ئاكتىپ ئەزا
كۈتكۈچى ئەدەپ بىلەن قولىنى قوشتۇرىدۇ كۈتكۈچى، ئۈستۈللەرگە خېرىدار توشتۇرىدۇ كۈتكۈچى ، پۇت –قوللىرى بەك چاققان زەپ يۈرىدۇ كۈتكۈچى، چىنىلەرگە مۇلايىم چاي قۇيىدۇ كۈتكۈچى ، ئەپچىلگىنە پىرقىراپ ئاش توشۇيدۇ كۈتكۈچى . ياشار ئىكەن ھەر ئادەم جان بېقىشنىڭ غېمىدە ، پەرق دىمەك كەسىپنىڭ تاللىۋالغان يېرىدە ، مىدىرمىغان ئاچ قالار ئىچكەن بىلەن دېمىدە، ئۈمۈدى بار ھاياتنىڭ پىلىلدىغان شېمىدە ، مۇھىتىغا شاۋقۇننىڭ ماسلىشىدۇ كۈتكۈچى . قىيلىنىدۇ شەھەرنىڭ سىنىقىدا غىردىلىپ، سۈيى چىقىپ ياش تۆكەر شوخلىدەك مىجىلىپ، ئۇيقىسىغا قانمايدۇ بەزەن قالار ئېزىلىپ ، رويىخەتتىن بەزىدە كېتەر نامى سىزىلىپ ، تەڭشەلمىگەن باھاغا غىق تويىدۇ كۈتكۈچى . ئوروق –سېمىز ، ياش –قېرى سىنچىلايدۇ ئۇنىڭغا ، ئىش –ھەرىكىتى ئىمتىھان ،دىقەت قىلار شۇنىڭغا، قورساقلىرىڭ بىر دەريا ،پەسلىك سىڭمەس خۇيىڭغا ، شېئرى يېزىپ قاتنىشاي بارغاق يازغىن تويۇڭغا ، نەپسى يامان كۆزلەردىن ئاش كىرىدۇ كۈتكۈچى . كولدۇرلايدۇ ئاشقازان تەببەسۇمىڭ تېتىتقۇ ، توڭ قاپاققا كىم قارار ئۇنداق دۇكان ئېتىققۇ ، مۆرىمىگەن مۇلايىم مۇز ئېڭەكلەر چېتىققۇ ، كەسىپ دىمەك پۇل تېپىش نامى سودا –سېتىققۇ؟ ئىللىق بولغاچ چىرايى ياش تۇرىدۇ كۈتكۈچى . بۇقا پاتاڭ بەزىلەر بۇ كەسىپنى پەس كۆرەر ، سېلىشتۇرۇپ ئۆزىگە تۇرىقىنى ئەش كۆرەر، توقوپ يالغان ھېكايە پىتنە –ئېغۋا ئەشتۈرەر، يەرمەنكىدە خەلقىمنىڭ كۆڭلىنى خەق غەش كۆرەر، ناھەقلەرگە چىدىماي مۇشت تۈرىدۇ كۈتكۈچى . ھارغۇزىدۇ ئادەمنى ئېغىر تۇرمۇش ئەسنىكى ، چىشلىتىدۇ ياقىنى ھالال تەننىڭ مەستلىكى ، رىئاللىققا چاچ تۇغار خىياللارنىڭ غەشلىكى بېسىم بولدى ياشلارغا باش كۆتۈرۈش تەسلىكى ، ئۇخلىغاندا خىيالنى بەك سۈرۈيدۇ كۈتكۈچى . بارماقلاردا ساناق سان لاياقەتلىك بولالماس ، ئەمەن قوراي گۈلزاردا مەڭگۈ خۇشبۇي پۇرالماس ، ئۇيقىدىكى داتلاشقان ۋېنتا نورمال بۇرالماس ، ۋاقىت بىزنى سىنايدۇ كىملەر داڭگال ، كىم ئالماس ، سېنى چوقۇم جەمىيەت ھەق تونۇيدۇ كۈتكۈچى . ئاپتۇرى : ئابلەت مۇھەممەت باغۋەن
پاش قىلىش
ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۆمۈرچى
سۆز چەكلەندى
ئادەتتىكى ئەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ