ئالىي ئەزا
( ساتىرا )
ئابدۇۋېلى راخمان ھەققانىي بەزەنلەرنىڭ گېپى چوڭ ، لېكىن بىلسەڭ چاغلىق ئەر ، مېڭىش-تۇرۇش ، يۈرۈشى ئايالىغا باغلىق ئەر ، « كۆڭلى – كۆكسى كەڭ » لىكتە بۇ دۇنيادا داڭلىق ئەر ، چاپسا ھەر يان جۆرىسى قىلماس ئىچى تارلىق ئەر ، بىخوتلۇقنىڭ سۈيىدە ئۈزۈپ كەتكەن « ئاڭلىق » ئەر . « يايراڭ توغرا چۈشەندىم ، خاتىرجەممەن سىزدىن » دەپ ، ئەسلا سوراپ كۆرمەيدۇ يانفۇن كەلسە كىمدىن دەپ ، كېتىۋەرسە كارى يوق « سەل زېرىكتىم ئۆيدىن » دەپ ، « تۇتۇپ قالدى تۇققانلار باراي ئۆگۈن ، ئىندىن » دەپ ، قونۇپ قالسا كېلىشنى كۈتۈپ كەتكەن « ئاڭلىق » ئەر . پەرۋايى يوق قىلچىمۇ خۇتۇن نەدە ، ئۇ نەدە ، جۇپتى ئۈنەر دۈشەنبە ، چىقىپ كەتسە جۈمەدە ، دەپ سورىماس پۇل تاپسا تاپتىڭ قايسى ھۈنەردە ، شۇنچە قىزغىن خۇشچاقچاق ، بۈگۈن ئۆيگە كىرەردە ، ئەركىلىسە ناز قىلىپ ، كۈلۈپ كەتكەن « ئاڭلىق » ئەر . دىققەت قىلماس كۈندە بىر چىقسا مودا ئۇچىغا ، قىممىتىنى ئاياغنىڭ ئېلىپ كەيسە پۇتىغا ، زەن قويمايدۇ پايپاقسىز ئۇچۇق قالغان يوتىغا ، ھىچ كەلمەيدۇ ئاچچىقى ، چىقىۋالسا كوچىغا ، غىلجىڭلىسا خۇلقىغا كۆيۈپ كەتكەن « ئاڭلىق » ئەر . ئۆيدە ئەرگە نازلىنىپ ، سىرتتىن تاپار باشپاناھ ، كېزەر ئويناپ رېستۇران ، مېھمانخانا – ئاشخانا ، تۈنتەڭلەردە ئەپكىلىپ قويسا ھەتتا سانتانا ، يەنە توغرا چۈشۈنۈپ ، كۈلۈمسىرەر ئۇ يانا ، مۇنداق ئىشقا ئەسلىدىن كۆنۈپ كەتكەن « ئاڭلىق » ئەر . نەق مەيداندا تۇتۇلۇپ قالغاندىمۇ خانىمى ، يات بىرسىدىن ئۈنسىمۇ قورساققا بىر ھارىمى ، پۇر كەتسىمۇ ئەتراپقا شەرمەندىلىك داۋرىڭى ، بۇ دۇنيادا بارمىكىن ئەرنىڭ شۇنداق گالۋىڭى ، ھېچ ئىش يوقتەك ئۆي تۇتۇپ ، يۈرۈپ كەتكەن « ئاڭلىق » ئەر . خۇتۇن ئالدىم دەپ قويۇپ ، سوراپ كۆرمەس ھالىنى ، سۈرۈشتۈرۈپ كۆرمەيدۇ ئۆيدە يوق ۋە بارىنى ، ئەر تاپمىسا ئۆزىنىڭ ئەرلىك ئورۇن – جايىنى ، سىرت تارتىدۇ ئاشۇنداق خۇتۇن خەقنىڭ رايىنى ، « ئەر كۈنلىسە ئۆي گۈللەر » ئەگەر بىلسەڭ « ئاڭلىق » ئەر . گۇناھ قويماس خۇتۇنغا ، تاپساڭمۇ يۈز قازىنى ، چۈنكى ئۆتتۈڭ يۇرۇتماي پاك سۆيگۈنىڭ شامىنى ، چۈشىنەلمەي بىر ئۆمۈر ، ساختىلىقنىڭ دامىنى ، بۇلغىۋةتمە غۇرۇرلۇق ئەركەكلەرنىڭ نامىنى ، ئەرلىك ئابرۇي – تەختىدىن چۈشۈپ كەتكەن « ئاڭلىق » ئەر . ھەر بىر كىشى جۇپتىنى جەزمەن كۈنلەپ قويغۇلۇق ، ھېكمەت قالغان ئەجدادتىن دەل مۇشۇ ئىش توغرۇلۇق ، چەكتىن ئاشسا « ئاڭلىقلىق » بوپ بولىدۇ بولغۇلۇق ، ئازمايدىغان ئىنسان يوق ، شۇڭا ھۇشيار تۇرغۇلۇق ، بەس ! ئويغانسۇن ۋىجدانى ئۆلۈپ كەتكەن « ئاڭلىق » ئەر .
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100 باھا خاتىرىسى
پاش قىلىش
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئادەتتىكى ئەزا
دائىملىق ئــەزا
تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...
ئاكتىپ ئەزا
تىرىشچان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ