دۇنياسىنى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئاخىرىتى زىيانغا ئۇچرايدۇ. ئاخىرىتىنى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ دۇنياسى زىيانغا ئۇچرايدۇ. يوقىلىدىغان نەرسىنىڭ ئۈستىگە مەڭگۈلۈك نەرسىنى قويۇڭلار. (ئەھمەد، بەيھەقىي توپلىغان)
قوي توپىنى ئەڭ ھالاك قىلىدىغان نەرسە ئۇنىڭغا ئەۋەتىلگەن ئىككى ئاچ بۆرىدۇر. ئىنساننىڭ مالغا بولغان ھېرىسمەنلىكى ۋە دىندىكى ئابروي ۋە پەخرلىنىشكە بولغان ھېرىسمەنلىكى دەل شۇنداق ئىككى بۆرىدۇر. (تىرمىزىي، دارىمىي توپلىغان)
مۆمىننىڭ قىلغان ھەرقانداق چىقىمىغا ساۋاب بېرىلىدۇ، پەقەت ئېھتىياجدىن ئارتۇق قۇرۇلۇشقا ئىشلەتكەن چىقىمى بۇنىڭ سىرتىدا. (تىرمىزىي، ئىبنى ماجە توپلىغان)
سىلەردىن بىركىم ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەر خاتىرجەم، تېنى ساغلام، بىر كۈنلۈك يېمەكلىكى بار ھالدا تاڭ ئاتقۇزسا، گوياكى پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭغا توپلانغاندەك بولىدۇ. (تىرمىزىي توپلىغان)
ئىنسان بالىسى قورسىقىدىن يامانراق قاچىنى تولدۇرمىدى. ئىنسان بالىسىغا ئۆرە تۇرغۇدەك ئازراق يېمەكلىك بولسا كۇپايە، زادى يېمىسە بولمايدىغان ئىش بولسا قورسىقىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە تائام، ئۈچتىن بىرىگە سۇ قاچىلاپ، يەنە ئۈچتىن بىرىنى ئۆزىگە قالدۇرۇپ قويسۇن. (تىرمىزىي، ئىبنى ماجە توپلىغان)
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ئادەمنىڭ كېكىرىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ: بوش كېكىر! قىيامەت كۈنى ئەڭ ئۇزۇن ئاچ قالىدىغان ئادەم دۇنيادا ئەڭ ئۇزۇن توق يۈرگەن ئادەمدۇر، دېدى. (بەغەۋىي توپلىغان)
ھەربىر ئۈممەتنىڭ بىر پىتنىسى بار، ئۈممىتىمنىڭ پىتنىسى مال – دۇنيادۇر. (تىرمىزىي توپلىغان)
قىيامەت كۈنى (قەبرىدىن چىققاندا) ئادەم بالىسىنىڭ پۇتى مىدىرلىماي تۇرۇپ بەش نەرسىدىن سورىلىدۇ: ئۆمرىدىن، ئۇنى قانداق تۈگەتتى؟ ياشلىقىدىن، ئۇنى قانداق ئۆتكۈزدى؟ مېلىدىن، ئۇنى نەدىن تاپتى، نەگە سەرپ قىلدى؟ بىلىمىدىن، ئۇنىڭغا قانداق ئەمەل قىلدى؟ (تىرمىزىي توپلىغان)
سىلەر پەقەت ئىچىڭلاردىكى ئاجىزلىرىڭلار سەۋەبىدىن رىزىققا ئىگە بولىسىلەر ۋە ياردەمگە ئېرىشىسىلەر. (بۇخارىي توپلىغان)
ئەگەر بىرىڭلار مال – دۇنيا ۋە يارىلىش جەھەتتە ئۆزىدىن ئۈستۈن ئادەمنى كۆرسە، ئۇ جەھەتلەردە ئۆزىدىن تۆۋەن ئادەملەرگىمۇ قارىسۇن. (بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان)
ئادەم بالىسى ئىككى نەرسىنى ياخشى كۆرىدۇ، بىرى ئۆلۈم، مۆمىنگە ئۆلۈم پىتنىدىن ياخشى. يەنە بىرى، مالنىڭ ئاز بولۇشى. مال ئاز بولسا ھېساب ئاسان بولىدۇ. (ئەھمەد توپلىغان)
ئادەم قېرىسىمۇ ئۇنىڭدىكى ئىككى نەرسە ياش پېتى تۇرىدۇ: بىرى، مالغا ھېرىسلىق، يەنە بىرى، ئۆمۈرگە ھېرىسلىق. (بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان)
ئەگەر ئادەم بالىسىنىڭ ئىككى قورۇ مال – دۇنياسى بولسا، ئۇ ئۈچىنچى قورۇنىڭمۇ بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئادەم بالىسىنىڭ قورسىقىنى پەقەت توپىلا تولدۇرالايدۇ، ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىگە توۋا ئاتا قىلىدۇ. (بۇخارىي، مۇسلىم توپلىغان)
دۇنيادا غېرىپ ياكى مۇساپىردەك بول، ئۆزۈڭنى قەبرىگە كىرىپ كېتىدىغانلاردىن سانا. (بۇخارىي توپلىغان)
ئۈممىتىمنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى ئاتمىش بىلەن يەتمىشنىڭ ئارىلىقىدا بولىدۇ. (تىرمىزىي، ئىبنى ماجە توپلىغان)
ئەڭ ياخشى ئادەم- ئۆمرى ئۇزۇن، ئەمىلى ياخشى بولغان ئادەم. ئەڭ يامان ئادەم- ئۆمرى ئۇزۇن، يامان ئەمەل بىلەن ئۆتكەن ئادەمدۇر. (ئەھمەد، تىرمىزىي، دارىمىي توپلىغان)
ئەقىللىق ئادەم ئۆز – ئۆزىدىن ھېساب ئېلىپ تۇرىدىغان، قىيامەت ئۈچۈن ئەمەل قىلىدىغان ئادەمدۇر. ئاجىز ئادەم كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىدىغان، ئاللاھ تائالادىن ساۋابنى ئارزۇلا قىلىدىغان ئادەمدۇر. (تىرمىزىي، ئىبنى ماجە توپلىغان)
مۆمىننىڭ ئىشى ھەيران قالارلىق! ئۇنىڭ ھەممىلا ئىشى ياخىش، بۇ پەقەت مۆمىنگىلا خاستۇر، ئۇ خۇشاللىققا ئېرىشسە شۈكرى قىلىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى. ئەگەر ئۇنىڭغا كۆڭۈلسىزلىك يەتسە سەۋر قىلىدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ياخشى. (مۇسلىم توپلىغان)
كۈچلۈك مۆمىن ئاجىز مۆمىندىن ياخشىراق ۋە ئاللاھ تائالاغا دوستراقتۇر. ھەممىسىدە خەيرىيەت بار. ساڭا مەنپىئەت قىلىدىغان نەرسىلەرگە ھېرىس بول. ئاللاھ تائالادىن ياردەم تەلەپ قىل. ئاجىزلىق قىلما، ئەگەر ساڭا كۆڭۈلسىزلىك يەتسە «ئەگەر مۇنداق قىلسام ئۇنداق بولاتتى…»دېمە. «ئاللاھ تائالا ئورۇنلاشتۇرغىنىنى قىپتۇ»، دېگىن. چۈنكى، «ئەگەر» سۆزى شەيتانغا يول ئېچىپ بېرىدۇ. (مۇسلىم توپلىغان)
ئادەم بالىسىنىڭ قەلبى ھەممە يارگە تارالغان، كىمكى كۆڭلىگە كەچكەن ھەممە يەردە يۈرسە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ قەيەردە ھالاك بولۇشى بىلەن كارى بولمايدۇ. كىمكى ئاللاھ تائالاغا تەۋەككۇل قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ غەملىرىگە كۇپايە قىلىدۇ. (ئىبنى ماجە توپلىغان)
خۇددى بەندىنىڭ ئەجىلى ئۇنى تەلەپ قىلغاندەك، بەندىنىڭ رىزقىمۇ ئۇنى تەلەپ قىلىدۇ. (ئەبۇ نۇئەيىم توپلىغان)
بىر ئادەم ياخشى ئەمەللەرنى قىلسا كىشىلەر ئۇنى ياخشى كۆرسە، بۇ مۆمىنگە ئالدىن بېرىلگەن بېشارەتتۇر. (مۇسلىم توپلىغان)
بىر ئادەم باشقىلار كۆرسۇن دەپ سەدىقە قىلسا ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ. (ئەھمەد توپلىغان)
بىر ئادەمنىڭ ياخشى ياكى يامان نىيىتى بولسا ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ بىلگىلى بولىدىغان ئالامىتىنى ئاشكارىلايدۇ. (بەيھەقىي توپلىغان)
ھېكمەت بىلەن گەپ قىلىدىغان، گۇناھلارنى قىلىپ تۇرىدىغان مۇناپىقلارنىڭ ئۈممىتىمگە زىيان سېلىشىدىن قورقىمەن. (بەيھەقىي توپلىغان)
كىشىلەرگە شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، دىنى ئۈچۈن بەرداشلىق بېرىش چوغنى تۇتقاندەك قىيىن بولىدۇ. (تىرمىزىي توپلىغان)
باشلىقىڭلار ياخشىلىرىڭلار بولسا، بايلىرىڭلار سېخىيلىرىڭلار بولسا، ئىشلىرىڭلار ئۆز ئارا مەسلىھەت قىلىشىڭلار بىلەن بولسا، زىمىننىڭ ئۈستى ئاستىدىن ياخشىدۇر. ئەمما باشلىقىڭلار يامانلىرىڭلار، بايلىرىڭلار بېخىللىرىڭلاردىن بولسا، ئىشلىرىڭلارنى ئاياللىرىڭلار باشقۇرسا زىمىننىڭ ئاستى ئۈستىدىن ياخشىدۇر. (تىرمىزىي توپلىغان)
ئاجىزلىق دېگەن دۇنيانى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۆلۈمدىن قورقۇش. (ئەبۇ داۋۇد، بەيھەقىي توپلىغان)
ئىبنى ئابباس مۇنداق دەيدۇ: بىر قوۋمدا غەنىمەتكە خىيانەت قىلىش باش كۆتۈرسە، ئاللاھ تائالا ئۇلارنىڭ قەلبىگە قورقۇنچنى سالىدۇ. بىر قوۋمدا زىنا باش كۆتۈرسە ئۇلاردا ئۆلۈم كۆپ بولىدۇ. ئۆلچەمنى ساق تۇتمىغان قوۋمنىڭ رىزقى كەم بولىدۇ. ناھەق ھۆكۈم قىلىدىغان قوۋمدا قان تۆكۈش باش كۆتۈرىدۇ. ۋەدىگە ۋاپا قىلمايدىغان قوۋمغا دۈشمەن مۇسەللەت بولىدۇ. (مالىك توپلىغان)
پەيغەمبىرىمىز بىنانى ھەددىدىن ئارتۇق ياساشتىن چەكلىگەن. (تەبەرانىي توپلىغان)
كىمكى، ھەددىدىن ئارتۇق بىنا ياسىسا قىيامەت كۈنى ئۇ بىنانى ئۇ ئادەمنىڭ بوينىغا ئېسىپ سازايى قىلىنىدۇ. (تەبەرانىي توپلىغان)
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @9 [* d- R; b7 ^
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @5 h$ W! ?" A. b D2 w; g
مەنبە بىلدۈر تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-14 10:39 AM
بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @8 D8 v8 {' A U9 Hبۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @& U- P; l2 S1 L' j