مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 609|ئىنكاس: 14

گۈلۈمگە مەكتۈپ ( 5- پارچە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86246
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 03:53:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

28(1).gif


گۈلۈمگە مەكتۈپ(5-پارچە)


چوغلۇق

ok (321).gif

گۈلۈم، قۇلاق سالغىنە، سىرتتا يامغۇر يېغىۋاتىدۇ. ئەتىگەن كۈنلۈكۈمنى تاپالماي ئىشكتىن كۈنلۈكسىزلا چىقىپ يامغۇرداقالدىم. مەن يامغۇرنى ياقتۇرمايمەن، يامغۇر مېنى يىغىغا زورلايدۇ. ئەمما سەن يامغۇرنى ياقتۇراتتىڭ، يامغۇر ياققان كۈنلىرى كۈنلۈك تۇتۇپ ماڭسام: ‹‹ يا ئاللا ، تاۋى نازۇك خېنىم، خۇدا بەرگەن يامغۇرنى توسىۋالماي تارتقىنە بۇ كۈنلۈكىڭنى!  ››دېگىنىڭچە شوخلۇق بىلەن كۈنلۈكۈمنى تارتىۋالاتتىڭدە ئالدىمدا قاچاتتىڭ، مەن جىلە بولغىنىمدىن سېنى قوغلاشقا باشلايتتىم، كىچىككىنە ناھىيىمىزنىڭ بۈك-باراقسان دەرەخلىك پىيادىلەر يولىدا، ئۆتىشىۋاتقان كىشىلەرنىڭ قاراشلرىغا پەرۋامۇ قىلماستىن شۇنداق قوغلىشىپ يۈرەتتۇق.  سەن دائىم : ‹‹ يامغۇردىگەن خۇدانىڭ ئىلتىپاتى، ھەر قېتىم يامغۇر ياغقاندا يەر زىمىن پاكلىنىدۇ، ماڭ اھەتتا بەزىدە كىشى كۆڭلىمۇ تەڭ پاكىزلىنىپ كېتىدىغاندەك بىلىنىدۇ. ››  دەيتتىڭ، سېنىڭ يامغۇردىكى كىيىكتەك تاقلاشلىرىڭ، قەھ ئۇرۇپ كۈلۈشلىرىڭ كۆڭلۈمدە بىر يىگانە بىر رەسىم بولۇپ قېتىپ قالاتتى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ قولۇمدىكى كۈنلۈكنى تاشلاپ ساڭا قوشۇلاتتىم. ئىشىكتىن ھېلىلا سۇدىن سۇغىرىۋالغاندەك چىلىق-چىلىق ھۆل پىتى كىرگىنىمدە ،  ئاپام بىردە ماڭا،  بىردە قولۇمدىكى كۈنلۈككە قاراپ  : ‹‹ قاچانمۇ چوڭ  بولارسىز، شەيتان قىز! ›› دەيتتى-دە، ئالدىن تەييارلاپ قويغان قۇرۇق لۆڭگە بىلەن باش-كۆزۈمنى سۈرتۈشكە باشلايتتى. سېنىڭ ئۆيۈڭدە بولسا بىر مەيدان كومىدىيە قويۇلاتتى، ئاپاڭ قولىغا سۈپۈرگىنى ئالغىنىچە سېنى ھويلىدا ئۇ ياقتىن بۇياققا سۈرتوقاي قىلاتتى، ھەدەڭ سېنى ئارقىسىغا ئېلىپ قوغداش بىلەن ئاۋارە  بولسا، شەيتان ئىنىڭ سىلەرنىڭ ئويۇنۇڭلارنى كۆرۈپ قورسىقىنى تۇتقىنىچە سۇپىدا دومىلاپ يۈرەتتى. ئويۇنۇڭلارغا ئارقا ھويلىدىكى قوزا، موزايلارمۇ جۆر بولاتتى. قانداق بىلدىڭ دەمسەن؟ بىر قېتىم سومكامدا ئۇنتۇلۇپ قالغان كونسىپىكنى ئاپىرىپ بېرىش ئۈچۈن كەينىڭدىن بارغىنىمدا ئىشك ئالدىدا مارىلاپ تۇرۇپ ھويلىدىكى بۇ كومىدىيەدىن قانغۇچە ھوزۇرلانغان ئىدىم. ئەممازە، ئاۋازىمنى چىقىرىشتىن ئىھتىيات قىلىمەن دەپ كۈلكەمنى بېسىپ بولالماي ئازلا قالغانتىم ئۈزۈلۈپ قالغىلى.

ھەي، شۇ يامغۇردىكى يىگانە گۈلۈم، سەنسىز  قالغان كۈنلەردە كۆكتىن زىمىغا تۆكۈلىۋاتقان بۇ ئۈنچىلەر ماڭا خۇددى بىرۋانىڭ  كۆز يېشى، ياق، يۈرىكىدىن سىرغىپ چىقىۋاتقان ئاھۇ-ھەسرىتىدەك بىلىندىغان بولدى. شۇنىڭ بىلەن مەن كۈنلۈكمنى يەنە قايتا قولۇمغائالدىم. ئاپاممۇ مېنى شەيتان قىز دىمەيدىغان بولدى. چۈنكى مېنى شەيتانلىقلىرىم سېنىڭ بىلەن بىللە كېتىپ قالغان ئىدى.

گۈلۈم، ئاخشام چۈشۈمگە كىردىڭ، چۈشۈممۇ ياكى ئەسلىمەممۇ؟ ئۆزۈممۈ بىر نەرسە دىيەلمەيمەن. ئېسىڭدىمۇ؟  بىز تاختاي پوللۇق، بىر قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسىدا ئوقىۋاتقان ۋاقتىمىز ئىدى، دەرس ئارىلىقىدىكى گىمناستىكا ئويناش ئۈچۈن سىرتقا كېتىۋاتاتتۇق، تارغىنە كارىدور خۇددى قايناق بازارغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.  قىستىلىشىپ كېتىۋېتىپ كۆزۈم تۇيۇقسىز ئالدىمىزدا كېتىۋاتقان ئىگىز بوي، بۈدرە چاچلىق بىر بالىغا چۈشتى، مەن دەرھال سېنى نوقىدىم :‹‹ ھەي قارا، قارا، ئاۋۇ بالىنىڭ چېچى قىزلارنىڭكىدىنمۇ بەكرەك بۈدرە ئىكەن ھە ›› ...  سەنمۇ دەرھال سۆز قوشتۇڭ : ‹‹ ئاق سۈزۈكلىكىنى قارا تېخى، چەتئەللىكلەرگىلائوخشايدىكەن››... بىز كۈلۈشۈپ كەتتۇق، ئاۋازىمىز سەل يۇقىرى چىقىپ كەتكەن بولسا كېرەك، ئۇ ئارقىسغا بۇرۇلۇپ بىزگە يالتتىدە قارىدى، بىز چۆچۈپ دەرھال باشقا يەرگە قارىۋالدۇق-دە، ئىتتىك قەدەملىرىمىز بىلەن ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتۇق. كېيىن بىز ئۇ بالىنىڭ بىز بىلەن قوشنا سىنىپتا ئوقۇيدىغانلىقىنى بىلدۇق. بۇ كىچىككىنە ۋەقەنى تۇرمۇشىمىزدىكى كىچىككىنە بىر قىستۇرما دەپ ئويلىغان بىز كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ بىلەن دائىم ئۇچرىشىپ تۇرىدىغانلىقىمىزنى ئويلىمغان ئىدۇق. كېيىنكى كۈنلەردە بىز نەگىلا بارساق ئۇنى ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان بولدۇق، دەرس يادلىغانلاردا، گىمناستىكا ئوينىۋاتقاندا، چوڭ تازىلىق قىلىۋاتقاندا، ئەمگەكلەرگە بارغاندا ئۇنىڭ كۆزلىرى بىزنى ئەگىپ كېتەلمەيتتى. بالىلىق بىلەن خوشلىشىپ، ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرغان بىز،  ئۇ كۆزلەردىكى چاقناپ تۇرغان نۇرلاردىن ئۈركۈيدىغان، كۆزلىرىمىز ناگان ناگاندا تۇيۇقىسز ئۇچرىشىپ قالغاندا، يۈزلىرىمىز شەلپەردەك قىزىرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدۇق. ئاخىرى ئىككىمىز بۇ نورمالسزلىقنى ھېس قىلدۇق.

-      گۈلۈم رەڭ تۈزەشكە باشلاپتۇ، خۇش ھىدلىرى تارقىلىپ بىر سەۋدايى بۇلبۇلنى باشلاپ كەپتۇ ئەمەسمۇ!

-     قېلىن، نىمە داۋاتىسەن!

-      نىمە دەپتىمەن، بار ئشىنى دىدىمغۇ ھا ھا ھا

-     توختا، قاچما، توختا دەيمەن شەيتان

مەن سېنى تىرىكتۈرەتتىم، سەن بولساڭ ئۇيالغىنىڭدىن ھۈپپىدە قىزىرىپ مېنى قوغلايتتىڭ، ئەگەرتېزرەك قاچماي سېنىڭ قولۇڭغا چۈشۈپ قالسام، مېنى غىدىقلاپ يەردە دومىلىتۋېتەتتىڭ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆيگە قايتىپ دەرس تەكرارلاش ئۈچۈن خەنزۇ تىلى كونسىپىكىمنى ئاچقىنىمدا، ئارىسىدىن بىر پارچە يۈرەك شەكلىدە قاتلانغان خەت سىرىلىپ چۈشتى. يۈرىكىم بىر نەرسىنى سەزگەندەك بولدى. ئۇف، خۇداغا شۈكرى، ھەر نىم بولسا مەن دەرس تەييارلاش ئۈچۈن ئايرىم ئۆيگە كىرىۋالغان ئىدىم، ئەتراپىمدا ھېچكىم يوق ئىدى. قوللىرىم تىتىرىگەن، يۈرىكىم رېتىمىنى يوقاتقان ھالدا ئىنتايىن نەپىس قاتلانغان بۇ ۋاراقچىنى ئاچتىم. سەزگۈم توغرا چىققان ئىكەن، بۇ بىر پارچە سۆيگۈ مەكتۈۋى ئىدى. يۈزلىرىم خىجىللىقتىن ئوت ئالدى، نۇمۇستىن خەتنى ئاران ئوقۇپ تۈگەتتىم-دە، ئۇزۇن بارماقلىرىم بىلەن بۇ ۋاراقچىنى يىرتىپ پارچە پارچە قىلىۋەتتىم. يىرتىپ بولۇپ، قوللىرىم بىلەن ئاغزىمنى ئىتىۋالغىنىمچە يىغلاپ تاشلىدىم.

ئەتىسى سېنىڭ كۆيۈنۈش ھەم جىدىيللىك بىلەن : ‹‹ نىمە بولدۇڭ؟  قاپاقلىرىڭ ئىششىپ كېتىپتىغۇ؟ يىغلىدىڭما؟  سېنى كىم يىغلاتتى ؟ دىگىنە، ئەدىۋىنى ئۆزۈم بېرىمەن›› ... دىيىشلىرىڭگە،‹‹ ھېچنىمە بولمۇدۇم، ئەتىگەن تۇرسام مۇشۇنداق تۇرىدۇ›› ... دەپ سېنىڭدىن ئۆزۈمنى ئەپقاچتىم. سەن ئۇزاققىچە ماڭا قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كېيىن : ‹‹ بوپتۇ ئەمسە ››..  دىدىڭ-دە، كىتاۋىڭنى قولۇڭغا ئالدىڭ.

شۇنداق، بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم سېنىڭدىن سىر تۇتۇشۇم ئىدى. سەنمۇ بۇنى سېزىۋالغان ئىدىڭ. ئازار يېگىنىڭ ئېنىق ئىدى، مېنىڭمۇ بۇنداق قىلغۇم يوق، ئەمما ....

ئەمما، مەيلى مەن قانچىلىك تىرىشاي، سىر يەنىلا ئاشكارىلىنىپ كەتتى. ئۇ كۈنى دەرستىن چۈشۈپ ئۆيگە قايتىشقا تەييارلىق قىلىلۋاتقىنىمىزدا سېنى بىرسى سىرتقا چاقىرىپ چىقىپ كەتتى، مەن نەرسىلرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ بولۇپ، سېنى ساقلاپ ئولتۇراتتىم، بىر ۋاقىتتا سەن كىرىپ كەلدىڭ. چىرايىڭ تاتىرىپ كەتكەن ئىدى، كۆزلىرىڭ ماڭا ئوقتەك تىكىلگەن بولۇپ، كىرپىك قېقىشقىمۇ رايىڭ يوقتەك ماڭا قادىلىپ تۇراتتىڭ. مەن سەۋەپسىزلا ھودۇقۇشقا باشلىدىم.

-     نىمە بولدۇڭ؟ چىرايىڭ تاتىرىپ كېتىپتىغۇ؟

-     .....

-     گەپ قىساڭچۇ نىم.....

گېپىمنى داۋاملاشتۇرماي تۇرۇپلا سېنىڭ چىڭ تۈگۈلگەن ئالقىنىڭ مېنىڭ كۆز ئالدىمدا ئاستا ئېچىلدى.  ئالقىنىڭدا يۈرەك شەكىلدە قاتلاقلىق بىر ۋاراقچە جىمجىت ياتاتتى.

-     سېنىڭ خېتىڭ، ئۇ ماڭا ھاۋالە قىلدى.

-     ....

ۋاقىت توختاپ قالغاندەك ئىدى، بىزمۇ قېتىپ قالغاندەك ئىدۇق.ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن،  يۈرەك شەكىللىك كىچىككىنە ۋاراقچە ئالقىنىڭدىن سىيرىلىپ چۈشتى، سەن كەينىڭگە بۇرۇلغان شۇدەقىقىدە كۆزلىرىڭدىن تامچىلىۋاتقان ئىككى تامچە يېشىڭنى خىرە كۆرگەندەك بولدۇم، ئەمما بۇ تۇيغۇمنى جەزملەشتۈرۈشكە ئامالسىز قالدىم، چۈنكى سەن مەندىن يىراقلاپ كەتكەن ئىدىڭ.

ئاستا ئېڭىشكىنىمچە ۋاراقچىنى قولۇمغا ئېلىپ، تۇنجى قېتىمغا ئوخشاش تىترەپ تۇرۇپ ئۇنى ئاچتىم. ياشلىق كۆزلىرىم ئالدىدا ئوتلۇق سۆزلەر بىلەن پۈتۈلگەن سۆيگۈ مەكتۈۋى زاھىر بولدى. ئاچچىق كۈلگىنىمچە بۇ ۋاراقچىنى پارچە پارچە قىلىپ يىرتىپ بىنا ئالدىدىكى  ئېرىققا تاشلىۋەتتىم، ئېقىن سۇدا لەيلەپ كېتىۋاتقان بىر پارچىنىڭ ئۈستىدە  ‹‹ۋەلى›› دىگەن ئىسىم  بىر لەيلەپ، بىر چۆكۈپ كۆزئالدىمدىن غايىپ بولدى.

78.gif

بۇ ئەسەر قەلەمخان چوغلۇقنىڭ ھاۋالسىى بىلەن مەزكۇر مۇنبەرگە يوللاندى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarvinazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-4-14 04:32 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104120
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 554
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 267 سائەت
تىزىم: 2014-2-26
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 06:06:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك  ياخشى  يىزىلىپتۇ  ،  ئاپتۇرغا  ئاپىرىن  ،  بۇ   يەنە  قانچە  پارچە  ،  ژانىرىنى نىمە  دىسەك  بولا  ؟  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86246
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 06:50:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
abdusami1992 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-14 06:06 PM
بەك  ياخشى  يىزىلىپتۇ  ،  ئاپتۇرغا  ئاپىرىن  ،  بۇ   يەنە   ...

داۋامى بار، قانچە پارچىلىقىنى بىلىدىم. ژانىرىغا كەلسەك خاتىرە شەكلىدە يېزىلغان ئەسەركەن، باشتىكى نەچچە پارچىسى نەسىرىي ئەسەر، بۇ پارچىسى پروزىغا ئوخشاۋاتىدۇ. مەنمۇ بىلمىدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 12:57:01 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەر ئويناش تارىخىمدىكى مىنى ئۈزىگە جەلىپ قىلغان شۇنداقلا قىزىقتۇرغان ئەسەر بولدى.داۋامىغا ئىنتىزارمەن ،تەققەززا قىلماي يوللاپ تۇرارسىز ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86461
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1008
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 164 سائەت
تىزىم: 2012-10-25
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 12:57:04 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنبەر ئويناش تارىخىمدىكى مىنى ئۈزىگە جەلىپ قىلغان شۇنداقلا قىزىقتۇرغان ئەسەر بولدى.داۋامىغا ئىنتىزارمەن ،تەققەززا قىلماي يوللاپ تۇرارسىز ھە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2501
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1837 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 02:12:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەلى دىگەن   مىنىڭ   دوستۇمتىغۇ   ئەسكەرلىككە كىتىپ  5يىلدا   دىدارىنى كۈرۈش  نىسىپ بولغان  بۇرادىرىم      قاچانلاردىن بۇ ئەسەرگە  كىرىپ قالغاندۇ بۇ         چاخچاق جۇمۇ     چاخچاق بولسۇن دەپ  يېزىپ قويدۇم     مىنى ئىزدەپ سوراپ  تېپىۋېلىپ     پىپەن قىلماڭلار ئەمدى        لىكىن ياخشى  چىقىپتۇ    خەپ ۋەلى   ئۈرۈمچىگە  بارغاندا   بۇ ئەسەرنى قۇلۇقۇڭغا   ھالغا قىلىپ ئېسىپ قويمىسام    ..................   

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 102857
يازما سانى: 2130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2501
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1837 سائەت
تىزىم: 2014-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 02:12:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋەلى دىگەن   مىنىڭ   دوستۇمتىغۇ   ئەسكەرلىككە كىتىپ  5يىلدا   دىدارىنى كۈرۈش  نىسىپ بولغان  بۇرادىرىم      قاچانلاردىن بۇ ئەسەرگە  كىرىپ قالغاندۇ بۇ         چاخچاق جۇمۇ     چاخچاق بولسۇن دەپ  يېزىپ قويدۇم     مىنى ئىزدەپ سوراپ  تېپىۋېلىپ     پىپەن قىلماڭلار ئەمدى        لىكىن ياخشى  چىقىپتۇ    خەپ ۋەلى   ئۈرۈمچىگە  بارغاندا   بۇ ئەسەرنى قۇلۇقۇڭغا   ھالغا قىلىپ ئېسىپ قويمىسام    ..................   

[كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق يۈرىكىدە نەشتىرى بار

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 104481
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1925
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 288 سائەت
تىزىم: 2014-3-6
ئاخىرقى: 2014-11-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 02:26:55 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ،بەك ياقتۇردۇم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86246
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 09:58:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاي530 يوللىغان ۋاقتى  2014-4-15 12:57 AM
مۇنبەر ئويناش تارىخىمدىكى مىنى ئۈزىگە جەلىپ قىلغان شۇ ...

خۇدا خالىسا ئۇزۇن ساقلاتمايمىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86246
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-4-15 09:58:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
sanjay يوللىغان ۋاقتى  2014-4-15 02:12 AM
ۋەلى دىگەن   مىنىڭ   دوستۇمتىغۇ   ئەسكەرلىككە كىتىپ  5يىل ...

يا ئاللا، ئىچىم ئاغرىيدۇ بۇ ۋەلى دىگەن ئاغىنىڭىزگە

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش