ئادەتتىكى ئەزا
تىۋىشسىز سۆيگۈ نەسىر قاچانلاردا بۇنداق جىمغۇرلۇق كىسىلىگە مۇپتىلا بولغىنىمنى ئۆزەممۇ بىلمەيمەن.بەلكىم سەن ماڭا تەغدىم قىلغان قەلىپ جاراھىتىمنىڭ ئاسارىتىدۇر. ئۆزۈمنى شۇنچىلىك يىگانە قالغاندەك سىزىۋاتىمەن.ئەسلى بىلسەم سەن مېنى كۈندۈرۈپ قۇيۇپتىكەنسەن.قەلىپ روجەكلىرىمگە چىكىلىۋاتقان مۇھەببەت تىۋىشلىرىڭدىن مەستخۇش بۇلۇپ يۈرىكىم ئىللىپ قالغان بولسا كىرەك ، بۇخىل غېرىپلىقنىڭ جۇدلىرىنىڭ زەربىسىگە دەماللىققا بويسۇنمايۋاتىدۇ. ھىلىمۇ ئىسىمدىن چىقمايدۇ.سەن بىلەن شۇنداق بىر يامغۇرلۇق كۈندە تۇنۇشقانىدىۇق.شۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشتىن كىيىن تۇرمۇشۇمغا سۇقۇنۇپ كىرىشكە باشلىدىڭ.مىھىرلىك كۆزلىرىڭدىن چاقناۋاتقان مۇھەببەت ئۇچقۇنى مىنى ساڭا ئەسىر قىلدى.مۇلايىملىقىڭ بىلەن ئوغۇرلىۋالغان يۈرۈكۈم سېنىڭ ئىسمىڭنى ئاللىبۇرۇن ئەڭ چوڭقۇر يەرگە قاماپ قويغانىدى. ھەر قېتىم يامغۇر ياغقان كۈنلەردە ئىختىيارسىز كوچىلاردىن سېنىڭ سىمايىڭنى ئىزلەپ كىتىمەن.خۇددى سەن ئۇچراپ قالىدىغاندەك پۈتكۈل ئەتراپقا يىنىش-يېنىشلاپ تويماي قاراپ چىقىمەن.ئەپسۇس رەھىمسىز تەغدىرنىڭ ئاچچىق قىسمىتى ماڭا يول قويمايدۇ.ئىككىمىزنىڭ مۇھەببەت گۈللىرىنىڭ يالدامىسى بولغان بىر تەشتەك سۈگەتگۈل مانا بۈگۈن غۇنچىلاپتۇ. سەن سۆگەتگۈلنى باشقىچە مىھىر بىلەن پەرۋىشلەيتتىڭ. گەرچە ئۇ زەھەرلىك بولسىمۇ بىراق بىرخىل تەبىئەتكە ھۈسىن قۇشىدۇ، 4 پەسىلگە چىداشلىق دەپ ماڭا تۇنجى بۇلۇپ تۇغۇلغان كۈنۈمدە مۇشۇ گۈلنى سوۋغا قىلغانىدىڭ.مانا بۈگۈن تۇنۇشقىنىمىزنىڭ توپتوغرا بىر يىللىق خاتىرە كۈنىدە سەن مىنى يەنە يالغۇزلۇق چۈلىگە تاشلاپ مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتىڭ.ئاھ، بۇ تەغدىردىن يەنە زارلىنىشقا مادارىم بارمۇ؟ شۇ تاپتا ئەمدىلا غۇنچىلىغان بۇ گۈل مىنىڭ بىردىنبىر سىردىشىم، مۇڭدىشىم.ساڭا دىيىشكە ئۈلگۈرەلمىگەن بارلىق سىرلىرىمنى مۇشۇ گۈلگە بايان قىلىمەن. سېنىڭ تىۋىشلىرىڭنى ئاڭلىغاندەك بۇلىمەن.ئاللاھتىن بۇ يالغۇزلۇق، غېرىپلىقنىڭ ئىسكەنجىسىدىن يۇلقۇنۇپ چىققۇدەك جاسارەت تىلەيمەن. ئارمانىم نەسىر ئارمانىم-مىنى كۈتۈپ تۇر.مەن ساڭا يېتىش ئۈچۈن ئاتلاندىم. باركۈچۈم بىلەن لىۋىمنى چىڭ چىشلەپ ساڭا تەلپۈنىۋاتىمەن.سېنىڭ ئىزىڭنى بويلاپ چېپىۋاتىمەن.مېنى يىقىنما،مەندىن قاچما ،چۈنكى مەن ساڭا ئىنتىزار. ئارمانىم- بۇنچە سىرلىق بۇلىۋالمىغىن. سېنىڭ ۋەسلىڭگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمەن.سەن گويا بىر تەتقىق قىلىش تەس بولغان ئىمارەتتەك دىلىمدا قەد كۈتۈردۈڭ.سېنىڭ ئۈچۈن ئاخىرقى تىنىقلىرىمغىچە سېرىڭنى يېشىش ئۈچۈن تەيياردۇرمەن. ئارمانىم-ماڭا پۇرسەت بەر.سېنى ئىزلەپ قانچە قارا كۆزلەر چېپىۋاتىدۇ. مەن ھالسىزلىنىپ كەتمەي،ماغدۇرۇمدىن قالغۇچە ماڭا پۇرسەت بەر ساڭا يىقىنلىشىۋالاي.دەرمانسىز بۇ دۇنيادىن ۋىدالاشماي.بىلىمەن ،سەن ئىجدىھاتلىق ياشلارغا ئەگىپ يۈرىيسەن .مەنمۇھەم شۇ ياشلارنىڭ بىرلىرى سۈپىتىدە ئەمدىلا بىخلىغان ئارمانلىرىمغا يىتىۋالاي . ئارمانىم - مىنى قۇيىۋەتمە.مەن قوللۇرۇڭغا مەھكەم ئېسىلىپ ھاياتلىق ئوربىتامدىن چىقىپ كەتمەي.قىزلىق غورۇرۇم بىلەن ئىمان،ئىتىقاتلىرمنى قەلىپ تۆرىمدە مەھكەم ساقلاپ سەن ئۈچۈن كۈرەش قىلاي. ئارمانىم- ماڭا توغرا يۆلىنىش بەر.ئازغۇنلار مېنى ئازدۇرۋەتمىسۇن. مەن بۇ مۈشكۈل سەپەردە ئادىشىپ قالماي. ‑ مەنبە: ئەلناز قەلىمى. [ بۇ يازمىنى XERHAN تەھرىرلىگەن ۋاقتى 2014-4-14 05:11 PM ]
پاش قىلىش
ئاكتىپ ئەزا
تەقدىرسىز قىل تەۋرىمەيدۇ...
سۆيۈلۈش ئۈچۈن سۆيۈش كېرەك .
مەستانە ئـــەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ