ئەسسالامۇئەلەيكوم تورداشلار :
ئاتا-ئانىلارنىڭ خىزمىتىنىڭ ئالدىراشلىقى، ھەم قوش تىللىق مائارىپنىڭ يولغا قويۇلىشى بىلەن تىل مەسىلىسى تۈپەيلى ،بەزى ئاتا ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە يىتەكچىلىك قىلىشى سەل تەسكە چۈشىۋاتىدۇ ، ھازىر باشلانغۇچ مەكتەپ بالىرىنى سائەت 3:30 دا قويۇۋىتىدىكەن ، شۇسەۋەبتىن بالىلار ئاتا ئانىلىرى ئىشتىن چۈشكىچە تاپشۇرۇق ئىشلەشتە قىينىلىپ قالىدىكەن ، ھەم ئاتا ئانىلار بىر كۈنلۈك ھېرىپ ئىشتىن چۈشكەندە پەرزەنتنىڭ تاپشۇرۇقىغا يىتەكچىلىك قىلىشى تەس كىلىدۇ ئەلۋەتتە !
بىز مۇشۇ ئىھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ ‹‹خاسلىق›› تەكرارلاش ئورنىنى قۇردۇق ، ھەركۈنى دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە سائەت 4:30دىن 6:00 گىچە بالىلارنىڭ تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ھەم دەرىسخانىدا چۈشىنەلمىگەن نۇقتىلارنى چۈشىنىشىگە ياردەملىشىمىز ، ھەم بۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ شەنبە يەكشەنبە ، ئىلىپبەدىن ساۋات چىقىرىشنى ئاساس ، ئۆرپ-ئادەت ، داڭلىق شەخسلىرىمىزنىڭ تەرجىمىھالىنى قۇشۇمچە قىلىپ ئۆگىتىدىغان سىنىپ ، بالىلار ئىنگىلىز تىلى ، خەنزۇ تىلى ۋە باشلانغۇچ ماتىماتىكا ئالاھىدە سىنىپى قاتارلىق سىنىپلارنى ئاچتۇق !
سىنىپلىرىمىز ئازادە مىلىىي ئۇسلۇبتا بىزەلگەن بولۇپ سىزگە ۋە پەرزەنتلىرىڭىزگە قۇلايلىق ئىلىپ كىلىدۇ !
ئادرىسىمىز : ئۈرۈمچى داۋان خېنچاڭ ياۋرۇپا گۈللۈكى2- ئولتۇراق رايۇنى 57 -بىنا 1-ئىشىك 102-نۇمۇر (تاپالمىسىڭىز دۆڭكۆۋرۈكتىن 10 يول ئابتۇبۇسىغا ئولتۇرۇپ 1-ئەترەت بىكىتىدە چۈشۈپ قىلىپ بىزگە تىلفۇن قىلسىڭىز ئالدىڭىزغا چىقىمىز)
ئالاقىلاشقۇچى : ئابدۇخىلىل مۇئەللىم 15199198831
تەپسىلىي ئەھۋالىنى بىزنىڭ تۆۋەندىكى تەشۋىقات ۋاراقچىمىز ئارقىلىق كۆرۈڭ !
تازلىق ئىشچىلىرىنىڭ پەرزەنىتلىرى قايسى سىنىپقا تىزىملاتسا ھەقسىز !