مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: شەۋقى79

زامانىمىزدىكى ئۇيغۇر ئىسلام ئالىمى مۇھەممەت سالىھقا-قەسىدە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94615
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1910
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 956 سائەت
تىزىم: 2013-4-10
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 02:45:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @1 L' w% P* e1 q& k0 i* Bراست دەيسىز مۇشۇنداق ئالىملىرىمىزنى زىيارەت قىلىپ كۆڭۈل سۆزىنى ئاڭلىساق بولاتتى!......

قوللايمەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 105804
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 476
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 147 سائەت
تىزىم: 2014-4-8
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 04:35:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابابەكرى مۇختار مىسرانىم بىر كۈنى بىرىپ مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىمدىن بىر دۇئا ئېلىپ كېلىڭلا.
ئاللاھ داموللامدىن رازى بولسۇن!
مۇشۇ توربەتنى قۇرغان ئابابەكرى مۇختار مىسرانىمدىن رازى بولسۇن!
ئامىن!!!

دادام ماڭا شۇنداق دېگەن: ئاجىزلارنى دۇنيادا ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 97297
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 283
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 167 سائەت
تىزىم: 2013-8-27
ئاخىرقى: 2014-7-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 05:48:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئالىمىمىزنى ئاللاھ ئىگەم ئۆزپاناھىدا ساقلىغاي  ،بىزگە سۇنغان بىلىملىرىگە ئاللاھ ئگەمدىن كۆپلەپ ئەجىىر ئاتا قىلىشىنى  تىلەيمىەن،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95166
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 280
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 123 سائەت
تىزىم: 2013-4-21
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 07:21:51 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانم تورى قاچانلققا ھاجمنى زىيارەت قلىشنى ئويلاۋاتسلەر،ئېنىق جاۋابنى بەرگەن بولساڭلار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 98174
يازما سانى: 326
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1441
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 920 سائەت
تىزىم: 2013-9-24
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 08:26:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئالىمىمىزنىڭ    تىنىگە   ساقلىق  ،    ئائېلىسىگە    خاتىرجەملىك   ،    ئۆمىرىگە    بەركەت    تىلەيمەن   .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 09:39:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

نەزىرە مۇھەممەد سالىھنىڭ دادىسى مۇھەممەد سالىھ داموللام بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى

سۇئال؛  ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىڭىز قانداق ئۆتكەن؟
مەرىپەتلىك ئائىلىدە تۇغۇلغانلىقىم ئۈچۈن، ئەقلىمگە كەلگەندىن باشلاپلا ئائىلىمىزنىڭ ئىلمى مۇھىتى ماڭا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
پەدەر مەرھۇم دىنى ئىلىمىنىڭ تۈرلۈك ساھەلىرىدە كامالەتكە يەتكەن ئەللامە شۇنداقلا ئۇيغۇرچە، ئەرەپچە، پارىسچە ئەدەبىيات بويىچە يىتىلگەن بەكامال ئەدىب بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىلمى پائالىيەتلىرى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قىلغان.
ئەينى زاماننىڭ سەۋىيەسى بۇيىچە ئېيتقاندا ئائىلىمىزنىڭ باي كۈتۈپخانىسى بار ئىدى، كۆپلىكىدىن پەدەر مەرھۇمنىڭ ھوجرىسىغا سىغماي، مىھمانخانا، دالان، ئاشخانا ئۆيلەرنىڭ تەكچىلىرىگىمۇ تىزىلغان دۆۋە دۆۋە كىتاپلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى.
تېخى ساۋادىم چىقماي تۇرۇپلا كىتاپلار (ئارىسىدا) دۇنياسىدا ياشىغان ئىدىم، ھەر بىر كىتابنى قولغا ئالغان چېغىمدا مۇقاۋىلارنىڭ ئىسىللىقىغا ھەيران قالاتتىم. بەزى مۇقاۋىلارغا نەپىس ئالتۇن ھەل بىرىلگەن بولسا، بەزى مۇقاۋىلار كۈمۈشرەڭ ھەل بىلەن بىزەلگەن ئىدى.
بەزى كىتاپلار خوتەننىڭ پاتلىق سامان قەغىزىگە كۆچۈرۈپ يېزىلغان بولسا، بەزى كىتاپلار قەغەز سانائىتىنىڭ ئەينى زاماندىكى ئەڭ نەپىس نەمۇنىلىرىدىن بولغان مەشۈت قەغەزگە يېزىلغان ئىدى.
بەزى كىتاپ ۋاراقلىرىنىڭ چۆرىسىگە بىرىلگەن رەڭدار نەقىشلەر كىشىنى مەپتۇن قىلاتتى. ئۇستا خەتتاتلارنىڭ كۆزلەرگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان گۈزەل خەتلىرى ئىنىقلىقى، رەتلىكلىكى، بىلەن مىنى ئەسىر قىلىۋالاتتى.
قوليازمىلارغا قارىغاندا باسما كىتاپلار تېخىمۇ كۆپ ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۇخارا، تاشكەنت، سەمەرقەنت، قازان، ھىندىستان، مىسىر ۋە كابۇللاردا بېسىلغان ئەڭ قەدىمى نۇسخىلارمۇ بار ئىدى.
تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، ئۇسۇل، بالاغەت، مەنتىق، پەلسەپە، ئەدەبىيات، تارىخ، لۇغەت، نەھۋى، سەرف ... كە ئائىت ھەممىلا مەزمۇندىكى كىتاپ تېپىلاتتى.
گۈدەكلىكىمدە گەرچە خەت تۇنىمىساممۇ، كىتاپلارنى قۇلۇمغا ئېلىپ، ئۇيان ئۆرۈپ بۇيان چۆرۈپ كۆرگىنىمدە كىتاپنىڭ مۇقاۋىللىرىنى، بەتلىرىنى سىلاپ بۇنىڭدا تۈگىمەس، سىرلىق مەنالار خەزىنىسىنىڭ تۇلۇپ ياتقانلىقىنى ئويلاپ، ۋۇجۇدۇمدا كىتاپقا نىسبەتەن ئالاھىدە ھۆرمەت، قىزىقىش ۋە قانداقتۇر بىر تۈرلۈك يۇشۇرۇن ئىشتىياق پەيدا بۇلاتتى. خەت قۇرلىرىدا ئاجايىپ بىر تىلسىماتلار باردەك تۇيۇلاتتى.
«بالدۇرراق چوڭ بۇلۇپ دادامغا ئوخشاش بۇ كىتاپلار سىرلىرىنى بىلەلەيدىغان بولسام ...» دىگەن تەقەززالىق قەلبىمدە كۈندىن كۈنگە ئاشاتتى. بۇ كىتاپلاردىن بەھرىمەن بۇلۇش ئۈچۈن مەكتەپكە بېرىپ ئۇقۇش لازىملىقىنى تۇنۇپ يەتكەن ئىدىم.
شۇنىڭ بىلەن مەكتەپكە بېرىپ ئۇقۇۋاتقان چوڭ بالىلارغا ئوخشاش مەنمۇ ئۇقۇسام دەپ يېشىم بەشكە بارماي تۇرۇپلا غەلۋە قىلغىلى تۇردۇم. ئۆيدىكىلەر يېزىمىزدىكى مەكتەپكە قۇلۇمدىن يىتىلەپ ئاپىرىپ بەردى. تەختىيۇن كەنتىدە ئېچىلغان بۇ مەكتەپتە قۇناخۇن خەلپىتىم بىلەن موللا ھۇشۇر خەلپىتىم دەرس بېرەتتى. ئىسىمدە ھازىرمۇ شۇنداق ئىنىق تۇرۇپتىكى موللا ھۇشۇر خەلپىتىم بىرىنچى بۇلۇپ چىرايلىق ياسالغان بىر پارچە كىچىك تاختايغا ئالدى بىلەن ئەرەپ ئېلىپبەسىدىكى 28 ھەرىپنى قۇمۇش قەلەمنى سىياھقا چىلاپ چىرايلىق يېزىپ بەردى. شۇ كۈندىن باشلاپ ئىلىم دېڭىزىغا شۇڭغۇپ كەتتىم.
بۇ ھەرىپلەرنى باشتىن ئاخىر بىر – بىرلەپ تۇنۇپ چىقىش ۋە ھەر بىر ھەرىپنى ئۆزىنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئورنى (مەخرىجى) بويىچە توغرا تەلەپپۇز قىلىش تەلەپ قىلىناتتى.
يىڭى ساۋات چىقىرىشنى باشلىغان بالىلارغا ھەرىپلەرنى تاختايغا يېزىپ ئۈگىتىش بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان بىر خىل ئەنئەنە ئىدى. بۇ يۇرتىمىزدىلا ئەمەس، چەتئەل مۇسۇلمانلىرىنىڭ قارىخانلىرىدىمۇ بار قائىدە ئىكەن. (1983- يىلى جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى زىيارەت ئۈمىكى تەركىبىدە شىمالى ئافرىقىد زىيارەتتە بولغىنىمدا، بىر قارىخانىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئېلىپبە ھەرىپلىرىنىڭ ۋە قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىنىڭ چوڭ – كىچىك تاختايلارغا يېزىلىپ ئۇقۇتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئەنە شۇ بالىلىق چاغلىرىمدىكى مەكتەپ ھاياتىم كۆز ئالدىمغا كەلدى).
يېزىمىزدىكى مەكتەپتە قۇرئان ساۋادىمنى ۋە خەت ساۋادىمنى چىقارغاندىن كىيىن، تىجەن يېزىسىدا چوڭ ئانام (ئانامنىڭ ئانىسى) نىياز خېنىمنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئۇقۇدۇم.
نىيازخان خانئانام تىجەننىڭ يۇرت مۆتىۋىرى ئىمىن ھاجىمنىڭ قىزى بۇلۇپ ئۇ ناھايىتى تەقۋادار، ئىلىمپەرۋەر، رايىش مەزلۇم بۇلۇپ ماڭا بەك ئامراق ئىدى. تىجەندە شىيەنلى مەكتەپ دىيىلىدىغان ناھىيلىك مەكتەپتە چۈشتىن بۇرۇن ئۇقۇيتتۇم، چۈشتىن كىيىن تىجەن مەدرىسىدە ئۆزبىك ئىسھاق قارىھاجىمنىڭ مەدرىسىدە قۇرئاندىن دەرىس ئالاتتىم.
ئىككى مەكتەبنىڭ دەرىسىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئەتىگەندىن – كەچكىچە دەرىسلەرنى تەكرار قىلىشقا ۋە يادلاشقا توغرا كىلەتتى. ھويلىدىكى تال باراڭنىڭ ئاستىدا، باغدىكى مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ سايسىدا، دەرۋازا ئالدىدىكى كۆل بۇيىدا زىرىكمەي دەرىس تەكرارلايتتىم.
رەھمەتلىك خانئانام مىنىڭ ياخشى ئۇقۇۋاتقانلىقىمدىن سۆيۈنۈپ، مەن ئامراق تاماقلارنى ئىتىپ بىرىپ، مىنى ئۆي ۋە تالانىڭ ھېچقانداق ئىشىغا سالمايتتى.
1947- يىلى تەختىيۈن يېزىسى جامەسىنىڭ خەتىبى ۋە ئىمامى بولغان دادام سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ جامائەتنى سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن مەزكۇر جامەنىڭ قوروسى كىڭەيتىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە تەختىيۈن مەدرىسىسى سېلىندى. مەدرىسىنىڭ ئۇقۇتۇش ئىشلىرى ئالدى بىلەن قارى تەربىيلەش بىلەن باشلاندى.
مەدرىسكە ئالىم، ئەدىب، ئوتتۇرا ئاسىيا بۇيىچە نام قازانغان داڭدار قارى مۇھەممەد ئەمىن سۇپىزادىنىڭ قىرائەتتە مۇرەتتەپ قارى بۇلۇپ، ئۇزۈپ چىققان باش شاگىرىتلىرىدىن بىرى بولغان ئاتۇش بۇيىچە نامدار ئوڭرۇڭلۇق قارى پازىل قارىم قارى تەربىيلەيدىغان باش ئۇستازلىققا تەكلىپ قىلىندى. گەپتىن گەپ چىققاندا سۇپىزادە تۇغرىلىق ئىككى ئېغىز دەپ بىرەي.
مۇھەممەد ئەمىن سۇپىزادە ئەسلى نامانگانلىق بۇلۇپ، ياش ۋاقتىدا مىسىر، مەككە – مۇكەررەمە، مەدىنە – مۇنەۋۋەرلەردە ئىلىم تەھسىل قىلىپ، دىنى ئىلىملەرنى تۇلۇق ئىگەللەشتىن تاشقىرى مەشھۇر ھافىزلاردىن يەتتە خىل قىرائەتنى مەخسۇس تەلىم ئېلىپ ۋايىغا يەتكۈزگەن. ئەرەپ ئاھاڭىدا چىرايلىق، تەسىرلىك ئۇقۇشتا ئۆز دەۋرىدە كەم ئۇچرايدىغان ھافىز دەپ تۇنۇلغان. نەمەنگاندىن قەشقەرگە كىلىپ ساھىبە خەيرات موللا تۇردىھاجىمنىڭ تەكلىۋى بىلەن ئاتۇش ئۆڭئېرىقتا مەخسۇس قارىخانا ئېچىپ، يىڭى ئۇسۇلدا يۇقىرى سەۋىيەلىك قارىلارنى تەربىيلەپ چىققان.
مىنىڭ ئۇستازىم پازىل قارىم، لۇتپۇللا مۇتەللىپ بىلەن بىللە گومىنداڭ تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان ئىنقىلاۋى قۇربان تۇراپ قارىلار شۇ قارىلار جۈملىسىدىن ئىدى.
پازىل قارىم ئۇستازىدىن تەلىم ئالغان يىڭى ئۇسۇل بۇيىچە قارى تەربىيلەشكە باشلىدى. بۇ ئۇسۇل بۇيىچە تەربىيلەنگەن شاگىرىتلار قۇرئاندىن يادا ئېلىپ بولغان ئايەت، سۈرىلەرنى ئۇنتۇپ قالماي داۋاملىق تەكرارلاپ تۇرۇش شەرتى ئاستىدا يىڭىدىن ئالغان دەرىسلەرنى ئۆزلەشتۈرۈپ باراتتى. ئۇنداق قىلغاندا قۇرئاننى يادلاش ۋاقتى تىزلىشەتتى. شۇنداقلا ئۇقۇۋاتقان قارى مۇرەتتەپ قارى بۇلالماي قالغاندىمۇ، قۇرئاندىن قانچىلىك يادا ئالغان بولسا، ئۇنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالايتتى. قۇرئاندىن يادا ئالغان قىسمىغا خەتمىدىن ئۈتەلەيتتى. مانا بۇ ساھابىلەرنىڭ قۇرئان كەرىمنى يادلاش ئۇسلۇبىغا ئۇيغۇن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەجۋىد دەرىسى ئۈتۈلۈپ قۇرئان تەلىم قىلىنغاندا ئەمىلىيەتكە تەتبىق قىلىناتتى. دىمەك قۇرئاننى ئاز يادا ئالغان ھالەتتىمۇ چۇقۇم تەجۋىد بىلەن يادقا ئېلىش بىرىنچى ئۇرۇنغا قۇيۇلاتتى.
بۇ چاغلاردا مەن ئاجايىپ تىرىشچانلىق بىلەن بالىلارنىڭ ئالدىدا ماڭدىم ۋە بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقت ئىچىدە قۇرئاننى تولۇق يادقا ئېلىپ بولۇپ ئۇن يېشىمدا 180 بالا ئىچىدە بىرىنچى بۇلۇپ خەتمە كەردە بولدۇم.

سۇئال: سىز ئەرەپ تىلىغا ئانا تىلىڭىزدىنمۇ بەك پۇختا، يەنە چاغاتايچە، پارىسچە، تۈركچە، تاتارچە، ئۆزبىكچە كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن ۋە تارىخ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىسىز. خەنزۇ تىلى ماتىرىياللىرىدىنمۇ بىمالال پايدىلىنالايسىز. سىزنىڭ ئىلمى جەھەتتىن بۈگۈنكىدەك ئەتراپلىق ۋە چوڭقۇر ئىستىداتىڭىز كىشىنى قايىل قىلىدۇ. بۇنىڭدا ئۈزىڭىزنىڭ تىرىشچانلىقىدىن باشقا ئامىللارنىڭمۇ تەسىرى بولغانمۇ؟

ھەئە، ئۆزۈمنىڭ مۇستەھكەم ئىرادە، بۇشاشماسلىق ئىزچىللىق، ياخشى – يامان كۈنلەردىمۇ مەۋقەيىمدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن ئاخىر نىشانىمدىن چەتنەپ كەتمەي مىنۇت سىكۇنت ۋاقتنىمۇ قەدىرلەپ قاتتىق سۆڭەكلىك بىلەن تىرىشىشىمدىن باشقا يەنە ئائىلىمىزدىكى قۇيۇق ئىلمى مۇھىت، دادام مەرھۇمنىڭ كىچىكىمدىن مىنى يىڭىچە ئىلمى ئۇسۇلدا نىشانلىق، سىستىمىلىق دەرس ئۆتۈپ، تەلەپنى قاتتىق قويۇش بىلەن بىرگە رىغبەتلەندۈرۈشنى تەڭ قوللۇنۇپ تەربىيلىشى ئۇقۇشۇم ئۈچۈن باش قاتۇرۇپ ئۈنۈمى يۇقىرى، چۈشىنىشلىك، مۇۋاپىق دەرىسلىكلەرنى تاللاپ بېرىشى ۋە ماڭا دادامدىن قانائەت تاپماس ئىلىم ئىشتىياقىنى ئىلىم يۇلىدىكى رىيازەتلەرگە چىداش روھى، ئۈنۈملۈك، جانلىق مۇتالىئە ئۇسۇلى ۋە ئۈگىنىش، تەتقىقات ئۇسلۇبىنىڭ يىتىلگەنلىكى دەپ ئويلايمەن.
دادامدىن ماڭا بۇ ياخشى خىسلەتلەر سىڭگەنلىكىگە ئوخشاش دادامغىمۇ پەزىلەتلىك، ئىلىملىك، دىيانەتلىك، ئاتا – بۇۋىسىنىڭ روھى سىڭگەنىكەن. دادامنىڭ ئاتا تەرەپ چوڭ دادىسى موللا سالىھ خەلپىتىم نامدار ئادەم بۇلۇپ ئۆز يۇرتى تەختىيۈندە ئۆز زامانىسىدا مەكتەب ئېچىپ، نۇرغۇن بالىلارنىڭ دىلىغا ئىلىم سېلىپ، ئۇلارنى يۇقىرى دەرىجىلىك مەدرىسىلەرگە لاياقەتلىك قىلىپ تەربىيلىگەن ئىكەن. ئانا تەرەپ چوڭ دادىسى مەشھەدلىك ياقۇپ ھاجىم بۇلۇپ «مەھكىمە شەرئى»دە ئەئلەم ئاخۇنلۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ دەۋا سوراشتا ئادىل – ھەققانىيلىقى بىلەن ۋە تەقۋادارلىقى بىلەن شۆھرەت قازانغان ئىكەن. (قىزىم مەن سىنىڭ ئىلىم ئۈگىنىش ۋە ئاقارتىش يولىدا ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرىغىچە بۇشاشماي ئىجتىھاد كۆرسىتىپ ئۇلۇغ بۇۋىلىرىڭنىڭ روھىنى خۇشنۇد قىلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن).

سۇئال: قۇرئاننى يادلاپ ئون يېشىڭىزدىلا قارى بولۇپ خەتمىدىن ئۆتكىنىڭىزدىن قارىغاندا ئىلىم ئىزلەشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق بېسىپسىز. ئەرەپ تىلى ۋە باشقا دىنى ئىلىملەرنى ئۆگىنىشنى قايسى تەرىقىدە داۋاملاشتۇردىڭىز؟
مىنى ئىلىم ئىزلەش يولىدا بىر قەدەر كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازاندى دىيىلسە بۇنىڭ سەۋەبىنى تۆۋەندىكى ئامىللاردىن ئىزدەش كىرەك.
ھازىر ئەسلىسەم پەدەر مەرھۇم تەلىم – تەربىيە قانۇنىيتىگە ئۇيغۇن ھالدا مىنى باشتىن ئاخىر تولىمۇ سىستىمىلىق يىتەكلەپتىكەن. قۇرئان ۋە ھەدىس ۋە باشقا دىنى ئىلىملەرگە دائىر پەنلەر ئەرەپ تىلىدا بولغاچقا ئالدى بىلەن ئەرەپ تىلى ئۆتكۈلىدىن ياخشى ئۈتۈشنىڭ زۆرۈۈلىكىنى كۆزدە تۇتقان، ئەرەپ تىلى گىرامماتىكىسى بىر قەدەر قىيىن بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ جەھەتتە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلماي بولمايتتى. يىڭى ئۆگەنگۈچىگە دەسلىۋىدىلا ئەرەب تىلىدىكى گىرامماتىكا دەرىسلىكلىرىنى ئۆگىنىش خېلىلا قىيىن تويۇلىدىغان ئىش.
كونا مەدرىس ئۇسۇلى بويىچە ئيتقاندا ئەمدىلا ئەرەپ تىلى ئۆگىنىشنى باشلىغان ئوقۇغۇچىغا ئالدى بىلەن ئەرەب تىلى مورفولۇگىيەسى (سەرف) توغرىسىدا پارىسچە يېزىلغان «بىدان» كىتاۋى ئوقۇلاتتى. ئۇنىڭغا ئۇلاپلا ئەرەپ تىلىدا يېزىلغان «زەنجانىي»، «ھەرەكات»، «مۆئزى» قاتارلىق كۇنا ئۇسلۇپتا يېزىلغان دەرىسلىكلەر ئۇقۇلاتتى.
پارىسچە بىلەن ئەرەپچىنى ئەمەس ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنىمۇ تېخى ياخشى چۈشىنىپ كىتەلمەيدىغان تالىپچاق ئۈچۈن بۇ كىتاپلار تولىمۇ چۈشىنىكسىز تۇيۇلاتتى. مۇنداق قالاق ئۇسۇل نۇرغۇن تالىپلارنىڭ قايمۇقۇپ ھېچنەرسىنى چۈشىنەلمەي مەدرىسىدىن قېچىشىغا ياكى نۇرغۇنلىرىنىڭ دەرىسلەرنى ئۇقالماي 5-10 يىل مەدرىسىلەردە قېلىشىغا سەۋەپ بولاتتى. ئەنە شۇنداق ئۇسۇلغا قارىتا مۇنداق ھەجۋى شىئىرلار مەيدانغا كەلگەن.

زەنجانىي كىتاپ كۈندۈزىمىزنى كىچە قىلدى،
ئالتەيلەندۇق يەتتىمىزنى گاچا قىلدى.

يەتتە يىلدۇر تىنىم تاپماي ئۇقۇيمىزلا – ئۇقۇيمىز،
بابى ئىستىنجاغا كەلدى ئەمدى بىزنىڭ دەرىسىمىز.

ئاندىن كاپىيەنىڭ شەرھى «شەرھى موللا»، «تەفتەززانى»، «خىيالى»، «سەيەلكۇتى»، «ئىسا غۇجى»، «شەمسىيە»، «ھاشىيە»، «ھىكمەتۇلئەين»، «مۇللا جەلالىدىن» قاتارلىق كىتاپلارنى ئۇقۇيتتى.
مۇشۇنداق دەرىسلىكلەرنى ئۇقۇغانلىقى ئۈچۈن خېلى يىللار مۇدەررىسلەردە ئىستىقامەت قىلغانلارمۇ مۇتالىئەسى چىقىش تۈگۈل ئاخىرىدا پىئىل بىلەن پائىلنى پەرق قىلالماي چىقىپ كىتىدىغانلار كۆپ ئىدى.
بىزنىڭ يۇرتتا بىر خەلپىتىم بولىدىغان. قەشقەر مەدرىسىلىرىدە ئۆز زامانىسىدا ئون نەچچە يىل ئىستىقامەت قىلغان. ئۇقۇش جەريانىدا «شەرھى موللا»نى دەرىسلىك قىلغان بولۇپ، كۈزلۈك ئۇقۇش باشلانغاندا «شەرھى موللا»نىڭ باش تەرىپى «مەرفۇئات» بابىدىن باشلاپ بىر مەۋسۇملۇق دەرىس ئاياغلىشىپ، ياز بولغاندا «مەنسۇبات» بابىغا كىلىپ توختايدىكەن. يەنە كۈزدە يىڭىدىن دەرىس باشلىغانلارغا قوشۇلۇپ «مەرفۇئات» بابىدىن باشلاپ بىر قىش دەرىس ئۆتۈپ «مەنسۇبات» بابىغا كەلگەندە تەتىل قىلىدىكەن. ئۇ خەلپىتىم ئوقۇغان بۇ «شەرھى موللا» كىتابىغا قارايدىغان بولساق، مۇشۇ يۇسۇندا بۇ كىتاپنىڭ باش تەرىپى ھەر يىلى تەكرار ئوقۇلۇۋۋەرگەنلىكتىن، كىتاپنىڭ باش تەرىپى ۋاراقلىرى يىرتىلىپ، كونىراپ، خەتلىرى ئۆچۈپ تۇنۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن. «مەنسۇبات» بابىدىن باشلاپ، كىتاپنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان كىتاپنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلغان ۋاراقلىرى ئۇقۇلمىغانلىقتىن، يىڭىچە پېتى تۇرغان.
تالىپلارنىڭ ئىلىمدە چوڭقۇرلاپ، نەتىجە قازىنىشىدا ئۇستازنىڭ ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بايقاپ توغرا يىتەكچىلىك قىلىشى ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.
سابىت داموللام ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىدا «نەفەھات» كىتابىنى ئۇقۇماقچى بولۇپ، ئۇستازى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئالدىغا كىرىدۇ. داموللام: سەن بۇ كىتابنى ئوقۇپ «قۇساق باقتى» بولاي دەمسەن. (چۈنكى بۇ چاغلاردا بۇ كىتاپ بەزى مەشرەپلەردە، چاي سورۇنلىرىدا ئۇقۇلاتتى) دىگەن. سابىت داموللام: «ئەمىسە نىمە ئۇقۇي» دىگەندە، ئىسلامىي ئىلىملەردە پۇختا بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەرەپ تىلى ۋە ئەرەپ ئەدەبىياتىنى ياخشى ئۇقۇماي بولمايدۇ. سەن بۇ جەھەتتىكى سەۋىيەڭنى «ماقاماتى ھەرىرى»نى ئۇقۇغىن دىگەن. شۇنىڭ بىلەن سابىت داموللام «ماقاماتى ھەرىرى»نى ئابدۇقادىر داموللامدا ئوقۇپ بىر قېتىم ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، ئاتۇشقا كىلىپ ئەنجۈر دەرىخىنىڭ ئاستىدا ئۇزى مۇتالىئە قىلىپ 40 قېتىم ئوقۇپ ئۆتكۈزگەن.
پەدەر مەرھۇم مەدرىسىلەرنىڭ كونا – ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، توغرا يەكۈن چىقارغاندىن كىيىن مىنىڭ ئۇقۇشۇمغا يىتەكچىلىك قىلىشتا، باشقا يول تۇتۇپ، يىڭى ئۇسۇل قوللانغان. مىنىڭ ئەينى چاغدىكى سەۋىيەمگە قاراپ، ئانا تىلدا دەرىسلىكلەرنى تۈزۈپ ئۈگەتكەن. ئەرەپ تىلى مورفولوگىيە قائىدىلىرىنى بايان قىلىپ بېرىدىغان ئۇيغۇرچە «ئونۋان سەرف» كىتاۋىنى تۈزۈپ، ماڭا دەرىسلىك قىلىپ ئۆگەتكەن. ئارقىدىنلا بۇ كىتاپنى تېخىمۇ ئىخچاملاپ مەسنەۋى شەكلىدە نەزمىلەشتۈرۈپ «ئىقدۇلمەرجان» دىگەن كىتاپنى يېزىپ چىقىپ ماڭا يادا ئالدۇرۇپ ئۈگەتكەن.
قۇرئان ئۇقۇشنىڭ فونتىكىلىق قائىدىللىرى بايان قىلىنغان تەجۋىد كىتاۋىنىمۇ ئۇيغۇرچە دەرىسلىك قىلىپ تۈزۈپ ئوقۇتقان. ئۇنىڭدىن باشقا مىنىڭ شۇ چاغدىكى سەۋىيەمنى كۆزدە تۇتۇپ ئەدەبىيات، ئۇسۇل، ھەدىس، فىقھى، ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئەڭ چۈشىنىشلىك تۈزۈلگەن كىتاپلارنى تاللاپ ئۈگەتكەن.
پەدەر مەرھۇمنىڭ دەرىسى ئۈنۈملۈك بولۇپ، دەرىس ئۆگىتىش ئۇسۇلى ئۆزگىچە ئىدى، ئۇ ئۈگەتمەكچى بولغان ھەر بىر دەرس ئۈستىدە ئالدى بىلەن چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزەتتى. بىر سائەت دەرىس ئۈگەتمەكچى بولسا، شو قېتىملىق دەرىسنىڭ ئاساسى مەزمۇنىنى كىتاپقا قارىماي تۇرۇپ 15 مىنۇتچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ يىغىنچاقلاپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ ئالدى بىلەن بىر سۆزلەپ بېرەتتى. ئاندىن كىتاپنى ئېچىپ ئەرەپچە ئىبارىلەرنى شەرھىلەپ، چۈشەندۈرۈپ سۆزلەپ بېرەتتى. دەرىس ئالدىدىكى چۈشەندۈرۈشىدىن دەرىسنىڭ ئومۇمى مەزمۇنى تېخىمۇ روشەنلىشىپ، دەرىسنى ئوڭاي ئۆزلەشتۈرىۋېلىشقا پايدىسى زور بولاتتى.
دەرىس ئۆتۈشتىكى تىلى مەدرىس تىلىغا كۆرە ئەدەبى تىلغا يېقىن ئىدى. دەرىس ئۈستىدە تىكىستنى، چۈشەندۈرۈپلا قالماستىن يەنە دەرىس ئارلىقىدا دەرىسكە ئالاقىدار زۆرۈر قىستۇرما ۋە ئىزاھاتلارنى بېرىپ ماڭاتتى. دەرىستىكى قىيىن مەسىلىلەرنى سوراپ بىلىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ تۇراتتى. قانداقلا سۇئال بولمىسۇن ئەستايىدىل، چۈشىنىشلىك قىزغىن جاۋاپ بېرەتتى. مىنى جاپاغا چىداپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە، ۋاقىتنىڭ قەدرىگە يېتىپ، مىنۇت – سىكونتمۇ قولدىن بەرمەي، زىرىكمەي كىتاپ كۆرۈشكە ئۈندەيتتى. ھارماي، تالماي ئۆگىنىپ ئۆز ئىقتىدارىمنى ئىشقا سالساملا بىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسگە ئۆرلەپ كۆزلىگەن نىشانغا يىتىدىغانلىقىمغا ئىلھاملاندۇراتتى. ئىلمى جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمنى دىققەت بىلەن كۈزۈتۈپ باراتتى. ئۆگىنىش ئۇسۇلۇم توغرا بولغانلىقى، باشتىن ئاخىر ئىزچىل بىر نىشاننى بويلاپ ماڭغانلىقىم ئۈچۈن تەھسىل جەريانىدا ئەگرى – توقاي يوللارنى بېسىش بولمىدى.

سۇئال: ئاتۇشتىكى چېغىڭىزدا ئوقۇغان ئىسلام ئىلىملىرىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدىكى كىتاپلاردىن ۋە يازغان ئەرەپچە شىئىرلىرىڭىزدىن خېلىلا يۇقىرى سەۋىيە ھاسىل قىلغانلىقىڭىز بىلىنىپ تۇرۇپتۇ. ئەمدى بېيجىڭدىكى جۇڭگۇ ئىسلام ئىنىستىتوتىغا بارغاندىن كىيىن، سىزدە قانداق يۈكسىلىشلەر بولدى؟
جاۋاپ: جۇڭگو ئىسلام ئىنىستۇتىغا شىنجاڭدىن تۇنجى قارارلىق ئوقۇشقا بارغان 30 نەچچە ئوقۇغۇچى بىر سىنىپتا ئوقۇيتتۇق. ئۆتۈلىدىغان دەرىسلەر ئەلۋەتتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى بويىچە ئۆتۈلەتتى. ئەرەپ تىلى ۋە ئىسلام ئىلىملىرى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن دەرىسلەر مىنىڭ تەشنالىقىمنى ئەلۋەتتە قاندۇرالمايتتى.
ئەينى يىللاردا مىسىر ئەزھەر ئۇنۋىرىستىتىدىن شەيخ ئابدۇلەتىف، دوكتۇر بەھىيۇددىن زەييانى، ھامىد سۇلايمان قاتارلىق ئۇستازلار جوڭگۇ ئىسلام ئىنىستىتوتىغا دەرىس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. ئۇلار دەرس ئۆتۈشكە كىرىشىشتىن بورۇن ئالدى بىلەن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سەۋىيەسىنى سىناپ كۆرمەكچى بولدى. ئۇلار ئوقۇغۇچىلاردىن مەكتەپ ھاياتى ئۈستىدە بىرەر پارچىدىن ئەرەپچە ماقالە يېزىشنى تەلەپ قىلدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئازغىنە قىسمىدىن باشقىلىرىنىڭ بۇ تاپشۇرۇقنى ئۇرۇندىشى قىيىن ئىدى. مەن مەكتەپتىكى پائالىيەتلىرىمىزنى ئەرەپچە نەسرى ئەمەس شىئرى نەزمە قىلىپ يېزىپ چىقتىم. ئۇستاز ھامىد سۇلايمان بونى كۆرۈپ «سەن ئەرەپچە شىئىر يازالايدىغان شائىر ئىكەنسەنغۇ، سەن مىسىرغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرساڭ بولغۇدەك» دىدى. مەن ئوقۇش جەريانىدا ئەرەپ پەلسەپىسى ۋە ئەرەپ ئەدەبىياتى ئۈستىدە ئايرىم ۋاقىتلاردا ئۇلاردىن تەلىم ئالدىم. يەنە بىر جەھەتتىن ئىسلام ئىنىستوتىنىڭ پەننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئەرەپچە كىتاپلارغا باي كۇتۇپخانىسى بار ئىدى. مەن ۋاقىتنى بوش ئۆتكۈزمەي شۇ كىتاپلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلاندىم. شۇنىڭ بىلەن ئەرەپ تىلى ۋە دىنى ئىلىم سەۋىيەم كۈندىن – كۈنگە ئۆستى.
مەكتەپكە يىڭى بارغان مەۋسۈمدە، يىڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. شۇ چاغدا يىڭى يىلغا ئاتاپ ئەرەپچە بىر شىئىر ۋە بىر نەسىر يېزىپ سورۇندا ئوقۇغىنىم ئىسىمدە.

گۈلگۈن قۇياش كائىناتقا زەر نۇرلىرىنى چاچقان ھالدا پارلاپ چىقتى، ئۇنىڭ چىھرىدە خوشاللىق – جىلۋىلىنىپ، گويا يىللارنىڭ ئەڭ پەخىرلىك تاجىنى كىيگەن بۇ يىلنى قارشى ئېلىۋاتاتتى. جىمى جاھان يىڭى يىلنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشى بىلەن خۇددى چىڭقى چۈشتىكى قۇياشتەك يورۇپ كەتتى. قاپ قاراڭغۇ كىچىلەرمۇ ئاي نۇرىسىز ئاپپاق ئايدىڭ بولۇپ كەتتى. جانۇ جانىۋارلار يىڭى يىلنى كۈيلەپ تەنتەنە قىلماقتا. يىڭى يىلنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىق خەۋىرى شەھەر – قىشلاقلارغىچە يەتتى. ئاھ يىڭى يىل كۈنلەر گۈزەللىكىڭدىن ئۈلگە ئالدى. قۇياش بىلەن ئايمۇ سىنىڭ نۇرۇڭدىن نۇر ئالدى. باھار چىچەكلىرىمۇ سىنىڭ ھۆسنۈڭگە قايىللىقىنى بىلدۈردى. جىمى ئادىمىزات سىنىڭ كىلىشى بىلەن بەخىتكە چۆمدى، بارچە تىللار بەس – بەس بىلەن سىنى تەرىپلەشمەكتە، بىز ئىسلام ئىنىستوتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بار كۈچىمىز بىلەن سىنى قارشى ئالماقتىمىز. چۈنكى سىنىڭ مۇھەببىتىڭ زامانلاردىن – زامانلارغىچە ۋۇجۇدىمىزغا چوڭقۇر سىڭگەن. گەرچە لايىقىڭدا بولمىسىمۇ شىئىردىن تىزغان مۇنۇ گۈلدەستەمنى ساڭا سۇندۇم.

شىئىر

يازغان شىئىرلىرىمنى سورۇندا ئوقۇشۇم تۇنجى قېتىم بولغاچقا ئەزھەردىن كەلگەن ئۇستازلىرىم ۋە باشقىلارنىڭ بۇ شىئىرنى يۇقىرى باھالىشى ماڭا تۇلىمۇ ئىلھام بولۇپ، شىئىر يېزىشقا بولغان قىزغىنلىقىم تېخىمۇ ئاشقان ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئەرەپچە ئەدەبى كىتاپلارنى، شىئرى دىۋانلارنى كۆپ كۆرىدىغان، ۋاقىت چىقىرىپ شىئرىيەت ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان بولدۇم. بۇ جەھەتتىكى سەۋىيەم بارغانسىرى ئۆسۈپ باردى. ئۇندىن باشقا پەدەر مەرھۇم بېيجىڭگە ماڭا يازغان خەتلىرىنىڭ ئاخىرىغا مىنى ياخشى ئوقۇشقا، تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەرغىپ قىلىنغان ئەرەپچە شىئىرلارنى يازاتتى. نۆۋىتىدە مەنمۇ يازغان خەتلىرىمدە ئەرەپچە نەزمىلەرنى تۈزۈپ ئەۋەتەتتىم. بىر قېتىم دادام ئۈرۈمچىگە سىياسى كېڭەشنىڭ يىغىنىغا كەلگەن چاغدا بىر پارچە خەت ئەۋەتكەن ئىدىم. ئۇنىڭغا بىر پارچە شىئىرمۇ يېزىپ قويغانتىم. دادام بىلەن يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ئۆلىمالار مىنىڭ بۇ شىئرىمنى كۆرۈپ ئالاھىدە ئاپىرىن ئوقۇشۇپتۇ. مىنى كەلگۈسىدە ئىلمى جەھەتتىن يىتۈك ئادەم بولۇپ چىقىشىمغا ياخشى تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشۈپتۇ.

سىزنى مۇشۇنداق قىلىپ تەربىيلىگەن چوڭ دادام توغرۇلۇق سۆزلەپ بەرسىڭىز؟

پەدەر مەرھۇم ئىلىم تەھسىل قىلغان مەزگىللىرىدە تۇرمۇشى غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىدا بىر خىل ئالىيجاناپلىق، قانائەتچانلىققا، كىشىدىن نەرسە تەمە قىلماي ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشايدىغان خىسلەتكە ئىگە ئىدى. كىشىلەردىن نەرسە تەمە قىلمايتتى. سەدىقە – ئىھسان، ئىسقات قاتارلىقلارنى ئالمايتتى.
پەزلى كامالەتلەر ساھىبى، توشقان ئىلىمدار، يۇقىرى ئابرويلۇق جامائەت ئەربابى بولسىمۇ لېكىن نام شۆھرەتنى قوغلاشمايتتى، ئەمەلنى دوست تۇتمايتتى. قەشقەرنىڭ ۋالىيسى ئۆمەر داموللام ئالاھىدە ئاتۇشقا كىلىپ، دادامنى ئاتۇشنىڭ ھاكىملىقىغا تەكلىپ قىلغان ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ مەنسەپنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قوبول قىلمىغان.
ئەھلى ئىلمى، تالىبۇل ئىلمى ۋە يارەنلىرى كەلسە بىرە نەرسە سوۋغا قىلماي ئۇزاتمايتتى . ئۆز ۋاقتىدا (1930) يىللار گۇچۇڭدىكى چوڭ جامىئەدە ئىمام ۋە خەتىپ بولۇپ تۇرغان چېغىدا، (رامىزان ئېيىدا جامىئەدە قۇرئان كەرىم باشتىن ئاخىر ئوقۇلۇپ چوڭ خەتمە ئۆتكۈزۈلگەن. قۇرئان خەتمىسنىڭ تۈگىگەن كىچىسى جامائەت قارىلارنى ئۇزىتىش يۈزىسىدىن ئۇلارغا پۇل – مال قويغان چاغدا پەدەر مەرھۇمغا «ئالىم ۋە جامائەتنىڭ خەتىبى» دەپ بايلار يىغىش قىلىپ 35 سەر ئالتۇننى ھەدىيە قىلىپ ئالدىغا قويغان. پەدەر مەرھۇم: «مەن بولسام ھال – كۈنۈم ياخشى، بىھاجەت ئادەممەن. بايلارنىڭ زاكات سەدىقىسىدىن بىرىلگەن بۇ پۇلنى قوبۇل قىلىپ ئالالمايمەن. بۇنى سىلەرگە قايتۇرۇپ بەرسەم بۇ پۇل يەنىلا چۆنتىكىڭلارغا چۈشۈپ كىتىدۇ. يۇرتتىكى پېقىر – نامراتلارنى تىزىملايلى، مۇشۇ يەردە بۇنى شۇلارغا تارقىتىپ بىرەيلى» دەپ بۇ پۇلنى يوقسۇزلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىۋەتكەن.
يۇرت چوڭلىرى تەرىپىدىن ئاتۇش مەھكىمە شەرئىنىڭ (1946-1949) قازى كالانلىقىغا (باش قازى) تەكلىپ قىلىنغاندا. دادام: «ئەگەر بۇنى قوبۇل قىلمىسام بولمايدىغان بولسا، قوبۇل قىلاي، لېكىن شەرتىم بار دەپ مەھكىمە شەرئىنىڭ ئىش بىجىرىش ئۇسۇلىنى ئىسلاھ قىلىش ئالدى بىلەن قازىلارنىڭ قولىدىكى موھۇرلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، دىۋاندا مەخسۇس ساقلاش، دەۋا سورىغاندا مۇزاكىرە قىلىپ ھۆكۈمنى بېكىتىشنى، ئاخىرىدا ھەممە قازىلار جامائەت ئالدىدا ئاشكار يوسۇندا موھۇرلىرىنى بېسىش قاتارلىق شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ شەرتلەر ماقۇللانغاندىن كىيىن، ئاتۇش مەھكىمە شەرئىدە قازى كالان بولغان. مەھكىمە شەرئىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئادىللىقتا، ھەققانى ئىش بىجىرىشتە، پاكلىقتا نەمۇنە بولغان.
پەدەر مەرھۇم دىنى ۋەزىپىدىن كەلگەن كىرىمگە ياكى نەزىر چىراقلاردىن كەلگەن كىرىمگە يۆلىنىپ ياشاشنى خوپ كۆرمەيتتى. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشتا پۈتۈن ئەھلى ئىلىملەرگە ئۈلگە ياراتقان ئىدى.
دىھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن پۈتۈن ئائىلىمىزدىكى 10 نەچچە جاننى گۈلدەك باقاتتى. ئالدى باغ، كەينى باغ دەيدىغان باداملىق ئەنجۈرلۈك، ئانارلىق، مول ھۇسۇللۇق چوڭ باغلارنى ئۆز قولى بىلەن ئەھيا قىلغان ئىدى. ئۇرۇق تاللاشتىن تارتىپ ئۇغۇتلاشقىچە ھەر بىر كىچىك ھالقىللىرىدا گۈلدەك باقاتتى. تۈجۈپىلەپ ئېتىزلاردىنمۇ مول ھۇسۇل ئالاتتى.
كىچىك تىپتىكى كارخانا ئېچىپ ماشىنا بىلەن پايپاق ۋە رومال توقۇيتتى. توقۇلغان پايپاق ۋە روماللار قەشقەرگە ۋە شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغا «ئاتۇش پايپىقى» دىگەن نام بىلەن تارقىلاتتى. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا دادام بۇ كەسىپنى قانات يايدۇرۇش بىلەن مىللى قول ھۈنەرۋەنچىلىلىكنىڭ راۋاجلىنىشىغا تىگىشلىك ھەسسە قوشقان ئىدى.

ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرىگە يازغان مەكتۇبى.

دادام مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامنىڭ شاگىرتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇستازىنىڭ ئىسلاھاتچىلىق ھەركىتىنىڭ ئاۋانگارتلىرىدىن ئىدى. ئابدۇقادىر داموللام تەشەببۇس قىلغان تەرەققىپەرۋەرلىك، مەرىپەتپەرۋەرلىك روھى قەلبىگە چوڭقۇر سىڭگەن ئىدى.
پەدەر مەرھۇم ئەينى چاغلاردا ئابدۇقادىر داموللام، شەمسىدىن داموللام، مەھمۇد داموللام، موللا ئىسلام داموللام قاتارلىق قەشقەرنىڭ ناياپ مۇدەررىسلىرىدە ئوقۇپ تەبىئەت، مەنتىق، تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، ئەدەبىيات قاتارلىق 16 خىل دەرىسنىڭ ھەممسىدە ئەلا ئوقۇپ، مەدرىسىنى پۈتتۈرۈش چوڭ مۇراسىمىدا ئۇستازلارنىڭ ئالدىدىن ئەلا دەرىجىدە ئۆتۈپ خەتمە كەردە بولغان. ھەرەمدە 40 يىل مۇدەررىسلىك قىلغان داڭدار ئالىم مۇراد ھەزرەتنىڭ چۆچەكتە ئېلىپ بارغان تەلىم تەربىيە جەھەتتە ئېلىپ بارغان ئومۇمى) ئىسلاھاتچىلىق ھەققانى، دادىل، يىڭى مەرىپەتچىلىك تەشەببۇسلىرىنى ۋە بو جەھەتتىكى كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرىنى قوللاش يۈزىسىدىن بىر ئۇزۇن ئەرەپچە قەسىدە يېزىپ ئەۋەتكەن. بۇ قەسىدە مۇراد ئەپەندىنىڭ ئاقارتىش ھەرىكىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن، ئۇنىڭغا قارشى مەيداندا بولغانلارنىڭ دۈشمەنلىك ھەركەتلىرى ئەيىپلەنگەن. مۇراد ھەزرەتكە ئۆز مەيدانىدا بەر قارار تورۇپ، خاسىيەتلىك ئىشلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا تىلەكداشلىق بىلدۈرگەن.

داۋامى بار..

   ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ تەرجىمىھالى

مىللىتىمىز تارىخىدا ئوينىغان رولى ھەرقانداق ئادەمدىن قېلىشمايدىغان مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىنىڭ تەرجىمىھالىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئازلىقى ئادەمنى چۆچۈتىدۇ. ئۇيغۇر ئىسلام تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر شەخس سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان بولسا، ئىككىنچىسى مۇھەممەد سالىھ قارىھاجىدۇر. ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا نەق 1000 يىلچە ئۆتكەن. (981- 1981). ئىسلام ھەر مىڭ يىلدا بىر گۈللىنەرمىش. قارىغاندا بۇ گەپمۇ توغرا بولسا كېرەك. تۆۋەندە ئالىمنىڭ تەرجىمىھالى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتۈڭلار.
        ئىجتىھاتلىق تۆھپىكار ئالىم مۇھەممەد سالىھ1991-يىلى 10- ئاي. ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيتىنىڭ پايتەختى قاھىرەدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەۋلۇدىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارالىق تەنتەنىلىك يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. ئىلمى مۇھاكىمە خاراكتېرىنى ئالغان بۇ قېتىملىق يېغىندا ھەر قايسى دۆلەتلەردىن تاللانغان خەلقئارا ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشقان 10 ئالىم مىسىر زۇڭتۇڭى مۇھەممەد ھۈسنى مۇبارەكنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشىپ، ھۈسنى مۇبارەكنىڭ ئۆز ئىمزاسى قۇيۇلغان تەبرىك شاھادەتنامىسىنى ئۆز قولىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ 1-دەرىجىلىك ئىلىم پەن ئۇردىنى بىلەن مۇكاپاتلاندى. دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ تۆھپىكار ئالىملارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلىشتى. بۇ ئون ئالىم ئىچىدىكى تولىمۇ يىراق تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن، بېشىغا يارىشىملىق بادام دوپپا، بەقەسەم تون كىيگەن بىر ئۇيغۇر گېزىت-ژورنال مۇخبىرلىرىنىڭ زىيارەت قىلىش ئوبېكتى بولۇپ قالدى. ئىسلام دىنى تەتقىقات ساھەسىدىكى سەمەرىلىك نەتىجىلىرى بىلەن ئۆز خەلقىنى خەلقئارالىق سەھنىلەرگە ئېلىپ چىققان بۇ كىشى دىنشۇناس، قۇرئانشۇناس، تەتقىقاتچى ئالىم مۇھەممەد سالىھ داموللام ئىدى.   
1992-يىلى رامىزان ئېيى. ماراكەش پادىشاھلىقىنىڭ راباتتىكى خان ئوردىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن رامىزان لېكسىيە ئوقۇش يىغىنى داۋام قىلىۋاتاتتى. كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ گىلەملەر بىلەن بېزەلگەن شاھلىق تۆشەك ئۈستىدە ماراكەش پادىشاھى ھەسەن2 ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى، سول تەرىپىدە ماراكەشنىڭ ھەربىي، مۈلكى ئەمەلدارلىرى، ئالدى تەرىپىدە بولسا مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان چەتئەللىك نۇپۇزلۇق دىننى ئالىملار ئولتۇراتتى. پادىشاھنىڭ ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان ئەنئەنىۋى ئادەت بويىچە ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان، ئىسلامىيەت ئىلمى تەتقىقاتىنى ئاساس قىلغان لېكسىيە ئوقۇش يېغىنىغا پادىشاھ ھەسەن 2 شەخسەن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىۋاتاتتى. بۈگۈنكى لېكسىيە ئوقۇش نۆۋىتى جۇڭگۇدىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئالىم مۇھەممەد سالىھقا كەلگەنىدى. مۇھەممەد سالىھ ئورنىدىن تۇرۇپ پادىشاھ ئالىيلىرىغا ئېھتىرام بىلدۈرگەندىن كېيىن ئەرەب تىلىدا يېزىپ تەييارلىغان شىنجاڭدىكى مەسجىدلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام دەۋىتىدىكى رولى دېگەن تېمىدىكى ئىلمى ماقالىسىنى ئوقۇشقا باشلىدى. بىر سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىتتا ماقالىنىڭ ئاساسى ئىددىيسىنى يورۇتۇپ بېرىش ئاسانغا چۈشمەيتتى. ئەمما مۇھەممەد سالىھنىڭ بۇنداق خەلقئارالىق ئىلمى مۇھاكىمە يېغىنلىرىغا قاتنىشىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس ئىدى، شۇنداق بولغاچقا ئۇ ئانچە قىينالماستىن، ماقالىنى كۆڭلىگە پۈككەن پىلان بويىچە ئىخچاملاپ، چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھىلىدى.   
يىغىندىن كىيىن مۇھەممەد سالىھنى پادىشاھ ھەسەن 2 قوبۇل قىلدى. مۇھەممەد سالىھ جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، ئىسلام مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىسلام تەتقىقاتى ساھەسىدە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى تۇنۇشتۇردى ۋەقۇرئان كەرىم بىلەنسەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى تەقدىم قىلدى. شۇ پۇرسەتتە مۇھەممەد سالىھ جۇڭگۇ-ماراكەش دوستلىقىنى مەدھىيلەپ ئەرەب تىلىدا يازغان قەسىدىسىنى پادىشاھقا سۇندى. كېيىن پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ تەكلىپى بىلەن بۇ قەسىدىنى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىنىڭ ئاخىرقى كۈنى ئېلىپ بېرىلغان داغدۇغۇلۇق تەبرىكلەش پائالىيتىدە دېكلاماتسىيە قىلىپ ئوقۇپ بەردى. تەكلىماكان باغرىدىن كەلگەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئانا تىلى بولمىغان، يەنە كىلىپ ئەڭ تەس تىل ھېسابلىنىدىغان ئەرەب تىلىدا يازغان بۇ پاساھەتلىك قەسىدىسىدىن يىغىن قاتناشچىلىرى ئىسلام تارىخىدا تۆھپىسى زور ئوتتۇرا ئاسىيا ئالىملىرىنىڭ تارىختىكى سىماسىنى قايتا كۆرگەندەك بولدى ۋە ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتى... قەسىدە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كېيىن پادىشاھ ھەسەن2 بۇ ئالىم بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشىۋىتىپ: قەسىدىنى ناھايىتى پاساھەتلىك يېزىپسىز، خۇددى ئىبنى زەيدۇن )ئەرەبلەرنىڭ ئاتاقلىق كىلاسسىك شائىرى( نىڭ شېئرىنى ئاڭلىغاندەك بولدۇم دېدى. ماراكەشنىڭ دىننى ئىشلار ۋەزىرى، ئاتاقلىق ئالىم ئابدۇلكەبىر ئەلەۋى پادىشاھ ئالىيلىرى سىزنىڭ قەسىدىڭىزنى چاۋاك چېلىپ ئالقىشلىدى. ئىلگىرى بىرەر ئەدىبنىڭ ئوقۇغان شېئرىغا چاۋاك چالغان ئەمەس دېدى. |   شۇنىڭدىن كىيىن ۋەزىر ماراكەشتە يىلدا بىر قېتىم ئېچىلىدىغان رامىزان ئېيى لېكسىيە ئوقۇش يىغىنىغا مۇھەممەد سالىھنى بىرەر قەسىدە يېزىپ ئوقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلىپ تۇردى. ھەر يىلى ئۇنىڭ يېغىندا يېزىپ ئوقۇغان قەسىدىلىرى شۇ يىللىق لېكسىيە توپلىمىنىڭ ئالدىنقى بەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى.   
1998- يىل مۇھەممەد سالىھ رامىزان ئېيى لېكسىيە سۆزلەش يىغىنىغا قاتنىش ئۈچۈن ماراكەشكە ئەمدىلا يېتىپ بېرىشىغا دىنى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان مۇھەممەد ئەلەۋى ئۇنىڭغا: سىزگە خۇشخەۋەر، يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا پۈتۈن يىغىن قاتناشچىلىرى بولغان ئالىملارغا ۋاكالىتەن پادىشاھ ئالىيلىرى ھۇزۇرىدا خۇلاسە سۆزى قىلىشقا سىزنى تەيىنلىدۇق. بۇ چوڭ شەرەپ، بۇندىن بۇرۇن بۇ ئىشقا پەقەت ئەرەب ئالىملىرىلا تەكلىپ قىلىنغان. غەيرى ئەرەب ئالىملىرىدىن تۇنجى بولۇپ سىز تەكلىپ قىلىندىڭىز دېدى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد سالىھ پۇختا تەييارلىق قىلىپ، بۇ ۋەزىپىنى ئادا قىلىپ، ئالىملارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. پادىشاھ ھەسەن2 مۇھەممەد سالىھقا تارتۇقلاش يۈزىسىدىن، ماراكەشنىڭ ئادىتى بويىچە شاھنامە كۇلالىق تون بىلەن يەتتە قەۋەت لىباس كىيگۈزدى
مۇھەممەد سالىھ 1936-يىلى ئاتۇشتىكى فازىل، تۇنۇلغان ئالىم سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سالىھ داموللا ھاجىم ئەينى زاماندا ئەرەب، پارىس ئەدەبىياتى بويىچە يېتىلگەن ئەدىب، ئىسلام دىنى ئىلمىدا توشقان كاتتا ئۆلىما، مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى. پەننى مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن مۇھەممەد سالىھ دادىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا ئەتراپلىق دىنى تەلىم ئېلىشقا باشلىدى 11 يېشىدىلا خەتمىدىن ئۆتۈپ، مۇرەتتەب قارى بولغاندىن كىيىن ئەرەب، ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى، كىيىنكى ئېغىر جاپالىق كۈنلەردىكى قىيىن شارائىت ۋە بېسىم ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە بۈيۈك غايە ئۈچۈن تىكىلىگەن ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمىدى. دادىسى سالىھ داموللا ھاجىم ئوغلىنىڭ يۇمران قەلبىدە ئۇنىڭ توغرا يۆلنىش بويىچە ئەتىراپلىق يېتىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئۇنتۇلغۇسىز، ئىلھامبەخىش ئىزلارنى قالدۇرغانىدى.
دادىسىنىڭ تەربىيسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى ئىلىم تۈرلىرىگە پۇختا ئاساس سېلىپ بولغان مۇھەممەد سالىھ كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، جۇڭگۇ ئىسلام ئ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 09:40:10 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

پەدەر مەرھۇم مەدرىسىلەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90534
يازما سانى: 960
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10811
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2010 سائەت
تىزىم: 2013-1-24
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 09:41:56 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دادىسىنىڭ تەربىيسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى ئىلىم تۈرلىرىگە پۇختا ئاساس سېلىپ بولغان مۇھەممەد سالىھ كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، جۇڭگۇ ئىسلام ئېنىستىتوتىدا بەر يىل ئوقۇدى. ئەينى چاغلاردا مىسىردىن تەكلىپ قىلىنغان بەھىييۇددىن زەييانى، شەيىخ ئابدۇللەتىف ھامىد سۇلايمان قاتارلىق پىروفېسسرورلارنىڭ بىۋاستە يېتەكچىلىكىدە، تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، ئەقىدە، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تارىخى، ئىلمى بالاغەت، ئىلمى كالام، ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سېستىملىق ئۆگەندى. 1960- يىلى كۈزدە مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ جۇڭگۇ پەنلەر ئاكادېمىيسى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا ئورۇنلاشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆڭلىگە پۈككەن پىلانلىرى بويىچە پۈتۈن زېھنى بىلەن دىن تەتقىقات خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى.   
قۇرئان كەرىم دۇنيادا نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىۋاتقان شارائىتتا، ئۇنىڭ ھازىقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنىڭ يوقلىقى زور بىر بوشلۇق ئىدى. ئۇنى تەرجىمە قىلىش ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنى قۇرئاننى بىۋاستە چۈشىنىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى جىددى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلىم-پەن خادىملىرىنى قۇرئاننى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلاتتى. ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ تەشنالىقىنى چۈشەنگەن مۇھەممەد سالىھ «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشنى نىيەت قىلىپ، خېلى بۇرۇندىن تارتىپ نۇپۇزلۇق قۇرئان تەفسىرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى توپلاشقا كىرىشكەن ئىدى.      
«قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش مۇرەككەپ بىر تەتقىقات جەريانى بولدى. مۇھەممەد سالىھ ھەربىر ئايەتنى تەرجىمە قىلغاندا نۇپۇزلۇق تەپسىر كىتاپلىرىغا ۋە كىلاسسىك ئەرەپ تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئەرەپ تىلى سېلىشتۇرۇلغان لۇغەت-قامۇسلارغا مۇراجىئەت قىلدى. ئىپادىلەش جەھەتتىمۇ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۈرۈپ، ھەربىر سۆز ئۈستىدە ئەتىراپلىق ئىزدەندى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەربىر ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئەينەن تەرجىمە قىلدى. كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق يارتىپ بېرىش ئۈچۈن، زۆرۈز تېپىلغاندا جايلارغا قىستۇرما سۆز ۋە قىسقىچە ئىزاھلارنى بەردى. بۇ ئىزاھلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشەنچىلىك قۇرئان تەپسىرلىرىدىن تاللاپ ئېلىندى. ?)`
ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر بىر مۆجىزە، ئۇلۇغ ئىشلار كىشىلەرنىڭ قان-تەر تۆكىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. مۇھەممەد سالىھ كۆپ يىللىق جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخىر مۇسۇلمانلارنىڭ دىننى دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» نى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەلەپكە لايىق رەۋىشتە تەرجىمە قىلىپ چىقتى. قۇرئاننىڭ قىسقىچە تەفسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تەرجىمە پۈتۈپ نەشىر قىلىنىش ئالدىدا، شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى بويىچە دىيارىمىزدا مۆتىۋەر ھېسابلانغان 15 نەپەر نوپۇرلۇق ئالىمنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ئۆلىمالار تەرجىمىنى باشتىن-ئاخىر مۇتالىئە قىلىپ چىقىپ، بىر ئېغىزدىن ماقۇللاپ، ئالاھىدە تەھسىن ئوقۇپ، تەقرىز يېزىپ بەردى. بۇ تەرجىمە 1986-يىلى مەركىزى مىللەتلەر نەشىرياتى تەرىپىدىن 200 مىڭ پارچە بېسىپ تارقىتىلدى. شۇنداقلا قۇرئان كەرىم نىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فەھدىنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئەمرى بىلەن پادىشاھنىڭ قۇرئان بېسىش مەتبەسىدە بىر قانچە يۈزمىڭ پارچە بېسىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە تارقىتىلدى. سەئۇدىدا بېسىلغان بۇ نۇسخا جۇڭگۇ ئىسلام جەمئىيتى ئارقىلىق ئالدۇرۇلۇپ، شىنجاڭدىمۇ خېلى نۇرغۇن تارقىتىلدى. )ئالىم ئىشلىگەن قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ سىلاۋىيان يېزىقىدىكى نۇسخىسى مۇسكىۋادا نەچچە مىڭ نۇسخا بېسىپ تارقىتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى.
مۇھەممەد سالىھ يەنە ھەدىس ئىلمىدىكى ئالتە ئىشەنچىلىك، نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ بىرىنچىسى بولغان سەھىھۇلبۇخارىنى ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى قاتارلىق كىتابلارنىمۇ ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى.   
مەيلى قۇرئان ياكى ھەدىس بولسۇن، ئالاھىدە ئىجتىمائىي مۇھىتتا ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە، تىلى بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى ئەرەب بەدىئىي تىلىنى ئاساس قىلغان، پاساھەت-بالاغىتى ۋە بەدىئىيلىكى يۇقرى بولغان، ئۇنى چۈشىنىش، ئەسلىگە سادىق بولغان ھالدا تەرجىمە قىلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. ئ.ىستېداتلىق دىنى ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئۇزۇن يىل كىتابلار دېڭىزىدا ئۈزۈش، نۇرغۈن زېھنى قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئاخىر بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.ئۇلاردىن باشقا، ئۇ يازغان  ‹قۇرئان كەرىم›نىڭ 29-ۋە 30-پارىلىرىنىڭ تەپسىرى ئىسلام ئېتىكىسىغا ئائىت 30 نەچچە تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان « ‹قۇرئان كەرىم› ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما» ناملىق كىتاب ۋە ئوتتۇرا ھەجىملىك «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» نەشىردىن چىقىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ بۇ ئىستېداتلىق ئالىمنىڭ 20 يىللىق جاپالىق ئەجرى ۋە يۈرەك قېنىنىڭ مېۋىسى بولغان چوڭ ھەجىمدىكى «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت» 2002-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىپ، بۇ ساھەدىكى زور بوشلۇقنى تولدۇردى. يەنە «دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار» ناملىق كىتابىمۇ نەشرىدىن چىقىپ تارقىتىلدى. مۇھەممەد سالىھنىڭ تەتقىقاتى دىنىي تېمىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، تارىخ، تىل، مائارىپ ساھەلىرىگىمۇ چېتىلىدۇ. `

مۇھەممەد سالىھ 1961-يىلدىن تارتىپ تارىخشۇناس ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى بىلەن بىرلىشىپ «دىۋان لۇغەتىتتۈرك» كىتابىنى ئەرەبچە فاكسىمىل نۇسخىسى بىلەن باسما نۇسخىغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەنىدى. 4 يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ نەشىرگە سۇنۇش ئالدىدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ شۇ «ئىنقىلاب» قالايمىقانچىلىقىدا ئۇ تەرجىمە نۇسخا تالان-تاراج قىلىنىپ زايا بولۇپ كەتتى.
مۇھەممەد سالىھ يەنە ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا «جامىئۇتتەۋارىخ». «تەۋارىخ خەمسە»، «غازات دەر مۈلكى چىن»، «ئىھيا ئۇلۇمىددىن»، «مەكتۇبات»، «تەزكىرەئى ئەزىزان»، «سىررۇلمۇخلىس»، «زەپەرنامە»، «تەزكىرەئى ئۇۋەيسىييە»، «تەۋارىخ جەدىدە»، «جەھدۇلمۇقىل»، قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىنى مول ماتېرياللار بىلەن تەمىن ئەتتى.   
ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسىدە 27 يىل ئىشلەش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي، ئىلمى تەكشۈرۈشلەرگە ۋە ماترېيال توپلاشقا قاتناشتى. جاپالىق ئىزدىنىپ بىرىنچى قول ماتېرياللارنى ئېگەللەش ئۈچۈن، شىنجاڭدا ئۇنىڭ ئايىغى تەگمىگەن قەدىمى جايلار، يادىكارلىقلار، مازا-ماشايىخلار، مەسجىد-مەدرىسىلەر قالمىدى. ئەينى چاغدىكى نامدار ئۆلىمالار، پىشقەدەم ۋەقەشۇناسلار، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى. ئۇ يەنە «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئۇقۇغاندىن كىيىن»، «ئۇلۇغ ئەدىب تەجەللىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا»، «رۇقەئاتى نەۋائىي ھەققىدە»، «ئاپپاق غۇجا مازىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئارقا كۆرىنىشى توغرىسىدا»، «مازارپەرەسلىك ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭدىكى خۇسۇسىيەتلىرى»، « ‹قۇتادغۇبلىك›تىكى ئۇدغۇرمىش ئوبرازى توغرىسىدا شىنجاڭنىڭ دىنى مائارىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ئۆتمۈشى ئىسلام دىنى تارىخىدىكى خاۋارىجلار گۇروھى»،  شىئە ئىسمائىلىيە مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىدا»، «شىنجاڭدىكى مازارلار توغرىسىدا»، مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ نەسەبنامىسى  ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم پەن دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى» قاتارلىق ئىلمى ماقالىلەرنى يازدى. بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، مەملىكەتلىك يىغىنلاردا ئوقۇلدى ۋە مەركەز ۋە يەرلىكتە چىقىدىغان دۇنيا دىنلىرى تەتقىقاتى جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، «شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژورنىلى» قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىندى. مۇھەممەد سالىھ يەنە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. «تەجدىد» ناملىق غەزەللەر دىۋانىنى، «تۇتنامە»نى، چوڭ ھەجىملىك داستان «مۇھەببەتنامە»، ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ۋە دادىسى سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى نەشرگە تەييارلىدى ۋە «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ بەزى سانلىرىدا ئېلان قىلدى. 9]
مۇھەممەد سالىھ بىر تەرەپتىن جاپالىق ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1987-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتوتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ياراملىق دىنىي ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دېمەي تەر تۆكتى. ئىنىستۇتنىڭ ھەر قايسى تەرەپتىكى خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە ئوقۇ-ئوقۇتۇش تۈرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ، نازارەتچىلىك قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىۋاستە قول تىقىپ ئىشلىدى، دەرىسلىكلەرنى تۈزدى، دەرىسخانىغا كىرىپ بىۋاستە دەرىس ئۆتتى.

جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى 2003- يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى.
值塉䕔彌䵍彉䉅住彋〲㔰ㄾ1                            㰀倯塉䕔彌䵍彉䉅住彋〲㔰

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18979
يازما سانى: 1696
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15125
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 2802 سائەت
تىزىم: 2010-11-25
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 12:26:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەللامە مۇھەممەد سالىھ داموللاجىم ئاتىمىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئۈچۈن قوشقان تۆھپسسى ئەسرلەر بويى يادلىنىدۇ ،مۇشۇ زاتنىڭ تىرىشچانلىق ۋە ئىجتىھاتى بىلەن بىز قۇرئانى كەرىمنىڭ ئاناتىملىزدىكى راۋان تەرجىمىسدىن پايدىلنىش ئىمكانىيتىگە ئېرىشتۇق .بۇ  ئۇيغۇرنىڭ مىڭ يىللق ئىسلام تارىخىدا ئابىدە خاراكتىرلىك ئۇلۇغ ئىش.
ئاللا بۇزاتقا ۋە ئائىلىسىگە چەكىسىز ئىلتىپاتىنى ياغدۇرغاي (ئامىن )

مەسلەكداشلىق مىللەتداشلىقتىن ئەلا!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17334
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8701
تۆھپە نۇمۇرى: 391
توردا: 751 سائەت
تىزىم: 2010-11-12
ئاخىرقى: 2015-4-19
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-16 01:23:42 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ تىنىنىڭ سالامەت، كۈنلىرىنىڭ ئاسايىش بولىشىنى ئاللادىن تىلەيمەن، ئاللا نىسىپ قىلسا بىر كۆرشۈشگە، ئارقىسىدا تۇرۇپ 2 رەكەت بولسىمۇ  ناماز ئوقۇۋالالىغان بولساق ھە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HAKANXUKUR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-16 01:24 AM  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش