدا.
كەپتۇ قىزغا ھەرتەرەپتىن ئەلچىلەر،
قازى-ھاكىم،بايۋەچچە بەگزادىلەر.
ئامما قىزنىڭ خيالى باشقا ئىكەن،
كاتتا بايلار ماڭا جورا دەيدىكەن.
قايتىشىپتۇ ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسى،
قىز سۆزىدىن قايناپ شۈنچە زەردىسى.
كۆرمىگەكچە قىزمۇ قوبۇل بىرىنى،
شۇيۇسۇندا ئۈتۈۋىرىپ ھال كۈنى.
دادىسىمۇ بېقىپ قىزنىڭ رايىغا،
قىزىم ئەقلى –ھۇشۇڭ جايىدا.
قىز دەردىدە تۈگىشىپتۇ كۆپ يىگىت،
جۇدا بوپتۇ جېنىدىن ھەم ئايرىلىپ.
شۇيېزىدا بارئىكەن بىر تۇل خوتۇن،
ئوغلى ئىكەن قىزغا شەيدا ھەم مەپتۇن.
ئوغلى ئىكەن كۆڭلى ياخشى ئاقكۆڭۈل،
يۈرىدىكەن ئۇ ئەدەپلىك خۇش پىئىل.
ئەلچى قويۇپ كەپتۇ ئۇمۇ نائىلاج،
شەيدالىقتا كۆڭلى ئارام تاپمىغاچ.
كەپتۇ بۇئىش بەكمۇھار قىزبايغا تەڭ،
قىپتۇ ھۇجۇم شۇيىگىتكە ئەھدە-جەڭ.
سۈر-توقايلاپ،نېرى قىپتۇ دۇمبالاپ،
باشلىنىپتۇ ھەر تەرەپتىن ئىختىلاپ.
توختى باي ھەم ئاچچىغىدىن يېرىلىپ،
ئامال قىلىپتۇ ئاخىرى ئۇ ئىزدىنىپ.
قىزى بىلەن بىرقىلىپتۇ گىپىنى،
تېپىشىپتۇ شۇنچە رەزىل چارىنى.
كىشى سېلىپ قاپقاراڭغۇ كىچىدە،
بىچارىنى ئۆلتۈرۈپتۇ جىممىدە.
بوپتۇ يىگىت بۇئالەمدىن تىز جۇدا،
باشلىنىپتۇ ئەل ئىچىدە بىر يىغا.
ھەممە كىشى بىلسىمۇ گەر سىرىنى،
جىم يۈرۈپتۇ چىقىرالماي ئۈنىنى.
بايمۇ بولدى پاك-غۇبارسىز ئاتىلىپ،
قازى-ھاكىم گېلى كۆپتىن مايلىنپ.
ئۇنتۇلۇپتۇ ئۇشبۇ ئىشمۇ ئاخىرى،
بوپتۇ ئاخىر ئاتا-قىزنىڭ غەلبىسى.
كۆڭلىمىزمۇ ئەمدى ئارام تاپتى دەپ،
شۇندا لايىق ئىزلىگەن ھەم پەپىلەپ.
تېپىشپتۇ ئاخرى يات يېزىدىن،
كاتتا باينىڭ قىزغا لايىق ئوغلىدىن.
دەپتۇ قىزمۇ كەلدى ئەمدى تەلىيىم،
پاراغەتتە مەڭگۈئۆتكەي كۈنلىرىم.
قۇدابوپتۇ ھەشەمەتتە ئىككى باي،
كۈلۈشۇپتۇ بىزگە تەڭداش بولمىغاي.
ئەمما قىزنىڭ تەلىيى كاچ كەپتۇ بەك،
راۋابولماي كۆڭلىدىكى قۇت-تىلەك.
سىنىمىغان چۈنكى باينىڭ ئوغلىنى،
بىلمىگەن ھەم ئەسلى مىجەز ،خۇيىنى.
بالا يۈزى كۈرۈشكەچكە ھەم يەنە،
قىلىشىپتۇ ئىككى-ئۈچ يىل تەنتەنە.
دەسلىۋىدە بوپتۇ يىگىت قول –قانات،
ئەمما كىين ئاپتۇ قولغا تاش-تاياق.
يۈرىدىكەن كۈندە مەشرەپ-بەزمىدە،
نەشە،قىمار بارئىكەن ھەم ھەممىدە.
ئۆيىگە مەش كىرىدىكەن ھەركۈنى،
قىزنى ئۇرۇپ،يۇلىدىكەن چېچىنى.
سالىدىكەن قىزنى ئۆينىڭ ئىشىغا،
ئاغرىماپتۇ ئىچى قىزنىڭ ھالىغا.
يۇيىدىكەن قىز دۆۋىلەپ كىر كىيىم،
ئوھ ! دىيەلمەي كىچە-يۇ تۇن بىرقېتىم.
تەقدىرىدىن زارلىنىپتۇ باي قىزى،
توختىماپتۇ كۈندە ئېقىپ ياشلىرى.
پۈكۈلۈپتۇ بەللىرى ئازابىدىن،
قىلچە ئەسەر قالمىغان چىرايىدىن.
ئاڭلىماپتۇ ھېچ كىشى ھال-دەردىنى،
تۆكسىمۇ گەر كىشىگە ئىچ سىرىنى.
گەريامانلاپ كەتسىمۇ باي ئۆيىگە،
چۈشىدىكەن ئىرى تىزلا پىيىگە.
قورقۇتاركەن باينىمۇ تەڭ سۈربىرىپ،
ئۇزۇتاركەن باي كۆزىنى نەم قىلىپ.
قىز ئۈتۈپتۇ كۈندە دەككە-دۈككىدە،
يۈرەكى قان ،نادامەتنىڭ ئىلكىدە.
ياش تۆكۈپتۇ ئىرىگە كۆپ يالۋۇرۇپ،
دەپتۇ خۇشال كۈننى بەرگىن قايتۇرۇپ.
ئاڭلىماپتۇ نەسىھەتنى ئەرپەقەت،
كۈندە ئازارقىپتۇ يەنە ھەسسىلەپ.
ئاشكارىلاپ ئاخىر ئۇ ئۆزىنى،
قۇرۇتىمەن دەپ قىزنىڭ ۋەسلىنى.
بىرقىماردا ئۇتتۇرۇپتۇ كۆپ بىسات،
ئاپتۇ ئاخىر توختى باينى نوقتىلاپ.
كىشى سېلىپ توختى باينى ئۇرغۇزۇپ،
ئېلىۋاپتۇ بىساتىنى تىز يۇلۇپ.
توختى باينىڭ كۈنى بوپتۇ بەك قىين،
ئايرىلىپ ئۇ ھەممە ئەسلى-ۋەسلىدىن.
بەكمۇ بەتتەر بوپتۇ قىزنىڭ ھالىمۇ،
قىلچە ئۆمىد قالمىغان ھەم جاندىمۇ.
قۇتۇلالماي ئىرىدىن ئۇچارىلاپ،
ئۆلتۈرۈپتۇ ئۆز-ئۆزىنى دارىلاپ.
ھەممە تۈگەپ قاپتۇ يەنە بۇجاھان،
كەپتۇ ئۇشبە ھىكايە بىزگە تامان.
شۇڭا بىزگە قاپتۇ ماقال تەۋەرۈك،
«نىيتى ياماننىڭ قازىنى تۆشۈك»
ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Azizim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-14 11:03 PM