|
|
|
|
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن: مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم قولۇمدا ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئۇشبۇ كىتابى تۇرۇپتۇ.ئىھتىمال بۇ ئالىم تۇغۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىغا بېغىشلانغان ئەڭ ئىسىل سوۋغا بولسا كېرەك.بۇ كىتاب ئالىمنىڭ ئۆزى ۋە ئايالىغا بېغىشلاپ يازغان ئىككى ئەسلىمىسىنى بېرلەشتۇرۇپ،ئېزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىننىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن يورۇققا چىقىپتۇ.مەن بۇ ئەسلىملەرنىڭ نەشىردىن چىقىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن ۋە بۇ ئەسلىمىلەرنى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسىمى دەپ كەلگەندىم.ئالىمنىڭ ئايالى رەنا مۇئەللىم بولسا ئالىم تەتقىقاتىدىكى ئەڭ مۇھىم تېرىك شاھىت ئىدى. 2009-يىلى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى مەن ئالىمنىڭ ئايالى رەنا مۇئەللىمنى زىيارەت قىلدىم.ئۇشبۇ كىتابنىڭ خەۋىرى ۋە كىتابتىكى بىر قىسىم ۋەقەلەرنى رەنا مۇئەللىمنىڭ ئۆز ئىغىزدىن ئاڭلىغاندىم.ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندە ئۇشبۇ كىتابنىڭ نەشىردىن چىققانلىقىنى كۆرۇپ سۆيۈندۇم. ئالىمنىڭ ئۆزى توغرسىدىكى ئەسلىمىسى خۇددى 《تۇران تارىخى》(قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا) دەكلا تولۇق ئاياغلاشمىغاندى.ئەمما ئۇنىڭىدا شۇ دەۋىر تارىخى ۋە بىر قىسىم ئىشلار خاتىرلەنگەن.ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر،تۇرغۇن ئالماس،سەيپىدىن ئەزىزى،ئوسمان زىيا ۋە مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەپ ئاتالغان قاباھەتلىك تارىخدىن قىسمەن ئۈچۈر بېرىلگەنىدى.ئالىمنىڭ تارىخ،كىشىلىك،قىممەت قاراشلىرى بۇ ئەسلىمىگە قىسمەن سىڭگەن.ئالىمنىڭ ئايالىغا بېغىشلاپ يازغان ئەسلىمىسى بولسا تولۇق ئاياغلاشقان.ئۆزى توغرسىدىكى ئەسلىمىنى نىسپىي تولۇقلىغان.بولۇپمۇ ئالىمنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياپۇنىيەدىكى زىيارەتلىرى تەپسىلى بايان قىلىنغان.زىيالىلار ئارسىدىكى قىسمەن مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنغان. خۇلاسىلىگەندە ئۇشبۇ كىتاب ئۇقۇرمەنلەرنىڭ بىر قېتىم ئۇقۇپ چىقىشىغا ئەرزىيدۇ.كىتابتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى مۇنازىرە قىلىشقا بولىدۇ.قېنى تورداشلار ئاۋۋال كىتابنى ئوقۇپ ئاندىن مۇنازىرىمىزنى باشلايلى!
|
|
|
|
|
|